logo

trugen jacn

ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرغا قۇرغان تۇزىقىغا دىققەت

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرغا قۇرغان تۇزىقىغا دىققەت

 

 

 

 

پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ- يۇنۇس سۈرىسى 100. ئايەت

سۈرىيىنىڭ ئۇرۇش بۇلۇۋاتقان بۆلگىلىرىدە 1000 – 1500 نەپەر ئەتىراپىدا 12 ياشتىن 6 ئايلىققىچە بولغان يېتىم ئۇيغۇر بوۋاق ۋە سەبى بالا بار. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ، بىر قىسمى كۇرت قۇراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، كۆپ قىسمى تۈرك ئارمىيىسىنىڭ ھىمايىسىدىكى يەرلەردە. سۇرىيە ھۈكۈمىتى ۋە كۇرت قۇراللىق كۈچلىرىگە ئەسىر چۈشۈپ كەتكەن ئۇيغۇر تۇل ئايال، يېتىم بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھىمايىسىدىكى بۆلگىلەردىكى يېتىم ئۇيغۇر بالىلار، ساخاۋەتپەرۋەر تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياشاۋاتىدۇ

ئۆز ۋاختىدا بۇ نارەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە كاتتا ۋەدىلەرنى بېرىپ سۈرىيىگە ئاپىرىپ ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئىچىگە تىقىۋېتىش بەدىلىگە غايەت زور مىقتاردىكى دوللارغا ئىگە بولغان چەتئەللىك جاسۇسلار يەنە سەھىنىگە چىقىشقا باشلىدى. ئارقىسىدا خىتاي بولغان ۋە بىر قانچە دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ قارا گۇرۇھ، ساختا پاسپورت ياساش، پۇل تارقىتىش، ئادەملەرنى توپلاش، يۆتكەش قاتارلىق ئىشلاردا ياللىۋالغان ئۇيغۇرلارنى ئالدىغا چىقارغان ئىدى. يەنە تۈركىيەگە توپلىشىپ قالغان، خىتايدىن ئىنتىقام ئېلىش تۇيغۇسى بىلەن يۈرەكلىرى يالقۇن بولۇپ يېنىۋاتقان، قېنى قىزىق ئامما ئاقكۆڭۈل چارىسىز ئۇيغۇرلارنى تورغا چۈشۈرۈش بۇ كۆزگە كۆرۈنمەس قارا گۇروھىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانىغا ئايلانماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ „تەقدىرىگە كۆيىنىدىغان“ بۇ ئادەملەر نىمىشكە سۈرىيىدە بومبىلارنىڭ ئىس تۈتەكلىرى ئاستىدا ھەر كۈن، ھەر سائەت ئۆلۈم خەۋىپى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ-يۇ، ئىستانبۇلدىكى يېڭى قۇربانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پېشىدە يۈگرەپ يۈرۈيدۇ؟

بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان قەھرىمان ئۇيغۇر يىگىت، قىزلارنىڭ بىر قانچە يىل بۇرۇن باشلانغان سۈرىيە سەۋداسىدىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇسۇپ قالالمىدۇق. چۈنكى،چەتئەلدە ئۇيغۇر مىللىتىگە ئۇزانغان كۆزگە كۆرۈنمەس قارا قول ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. تورى ئونلىغان دۆلەتكە يېيىلغان، مول ئىختىسادى راسخۇت ئاجىرتىلغان،ھەر مىللەتتىن ئەڭ زىرەك يۈزلىگەن جاسۇس قاتناشقان ۋە مۇكەممەل ئورگانىزە بولغان بىر تەشكىلى ئاپارت ئىدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنى „جىھات“ قا ۋە پۇلغا قىزىقتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن بۇ قاراگۇروھ، بالا-چاقىسى بىلەن كېلىپ سۈرىيەگە بېرىشتىن يالتىيىپ قالغانلارنى سۈرىيەدە ئىگىسىز قالغان ئۆي،زېمىن، بايلىقلارغا قىزىقتۇرۇپ قايىل قىلىشتى. يېشى چوڭ بويتاق ئۇيغۇرلارنى سۈرىيدە تۇل قالغان گۈزەل مۇجاھىدە ئاياللار بىلەن ئۆيلەندۈرۈپ قويۇش ۋەدىسى بىلەن ئېلىپ كەتتى. „سۈرىيەدە ياش ئەرەپ چوكانلىرىنى تاللاپ ئالىدىكەنمىز“ دەپ خوتۇن، بالىلىرىنى تاشلاپ كېتىپ ۋۇجۇدى بومبىلارنىڭ ئاستىدا توزغاقتەك تۇزۈپ كەتكەنلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىزگە ئەمەس، كىملىكى، نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان ساقاللىق، ساقالسىز، ئەرەپچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە… تىلى بولغان „شاپائەتچىلەر“گە ئىشەندى. ئۇلار سۈرىيەدە قالدۇرۇپ كەتكەن يېتىم ئۇيغۇر سەبى بالىلىرى بىز ئۈچۈن تەۋەررۈك ئامانەتتۇر. ئۇ بالىلارنى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بىر، ئىككىدىن ئەۋلاتلىققا ئېلىپ بېقىش بىزنىڭ ئاللاھ ۋە تارىخ ئالدىدىكى ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىمىز. ئەگەر بۈگۈن ئىستانبۇلدا پەيدا بولۇپ „ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى سىلاۋاتقان شاپائەتچى“لەر ھەقىقى „شاپائەتچى“ بولىدىغان بولسا نىمىشكە سۈرىيەدىكى شۇ يېتىم بالىلىرىمىزنى ئەكىلىۋېلىشىمىزغا ياردەملەشمەي، تېخى يېتىم بولمىغان ئۇيغۇر سەبى بالىلارنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن يالغان „جىھات“ ۋەدىلىرىنى بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرۇپ يۈرۈيدۇ؟ زادى ئۇلارنىڭ مەقسىدى نېمە؟

سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چىگىرىسى بولغان ئاپرىن دېگەن يەردە تېرورغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈرك ئارمىيەسىدىن ھال سۇراش ئۈچۈن 2018.يىلى 3.ئاينىڭ 10. كۈنى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىن چىگرا رايونى بولغان ھاتايغا باردى. بۇ ھەقىقەتەن تەقدىرگە لايىق بىر پائالىيەت ئىدى. بىراق بۇ يەردە مەقسەتكە تامامەن خىلاپ بولغان قىسقا بىر ۋېيدىيو چىكىلىپ تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى. ۋېيدىيودا ھەربىي كېيىم كېيگەن، بوينىغا پىلىمۇت ئېسىۋالغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى „… ئەي خىتايلار، بۇنى كۆرۈشتىڭمۇ؟ (قولىدىكى پىلىمۇتنى كۆرسىتىپ) مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى، ئاياللىرىنى، دېھقانلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ… پات يېقىندا سەن قاراقچىلاردىن ئىنتىقام ئالىمىز….“ دىگەن مەزمۇندىكى گەپلەرنى قىلىدۇ. ئارقىسىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كوك بايرا لەپىلدەپ تۇرىدۇ. ئۆز ۋەتىنىدە خىتايدىن زۇلۇم كۆرگەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قۇراللىق ياكى قورالسىز خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ھەققى، ھەتتا مەجبۇرىيىتى بار. بىراق بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ۋېيدىيوسى چىكىلگەن يەر تۈركىيە جۇمھۇرىيتى دۆلىتىنىڭ چىگراسى ئىچىدە. كۆرۈنۈشكە تۈركىيەنىڭ بايرىقى، تۈرك ئەسكەرلىرىمۇ چۈشۈپ قالغان. بىر تۈرك كوماندىرنىڭ ئەمدى بولدى قىل، بولدى قىل.“ دېگەن تۈركچە ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.بۇ ۋېيدىيونى كورۇپ يۈرىگىم سىقىلدى. بىز ئۇيغۇرلارغا بۈيۈك بىر تۇزاق قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ بەدىلىنىڭ بەك ئېغىر بولىدىغانلىغىنى دەرھال ئىدىراك قىلىپ يەتكەن بولساممۇ، بۇ ۋېيدىيونى يېغىۋېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. مەن ۋېيدېيودا سۆزلىگەن ۋە يېنىدا ھاياجان بىلەن تۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەيىبلىمەيمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدىلىق ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەچكە بۇ ئىشنى ھاياجان بىلەن قىلدى. بىراق، بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە- سۇرىيە چېگىرىسىغا ئاپارغان، ئۇ ۋېيدىيونۇ چىكىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇپ ئۆزلىرى بۇ كۆرۈنىشنىڭ ئىچىگە كىرمىگەن مەككارلار، ۋېيدىيونىڭ تۈركىيە ۋە دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كىلدىغان زىيىنى ۋە تۈركىيەنى خىتاينىڭ ئالدىدا قانچىلىك دىپلوماتىك سىقىنتىدا قالدۇرىدىغانلىغىنى ياخشى بىلىدۇ

بۇ ۋېيدىيو تارقىلىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن سۈرىيە دۆلەت تىلىۋىزىيەسى „ئۇيغۇر تېررورىستلار تۈرك ئارمىيىسى بىلەن كۇرت قەتلىيامىغا قاتنىشىۋاتىدۇ…“ مەزمۇندا خەۋەر بەردى. ئارقىدىنلا تۈرك دۈشمىنى بولغان بىر مۇنچە ئەرەب مەدياسى بۇ خەۋەرنى كەڭ تارقاتتى. ھەتتا، غەرىپ مەدياسىدا “ قەتلىيامغا ئۇچراۋاتىمىز دەۋاتقان ئۇيغۇرلار، كۈرتلەرنى قەتلىيام قىلىشقا قاتنىشىۋاتىدۇ“ دەپ يېزىلغان ماقالىلار بار. مېنىڭ بېلىشىمچە، خىتاي تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ۋېيدىيونى بېيجىڭدىكى تۈركىيە بۈيۈك ئەلچىسىگە تاپشۇرۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىزھات بېرىشىنى ئىستىگەن. خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچى، كونسۇللىرىمۇ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ۋېيدىيونى تۈرك دۆلەت رەھبەرلىرىگە، مىللەت ۋەكىللىرىگە، تۈرك مەدياسىغا تارقىتىپ „بىز تېررور ماغدۇرى. بىزگە ياردەم قىلىڭلار.“ دەپ دوقمۇش- دوقمۇشتا بىچارە قىياپەتكە كىرىۋېلىپ دەرد تۆكىۋاتقانلىغى مەلۇم

تۈركىيەدە، دوغۇ تۇركىستان دىمەي، شىنجاڭ دەيدىغان، ئۇيغۇرلارىڭ زۇلۇم كۆرگەنلىكىگە ئائىت بىر خەۋەر، بىر رەسىم ئېلان قىلمايدىغان سولچى مەديا بۇ ۋېيدىيونى كەڭ كۆلەمدە تارقاتماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنى „تېرورچى“ تۆھمىتى بىلەن قارىلىماقتا. تۈنۈگۈن (19. مارت) ئودا ت.ۋ. نامىدىكى بىر تۆر گېزىتىدە ئەركىن ئۆنجان ئىسمى بىلەن „سۇرىيەدىن تۈرك بايرىقى بىلەن چىننى تەھدىت ئەتكەنلەر نىمىنىڭ پىشىدە؟“ سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ باش ۋە ئوتتورا قىسمىغا بۇ ۋېيدىيو قىستۇرۇلغان بولۇپ، ماقالىدە „تېرورىست ئۇيغۇرلار“نىڭ خىتايدا، شەرقى تۈركىستاندا ۋە دۇنيادا قىلغان „ تېرورىستلىق ھۇجۇملىرى“نىڭ تىزىملىكى تەپسىلى بېرىلگەن ۋە „ بۇ تېرورىستلەرنىڭ تۈركىيەدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن“لىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ھىمايە قىلۋاتقانلىقى تۆھمىتى بىلەن دۆلەتكە قارا چاپلىغان. ئودا.ت.ۋ. تور گىزىتىسى تۈركىيەدە سانى ئاز بولمىغان سولچى كېسىمدە تەسىرى كۈچلۈك، ئوقۇغۇچىسى كۆپ بولغان بىر تور گىزىت

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ۋەتەندىن جېنىنى ئېلىپ قېچىپ چىققان ۋە دۇنيانىڭ ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە سىغمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك تۈركىيەگە پاناھلىنىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تۈركىيەگە كەلمەكتە. تۈركىيە قۇچاق ئاچماقتا. كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى بولغانلىغى بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغانلار. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغان ۋەتىنى مەككىنى قاچىلىك سۆيگەن بولسا، ھىجرەت قىلىپ بارغاندا قۇچاق ئاچقان مەدىينە دېگەن ۋەتىننى شۇنچىلىك سۆيگەن ئەمەسمۇ؟ مەدىنىنى قوغداش يولىدا قولىغا قۇرال ئېلىپ كۈرەش قىلغان ئەمەسمۇ؟ بىز ھەم تۇغۇلغان ۋەتىنىمىزگە، ھەم ھىجرەتتە بىزگە قۇچاق ئاچقان ۋەتىنىمىزگە زىيانلىق ئىش قىلساق قانداق ئۈممەت بولالايمىز؟

خىتايلار بۇ ۋېيدىيونى تۈركىيەنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئۇرىدىغان توخماق قىلىپ قوللىنىش بىلەن قالماي، دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى ۋە تۈركىيەنى قارىلاشتا بۈيۈك بىر كوزۇر قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قارىلايدىغان „پاكىت“نى قولغا كەلتۈرگەنلىگىى بىلەن پۇخادىن چىقتى. بىز ئۇيغۇرلارغا بولغان پايدا، زىيىنىچۇ؟ بۇنداق دىسەم بەزىلەر „بىز قارشى چىقساقمۇ، جىم تۇرساقمۇ خىتايلار ئۇيغۇرلارنى قېرىپ تۈگىتىۋېتىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.“ دېيىشى مۇمكىن. بۇ توغرا گەپ. بىراق خىتايلار خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى „گۇناھكار“ قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن „پاكىت“قا ئىھتىياجى بار. „ پاكىت“لارنى دۇنياغا كۆرسىتىپ تۇرالىسىلا مىللىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ خاتىرجەم داۋاملاشتۇرالايدۇ. شۇڭا خىتايلار باشقىلارنىڭ قولى بىلەن بىزنى تۇزاققا چۈشۈرۈشتىن ھېچبىر زامان ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىسىگە سېلىپ قويايكى، 2016. يىلى يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلنىڭ رەينا كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىدا 39 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولغان قەتلىئام بىلەن چېتىشلىق تۇتۇلۇپ سوتقا تاپشۇرۇلغان جىنايەت گۇماندارى 56 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 49 نەپىرى ئۇيغۇر. سوت داۋام قىلىۋاتىدۇ. قاتلىيامنى „ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى“ نامىدىكى خەلقئارالىق تېررور تەشكىلاتى زىممىسىگە ئالدى. پۈتۈن دۇنيا ئەڭ نەپرەت قىلىدىغان بىر تېررور تەشكىلاتى بىر قېتىملىق قەتلىيامغا نىمىشكە بۇنچىۋالا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشنى پىلانلىدى؟ نىمىشكە بۇ قەتلىيامدا ئۇيغۇر مىللى دەۋاسىغا بارلىق خەلقلىرى ئىگە چىقىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنى تاللىدى؟ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مىللى ئازاتلىق كۆرىشىنى تامامەن تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟

ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بۇ ئايەتنى يۇرەكلىرىگە نەقىش قىلىپ يېزىۋالسۇن؛ „پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ“ (يۇنۇس سۈرىسى 100. ئايەت) بىز ئۇيغۇرلار پۈتمەس- تۈگىمەس ئازاب دەرياسىدا ئېقىپ كېتىۋاتقان بولساق بۇنىڭ باش جاۋابكارى يەنە بىز ئەمەسمۇ؟ يېقىنقى 200 يىلدىن بېرى ئەقلىمىزنى توغرائىشلەتمىگەنلىكىمىزدىن يوقاتقانلىرىمىز بىزگە يېتەرلىك دەرس ئەمەسمۇ؟ ئەقلىمىزنى ئىشلەتمىسەك داۋاملىق باشقىلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق بۇلۇشتىن قۇتۇلالمايمىز. ئۇيۇنچاقلا ئەمەس، „شەپقەتچى“ كۆرۈنگەن ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدا،ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىلەچەگىنى بومبىلايدىغان بومبا بولۇپ قېلىش نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ۋە يىرگىنىشلىك-ھە؟ بۇنداق ئەقىلسىزلىقنىڭ دۇنيادا باشقا ئۆرنىكى بارمۇ؟

ئەي ئۇيغۇر قېرىنداش! كۆز ئالدىڭدىكى يولدا قاتمۇ قات توزاقلار بار. ئەڭ ئەقىلسىز ھايۋان بولغان ئېشەك جېنىدا پۇتى بىر قېتىم سېپىلىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئۆتمەيدۇ. سەن ئىنسانسەن. ئەگەر سەن ئىسلام دىنىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنى ھەقىقى تۈردە سۈيىدىغان بولساڭ پىكىر يۈرگۈز،بۇرۇن ئالدانغان ساۋاقلىرىمىزدىن دەرس ئال. ھەر قانداق قەدەمنى ئويلاپ ئېلىشنى ئۆگەن. ئۇيغۇر بول. خىتاي، چەتئەلدە تەشكىللىگەن كۆزگە كۆرۈنمەس قارا گۇروھىنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق بولما. جېنىڭنى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزەڭمۇ بىلمەستىن خىتاينىڭ قولدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا ئۇرۇلىدىغان توخماق بولۇپ قالما

شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىمكى، بىز پادا بولۇپ بەرگەن مۇددەتچە، چولدە تىنەپ قالغان پادىلارنى ھەيدەپ ئاپىرىپ ئەرزان سېتىپ خەجلەيدىغان پادىچىلار ھەر ۋاقىت بىزگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ

يىل 2018. 3.ئاينىڭ 20.كۇنى

Share
8434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.