logo

trugen jacn

ئېرى تۈرمىدىكى ئايشە خانىم ئوغلى، كېلىنى ۋە نەۋرىسى بىلەن خىتاي ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىندى

ramazanda_hangi_gun_hangi_dua_okunur_1434699954_4646

ئىككى يىل ئىلگىرى ئېرى ئاقسۇدا خىتاي تۈرمىسىگە سولانغان ئايشە خانىم، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىسىگە قاچقىنىدا، يۇرتى ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ تۈرمىگە سولانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن شىۋېتسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئايشە خانىم ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرى ئىككى يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغان.

خىتاي ساقچىلىرى ئايشە خانىمنىڭ ئېرىنى سوراق جەريانىدا ئىقرار قىلدۇرالماي، بۇ يىل 5-ئاي مەزگىلىدە ئايشە خانىمنى تۇتماقچى بولغاندا، ئايشە خانىم ئوغلى ۋە كېلىنىنى ئېلىپ خىتاي ئۆلكىسىگە قېچىپ كەتكەن. ئەمما دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىپ تۈرمىگە سولىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ساقچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىز قوغلاش ئارقىلىق، ئايشە خانىمنى ۋە ئوغلىنى تۇتقۇن قىلىپ يۇرتى ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كەلگەن. ئېرى ۋە ئانىسى ئايشە خانىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا بارغان كېلىنى ۋە نەۋرىسىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئايشە خانىمنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بارغان كېلىنىنى قاتتىق ئۇرغان. توقسۇدىكى ساقچىخانىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئايشە خانىمنىڭ، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن رامزان مەزگىلىدە دائىرىلەر، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ۋە يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەتكەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا ئەكېتىپ قامىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-07072015163604.html

Share
1559 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.