logo

trugen jacn

ئىسلامدا جاھالەت ۋە جاھالەتكە قارشى كۈرەش

 

ئىسلامدا جاھالەت ۋە جاھالەتكە قارشى كۈرەش

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋرى جاھالەت دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.

دىن ۋە جەمئىيەت – 46

    جاھالەت دەۋرى، ئىسلام تارىخىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئۇقۇم. ئۇ مەيلى قۇرئاندا ياكى ھەدىسلەردە بولسۇن ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئېتىقاد، تۇتۇم ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىسلام باشلانغان دەۋردىكىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە باشلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئومۇملاشتۇرۇپ ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋرى جاھالەت دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى تارىخىنى جاھىلىيەت ياكى جاھالەت سۆزى بىلەن ئىپادىلەش سەۋەبلىرى تەتقىق قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە بەدەۋىيلىكنىڭ ھاكىم بولۇشى، ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا قارىغاندا مەدەنىيەت جەھەتتىن نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بولۇشى، بىلىمسىزلىكى، يېرىم كۆچمەن تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە بولۇشى، تىلغان ئېلىشقا ئەرزىگىدەك تارىخلىرىنىڭ يوقلۇقى، بۇتپەرەستلىكى ۋە ساماۋى كىتابلىرىنىڭ يوقلۇقىدەك ئامىللار بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان. قەدىمدىن تارتىپ قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن بۇ كۆزقاراشقا ئاساسەن جاھىلىيەت – جاھالەت دەۋرى، بىلىمسىزلىك دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامىيەت بولسا، يورۇقلۇق ۋە بىلىم دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام جاھالەت دەۋرى ئۇقۇمىغا زىت ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ.
جاھالەت ئۇقۇمى ئاساسەن ئەرەبلەرنىڭ ئسىلامدىن ئىلگىرىكى ئەھۋالىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۆتمۈشتە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت دەپلا قارىماستىن، ئەكسىچە بۇ ئەھۋالنىڭ ھەر ۋاقىت يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قىلىشىنى ئويلىغان ۋە بۇ ھەقتە ساھابىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان. ھەتتا بۇ خەتەرلىك ئەھۋالنىڭ بەزى مىساللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقىتىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
ئىسلامىيەت تەۋھىد چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇتپەرەستلىككە قەتئىي قارشى تۇرغان. بۇ ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئىنساننىڭ شان – شەرىپىگە ياراشمايدىغان بارلىق يامان ئادەتلەرنى چەكلىگەن. ھەق – ھوقۇق چۈشەنچىسى ۋە ئەخلاقىي تەرىپى بىلەن جاھالەت روھىغا قارشى جىددىي كۈرەشلەر ئېلىپ بارغان. پەس، ئەخلاقىي بولمىغان زالىملارچە ھەرىكەتلەرنى يوقاتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش خۇتبىسىدە جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئۆسۈم چۈشەنچىسىنى، قان دەۋاسىنى ۋە ئادالەتكە مۇناسىۋەتلىك يۈرگۈزۈلگەن بەزى خاتالىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ جاھالەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرنىڭ كۈلتۈرەل قۇرۇلمىسىنى، بەزى گۈزەل ئەخلاق -پەزىلەتلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلمىغان. ئەكسىچە ئىسلامنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بىلەن زىت كەلمەيدىغان بەزى تەرەپلەرنى قوبۇل قىلغان.
جاھالەت دەۋرىدە ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بەزى ساھەلىرىدە ئادالەتسىزلىكلەرگە ئۇچرىماقتا ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئاچچىق ئىپادىلىرىدىن بىرى، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئۇيات مەنبەسى دەپ قارىغان قىز پەرزەنتلىرىنى تىرىك ھالەتتە كۆمۈۋېتىش ئادىتى ئىدى. ئۇ دەۋردە بەزى زۇلۇم ۋە قوپاللىقلار پەزىلەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىدى. ھوقۇقتا قەبىلە قانداشلىقى ئاساس ئۆلچەم دەپ قوبۇل قىلىناتتى. جەمئىيەتتە ئومۇملىشىپ كەتكەن ھۆر، قۇل ۋە باشقا بىر نەچچە سىنىپ ئىنسان گۇرۇپپىسى بار ئىدى. خۇسۇسەن قۇل ۋە ئايال خىزمەتچىلەر مالغا ئوخشاش ئېلىپ سېتىلاتتى. ئىجتىمائىي قۇرۇلما پۈتۈنلەي قەبىلىۋازلىق ئاساسىغا تايىناتتى. كىشىلەرگە پەقەت ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان قەبىلىسىگە قاراپ باھا بېرىلەتتى. ئىرق، رەڭ، قانداشلىق ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمى ھېسابلىناتتى. پەقەت ئىسلام دىنىنىڭ كېلىشى بىلەن بىللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر بىر پۇرسەتتە قەبىلە ئەسەبىيچىلىكىنىڭ ئورنىغا ئىسلام قېرىنداشلىقىنى قويۇشقا تىرىشقان.
جاھالەت دەۋرىدە ئاياللار مىراس ھەققىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ئىدى. مىراس پەقەتلا ئات مىنىپ ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭلا ھەققى دەپ قارىلاتتى. ئىسلام دىنىدا بولسا، يېقىنلىق دەرىجىسگە قاراپ ئاياللارغىمۇ مىراس تەقسىم قىلىپ بېرىش پەرز قىلىپ بېكىتىلدى. جاھالەت دەۋرىنىڭ ئائىلە نىكاھ مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئايال كىشىنى خار كۆرۈدىغان بەزى خاتالىقلار مەۋجۇت ئىدى. ئىسلام دىنى بۇ ناھەقچىلىكنى تۈگىتىدىغان بەزى يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ دەۋردە سودا ھاياتى مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە ئىدى. ھاراق – شاراپ، قىمار ۋە پاھىشىۋازلىق قاتارلىق بەزى ئەخلاقىي بولمىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كەڭ ئومۇملاشقان ئىدى. بۇ خىل پائالىيەتلەر قۇرئاننىڭ ئوچۇق ھۆكۈملىرى بىلەن كەسكىن ھالدا چەكلەندى
جاھالەت دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەلۇمات مەنبەلىرىدىن بىرى پالچىلىق ئىدى. كىشىلەر پالچىلارنىڭ بەزى مەۋھۇم مەۋجۇداتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق غەيىب ئالىمىگە دائىر ماۋزۇلاردا مەلۇماتقا ئىگە بولالايدىغانلىقىغا ئىشنەتتى. ئەمەلىيەتتە سىرلىق مەسىلىلەرگە قىزىقىپ كېلىۋاتقان ئىنسان ئەۋلادى، تارىختىن بېرى ئەتراپىدىكى مەجھۇل نەرسىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار دەسلەپكى دەۋرلەردىن تارتىپلا، سىرلىق تەرەپلىرى بىلەن بىللە كەلگۈسى ھاياتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىزدەشنى نەزەردىن ساقىت قىلالمىغان. ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئۇلارنى سېھىرىگەرلىك، پالچىلىق ۋە رامباللىق قاتارلىق ئىسىملار بىلەن ئاتالغان بەزى كەسىپلەرگە يۈزلەندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا، غەيىبكە دائىر مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىدى
جاھالەت ئەقلى ۋە ئش- ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسىنى كۆپىنچە بۇزۇق دىنىي ئېتىقادلار شەكىللەندۈرىدۈ. تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق، تۇرمۇشنىڭ ھەر قاتلىمىدا ئۆزگىرىپ كەتكەن دىنىي ئېتىقادلارغا ئائىت ئىزلارنى ئۇچرىتىمىز. مەزكۇر دەۋردە ئىنسانلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. قېپقالغانلىرىنىمۇ بۇرمىلاپ ئەسلى شەكلىدىن ئۆزگەرتىۋەتكەن. تاش ۋە تۇپراقتىن ياسىۋالغان بۇتلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇدىغانلقىغا ئشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن. جاھالەت دەۋرىنىڭ ئاساسلىق ئېتىقاد شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇددىست چۈشەنچە، نۇرغۇن ئاساسسىز ئېتىقاد ۋە خۇراپاتلارنى بىللە ئېلىپ كەلگەن. ئېتىقاد نۇقتىسىدا تولۇق قايمۇقۇش ئىچىدىكى جاھالەت دەۋردىكى كىشىلەر، خىلمۇ خىل مەۋجۇداتلارنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ، ساختا تەڭرىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىچكى دۇنياسىدىكى ئېتىقاد بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان.
ئىسلامدىن ئىلگىرى ئۆز تەبىئىتى ۋە ئۆزلىرىنى ياراتقان رەبلىرىنى تونۇمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىنسان نەسلى، جاھىلانە ئىزدىنىش ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ئەقىلىي بولمىغان ئىشلارنى تۇرمۇش پەلسەپەسى سۈپىتىدە ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈۋالغان. مانا مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا، مەككىدە قۇياشقا ئوخشاش پارلىغان ئىسلام دىنى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا ئىلگىرى بار بولغان گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنى ئىنكار قىلماستىن خاتا چۈشەنچىلەرنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش قاراشلىرىنى باشتىن تارتىپ تۈزۈتۈپ چىقىدىغان سىستېما پەيدا قىلىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئادەتلىرىگە يېنىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى جاھالەت پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان ۋاقىت بىلەنلا چەكلىنىدىغان چۈشەنچە ئەمەس، بەلكى ئىسلامدىن يىراقلاشقانىسېرى ھەر دەۋردە مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئاگاھ ۋە دانا بولۇش كېرەك
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
Share
2268 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.