logo

trugen jacn

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى ۋەكىللىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى

a409c175-1ef8-4267-9eff-d10d2ab45b00

ئەكرەم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گېرمانىيەدىن ئەنۋەرجان، فىرانسىيەدىن مارى ھولىزمان ۋە بېلگىيىلدىن مارتېن شۇلتېر قاتارلىق «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

بۈگۈن 18-ئاپرېل ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى»غا ئەزا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنۋەرجان، فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارى ھولىزمان خانىم ۋە بېلگىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتېن شۇلتېر ئەپەندىلەر ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىلھام توختىنى «ساخاروۋ مۇكاپاتى» غا نائىل قىلىش ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا يېقىندا چاقىرىلىدىغان ئىلھام توختىغا ئائىت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا ئىككى نەپەر مىللەت ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ زىيارەتتە ئىتالىيە ۋە بولغاارىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىككى نەپەر مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، سۆھبەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئالدى بىلەن ئىتالىيەلىك مىللەت ۋەكىلى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت مەزمۇنىنى دىققىتىمىزگە سۇندى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى يەنە بۇلغارىيەلىك مىللەت ۋەكىلى بىلەنمۇ ئۇزۇن سۆھبەتلىشىپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە چاقىرىلماقچى بولغان يىغىننى مۇزاكىرە قىلغان.

فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «بىز بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۆز گۇرۇپپىمىزنىڭ ئىككى نەپەر قوللىغۇچىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق. بىزنىڭ ئىلھام توختى گۇرۇپپىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى؛ ئىلھام توختىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ساخاروۋ مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە يېقىندا چاقىرماقچى بولغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ياۋروپا پارلامېنتى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاشتۇر. ھەممىدىنمۇ مۇھىمى، ساخاروۋ مۇكاپاتى. مەلۇم بولغىنىدەك، ساخاروۋ مۇكاپاتىنىڭ مەنىسى-پىكىر ئەركىنلىكىدۇر. ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان سىياسىي قىممىتى يۇقىرى مۇكاپاتتۇر. ئىلھام توختى خىتايدىكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن سۆزلىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن يازدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تىلىگەنلىكى، كىشىلىك قەدىر-قىممەت تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولدى. ئەلۋەتتىكى، بىز ئىلھام توختىنى بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق نامزات، دەپ قارايمىز ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› نى قۇرۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر سەرپ قىلىۋاتىمىز».

مارى ھولىزمان خانىم ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئىلگىرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ۋېي جىڭشىڭ ۋە خۇ جىيانىڭ ئېرىشكەنلىكى مىسال ئېلىپ شۇنداق دېدى: «ۋېي جىڭشىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 1995-يىلى، ئۇ تېخى خىتايدا تۈرمىدە ئىدى. ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى ھەمدە ۋاشىنگتونغا يولغا سېلىپ قويدى. مېنىڭ قىياسىمدا، ئەگەر ئىلھام توختى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشسە، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىش ئېھتىمالى زورىيىدۇ، بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بېرىپ، چەتئەلگە يولغا سېلىپ قويۇشى مۇمكىن. ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يەنە بىر شەخس __ خۇ جيا بولسا 3يېرىم يىللىق كېسىلگەن ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرمىدى. خۇ جيانىڭ سۆزلەش، يېزىش ئەركىنلىكى داۋاملىق چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. ئىلھام توختىنىڭ ۋەزىيىتى بەلكىم ئۇنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭغا ئالدىن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ھەرھالدا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىككى خىل ئېھتىماللىقنىڭ بىرى ياكى ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر ھال شەكىللىنىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مۇكاپات ئىلھام توختى ئۈچۈن خەيرلىك بولىدۇ.»

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى، بۈگۈنكى بۇ ئۇچرىشىشتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، بەزى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىش توغرۇلۇق سۆز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. مارى ھولىزمان خانىم بولسا، ئىلھام توختىنى ساخاروۋ مۇكاماتىغا ئېرىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر ئىلھام توختى بۇ ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەقدىردە، بۇنىڭ خىتايغا جىددىي بىر سىگنال بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنىڭ ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما ھېچ بولمىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەن جازاغا نەقەدەر قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىدۇ.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» يېقىندا ياۋروپادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئاكتىپلار، مۇخبىرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسچىلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك!» شوئارى ئاستىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-04182016150642.html

Share
1546 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.