logo

trugen jacn

ئەركىنلىك يولىدا كۆمۈلگەن چۈش: تايلاند تۇپرىقىغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر بالىسى ئابدۇللانىڭ قىسمىتى

62ccb9ae-2d0c-4aa2-942e-8575b4fe8a17

جۈمە

2015-u0501-pmt.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

9 – ئاپرېل، مەن ۋە تايلاندتا تۇرۇۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر ياش ئىككىيلەن تايلاندنىڭ ھاتياي شەھىرىگە بۈگۈنلا كەلگەن ۋە ئۇدۇل مۇشۇ شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بان نۇئېئا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا دەپنە قىلغان 4 ياشلار چامىسىدىكى ئۇيغۇر بالىسى ئابدۇللا ئابدۇۋەلىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ چىققان ئىدۇق.

گەرچە ئابدۇللا بىزگە قانداش تۇغقان بولمىسىمۇ، بىز مىللىي قېرىنداشلىق بۇرچى يۈزىسىدىن بەلكى تاي ئېلىگە تۇنجى كۆمۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئۇ غېرىبانە قەبرىگە كەلگەنتۇق.

تايلاندىكى تۇپراق بېشى
تايلاندىكى تۇپراق بېشى

بىز ئابدۇللانىڭ قەبرە بېشىدا دۇئا – تىلاۋەت قىلىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، باشقا بىر نەچچە يەرلىك مۇسۇلمانلارمۇ پېشىن نامازلىرىنى تۈگىتىپ قاتارىمىزغا قوشۇلدى.

بۇ بىغۇبار مەرھۇمنىڭ شۇ قەدەر قىسقىغىنە، ئېچىنىشلىق ھەمدە تەتۈر تەقدىر بىلەن خاتىمىلەنگەن ھاياتى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى چېكىشكە باشلىغان ئىدى.

ئۇنداقتا، يۇقىرىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان بۇ ئۆسمۈر مەرھۇم كىم، ئۇنى قانداق ئەزگۈ قىسمەتلەر بۇ يەرگە ئەكېلىپ تاشلىغان، ئۇنىڭ غەمگۇزار ئاتا – ئانىسى نەدە بولغىيتتى؟

2014 – يىلى ئابدۇللا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالىدۇ

بۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا تەپسىلاتى تولىمۇ غۇۋا بولغان ئۆز بېشىنى ئېلىپ چېگرا ئاتلاپ قېچىش ھېكايىلىرىدىن تېپىشقا توغرا كېلەتتى.

2014 – يىلى مارتتا دۇنيا ئاخباراتىنى تايلاندتا ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاپلاشقا باشلىدى.

مەلۇمكى ئابدۇللامۇ شۇ يىلى 22 – مارت تايلاندنىڭ سوڭكېلا ئۆلكىسى ساداۋ رايونىدا قولغا چۈشۈپ قالغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىكەن.

بۇنى نۆۋەتتە تايلاندتا تۇرۇپ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەمچى بولۇۋاتقان تۈركىيەلىك ئۇيغۇر ياش ئابدۇللا سۆزلەپ بەردى.

ھالبۇكى، ئۇ تۈرمىگە قامىلىپ 7 ئايدىن كېيىن، يەنى 2014 – يىلى 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئېغىر قىزىتما ۋە بەدەن ئاغرىقى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تايلاندلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، بانگكوك شەھىرىگە جايلاشقان خەلقنى ھوقۇقلاندۇرۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى شالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللانىڭ پاجىئەسىنى بىلىمەن. ئاڭلىشىمچە، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئاكىسى بار ئىكەن. قانداقتۇر، ئۇنىڭ ئاكىسى دوختۇرخانىغا مېڭىش يولىدا قېچىپ كېتىپتۇ.

ئابدۇللا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تۇبېركۇليوز دەپ دىئاگنوز قويىدۇ.

كىچىككىنە بىر بالا دوختۇرخانىدا يەككە يېگانە

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يات تۇپراقتا كىچىككىنە بېشىغا شۇنچە ئېغىر كۈلپەتلەر كېلىۋاتقان بىغۇبار ئۆسمۈر ئابدۇللا، جان ئالغۇچ كېسەل بىلەن دىمىق دوختۇرخانىدا ئىگە – چاقىسىز ۋە يەككە – يېگانە ھالدا 55 كۈن يېتىش قىسمىتىگە دۇچ كېلىدۇ.

شالىدا خانىم مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بەك تەنھا قالدى. بىلەمسىز، ئۈچ ياشلىق بىر بالا دوختۇرخانىدا يەككە – يېگانە. ئۇ ئۆزىنى چۈشەندۈرەلمەيتتى، ھېچكىم ئۇنىڭ ئازابلىرىنى چۈشەنمەيتتى، ئۇمۇ ھېچكىمنى چۈشەنمەيتتى. بۇ ئادەمنى تولىمۇ ئازابلايدىغان مەنزىرە ئىدى. مەن دوختۇرخانىغا ئۇنى يوقلاپ باردىم، ساقچىلار بىزنى كىرگۈزمىدى. ئۇ ئايرىم بۆلۈمدە ئىكەن. ئادەتتە ئايرىم بۆلۈملەرگە كىرگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار بولغاچقا، ئۇنى ئايرىم بۆلۈملەرنىڭ تېخىمۇ ئايرىم خانىسىگە ياتقۇزغان ئىكەن.

كېيىن بىلدۇقكى، «كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم، ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ» دېگەندەك، ئابدۇللا دوختۇرخانىدا باش – پاناھسىز قالغان مىنۇتلاردا ھاتياي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر يەرلىك مۇسلىمەنىڭ ئابدۇللاھقا مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سوڭكېلا ئۆلكىسى ساداۋ رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغاندىن كېيىن، تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ.

يەرلىك مۇسۇلمان فاتىمە خانىم: مەن ئۇنىڭ ئانىسى ئىدىم

يەرلىك مۇسۇلمان خانىم فاتىمە ( ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر فەسيبۇك ئارقىلىق خەۋەر تاپىدۇ ۋە بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئاياللارغا ياردەم قىلىدىغان ئايال خادىملار يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلگىدىن كېيىن پىدائىي بولۇپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىملىتىدۇ.

بۇنىڭ جەريانىنى ئابدۇللانى دوختۇرخانىدا 55 كۈن بالىچىلاپ باققان فاتىمە خانىم مۇنداق ئاڭلىتىدۇ:
abdulla-3-yash-tayland-wapat-bolghan-2.jpg
– مەن ئۆزۈمنى تىزىملىتىپ 6 ئايدىن كىيىن ماڭا ئۇلاردىن بىر تېلېفون كەلدى. ئۇلار ماڭا بىر بالا بەك قىزىپ كەتتى، ياردەم قىلامسىز دېدى. مەن بولىدۇ دەپ باردىم. مەن ئۇنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاچقا تونۇمايتتىم. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم. مەن كىرگەندە ئابدۇللا ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىتمىدىن قىزىرىپ كەتكەنىدى.

دەل مۇشۇ نۇقتىدا كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان بىر تەسىرلىك ھېكايە يۈز بېرىدۇ.

فاتىمە خانىم ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۆرۈپلا ئابدۇللاھقا مېھرىم چۈشۈپ قالدى. مەن ئۆزۈمگە مەن بۇ بالىغا چوقۇم ياردەم قىلىشىم كېرەك، دەپ پىچىرلىدىم. ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ يۈرىكىم پۇچىلاندى. مەن بۇ بالىغا ئاداققىچە ياردەم قىلىشىم كېرەك، دەپ ۋەدە قىلدىم. مەن ھەر كېچە ئۇنىڭ يېنىدا ئۇخلايتتىم، چاچلىرىنى سىيلايتتىم، ئۇنىڭ تەگلىرىنى ئادالايتىم. چۈنكى مەن ئۇنى يالغۇز قويۇشنى ئىستىمەيتتىم.. دوختۇر ماڭا ئۇنىڭ ھازىر ئاغرىقتىن باشقا نەرسىنى سەزمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن مەن ئۇ چۈشەنسۇن، چۈشەنمىسۇن ئۇنىڭغا توختىماي گەپ قىلاتتىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭ روھىي مېنى ھېس قىلىدۇ دەپ بىلەتتىم.

شۇنىڭ بىلەن فاتىمە خانىم بۇ يات شەھەردىكى دوختۇرخانىدا ئۇيغۇر بالىسى ئابدۇللاھنى ئۆز بالىسىدىنمۇ چارى كۆرۈپ ئانىلىق كۆرسىتىپ باقىدۇ. ئېرى بىلەن سۆزلىشىپ ئەگەر ئابدۇللا تۇيۇقسىز ياخشىلىنىپ ھايات قېلىپ قالسا، مەجرۇھ بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى بالىچىلاپ بېقىۋېلىش قارارىغا كېلىدۇ.

ئابدۇللانىڭ ھۆرلۈككە سوزغان قولى ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ 55 كۈندىن كېيىن ئاستا – ئاستا سوۋۇشقا باشلايدۇ

ئابدۇللانىڭ ھۆرلۈككە سوزغان قولى سوۋۇشقا باشلايدۇ

تايلاندلىق پائالىيەتچى شالىدا تاجارونسۇك مۇنداق دەيدۇ: ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن. كېسەل مىڭسىگە يۇقۇملاندۇرغان بولغاچقا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللانىڭ ئەركىنلىك ئىزدەش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى نەپىسى 2014 – يىلى 22 – دېكابىر ئەتىگەندە سائەت 1دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە توختايدۇ.

ھالبۇكى، فاتىمە خانىمنىڭ ئابدۇللاھقا يەتكۈزگەن ئانىلىقى مېھرى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ.

فاتىمە خانىم مۇنداق دەيدۇ: ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگە سائەت 1دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە جان ئۈزدى. ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرى سېسىپ كەتكەنمۇ ئۇنىڭ بەدىنىدە ناھايىتى قاڭسىق بىر پۇراق بار ئىدى. مەن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن سەسكىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى قېنىق ئۇپىلىدىم، مەن باشقىلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەي قېلىشىدىن، «ھە بۇ بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى يېنىدا يوق ئىكەن» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم. ئابدۇللانىڭ ئاتا – ئانىسى يوق ئەمەس، مەن ئۇنىڭ ئانىسى ئىدىم.

فاتىمە خانىم كۆز ياشلىرىنى تۇتالمايتتى. ئۇ ئۆكسۈيتتى.

تاي ئېلىگە تۇنجى ئۇيغۇر كۆمىلىدۇ

شۇنىڭ بىلەن 4 ياشلار چامىسىدىكى ئابدۇللا 2015 – يىلى 4 – يانۋار يەرلىك مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى سوڭكېلا ئۆلكىسى خاتياي شەھىرى ئەتراپىدىكى بان نۇئېئا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

ئۇنداقتا ئابدۇللا دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا قېچىپ كەتكەن ئابدۇللانىڭ تۇغقىنى چۇ؟ ئۇنىڭ ئابدۇللا دەپنە قىلىنغان مىنۇتلاردا نەدە ئىدى؟

دەل مۇشۇ كۈنلەردە تايلاندتا مەرھۇم ئابدۇللانىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى ئەينى چاغدا ئابدۇللاھنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن كىشىنىڭ ئابدۇللانىڭ ئاكىسى بولماي، بەلكىم ئۇنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

بىر دادا قانداقسىگە بالىسىنى نىمجان ھالەتتە يات تۇپراققا يالغۇز تاشلاپ قاچالىسۇن؟ ئۇنى بۇ خىل ئاڭلىماققا قورقۇنچلۇقتەك تۇيۇلىدىغان قارارنى ئېلىشقا نېمە مەجبۇر قىلغان؟ بىز بۇ يەردە بۇلارغا جاۋاب تېپىشقا چارىسىزمىز. چۈنكى بۇنى ئابدۇللانىڭ دادىسىلا بىلەتتى، ئەمما بىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە باغلىيالمىدۇق.

شۇنداقتىمۇ ئەينى چاغدا ئابدۇللانىڭ دادىسىنى ئىزدەپ كۆرۈشكەن ئابدۇقادىر ئەپەندى ئابدۇللانىڭ دادىسىنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلار قامالغان تۈرمە شارائىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر دائىم خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا ھېچكىمنىڭ ئابدۇللانىڭ دادىسىنى سوراققا تارتىش ھەققى يوللۇقنى بىلدۈردى.

ئابدۇللانىڭ پاجىئەلىك خاتىمىلەنگەن قىسقىغىنە ھاياتى ھەققىدە توختالغان شالىدا خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۆلۈم – يىتىم ھادىسىسى. تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېمىدى. ئۇ تايلاند پۇقراسى بولمىسىمۇ، ئۇ دۇنيانىڭ پۇقراسى، ئۇ ياشاشقا ھەقلىق ئىدى.

«يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن، كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن»

شۇنداق، مەرھۇم ئابدۇللا ئابدۇۋەلى دۇنيادىكى نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاشلا مەسۇم ۋە ياشاشقا ھەقلىق بالا ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزىمۇ جاۋابىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن سوئاللارنى قەلبىگە يوشۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى.

دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر شائىر ئادىلجان تۇنيازنىڭ «قەشقەردىكى يەرشارى» داستانى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى «يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن، كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن» دېگەن مىسرالار كۆڭلۈمدىن كەچمەكتە ئىدى. بەلكىم ئابدۇللا ئۆز يۇرتىدىن تولىمۇ يىراقتىكى بۇ يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە، ئۇنىڭمۇ قەلبىگە ئۆزى تېخى تولۇق ياشاپ باقمىغان ۋەتەن، تېخىمۇ ئېنىقراقى ئەركىنلىك ئىزدەش يولىدىكى گۈزەل چۈشلىرى كۆمۈلگەن بولسا كېرەك

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/erkinlik-yoli-abdulla-05022015010608.html

Share
2058 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.