logo

trugen jacn

ئىلھام توختى: شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ-3

ilham tohti sultansutukbuğrahan mezarinda

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش ۋە خەنزۇلاردىكى رادىكاللىق ئېغىر

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇلتۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسى 22-ئاپرېلدىن باشلاپ، «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» يەنى ChinaChange.org دا ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنماقتا. ئىلھام ئەپەندى ماقالىنىڭ 3-قىسمىدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈلىۋاتقان مىللىي سىياسەتتىكى كەمسىتىش ۋە بۇ يەرگە يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى رادىكاللىق» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈرمىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2013-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە خىتاي تىلىدا يېزىپ تاماملىغان «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا، ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ زىيادە ئاز بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا بولغان ئىشەنچنىڭ تۆۋەن بولۇشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن خىتايلاردا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان «چوڭ خىتايچىلىق» ۋە «رادىكاللىشىش» كەيپىياتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىدىن، ئەگەر ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان «مۇقىم ۋەزىيەت» يارىتىمەن دېسە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارغا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغان چاغدا ۋەدە قىلىنغان «ھەقىقىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي باراۋەرلىك» ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىلھام ئەپەندى 2010-يىلى 5-ماي كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەخسۇس ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلىرىنى يىغىنچاقلاپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە سۇنماقچى بولۇۋاتقان «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ilham-toxti-05042015160416.html

Share
2083 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.