logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنىش ھېكايىسى, فىلىمى تۈركىيەدە قويۇلدى

6f1c800b-d9ef-4c40-b94c-dc9b1923d900

ئارسلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كانادالىق مەشھۇر رېژىسسور پاترىكىيو ھېنرىگۇئىز تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنىش ھېكايىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 10-ماي ئىستانبۇلدىكى زامانىۋى سەنئەت موزېيخانا كىنوخانىسىدا قويۇلدى.

بۇ فىلىمنى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر قىزىقىپ كۆردى. فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن فىلىمنىڭ رېژىسسورى پاترىكىيو ھېنرىگۇئىز سەھنىگە چىقتى ۋە بۇ فىلىم توغرىسىدا كۆرۈرمەنلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

كۆپىنچە ئۇيغۇرلار رېژىسسور پاترىجىيو ھېنرىگۇئىزغا بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دەپ ئېلان قىلدى.

ت ر ت (تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارا ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتى فېستىۋالىنىڭ 7-قېتىملىقى بۇ يىل 7-مايدىن 11-مايغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ مۇكاپات فېستىۋالغا بۇ يىل 42 دۆلەتتىن 348 ھۆججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلدى.

بۇ فىلىملارنىڭ قاتارىدا كانادالىق مەشھۇر رېژىسسور پاترىكىيو ھېنرىگۇئىز تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنىش ھېكايىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تاللىنىپ قويۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۆججەتلىك فىلىم مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى 11-ماي كەچتە چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىدىكەن، بۇ مۇسابىقە خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، 42 دۆلەتتىن 348 ھۆججەتلىك فىلىم قاتناشقان.

بۇلارنىڭ ئىچىدىن يەرلىك ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن 10 فىلىم، دۆلەتلىك ئالاھىدە كاتېگورىيە بويىچە 9 فىلىم خەلقئارا دەرىجە بويىچە 14 فىلىم ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنىش ھېكايىسى» نامدىكى فىلىم فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىرىنچى بولۇپ تاللىنىپ قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇ فىلىمنىڭ مۇكاپات دەرىجىسى 11-ماي كەچتىكى چوڭ مۇراسىمدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

بىز «ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنىش ھېكايىسى» نامىدىكى فىلىم توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن كانادالىق مەشھۇر رېژىسسور پاترىجىيو ھېنرىگۇئىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك پاترىكىيو ھېنرىگۇئىز ئەپەندى، سىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز؟ يەنى بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە نېمە سەۋەبچى بولدى؟

پاترىكىيو ھېنرىگۇئىز: مەن دەسلەپتە باشقا بىر فىلىم ئىشلەۋاتقاندا گۇەنتانامودا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم ۋە ئۇلارغا قىزىقىپ قالدىم، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ سەۋەبسىز بىر قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ئۇ يەردىكى 22 ئۇيغۇردىن 5 كىشى ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن فىلىم ئىشلەشنى باشلىدىم. مەن ناھايىتى تىزلا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى چۈشەندىم. دۇنيادىكى ئىنسانلار 22 ئۇيغۇرنىڭ گۇەنتانامۇدا بېشىغا كەلگەن ۋەقەلەرنى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئومۇمىي ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى ۋە زۇلۇمنى بىلىشى كېرەك دەپ چۈشەندىم.

مۇخبىر: بۇ فىلىمنى ئىشلىگەندىن كېيىن فىلىمغا ئالاقىدار قانداق پىكىر-تەكلىپلەر ۋە ئىنكاسلار كەلدى؟ بۇ فىلىم قويۇلۇپ كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىۋاتىسىز؟

پاترىكىيو ھېنرىگۇئىز: بۇ فىلىم مەن ئۈچۈن بىر ئىمتىھانغا ئوخشايدۇ، چۈنكى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەننى ياخشى بىلمەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ فىلىمنى ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا، مېنىڭ چۈشەنچەمدە، مەن ئۇيغۇرلارنى توغرا ئىپادىلەۋاتامدىم، بۇنى ئۇيغۇرلار قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار بار ئىدى. بۇ فىلىم ئىشلەنگەندىن كېيىن، مونتېرىيالدا، ئامىستېردامدا، لوندوندا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ، ھاياجانلىنىشى ۋە ياخشى ئىشلىنىپتۇ دەپ باھا بېرىشىنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم. بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ بىر نەتىجە بولدى.

مۇخبىر: بۇ فىلىم ئىستانبۇلدا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار سىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دەپ ئېلان قىلدى. سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان قوشۇمچە سۆزىڭىز بارمۇ؟

پاترىكىيو ھېنرىگۇئىز: مەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى بولۇشتىن ئۆزۈمنى شەرەپ ھېس قىلىمەن. ئۇيغۇرلارغا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مۇستەقىللىق دېگەن ئاسان قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرىشى قىيىن ۋە ئۇزۇن زامان تەلەپ قىلىدىغان بىر كۈرەش، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما داۋام قىلغاندا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

بىز يەنە بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا يېقىندىن ياردەمچى بولغان ۋە فىلىمدا رول ئالغان ئۇيغۇر زىيالىي روشەن ئابباس خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، فىلىمنى كۆرۈپ چىققان ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turkiyede-uyghur-05112015171418.html

Share
1662 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.