logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ داۋاملىق يامراۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەمئىيىتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئەيدىز يۇقۇمى ۋە ئۇنى كونترول قىلىش بويىچە ئارقا-ئارقىدىن يىغىن ئاچقان.

مەزكۇر يىغىن خەۋەرلىرىدە ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىجتىمائىي ئاپەت بولۇپ قالغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنى باشلاپ، بىرىنچى قېتىمدا 17 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئالغانلىقىنى، ئىككىنچى قېتىمدا 21 مىليون كىشىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپىنى تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ھازىرغىچە ئېلان قىلمىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيەدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر شەخسىي شىپاخانا خادىمى نۆۋەتتە ئەيدىز يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مەلۇم تەشۋىقاتلار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كەڭ-كۆلەمدە بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم دوختۇرخانىسىدا ئۇزۇن يىل دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر شەخسىي شىپاخانا ئاچقان يەنە بىر ئۇيغۇر دوختۇرمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى:
‏- تېخى يېقىندىلا ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئاچقان تەشۋىقات يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلدىم. ھازىر ئەيدىزگە دائىر تەشۋىقاتلار ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى بىلىملەر دائىم تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. راستىنى ئېيتقاندا، ناھىيەمىزدە بىرقانچە شەخسىي خوجايىنلار ئاچقان ‹مېھمان كۈتۈش› ياكى ‹ياتاقخانا› لار بىر ئاپەت بولدى. ئانچە-مۇنچە پۇل تاپقان نادان ياشلار، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان كادىرلار ياكى كۈندىلىك مەدىكار ئىشلەپ چاي پۇلى تاپقان بالىلار ئەنە ئاشۇ ‹مېھمانخانا› لارنى چۆرگىلەپ ئۆزلىرىگە ساقايماس كېسەلنى يۇقتۇرماقتا. بىزنىڭ بۇ شىپاخانىغا كۆرۈنگىلى كەلگەن ياشلارغا خۇددى ئۆز بالىمىزغا نەسىھەت قىلغاندەك سۆزلەپ تۇرىمىز، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن. بۇنداق ‹مېھمانخانا› ياكى ‹ياتاقخانا› لارنى ئاچقان خوجايىنلارمۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان قىزلارمۇ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكىرىدىن كەلگەنلەردۇر.

مەزكۇر پېشقەدەم دوختۇر زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى:
‏«كېسەلنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى تىزگىنلىمەي تۇرۇپ، يۇرتىمىزدا كۈندىن-كۈنگە يامراۋاتقان ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ئاپەتنىڭ قانداقمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولسۇن!؟ ھۆكۈمەت دوقمۇش-دوقمۇشلاردا ئېچىلىپ كەتكەن ئاتالمىش ‹مېھمانخانا›، ‹ساتراچخانا›، ‹ھورداقخانا›، ‹پۇت يۇيۇش-ئۇۋىلاش› دېگەندەك ئورۇنلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بولالمىدى. ساقچى دېگەنلەرنىڭ يولۋاستەك ھۆركىرەپ كىرىپ، ھايال ئۆتمەيلا مۈشۈكتەك سالپىيىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ گېلىنى ياغلامدۇ ياكى بانكا كارتىسىغا پۇل سالامدۇ، بىلمىدىم، بۇ ئورۇنلار يەنە بۇرۇنقىدەك سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ بارماقتا. ھەيرانمەن، ‹مۇقىملىق› نى شۇنچە چىڭ تۇتالىغان ھۆكۈمەت بۇلارنى نېمىشقا باشقۇرالمايدۇ؟»

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل كەسپىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر تېببىي خادىممۇ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئىلگىرىكى زەھەر چېكىشتىن ھازىرقى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشقا، تارقىلىش دائىرىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ جىددىي تۈردە يۆتكەلمەكتىكەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيەدە بىر يىل «مۇقىملىق كادىرى» بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ جەنۇبتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىغا يامرىشى بۇ جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىۋاتقان ئاتالمىش «ساتراچخانا» ياكى «ئىستىراھەتخانا» لار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نيۇيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەمەت ئىمىن، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا شۇ قەدەر تېز تارقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەل يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە، دەپ كۆرسەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-07262017142837.html

Share
1657 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.