logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «بىر يول-بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسى» دۆلەتلەر بىلەن بولغان تىجارەت ھەجمى نېمىشقا ئۆزگەرتمەيدۇ

9710f4a5-315d-4ff8-acd8-e29b4d7a5509

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى ‹بىر يول، بىر بەلۋاغ› پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەزكۇر پىلاندىكى ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ زورىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سوممىسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسىدىكى ئاخىرقى نىشانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر يول، بىر بەلۋاغ»پىلانى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي دىپلوماتىيىسىدىكى مۇھىم ئىش پىلانلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. مۇرەككەپ بىر جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا توغرا كېلىدىغان بۇ زور ئىش پىلانىنى خىتاينىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى. مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولغانلىقى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرىدىغان نېفىت تۇرۇبا يوللىرى ئۆتىدىغان تۈگۈن بولۇشى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلاننى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە، خام ماتېرىيال، توقۇمىچىلىق ۋە باشقا ساھەلەردە كېلىشىملەر تۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ كەلدى.

بىراق، مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان « شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ سىياسىتىگە گۇمان پەيدا قىلىدۇ» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر يېڭى ئىستراتېگىيە ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسىدا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولمىغان. مەزكۇر ماقالىدە بېرىلگەن ستاتىستىكىلىق رەقەملەرگە قارىغاندا، 2008-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئومۇمىي تىجارەت سوممىسى خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئومۇمىي تىجارەت سوممىسىنىڭ 15 پىرسەنتتىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلغان بولسا، 2015-يىلىغا كەلگەندە بۇ رەقەم تۆۋەنلەپ، 10 پىرسەنت ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ سىياسىتى يولغا قويۇلغان 2013-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسىدا بىر ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەكسىچە 2008-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا كەينىگە چېكىنىپ كەتكەن.

ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پىلان ئەسلى خىتاي بىلەن ياۋروپانى بىر-بىرىگە باغلاش ئارقىلىق ئامېرىكىنى ئوتتۇرىدىن سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ گېئو-ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ئىكەن.

مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسى رامكىسى ئىچىدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قازاقىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك، ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە باشقا تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. بىراق، بۇ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىدىكى تىجارەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر يېڭىلىق ھېسابلانمايدىكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
بىر يول-بىر بەلۋاغ پىلانىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ سودا تارىخىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بۇ پىلان ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئاللىقاچان ئورنىتىلىپ بولۇنغان. بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسى رامكىسى ئاستىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن ئىش پىلانلىرىنى ئەمەلىيەتتە پەقەتلا كونا مالغا يېڭى ماركا چاپلانغاندەكلا ئىش دەپ قاراشقا بولىدۇ… 2015-يىلى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تىجارەت ھەجمى تۈركمەنىستان بىلەن بولغان يېڭى نېفىت تۇرۇبا يوللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېمىيىپ كەتكەن… شۇڭا بۇ يەردىكى يېڭىلىق پەقەت خىتاينىڭ تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى ئەسلىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن تىجارەتنى قايتىدىن تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىلا كۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويۇپ، قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان ئىدى. مالىيە ۋاقتى گېزىتى خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى بويىچە ئېلان قىلغان بەزى پىلانلارنىڭ 2010-يىلى قەشقەرنى ئالاھىدە ئىقتىسادى رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئېلان قىلىنغاندىلا ئاللىقاچان يولغا قويۇلۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى يېقىندا سىچۈەنلىك فوتوگراف ليۇ يۈياڭنىڭ 2015-يىلى قەشقەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، قەشقەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي پىلاننىڭ ئىنتايىن قالايمىقانلىقىنى، قەشقەردە قۇرۇلغان يېڭى تىجارەت مەركىزى، سودا ساراي، تىياتىرخانىلار ۋە باغچىلارنىڭ ئاساسەن قۇرۇقلۇقىنى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ يەرلىكنى خىزمەت بىلەن تەمىنلەشكە پايدىسى بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ئۇ يەردە باي-كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بەك خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە پايدا يارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ پىلانى ئىشقا ئاشقان تەقدىردە ئۇنىڭ خىتاينى دۇنيادىكى يېڭى جاھانگىر دۆلەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىي ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلەردىكى تەڭسىزلىك ئاقىۋەتلىرى ۋە كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئىلگىرىلا غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئۇلار باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى رايوندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىشقا چاقىرغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/uyghurgha-meblegh-08162016150554.html

Share
1329 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.