logo

trugen jacn

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلى مۇخبىرلارغا چەكلەنگەن رايون، دەپ كۆرسىتىلدى

image (1)

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئەركىنلىك سارىيى بۈگۈن 2015-يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى دېكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاخباراتقا قاراتقان قامالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا قاراتقان قامالى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئېغىر بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆتكەن يىل ئىچىدە خوڭكوڭغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئاخبارات ئەركىنلىكى ھېلىھەم دۇنيادىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2014-يىلى دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئاخبارات ئەركىنلىك نومۇرى 1980-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەن. ئەركىنلىك سارىيى بۇ قېتىمقى دوكلاتتا 199 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى دەرىجىسىنى باھالاپ چىققان، ئۇنىڭ ئىچىدە 63 دۆلەت ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت دۆلەت، 71 دۆلەت قىسمەن ئەركىن دۆلەت، 66 دۆلەت بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان دۆلەت دەپ باھالانغان. بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ھازىر دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران 14 پىرسەنتىلا ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولماقتىكەن. دۇنيا نوپۇسىنىڭ 44 پىرسەنتى بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ياشايدىكەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاخبارات قامال قىلىنىدىغان دىكتاتور ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاخباراتقا قاراتقان كونترولى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان، بۇ ھۆكۈمەتلەر قانۇن ماقۇللاش ئارقىلىق خەۋەر مەزمۇنلىرىنى كونترول قىلىشنى، ئۇچۇرنىڭ ئەركىن تارقىلىشىنى چەكلەشنى، مۇخبىرلارنى قاماققا ئېلىشنى قانۇنىيلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى بولسا رۇسىيە ۋە خىتاي بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇچۇرنى مونوپول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان. ئۇلار پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئاخباراتقىمۇ قولىنى ئۇزاتقان.

ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بېرما ۋە لىۋىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى نومۇرى ئىلگىرىكى يىلغا قارىغاندا ئازراق ئۆرلىگەن بولسا، يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ نومۇرى ئۆتكەنكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چۈشۈپ كەتكەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئىستىلىستىكا قىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىدە روشەن چېكىنىش كۆرۈلگەن دۆلەتلەر بولسا تۈركىيە، سېربىيە، گىرىتسىيە، مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا، خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا بىرەر ۋەقە كۆرۈلگەندە مۇخبىرلارنىڭ بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىشى چەكلەنگەن بولسا، يەنە بەزى رايونلارغا ھۆكۈمەتلەر داۋاملىق ھالدا چەكلىمە قويۇپ، بۇ يەرلەرنى مۇخبىرلارنىڭ بىۋاسىتە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان رايونلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. دوكلاتتا بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغان ئەڭ تىپىك رايونلار-خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونى، تاجىكىستاننىڭ گورنو-بەدەخشان ئاپتونوم رايونى، رۇسىيە ئىشغالىدىكى قىرىم رايونى ۋە بېرمىنىڭ بىر قىسىم ئېتنىك ئاز سانلىقلار ياشايدىغان رايونلىرى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رايونلاردىكى ۋەزىيەتتىن ئادەتتە شۇ رايوننىڭ ئۆزىدە ياشايدىغان غەيرىي رەسمىي مۇخبىرلار ۋە ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۇچۇر يەتكۈزۈۋاتقان ئادەتتىكى ئاھالىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئارقىلىقلا خەۋەر تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ، كەسپىي مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن ‏-ئازادە خەۋەر بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق رايونلاردىن ئادەتتە تاشقى دۇنياغا خەۋەر تارقىتىشقا قارىغاندا، شۇ رايوندىكى كىشىلەرگە ياكى تىڭشىغۇچىلارغا ئۇلىشىش تېخىمۇ قېيىن ئىكەن.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەنە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى تەشۋىق قىلىدىغان ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىگە بوھتان چاپلايدىغان، ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىپ كەلمەكتە. خىتاي تېلىۋىزىيىلىرى بىر ياقتىن ھەدەپ شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كانايلىقىنى قىلسا، يەنە بىر ياقتىن قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ ئاتالمىش « ئىقرارنامىلىرى» ياكى «ئۆزىنى ‏-ئۆزى تەنقىد قىلىپ قىلغان ئاتالمىش پۇشايمان سۆزلىرى »نى تارقاتتى. بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقانداق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ پەقەتلا شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن بېرىلگەن رەسمىي خەۋەرلەرنىلا تارقىتىشىنى بۇيرۇق قىلدى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي يەنە دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ئۇچۇر فىلتىرلەش ۋە چەكلەش ئاپپاراتلىرىغا ئىگە دۆلەت، دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇچۇر-ئاخبارات ئەركىنلىك دەرىجىسى 1990-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان. 2014-يىلى ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ئازراق مەۋجۇت بولغان سىياسىي تەنقىدچىلىك ۋە مۇخبىرلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئىمكانلىرىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتكەن. شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتايدىكى مۇستەقىل، غەيرىي رەسمىي مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە يەنە رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ئېلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت مۇخبىرلىرى قولغا ئېلىنغان. مۇخبىرلارنىڭ ئىدىيىۋى كۆز قارىشى تەكشۈرۈلگەن، تەربىيىلەنگەن. 2013-يىلىدىن باشلاپ ۋېيبو تورىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، خىتايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان ۋېيشىڭ «ئۈندىدار» سۆزلىشىش پروگراممىسىمۇ قامال قىلىنىپ، قوللانغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىمكانى چەكلەنگەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئاخباراتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ زورايغان. بۇ سەۋەبتىن خوڭكوڭنىڭ 2014-يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىك نومۇرى چۈشۈپ كەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتقا قارىتىۋاتقان قامالى ھەتتا خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شېركەتلىرىگىمۇ زىيان ئېلىپ كەلگەن.

ئەركىنلىك سارىيى دۇنيادىكى 199 دۆلەتنى ئاخبارات ئەركىنلىكى دەرىجىسىگە تىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەڭ ئارقىدا قالغان 10 دۆلەت ۋە رايون بولسا بېلارۇس، قىرىم، كۇبا، ئېكۋاتورىيال-گىنا، ئېرىتېرىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت. خىتاي بولسا 86 نومۇر بىلەن ئارقىدىن سانىغاندا 14 دۆلەت بولۇپ باھالانغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/erkinlik-sariyi-04292015145244.html

Share
1443 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.