logo

trugen jacn

ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزاتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىگە دائىر يېڭى مەلۇماتلار

image

قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورى، تونۇلغان ئۇيغۇر تارىخچىسى، تەتقىقاتچى، ھارماس ئىنقىلابچى مەرھۇم توختى مۇزات 29-ماي تۇيۇقسىز بېيجىڭدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە سۆزلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە.

بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، بېيجىڭدىكى توختى مۇزات ئائىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن تولۇق خەۋەردار ياپونىيەلىك ساتو ئەپەندى ئۆزى ئاڭلىغان توختى مۇزاتقا دائىر بەزى بىر ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزدى.

ساتو، مەرھۇم تارىخچى توختى مۇزاتنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ: «بېيجىڭدىكى باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە، توختى قارىماققا ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقان بىر ئادەمدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىش ‏- ھەرىكىتى خىتاي كومپارتىيەسى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىغا، يۇرتىغا بارسىمۇ بارلىق ئىش ‏- ھەرىكەت ۋە سۆزلىرى شۇ يەردىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇنىڭ تېلېفونىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلگەن. ئۆيىگە مەخسۇس تىڭشىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ياپونلار بىلەن كۆرۈشۈشىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىكەن. شۇڭا توختى ياپونلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئۆزىنى ئىزچىل قاچۇرۇپ كەلگەن دەپ ئاڭلىدىم» دېدى.

ساتو، مەرھۇم توختى مۇزاتنىڭ ھازىرقى 38 ياشلىق خانىمى ھەققىدە توختىلىپ: «توختى مۇزاتنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ بېيجىڭغا كېلىپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن دوست ‏- بۇرادەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن تويلاشماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ،سەككىز ئايدىن كېيىن ئۇنىڭغا قەشقەر ھەربىي رايونىدىن ئۆزلىرى بىر قىزنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغان ۋە شۇ قىز بىلەن دەرھال توي قىلىشىنى بۇيرۇغان. ئامالسىز قالغان توختى مۇزات مەجبۇرىي شۇ قىز بىلەن توي قىلغانىكەن. ئۇ قىز بېيجىڭدا ھېچقانداق خىزمەت قىلمايدىكەن، پەقەتلا توختىنى كۈتۈشكە مەسئۇل ئىكەن» دېدى.

تارىخچى توختى مۇزاتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇنداقلا دوست، يار-بۇرادەرلىرىنىڭ گۇمانىي قاراشلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىرى سۈرگەن ساتو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «توختى مۇزاتنىڭ بېيجىڭدىكى يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سالامەتلىكى بەك ياخشى بولۇپ، پەقەتلا ئۇنىڭ تىزى ئاغرىيدىكەن. سەۋەبى تۈرمىدىكى چېغىدا ساقچىلار توختىغا ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلارنى قار ئۈستىگە يالاڭ ئاياق دەسسىتىپ، پۇت، قوللىرىنى مۇزلىتىش تەن جازاسىنى قوللانغانلىقتىن، ئۇنىڭ پۇتى يەنى تىزى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىكەن. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل داۋالىنىپ ياخشى بولۇپ قالغان. ئەمما، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بارلىقىدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوقكەن» دېدى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا ساتو ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بېيجىڭدا 29-ماي توختى مۇزاتنىڭ ئەتىگەن سائەت 9 لار ئەتراپىدا 19-قەۋەتتىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالدى. گەرچە ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرلار ئۇنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى دەپ ئىسپات چىقىرىپتۇ، بۇ تەكشۈرۈلمەي ئاساسسىز چىقىرىلغان ھۆكۈم، ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپتۇ. توختىنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ،ئەمما بۇ تەلەپ دائىرىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم» دېدى.

ساتو، توختى مۇزات ۋاپات بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭ تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىپ جەسەتنى شۇ كۈنى يەرلىككە قويۇۋېتىشىنى بۇيرۇغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭدىكى بىر قىسىم توختىنى تونۇيدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى شۇ كۈنى ئايروپىلان بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا يەنى توختىنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ تەكلىپىگە قوشۇلمىغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىپ، خىزمەت ئىشلەپ، بېيجىڭدا يەرلىككە قويۇشقا ئۇلارنى كۆندۈرگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

ساتو، دائىرىلەرنىڭ بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە توختىنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپات قەغىزىنى ئىككى سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىدىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئېلىپ كەلگەنلىكى ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ بەكرەك قوزغاپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

30-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە بېيجىڭدىكى خۇيزۇ مەسچىتىدە توختى مۇزاتنىڭ مېيىت نامىزى ئوقۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت ئەتراپى پۇقراچە كىيىنگەن مەخپىي ساقچىلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكى، دائىرىلەردە توختىنىڭ جەسىتىنى يەرلىككە قويغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر خىل جىددىيلىك ۋە ئەندىشە ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، توختىنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىش گۇرۇپپىسىدىكى بەزى بىر ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ساتو ئەپەندى توختىنىڭ مېيىت نامىزىغا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى مۇزاتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە توختالغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بەزى بىر ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/toxti-muzat-06012015160406.html

Share
1613 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.