logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا 2591 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان

aids-her-yil-ortalama-1-milyon-can-aliyor-7923180_x_9985_o

ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمەت ئىستاتېستىكىسدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۈننەن ئۆلكىسىدىن قالسىلا خىتايدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان رايون ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئالدىنقى يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 43555 كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 8398 بىمار ھاياتىدىن ئايرىلغان. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھايات تۇرۇۋاتقان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار 35157 كىشى ئىكەن.

2016-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە يامرىشى سەھىيە سىستېمىسىدىكىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن 2591 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. بۇ سان سەھىيە سىستېمىسىدىكىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى جىددىيچىلىككە سالماقتىكەن.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شىنجاڭ ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى قارمىقىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر نۆۋەتچى خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈشىمىزنى ئېيتىپ، سوئاللىرىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت قىلغان، ھازىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش رايونى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا يۆتكەلگەن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش يولى ئىلگىرى زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئورتاق شپىرىس بىلەن تومۇرغا ئۇرۇشتىن يامرىغان بولسا، نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇشقا يۈزلەنگەن.

مەزكۇر كەسپىي خادىم، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ جەنۇبقا يامرىشىدا دائىرىلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن شەھەرلىرىدە كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىلغان «ھۆسن تۈزەش ئورنى»، «ساتىراشخانا»، «ھورداقخانا»، «پۇت يۇيۇش ۋە ئۇۋىلاش ئورنى» دېگەندەك ناملاردىكى جىنسىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاۋام ئارىسىغا يامرىشىدىكى ئاساسلىق قانال بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ دائىرىلەر ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى باھانە قىلىپ، «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىشتە ۋاسىتە تاللىماي ھەرىكەت قوللىنىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ئەڭ خەتەرلىك كېسەللىك ۋە ئىجتىمائىي كرىزىس ھېسابلانغان ئەيدىز كېسەللىكىگە قەستەن كۆز يۇمۇۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالدىنقى يىلى پەيزىۋات ناھىيىسىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر پېشقەدەم دوختۇرمۇ نۆۋەتتىكى تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن جاي-جايلاردىكى يوشۇرۇن جىنسىي مۇلازىمەتكە زېمىن ھازىرلاپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «مېھمانخانا» ۋە «ھورداقخانا» لارنى تىزگىنلەش زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

بىز ئاخىرىدا نيۇيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئالدۇق. ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا شۇ قەدەر تېز تارقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە، دەپ كۆرسەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-08162016145812.html

Share
1151 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.