logo

trugen jacn

ئونسۇ توخۇلا يېزىسىدىكى ئاچا-سىڭىل سىياسىي مەھبۇسلار ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يەكەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى 49 ياشلىق ئېلى ياسىننىڭ ئائىلىسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە دىنىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى، ئەمما شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە لېنتا كۆرگەن ئىككى سىڭلىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىنالمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا بۇ ئاچا-سىڭىل روشەنگۈل ياسىن بىلەن ئارزۇگۈل ياسىننىڭ ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرى تەۋە بولغان توخۇلا يېزىسىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نۆۋەتتە يەكەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

دىنىي سىنئالغۇ ماتېرىياللىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىلگەن، ئونسۇ چاغراقلىق ئېلى ياسىننىڭ سىڭىللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، بىز ئۇلار تەۋە بولغان ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ توخۇلا يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

ساقچىخانا خادىملىرى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىز مەزكۇر ئاچا-سىڭىل تەۋە بولغان كەنت ئامانلىق مۇدىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. مۇدىر روشەنگۈل ياسىن بىلەن ئارزۇگۈل ياسىننىڭ ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 7 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، روشەنگۈل ياسىن 45 ياش، ئارزۇگۈل ياسىن 38 ياش، ئۇلارنىڭ ئاكا-ئۇكا ئەرلىرى ئېزىز ئابدۇۋەلى ۋە ئەخمەت ئابدۇۋەلى 47 ۋە 40 ياش بولۇپ، بۇلار نۆۋەتتە يەركەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

رادىئومىزدا ئىلگىرى بېرىلگەن، يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئائىلە بويىچە جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىشنى كېڭەيتمەكتە. بۇ ئەھۋالنى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قورقۇنچلۇق شەكىلدە تەھدىت سېلىشى دەپ چۈشەندۈرسە، بەزىلەر خىتاينىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتتىن چۆچۈپ كېتىشى دەپ تەرىپلىمەكتە، يەنە بەزىلەر بولسا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقا مىللەتلەرنى ئاشكارا ھالدا بوزەك قىلىشى دەپ قاراشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-din-06202016142304.html

Share
1405 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.