logo

trugen jacn

ئىزچىل جاھىل پېتى قېلىش مۇۋاپىقىيىتىگە قانداق ئېرىشتۇق؟

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئىزچىل جاھىل پېتى قېلىش مۇۋاپىقىيىتىگە قانداق ئېرىشتۇق؟

 

بۇ دۇنيادا لەنەتگەردى، ئۇ دۇنيادا دوزىخى بولۇش يولىدا “ئەيدىزچىلەر” قوشۇنىمىز يىلسېرى زورايماقتا

 

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ 2014.يىللىق سانلىق مەلۇماتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كونترول قىلىش مەركىزى، 2014. يىل 10‏-ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 43 مىڭ 500 دىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى 1‏-دېكابىر «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت ئېلان قىلىپ، 2014‏-يىلى شەرقى تۇركىستان تەۋەسىدە 3411 كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ 2016. يىل 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن 2591 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى، دەپ ئېلان قىلدى

image
ۋەتەندىكى بىر توردا 2009.يىلقى ئەيدىز نىسبىتى مۇنداق ئېلان قىلىنغان؛ خىتاي مىقياسىدا ھەر 100 مىڭ كىشىگە توغرا كەلگەن ئەيدىز سانى 56 نەپەر، ئۇيغۇرلاردا ھەر 100 مىڭ ئادەمگە توغرا كەلگەن ئەيدىز سانى 335 نەپەر. بۇ نىسپەت بويىچە بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولغان قازاقىستاندا ھەر 100 مىڭ كىشىگە 74، قىرغىزىستاندا 77، ئۆزبەكىستاندا 58، تۈركىيەدە 5 نەپەردىن ئەيدىز بىمار توغرا كېلىدۇ.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋاباسىنى تارقىتىش ئۈچۈن پاھىشەخانا ۋە زەھەرلىك چىكىملىكلەرنىڭ يۇرتىمىزدا يامرىشىنى ئىلھاملاندۇرۇلۇپ كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر. بىراق بىز ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلدۇق؟ مىللەت سۈپىتىدە دىن – ئىمانىمىز قانچىلىك كۈچلۈك؟ بىزنى باشقۇرۇۋاتقان، ئىماندىن خەۋىرى يوق خەن مىللىتىدە ئەيدىز نىسبىتى 100 مىڭدە 56 نەپەركەن، نېمە ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلاردا 100مىڭ كىشىگە 335 نەپەر ئەيدىز توغرا كېلىدۇ؟
دۇنيادىكى ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى، ئەيدىز كېسىلىگە يۇقۇملانغۇچىلار 6-7 يىلدىن كىيىن ئەيدىز بولغانلىقىنى بىلەلەيدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارماقتا. تىزىملىككە ئېلىنغان ئەيدىزلەر پەقەتلا مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى تىزىمگە ئېلىنمىغان، بۇ كىسەلنى بىلمەي باشقىلارغا يۇقتۇرماقتا بولغان 450 مىڭ بىلەن 500 مىڭ ئەتىراپىدا ئەيدىز بار. ئەيدىز بولغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپۈكچىسى 18 -40 ياشلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلار. يەنى ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشقا تىگىشلىك كىشىلەر، بېقىلىشقا مۇھتاج ئەھۋالدا

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پەقەتلا يوقسۇل، جاھىل كىشىلەرلا ئەمەس. باي ۋە بىلىملىك ئائىلىلەرگە مەنسۇپ ئەيدىزلەرمۇ كۆپ. مېنىڭ 3 مەشھۇر يازغۇچى، 2 ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى تونۇشۇمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىمەن. بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە بالايى -ئاپەتنىڭ جاۋاپكارلىغىنى دايىم زۇلۇمكار ھاكىمىيەتكە ئارتىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلۇش پەرۋاسىزلىغى، جاھىللىغىمىزنىڭ ئالامەتلىرىدۇر. بىز ھەقىقەتەن تەقۋادار مۇسلۇلمان مىللەت بولىدىغان بولساق، ئاللاھ چەكلىگەن  زىنا ۋە زەھەرلىك چىكىملىك ئارقىلىق يوقۇملىنىدىغان بۇ ”ئەيدىز“ ئىسىملىك ۋاباغا مۇپتىلا بولغۇچىلار, بىز ئۇيغۇرلاردا نىمشىشكە بۇنچىۋالا كۆپ يامراپ كەتتى؟  بىز قانداق قىلىپ مىللەت سۈپىتىدە مۇشۇنداق ئۆزىمىزنى -ئۆزىمىز ھالاك قىلىدىغان جاھىل ھالدا قېلىشتا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۇق؟

 

ئۆزىمىزنى “ھەقىقى مۇسۇلمان” كۆرسىتىش ئۈچۈن، باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا نەپرەت قىلىش شەرتمۇ؟
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ دېگەن مەھەللىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى كۆپ. ئىككى يىلدىن بىرى زەيتىنبۇرنىدىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلىرىمىزدىن بىر قانچىسى ماڭا شۇنداق شىكايەتتە بولۇپ كەلدى؛ ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا مۇنداق بىر گۇرۇپ جامائەت پەيدا بولۇپ قالدى، نامازنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇمايدۇ. يەر تاپالىسا بىنالارنىڭ ئاستىدىكى بوش يەرلەردە ئايرىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. تاپالمىسا، جامى جامائىتى نامزاز قىلىپ چىقىپ كىتىشكەندىن كېيىن ئۆزلىرى ئايرىم جامائەت بولۇپ ناماز قىلىدۇ. بۇلار، تۈرك ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز قىلغانلارنىڭ ئۆزى كاپىر، خوتۇنى تالاق، دەپ پەتىۋا قىلىشىدۇ. ئۇلار باشقا ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بىللە ناماز قىلمايدۇ
بىر تۈرك دىن ئالىمى، ماڭا بۇ ھەقتە ؛ بۇلار تۈرك مۇسۇلمانلارغا زىيان سالالمايدۇ، ئامما ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن. ئۇلارغا نەسىھەت قىلىڭلار، مۇسۇلمانلىقنى ئۆگەنسۇن،” دېدى. مەن سۈرۈشتە قىلدىم، بىر توپ بولىۋالغان بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ۋەتەندە ياكى چەتئەلدە يۈكسەك دىنى ئىلىم ئالغان بىرمۇ كىشى يوق ئىكەن. ئۇلارغا نەسىھەت قىلغان ئۇيغۇر دىن ئالىملىرىغىمۇ ھاقارەت قىلغانمىش. بۇ خىل ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلنىڭ باشقا مەھەللىلىرىدىمۇ بار ئىكەن. بىر دىنىي ئالىمنى چاقىردىم ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ نەسىھەت قىلىشنى ئۆتۈندۈم. ئۇ، ماڭا ئىمامى ئازامنىڭ شۇ سۆزلىرى بىلەن جاۋاپ بەردى؛ جاھىللار بىلەن بولغان ھەممە بەس – مۇنازىرەمنىڭ ھەممىسىدە مەن يىڭىلدىم
تۈركىيە دۆلەت قانۇنى ھەممە ئادامنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدايدۇ. جامىغا كىرىپ ناماز قىلغۇچىنىڭمۇ، قاۋاقخانىغا كىرىپ ھاراق ئىچكۈچىنىڭمۇ ھۇقۇققىنى دۆلەت قوغدايدۇ. ھىچكىمگە بېسىم يوق. شۇڭا ھەقىقى مۇسۇلمان تۈركىيەدە كۆپ.
رەسمى رەقەملەرگە كۆرە، تۈركىيەدە ئىلاھىيەت ۋە ئىسلامى ئىلىملەر ئىسمى ئاستىدا ئىسلام دىن ئىلمى ئوقۇتىدىغان 88 پاكولتىت بار. تۈركىيەدە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئوقۇغۇچىسىزلىق سەۋىبىدىن 40 خېمىيە پاكولتىتى تاقىۋېتىلدى، ئۇنىڭ ئەكسىچە 50 ئىلاھىيەت پاكولتىتى ئېچىلدى. تۈركىيەدە 2015.يىلى ئۇنىۋىرسىتىتلەرنىڭ ئىلاھىيەت پاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى 15845 نەپەر. تۈركىيەدە 85000 جامى، 90.000 مائاشلىق دىنى كادىر بار. تۈركىيەدە ھەر 60 مىڭ كىشىگە بىر دوختۇرخانا توغرا كىلىدۇ، ئامما ھەر 350 كىشىگە بىر جامى توغرا كىلىدۇ. تۈركىيەدە مىليونلىغان دىنى كىتاپلار بار. بۇگۈن كىچىك ۋە ئاز كۆرۈنگەن بۇ جامائەت، مەيلىگە قويۇۋەتىلسە كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھەتتا شارايىت پىشىپ يىتىلگەندە ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەپ بولىشى مۇمكىن. دىنىي ئىلىملارنى ئۈگىنىش ئىمكانىيىتى شۇنچە كەڭ بولغان تۈركىيەدە جاھىللىقتا مۇستەھكەم تۇرۇش مۇۋاپپىقىيىتىگە قانداق ئېرىشتۇق؟ تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ياشاپ تۇرۇپ، تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا نەپرەت قىلىش قابىلىيىتىنى قانداق يېتىشتۇردۇق؟ سويگۇ ئۇستىگە قۇرۇلغان ئىسلام دىنىنى، تەكرار نەپرەت ئۇستىگە قۇرۇش ئۇچۇن بىھۇدە كۇچ سەرپ قىلىشنىڭ پايدىسى كىمگە بولىدۇ؟

 

بىلىم ۋە مەدىنىيەت بىلەن قۇراللانغان زىيالىلىرىمىزنىڭ تەبىيىتىكى جاھىللىققا نىمە دەيمىز؟

ۋەتەندە خەلقىمىز چارىسىز. خىتاي مائارىپ سىستىمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەقلىنى زەھەرلەش ئۈستىگە قۇرۇلغان، ۋەتەن ئىچىدىكى بىلىملىكلەر ئارىسىدا كۆرۈلگەن جاھىللىق، مۇستەملىكە دۆلەت تۈزىمى تەرىپىدىن يارىتىلغان. بىراق چەتئەلدە غەرىپ مەدىنىيىتى ئىچىدە ياشاۋاتقان بىلىملىك ئۇيغۇرلاردا كۆرىلگەن جا ھىللىقچۇ؟

پىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدا 2016. يىلى 11- 13.ئىيۇل كۈنلىرى د.ئۇ.ق. قۇرۇلتېيى بولۇپ ئۆتتى. قۇرۇلتاي ئاخىرلىشىپ بىر كۈندىن كېيىن، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەردىن بىرسى ماڭا يوللىغان ئىلخېتىدە “ قۇرۇلتاي سايلىمىدا مەلۇم يىگىت، بىر نامىزاتقا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بەردى. قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولمىغان، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان مەلۇم يىگىت,  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنى سايلاشقا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشى توغرىمۇ؟“ دەپ سوراپتۇ. مەن، ئىشنىڭ بۇنداق بولغانلىقىغا ئىشەنمىدىم. چۈنكى، مەن مەلۇم يىگىتنى ئۈرۈمچىدىكى ئورتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاختىدىن باشلاپ تونۇيمەن. تالانتلىق ،كەسپىي ماھارەتكە ئىگە، ئۆزىنى يىتىشتۈرگەن سىياسىيون، سەزگۈر ئەقىلغا ئىگە ۋىجدانلىق بىر ئىنقىلاپچى دەپ بىلىمەن. مەلۇم يىگىتنىڭ د.ئۇ.ق. قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم. چۈنكى، دېموكراتىك دۆلەتلەردە بىر پارتىيە قۇرۇلتاي ئاچقاندا، قارشى پارتىيە ۋەكىللىرىنى مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىش گۈزەل بىر ئادەت بار
بىراق،  مەلۇم يىگىت ئۆزى ئەزا بولمىغان ۋە پىكىر ،ھەتتا پرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە د.ئۇ.ق. بىلەن كەسكىن كۆز قاراش ئوخشىماسلىققا ئىگە بولغان ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرۇپ، د.ئۇق.سايلىمىدا بىر نامىزاتقا ئاۋاز بېرىشى، ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئىگە بولغان د.ئۇ.ق. نامىزاتنىڭمۇ، بۇ ئىشتىن مەمنۇن بۇلىشى، يالغۇز دېموكراتىيىنى ئىتىۋارسىزلاشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى د.ئۇ.ق. نىڭ قانۇنى ئورنىنى يوققا چىقىرىشقا يول ئاچىدىغان جىددى بىر مەسىلە. شۇڭا مەن، بۇ ئىشنىڭ راست- يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ  بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇ “ شۇنداق. قول كۆتۈردۈم” دەپ جاۋاپ بەردى. مەن قۇلىغىمغا ئىشەنمىگەن ھالدا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قېتىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش دەموكىراتىيەنىڭ بۈشىگى پارىجدا يۈز بىرىۋاتاتتى

قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇر ژورنالىستلارمۇ، ئوخشاشلا، سايلانغۇچى نامىزاتقا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بەرگەن. دۇنيادا ژورنالىستلار، دۆلەتلەرنىڭ، پارتىيلەرنىڭ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ سايلاملىرىغا قاتنىشىدۇ، قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ژورنالىستلارنىڭ ۋەزىپىسى، قۇرۇلتاي، سايلاملارنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلار بۇيىچە بولۇپ، بولمىغانلىقىنى، ئۆز نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلىپ، قىلمىغانلىغىنى نازارەت قىلىش، سايلامنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنى خەۋەر قىلىشتۇر. ئامما، د.ئۇ.ق. قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان مۇخبىرلار سايلامدا، قۇرۇلتاي ئەزالىرى قاتارىدا قول كۆتۈرۈپ نامىزاتقا ئاۋاز بەرگەن. بۇ مۇخبىرلار گەرچە ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئۇلار چەتئەل ھۆكۈمەتىنىڭ دۆلەت كادىرلىرى. قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئەمەس، بۇرۇن د.ئۇ.ق. ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بۇ خىل مۇخبىرلار ئارىسىدا ئىشتىن چىقىرىۋېتىلگەنلەر بولغان
مەن، ژورنالسىتلار ئىچىدىن تالانتلىق، يۈرىكى ۋەتەن سۆيگۈسى بىلە سوقۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بىر مۇخبىردىن سورۇدۇم؛ سىز پارىژدىكى د.ئۇ.ق. قۇرۇلتىيىدا بىر رەئىس نامىزاتىغا ئاۋاز بەرگەنلىڭىز راستمۇ؟
ئۇ: راس
مەن:سىز قۇرۇلتاي ئەزاسىمۇ؟
ئۇ: ياق
ئارىمىزدا بىر پەس سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىر ئىنىم ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى؛ د.ئۇ.ق. نىڭ بۇرۇنقى قۇرۇلتايلىرىدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار بولغان. بۇ قېتىممۇ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان،ئامما قۇرۇلتاي ئەزاسى بولمىغان كىشىلەر ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى. مەنمۇ ئاۋاز بەردىم. قۇرۇلتاينىڭ تالاش -تارتىشسىز ياخشى ئۆتىشىگە ھەسسىمىز بۇلار دەپ ئويلىدىم
ئارىمىزدا يەنە سۈكۈت، يەنە جىم -جىتلىق
مەن، مۇخبىر ئېنىمىزنىڭ “د.ئۇ.ق. نىڭ بۇرۇنقى قۇرۇلتايلىرىدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللار بولغان.” دېگەن سۆزلىرىنى ئۆيلىنىپ قالدىم. توغرا. ۋاشىڭگىتون، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايلاردىمۇ، ئۆز نىزامنامىسىنى، دىموكىراتىك پىرىنسىپلارنى ئىتىۋارغا ئالمايدىغان، ھەتتا قانۇن، نىزامنامە، پىرىنسىپ، دېموكراتىيىنىڭ ئاياق -ئاستى بولىشى نورمال ئەھۋال قاتارىدا كۆرۈلگەن
مەن: ھاجەتخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالغانلارنىڭ بۇرنىغا سېسىق پۇراق پۇرىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.دېدىم ۋە  –  مەن، مەلۇم يىگىتنىمۇ، سىزنىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ۋىجدان ئاسمىندا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار، دەپ ئويلايتتىم. سىلەرنىڭ ھەركىتڭلانىڭ ئۆزى، پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتاينى قانۇنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ئىناۋەتسىز قىلىشقا يېتەرلىك ھادىسە، دېدىم.چۈنكى بۇ ئىككى نەپەر ئۈمىتۋار يېگىتنىڭ زىھنىنىڭ, ھالقىلىلىق پەيتلەردە پارالىچ ھالغا كېلىپ قالغانلىغىغا پەۋقۇلاددە ئېچىنغان ئىدىم

 

خىتايدىن يۇقتىرىۋالغان ئەخلاقى كېسەلدىن قۇتۇلالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟

بىز، خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ خىتاي ۋە شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېيىپلاۋاتىمىز.خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان دۆلەت قانۇنى، يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى، ئۆزى ئاياق- ئاستى قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي قانۇنىدا بار بولغان سايلاش،سايلىنىش ھۇقۇقىنى، بۇ قانۇننى چىقارغان دولەتنىڭ تارتىپ ئالغانلىغى ۋە پۇخرالاردا دېموكراتىك ھەق- ھوقۇقنىڭ يوقلىغى. دىن،تىل، مەدەنىيەت ۋە شەخسى ئەركىنلىكنىڭ ئېغىر بېسىمدا بۇلىۋاتقانلىغى، دېموكراتىيىنىڭ تامامەن يوق قىلىنغانلىقى… غەرپ دۆلەتلىرىدە بىزگە ھېسداشلىق ئويغۇتىشتا مۈھىم سالماقنى ئىگىلىمەكتە. يەنى، دۆلەتلەر، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى ۋە خەلقئارادا “ئەمەل قىلىمىز” دەپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمىغان خەلقارا قانۇنلارنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقىغا كۈچەپ قارشى چىقماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى نىمە ئۇچۇن دېموكىراتىنى ئوچ كورىدۇ؟ ئىرىشكەن بارلىق قانۇنسىز مەنپەتلىرىنى قوغداش ئۇچۇن. شۇڭا ئۇلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلتېيى،خەلق قۇرۇلتېيى ساختىلىق بىلەن تولغان. بۇنىڭ ئۇچۇن خەلقنى جاھىل قالدۇرىدىغان ئىجتىمائى تۇزۇمنى ئورناتقان

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان بىزلەر،چەتئەلدىكى دېموكىراتىيەنىڭ ئەۋزەللىگىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ”دېموكىراتىيە ئۇچۇن كۇرەش! شۇئارىنى ۋاقىراپ تۇرۇپ، ئۆزىمىز تۈزگەن نىزامنامىگە ئۆزىمىز ئەمەل قىلمىساق، ھەتتا ئاياق-ئاستى قىلساق، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى دېموكىراتىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكلىرى، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك، بىزنىڭ روھىمىزغا يۇقمىسا، خىتاي، خەلقىمىزنىڭ كۆزىنى يوياۋاتقانلىغىنى كورۇپ تۇرۇپ، بىزمۇ ئوخشاش ئۇسۇل، ئوخشاش ۋاستە بىلەن ئۆز خەلقىمىزنىڭ كۆزىنى بويىساق ياكى بۇياشقا ۋاستىچى بولۇپ بەرسەك، بىز نەپرەت قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ، بىزنىڭ نېمە پەرقىمىز قالىدۇ؟ بىلمىگەنلەرنىغۇ ”جاھىل“ دەپ ئېيىپلايلۇق، بىلگەن جاھىللارغا نىمە دەيمىز؟ تۇركلەردە بىر خەلق تەمسىلى بار ؛ ”گوش پۇراپ قالسا چارىسى تۇز. تۇز پۇراپ قالسا چارىسى يوق.“ مېنى ھەيران قالدۇرغىنى،  بىلىملىك ۋە ۋىجدانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، يۇكسەك دېموكىراتىكىراتىيە مەدىنىيىتى ئىچىدە، ئىپتىدائى جاھىللىق قورغىنىنى قانداق مۇۋاپىقىيەتلىك ساقلاپ قالالىغانلىغى بولدى. بەزىدە ئۆز -ئۆزەمدىن سورايمەن؛ خىتايدىن يۇقتىرىۋالغان ئەخلاقى كېسەلدىن قۇتۇلالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟

 

قانچىلىك قېيىن بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر, يېڭىلمەس كۇچ بولغان جاھالەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرمىز

ئەگەر دۆلەت تۈزىمى،بىر مىللەتنىڭ دىنىي ئىتىقادى، مىللىي كىملىكى، ئىجتىمائىي ئەخلاق قىممىتى ئاساسىدا قۇرۇلمىغان بولسا، بۇنداق دۆلەت تۈزىمىنىڭ مەقسىتى، ئەقلى سۈزۈۋېلىنغان كوللېكتىپ جاھىل توپ يارىتىشتۇر. ئىىنسانلار، يايلاقتىكى يىلقىلارنى تۇتۇپ باغلاپ، قورقۇتۇپ، يەم، سۇ بېرىپ، قامچا ئاستىدا ئۆي ھايۋىنىغا ئايلاندۇرغانلىغىغا ئوخشاش، يات ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرمۇ، مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلقنى ئاستا- ئاستا ئۆزىگە خاس روھ ۋە ئەقىلدىن ئايرىپ دۆلەتنىڭ مۈلكىگە ئايلاندۇرىدۇ. يايلاقتىن تۇتۇپ كېلىپ كۆندۈرۈلگەن يىلقىلارنىڭمۇ، جاھىللاشتۇرۇلغان ئىنسانلارنىڭمۇ رولى ئوخشاشتۇر؛ ئىتائەتكار ئەمگەك كۇچىغا ئايلاندۇرۇش. جاھىللاشتۇرۇلغان جەمئىيەت، چىرىگەن ھاكىمىيەتنىڭ ئۇزۇق مەنبەسىدۇر. جاھىللىق، ئازاپنى ئۇنۇتتۇرغۇچى خەرويىندۇر

يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا، ئۇيغۇر مىللىتىنى داۋاملىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ كەلگەن بىرىنچى دۈشمەن كۇچ نادانلىق – جاھالەتتۇر. دۈشمەننى يېڭىش مۇمكىن، ئامما نادانلىق- جاھالەتنى بىر ئەۋلات ياكى بىر قانچە ئەۋلاتنىڭ يېڭەلىشى مۇمكىن ئەمەس. جاھىللق – ئاخماقلىق دىمەكتۇر. جاھىللىق، ئەقىلنى، ۋىجداننى كۆر قىلىدىغان، ئادالەت تۇيغۇسىنى زەھەرلەيدىغان، مىللىي روھنى پارالىچ قىلىدىغان زەھەردۇر. جاھىل، جاھىللىق تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان تۇتقۇندۇر، گۇناھسىزدۇر. ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش جەريانىمىز، ئەينى زاماندا، كوللېكتىپ ھالدا جاھىللىق – ئاخماقلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش جەريانىمىزدۇر. مىللىي ئەقىل، مىللىي ھىسسيات تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان جەمىيەتتە ياشىغان خەلقنىڭ بۇگۇنىمۇ، كىلەچىگىمۇ تاڭ ئاتماس قاراڭغۇلۇققا مەھكۇمدۇر. چۇنكى، ھىسسىيات ھاياجاننىڭ، ئەقىل تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلىدۇر

بىر مىللەت، يات بىر مىللەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلسۇن، ياكى ئۆز مىللىتىنىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلسۇن، خەلق جاھىل، ھاكىمىيەت ئادالەتسىز بولسا، زۇلۇمنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى، ئۆزىگە ئائىت كۈچلۈك زىيالىيلار قوشۇنىغا ئىگە بۇلالىغىنى يوق. شۇڭا “سەن جاھىل، مەن دانا” دىيىشكە ھەققىمىز يوق. ھەممىمىزنىڭ روھىدا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نادانلىق – جاھالەت تامغىلىرىنىڭ ئىزلىرى بار. نادانلىق- جاھالەت، ئىنسان روھىغا سېلىنغان كويزا- كىشەندۇر. بۇ كويزا- كىشەندىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، قۇللۇق  روھىدىن قۇتۇلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. قۇللۇق روھىدىن قۇتۇلالمىغان مىللەتنىڭ ئەركىنلىكە ئېرىشىشى ھېچ مۇمكىن ئەمەس. بىر مىللەتنى توغرا يول بىلەن كىلەچەككە ئېلىپ بېرىشتا كۇمپاسلىق رولى ئوينايدىغان ئامىل، پەقەتلا قازانغان غەلىبە ئەمەس. بەلكى، خاتا ۋە نوقسانلاردىن ئالغان تەجىربە- ساۋاقتۇر. ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق كەتمەسلىگىدىكى سەۋەپ تەلىيىمىزنىڭ تەتۇرلىگىمۇ ياكى جاھالەت قەپىزى ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمىغانلىغىمىزمۇ؟ ئىزچىل تۇردە جاھىل پېتى قېلىش مۇۋاپىقىيىتىگە ئېرىشىشىمىزنىڭ سىرى نېمە؟ بۇ توغرۇلۇق يازىدىغان كوپ پىكىر – مۇلاھىزىلىرىم بار ئىدى. “ ياشىسۇن ئۇيغۇرلاردىكى جاھالەت!.“دەپ شۇئار توۋلىغۇچىلارنى سۇيۇندۇرمەسلىك ئۇچۇن توختاتتىم. ئامما تەپەككۇرۇمنى توختۇتۇشۇم مۇمكىن ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلىشى، جاھالەتتىن قۇتۇلۇش جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. جاھىللىق،پەقەتلا ئازاپنى ئۇنۇتتۇرىدۇ، ئامما ئازاپتىن قۇتقۇزمايدۇ

 

مەنبە

ئۇيغۇر ئېلىدە 14‏20-يىلى3411 كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان
ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا 2591 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان

Türkiyedeki İlahiyat Fakülteleri – PROF. DR. MEVLÜT UYANIK

Türkiye’de kaç ilahiyat fakültesi var?

İlahiyat fakültesi sayısı artıyor

Rakamlarla Türkiye gerçeği

Share
2082 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.