logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەيتىش پىكرىگە يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىنكاس بىلدۈردى

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە قوشۇمچە مۇئاۋىن رەئىسى خۇ خەنمېي يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلاردىكى «نامۇۋاپىق نوپۇس كۆپىيىش»نى كونترول قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ خەنمېي ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەيتىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرى دەرىجىلىك 2‏-خىتاي ئەمەلدارى. ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەيتىش پىكرىنى 2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، خىتاينىڭ «ئەمەلىيەت» ژۇرنىلى»دا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق مىللەتلەرگە بىردەك ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خۇ خەنمېي سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە بالدۇر توي قىلىش، كۆپ تۇغۇش، يۇقىرى نىسبەتلىك ئاجرىشىش ئەھۋالى ئېغىرلىقىنى، نۇرغۇن يەرلىك ئاھالە دىنىي نىكاھ قىلىپ، ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل «نامۇۋاپىق كۆپىيىش» قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ئۇ بالىلار -ئاياللارنىڭ روھىي سالامەتلىكى، خەلقنىڭ مىللىي ساپاسىغا تەسىر قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ يەتكۈزمەكتىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى يېزا ئاھالىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئالدۇق. بىز زىيارەت قىلغان قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەر ئىككى دېھقان ئايال، ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى.

مەزكۇر ناھىيەدىكى بىر يېرىم دېھقان يېرىم تىجارەتچى ئۇيغۇر ئايال، ئۆزىنىڭ كۆپرەك پەرزەنت كۆرمىگەنلىكىگە پۇشايمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دېھقان ئايال: مېنىڭ بىر بالام بار. ئۇ بالامنى ئوقۇتتۇم. خىزمەتكە چىقتى ھازىر. بىر پەرزەنتلىك، دەپ پىلانلىق تۇغۇت يىلىغا 2400 كوي بېرىدۇ. لېكىن يېزىلىق ھۆكۈمەت بەرمەيدۇ. ئۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باقمىدۇق تېخى بۇ يەردە. لېكىن ئىككى پەرزەنتى بارغىمۇ بېرىدۇ. بىر پەرزەنتلىكلەر بىلەن ئوخشاش بېرىدىغۇ دەيمەن، ئىككى پەرزەنتى بارلارغا. بىزنىڭ قوشنىمىزنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار ئىدى. سورىسام، شۇ سىلى بىلەن ئوخشاش 2400 كوي بەردى، دەيدۇ. نورمالدا دېھقانلارغا 3 نى تۇغۇشقا، خىزمەتچى بولسا 2 نى تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ.

مۇخبىر: ئەگەر بۇنىڭدىن ئاز تۇغىسەن، دېسە قانداق بولار؟

دېھقان ئايال: ھازىرقى سىياسەت ئەڭ ياخشى. يېزا نوپۇسىغا 3 بالا ئەڭ مۇۋاپىق. 3 بالا بولمىسىمۇ قېرىغاندا ئادەمگە ئىشلەش ئېغىر كېلىپ، تۇرمۇشتا قىينىلىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. بۇرۇن مەن بىرنىلا تۇغۇپ، يا بىرەر بالا بېقىۋالماپتىكەنمەن. 3 بالا بولسا ياخشى. بەك كۆپ تۇغسىمۇ، يەنە ئۇلارنىڭكى تۇرمۇش مەسىلىسى بار. ئۇنى تۇرمۇشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. بىزنىڭ يېزىدا ئارتۇق تۇغىدىغانلار يوق. پىلانلىق تۇغۇتقا بەك رىئايە قىلىمىز. ئارتۇق تۇغقىلىمۇ قويمايمەن، لېكىن خەقمۇ بۇ ئىشقا كۆنۈپ قالدى، ئەمدى ئارتۇق تۇغمايدۇ.
ئۆزۈم تىجارەتچى، كۆكتات ساتىمەن، سودام يامان ئەمەس. ئۆزىمىزنىڭ جېنىنى بېقىپ كېتىپ بارىمىز. دېھقانچىلىق يېرىمز بارك ئۆزۈم تېرىۋاتىمەن. بەزىدە قىلالمىغان ئىشلارغا ئادەم سالىمەن.

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقان ئايال، ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق يېزىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش ئەھۋالى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

دېھقان ئايال: 2 مېنىڭ 4 بالام بار. مەن پىلانلىق تۇغۇتتىن بۇرۇن تۇغۇۋالغان. بالىلىرىمنىڭ ئەڭ كىچىك 26 ياش. 2 نەۋرەم بار. ئوغلۇمنىڭ بىر، قىزىمنىڭ بىر، قالغىنى تېخى تۇغمىدى. نەۋرەمنىڭ جىق بولۇشىنى ئەمەس، نورمال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر بىر بالامدىن ئىككىدىن نەۋرەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، بىز تاۋار نوپۇسىدىكىلەرنىڭ 2 نى تۇغۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. چۈنكى تاۋار نوپۇسى شەھەر نوپۇسىغا كىرىدۇ.

مۇخبىر: ھازىر ئۇيغۇرلار جىق تۇغۇپ كېتىپ بارىدۇ، شۇڭا بۇنى كونترول قىلمىساق بولمايدۇ، دېگەن پىكىرلەر چۈشۈۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېزا پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرىنىڭ تۇغۇتنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى مەلۇم. سىلەر تۇرۇشلۇق بازاردا ئارتۇق تۇغۇش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرامدۇ يەنى خەقلەر ئارتۇق تۇغىدىغان ئىشلار؟

دېھقان ئايال: 2 ياق، ھازىر ئۇنداق بەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ. خەقلەر پىلانلىق تۇغۇتقا بوي سۇنىدىغان بولۇپ كەتتى. پىلانلىق تۇغۇتتىن بىزگە شۇنداق ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، بىزمۇ شۇنىڭغا بويسۇندۇق.

بىراق يەنە بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتىكى ئەھۋالنىڭ خوتەندە بىر ئاز پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق سىياسىتى بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ ئائىلە مەسىلىسىگە بەك چوڭقۇر قول تىقىۋالماسلىقى كېرەك.

ئۇيغۇر تىجارەتچى: راست گەپنى قىلايمۇ، ماۋۇ گەپ قاراڭ ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك، ئومۇمىي يۈزلۈك بار. ئىدارە-جەمئىيەتلەردىن ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىرەردىن ئارتۇق تۇغۇپ قويىدۇ. ئەمما دېھقانلاردا 4-5، بەزىلىرىنىڭ 3 دېگەندەك. ئەمدى ماۋۇ شەھەرلەردە ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ 3 دىن ئوشۇقلىرى بار. ماۋۇنى سوراپ قالدىڭىز، مەن پەقەت يالغان گەپ قىلمايمەن. بۇ شۇنداق گەش ئەمدى.

مۇخبىر: بۇ پىلانلىق تۇغۇتنى ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا بىر كەڭرەك قويۇۋېتىشكە تېگىشلىك، دەپ قارامسىز قانداق؟

ئۇيغۇر تىجارەتچى: مەن بۇ ئىشقا كاللامنى تازا يۈگۈرتۈپ باقمامتىمەن. تىجارىتىمىزنى قىلىپ ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماي كەلدۇق. بىراق مېنىڭچە بولسا، جىراق بولسا، ئەھلى ئەۋلادىمىز ئاۋۇسا ياخشى. بىز مۇسۇلمان، مۇسۇلمان دېگەندە ھەر قانداق رىسقنى ئاللاھ بېرىدۇ دەيمىز. بىز نامراتلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنداق بولۇپ كېتىدۇ‏-مۇنداق بولۇپ كېتىدۇ، دېگەندە ئېتىبار قىلمايمىز. بولسا چاتىقى بولمىسا، چاتىقى بولسىمۇ يامان بەك ئارىلىشىۋالمىسا، دەيمىز. ئاڭلىسام جەرىمانە ئېلىۋېتىپتۇ، دەيدۇ. بەزى جايلاردا بەك ئېغىر جەرىمانە ئالغان ئوخشايدۇ. ئاڭلىسام، بۇ يېڭى يىلدىن تارتىپ كۆپ بالا تاپقانلارنى سوتقا يوللايدىكەن، دېگەن خەۋەرلەر بار. كوچا خەۋىرىغۇ بۇ. ئارىلاشمىغان بولسا، ئارىلاشسا ئۇنداق بەك چىڭ تۇتۇۋالماي نورمالنىي بولسا ياخشى بولاتتى.

لېكىن بىز بۇ يەردە ياشاۋاتقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنى سىياسىتى شۇ دەڭە. ھەر قانداق يەردە بىر تۈزۈم بولىدۇ، تۈزۈمسىز ئىش بولمايدۇ. تۈزۈم، دېگەن باغدىمۇ بار، تاغدىمۇ بار. تۈزۈمسىز ئىش بولسا ھەممىسى پات-پاراق بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، تۈزۈمگە بوي سۇنمىساق ياخشى ئەمەس. تۈزۈمسىزلىك قىلىپ، ھەممىمىز ئۆز بېشىمچى بولۇپ كەتسەك چاتاق چىقىدۇ.

بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى غەرەزلىك سىياسىي ئىستراتېگىيە. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىپ، خىتاي نوپۇسىنى شەرقىي تۈركىستاندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، مەزكۇر رايوننى داۋاملىق كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/pilanliq-tughut-01262015160508.html

Share
1559 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.