logo

trugen jacn

ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە دېموكراتىك خىتايلار گ-20 نى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

image

ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە رەھبەرلىرىنىڭ 31‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە، خىتاينىڭ ساھىپخانلىقىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاممىۋى ئەركىنلىكنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق رەھبەرلىرىنى، پائالىيەتچىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوللانغان ياكى ئۆزىنىڭ كەسپىنى قانۇنلۇق ئىشلىتىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.

ئوچۇق خەتتە يەنە، 20 گۇرۇھىنىڭ شى جىنپىڭ ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى خاڭجۇ يەرلىك ئاھالىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى، يەرلىك ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، دىنىي يىغىلىشلارغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا چاقىرىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئوچۇق خەتنى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئورتاق ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ، دېگەن مەقسەتتە ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەزىيەت كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ بۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدا تېخىمۇ شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن كۆرۈۋاتىمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتلىرى، ھەتتا خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىشىپ، بۇ ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ يىغىندا چوقۇم بۇ مەسىلىلەرنى كۆز ئالدىدا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى خىتايغا ئورتاق بىر پىكىر بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىسە، بۇنىڭ چوقۇم تەسىر قىلىش كۈچى بولىدۇ، دەپ ئويلىدۇق.»

بىرلەشمە ئىمزالىق مەزكۇر ئوچۇق خەتنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا تىبەت تورىنىڭ رەئىسى داردون شارلىڭ، خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئالىكس چوۋ، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىنخېباتۇ توغۇچۇق قاتارلىق كىشىلەر ئېلان قىلغان.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىنخېباتۇ توغۇچۇق چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى ئەھۋالدا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەمەس، كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

توغۇچۇق مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇلار بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، مەسىلەن، بەزى كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي مەھبۇسلار دېلولىرىنى ياكى كونكرېت ھادىسىلەرنى ئوتتۇرا قويسا، بۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇ ئارقىلىقلا بىز بەزى ساھەلەردە نىسبەتەن بۇرۇلۇش بولۇشىنى كۈتەلەيمىز. ئەگەر سىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىلا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ گېپىڭىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئۇيغۇر تىبەت، ۋە موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ھېچقانداق ئەمەلىي چارە قوللانمايدۇ.»

توغۇچۇق يەنە، موڭغۇللارنىڭ بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشقا قاتنىشىشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرىدىكى پەرق ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇققا باغلىنىپ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

توغۇچۇق: «ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ئاساسەن ئوخشاش. پەقەت بەزى مەسىلىلەرنىڭ پەرقلىق كۆرۈنۈشىدىكى سەۋەب بۇ ئىككى خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى پەرقلىق بولغانلىقىدا. چۈنكى، موڭغۇل خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چارۋىچى. بىراق ئىككى خەلق دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش. ئۇلار ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل بۇ ئىككى يەرلىك خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ.

پەقەت ئوتتۇرىدىكى پەرق خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇل خەلقىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىۋاتقان بولسا، تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تىنچ يوللار بىلەن تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئوچۇق خېتىدە يەنە، خىتاينىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنىنى باھانە قىلىپ، خاڭجۇ شەھىرىدە ئالغان ئامانلىق تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خاڭجۇدا ئۇيغۇر رېستوران، ئاشپۇزۇللىرىنى تاقاپ، مېھمان سارايلارغا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ئىدى.

ئوچۇق خەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي گۇرۇھلارنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى چەكلەپ، شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشى 20 دۆلەت يىغىنىنىڭ مەسىلىلەرنى ئوچۇق-يورۇق ۋە ئەركىن مۇزاكىرە قىلىش روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۇنيا تىنچلىقى، مۇھىت، سالامەتلىك ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇڭا، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مەجبۇرىيىتى بار، دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى ئىقتىساد تەرەققىياتى يالغۇز كىشىلىك ھوقۇقنى، ھەتتا ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى كۆزدىن چىقارغان، نوقۇل ئىقتىسادقا مۇجەسسەملەشكەن بىر خىل ئىقتىسادى مودېل. ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىسى يوق. بەلكى ئىنسانىيەتنى ھالاكەتكە ئاپىرىدىغان مودېل. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن خىتايدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر، مەيلى بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، تىپى ئېنىق بولمىغان نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر پەيدا بولدى.

ئەمما خىتاي بۇنىڭ ھېچ بىرىگە مەسئۇلىيەت ھېس قىلغىنى يوق. پەقەتلا نوقۇل ئىقتىسادى تەرەققىيات، دەپ كېتىپ بارىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ بىر ئومۇمىي مۇقىملىق يارىتالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەسكەرگە، ساقچىغا پۇل خەجلەپ بۇ ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئېلىپ بېرىشقا تېرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ ئىشەنگەندەك قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ، گ-20 يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى.»

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىش -كەلمەسلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.

ئاق ساراي 30‏-ئاۋغۇست ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغان. ئانالىزچىلار، بۇ ئاق ساراينىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى كۈچلۈك سىگنال، دەپ كۆرسەتكەن.

ئاق سارايدىكى پىكرى ئېلىش يىغىنىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيىتوف، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ، تىبەت پائالىيەتچى گولوگ جىگما، خىتاي خرىستىئان مىسيۇنېرى فۇ شيۇچيۇ، خىتاي پائالىيەتچى لۇ جۈن، خىتاي سىياسىي مەھبۇس گو فېيشيوڭنىڭ ئايالى جاڭ چىڭ قاتارلىق كىشىلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىنغا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مۇشاۋۇرى سۇزان رايس قاتناشقان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس 31‏-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇزان رايسنىڭ پائالىيەتچىلەر بىلەن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/siyasiy-mehbus-08312016124039.html

Share
1404 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.