logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا كومپارتىيىنىڭ «ئەۋزەل» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان «ئىزنەكلىك تەشۋىقاتچىلار» كۆپەيمەكتە

1b2e1862-a062-42b1-a8b8-2fc797d07877

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن تاللانغان 100 نەپەر ئايال تەشۋىقاتچىنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ، ئۇلارنى مەخسۇس ھالدا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش بويىچە تەربىيىلىگەن. لاياقەتلىك بولغانلىرىغا مەخسۇس تەشۋىقاتچى ئىزنىكى تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىن مەخسۇس پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى دەپ تەنقىد قىلماقتا.

غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدىغان ۋە ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تەشۋىقات ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كۈچىيىپ بارماقتا. دائىرىلەر پەقەت مۇشۇ يېقىنقى بىر يىل مابەينىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر ساھە، ھەر دەرىجىدىكى كىشىلەرنى، ئىشچى-خىزمەتچى، دېھقان-چارۋىچى، قېرى-ياش، ئەر-ئايال ئايرىماي تۇرۇپ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى»، «دېھقانلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى»، «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش دراما ھەپتىلىكى»، «كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئويناش»، «نان يېيىش ئارقىلىق جۇڭگو خەرىتىسى چىقىرىش مۇسابىقىسى»، «قىزىل ناخشا ئېيتىش» دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك-تۈمەن شەكىلدىكى ھەرىكەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدى.

ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە مەخسۇس ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن تاللانغان 100 نەپەر ئايال تەشۋىقاتچىنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ، تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان. «شىنجاڭ گېزىتى» دە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇرستىكى ئايال كۇرسانتلارغا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار بويىچە تەلىم بېرىلگەن.
خەۋەردە ئېنىق قىلىپ : «بۇ ئاياللار ئاساسىي قاتلامغا قايتقاندىن كېيىن يۇرتداشلىرىغا پارتىيىنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات-ئۆزگىرىشلەرنى ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىشقا بەل باغلىدى» دەپ يېزىلغان. ئايال كۇرسانتلارغا ئاياللار بىرلەشمىسى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان «ئايال تەشۋىقاتچى» ئىزنىكى تارقىتىپ بېرىلگەن.

بىز جەنۇبتىكى ھەرقايسى جايلاردىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ ئۈچۈن يەرلىكتىكى بەزى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. ئۇلار بىردەك، بىزنىڭ شۇ جاينىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار قەشقەر ياۋاغ ساقچىخانا خادىمىنىڭ بىزگە بەرگەن جاۋابى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتى دەپ باھالىماقتا. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر ئايال زىيالىيسى رەھىمە خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى خىتايدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىگە ئوخشاتتى.

رەھىمە خانىم يەنە، بۇ ئايال تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەشۋىق قىلىش جەريانىدا شۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەھۋالىغا ئوخشاش مەلۇماتلارنى يىغىپ، ئۇنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش ۋەزىپىسى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

رادىيومىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يەرلىك دائىرىلەر ئاھالىلەرنى ھەپتىدە بىر قېتىم يىغىنغا چاقىرىپ، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەققىدە سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. يەكەندىن تېلېفونىمىزغا چىققان بىر ئايال ئۇنداق يىغىنلارغا ئادەتتە ئائىلىدە ئولتۇرغانلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت «خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇق تەشۋىقات ئورنىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتكەندىلا ئاندىن مۇقىملىق يارىتالايدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى، خەلق تورى قاتارلىق رەسمىي خەۋەر ئورگانلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 14 ناھىيە، شەھەر، ئوبلاستتىكى ئاياللار بىرلەشمىسى تەۋسىيە قىلغان يەرلىك ئايال تەشۋىقاتچىلارنى ئۈرۈمچىدە تەربىيىلىگەن. بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا 2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «مۇسابىقىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 53 تەشۋىقاتچى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز جايىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلىدى. لېكسىيەچىلەر سۆزلىگەن «ئاممىغا ياردەم بېرىش مېنىڭ خۇشاللىقىم»، «قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ توغرا يولغا باشلىغان پارتىيەگە رەھمەت» قاتارلىق ھېكايىلەر كىشىلەرنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى» دېگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئىزچىل ھالدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سىستېمىلىق ھالدا كۆچمەن يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-teshwiqati-08242016145812.html

Share
961 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.