logo

trugen jacn

ئسلام دۆلەتلىرى ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك دۇنياسى،سلەر نەدە؟

 

ئافراسياپ

ئسلام دۆلەتلىرى ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك دۇنياسى،سلەر نەدە؟

 

سلەر يەنىلا جۇڭگونىڭ ئېقتسادى كۇچلۇك بولغانلىقى،سلەرگە مەنپەئەت بەرگەنلىكى ئۇچۇن ئۇنىڭغا ئشنەمسلەر؟تۆۋەندىكىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامىنتى، ياۋروپا پارلامىنتى دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇلار،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،دۇنيا كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلان قىلغان ئىككى يىللىق ئەھۋالدىن يېغىندىسى ،قىنى
كۆزۇڭلارنى يۇمۇۋالماڭلار،
كوممۇنست ۋە مىللەتچى ختتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى دىنسزلىققا، كوممۇنىست بولۇشىقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.سلەر نەدە؟
ئۇيغۇر بالىلىرى ختتايچە سۆزلىشش،ختتايچە كىينىش،خىتتايچە ھارام تائاملارنى يىيشش ،كۇڭزى ھەيكىلىگە باش قويۇش،كوممۇنست بايرىقىنى غايىسى بىلىشكە مەجبۇرلىنىپ،100%ختتاي قىلىپ تەربىيلنىۋاتىدۇ،سلەر نەدە؟
مۇقەددەس دىنى دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم ئەسەبى كىتاپ دەپ قارىلىپ توننا-توننىلاپ كۆيدۇرلىۋاتىدۇ، سلەر نەدە؟
2 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان رادىكاللاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن نازى كامپلارغا سولانماقتا ،ئىمانىدىن يېنىشقا مەجبۇرلىنىپ،چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانماقتا ،سلەر نەدە ؟
مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھۆكۈمەت تىلىدىن،مائارىپتىن قالدۇرۇلدى،بارلىق ئۇيغۇرچە كىتاپلار كۆيدۇرۇلدى،سلەر نەدە؟
شەرقى تۈركستاندىكى 24 مىڭ مەسجىددىن 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسجىد يېقىلدى،ئۆزگەرتىلدى،ختتاي زاۋۇتلىرىغا بىرىلدى،سلەر نەدە؟
60 مىڭدىن ئارتۇق دىنى ئۆلىما ۋە دىنى خادىملار رادىكال ھسابلىنىپ ،تۈرمىلەرگە تاشلاندى ،سلەر نەدە ؟
بۇيۇك ئالىم مۇھەممەد سالىھ تۇرمىدە ئۆلتۇرۇلدى،ئابدۇشۇكۇر ھاجى قاتارلىق داڭلىق ئۆلىمالار 20 يىللىق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.سلەر نەدە؟
ساقال قويغانلار،باش ئۆرتىسى ئارتقانلار،ھىجابلانغانلار بىردەك ئىغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا،سلەر راسچىل بولساڭلار ،قىنى نەدە ؟
پىلانلىق تۇغۇت سياستى يولغا قويۇپ،قورساقتىكى 9ئايغىچە بولغان بالىلارنى قىرغىن قىلماقتا ،قىنى سلەر نەدە ؟
تەربىيلەش لاگىرىغا قامالغان كىشلەرنى مەن مۇسۇلمان ئەمەس،مەن خەنزۇ ،مەن جۇڭگولۇق،مەن كوممۇنىتست دەپ قەسەم قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ،چوشقا گۆشى يىيشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ،ئسلامنىڭ ھىمايىچىسى بولساڭلار سلەر نەدە؟
ھۆكۈمەت مەمۇرى بولمىغان 18ياشتىن يۇقىرى 80ياشقىچە بولغان بارلىق ئەركەكلەر لاگىرلارغا،تۈرمىلەرگە قامىلىپ،ئىچكىرىدىن ختتايلار يۆتكەپ كىلىنىپ،ئەر زاتى بولمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا،توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا.سلەر نەدە؟
يىزىلاردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركى ئايال-قىزلىرى مەجبۇرى ھالدا دىنسز ،ئىمانسز ختتاي كاپىرلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ ،سلەر نەدە؟
ئاتا-ئانىسى قاماققا سولنىپ،يېتىم قالغان 200مىڭدىن ئارتۇق ئىگە-چاقىسز ئۆسمۇر ۋە كىچىك بالا بالىلار لاگىرلىرىغا سولاندى،ئنسان بالىسى بولساڭلار، سلەر نەدە؟
ختتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركستاننىڭ ھەممە يىرىگە كامىرا ئورنىتىپ،يۇز تونۇش ئوپىراتى بىلەن ھەر قانداق ھەرىكەتنى كونتىرۇل قىلدى،پۇتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ د ئەن ئاسنى يىغىدى ،ھەم بۇنى ئۆزىنىڭ باشلىقلىرى،بايلىرىنىڭ ئەزا ئالماشتۇرۇشى ئۇچۇن ئشلىتىۋاتىدۇ،سلەر مۇسۇلمان بولساڭلار،قىنى سلەر نەدە ؟
ئون مىڭلىغان يوقاپ كەتكەن ياشلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلماقتا،ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قىرىغان ختتاي بايلىرىنىڭ ئىچكى ئەزا يۆتكەش ئوپىراتىسيەسى ئۇچۇن ئشلىتىلمەكتە.سلەر نەدە؟
كەنت-كەنىتلەر ئارسى توسۇلۇپ،مۇسۇلمانلار ھىچقانداق يەرلەرگە بىرىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا،سلەر نەدە؟
بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاسپورتلىرى يېغىۋىلىنىپ،تاشقى دۇنيا بىلەن تىلفۇن،ئىنتىرنىت ئالاقىسى ئۈزۈۋىتىلدى،سلەر نەدە؟
تۈركىيە،سەئۇدى،مسر،پاكستان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلار ،بۇ يەرلەردە تۇققانلىرى بار كىشلەر 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا ،سلەر نەدە؟
ختتاي ھۆكۈمىتى مسر ھۆكۈمىتىگە بېسم چۇشۇرۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئىلىپ كەتتى،سلەر نەدە؟
ختتاي ھۆكۈمىتى پاكستان،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،سەئۇدى ئەرەبستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېغىپ،ئۇلارغا بېسم چۇشۇرمەكتە،ئسلام دۇنياسى سلەر نەدە؟
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ ،جاسۇس بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ،سلەر نەدە ؟
بارلىق ئۇيغۇر مەمۇرى باشلىقلار،زىياليلىرى،يازالىرى،سەنئەتكارلار ،بايلار ئىككى يۈزلىمىچى دىگەن باھانە بىلەن قاماقلارغا ئىلىندى،سلەر نەدە ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسى ئىگىلىكى ۋەيران بولۇپ،دىۋانە ،نامرات بولۇشقا مەجبۇرلاندى،يەرلىرى،ئۆيلىرى ،بازارلىرى ختتايلارغا ئايرىپ بىرىلدى،سلەر نەدە ؟

ختتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى چوڭ ۋە بايلىققا تولغان زىمىنىنى بېسۋالغان،ئۇيغۇرلار بۇ زىمننى قايتۇرۋىلىش ئۇچۇن قارشىلىق كۆرستىپ كەلگەن،نۆۋەتتە ،ختتايلار بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى دەپ قارشلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارغا مەخپى قىرغىن قىلىش ،ئاشكارا ئاسسلماتسيە قىلىش سياستىنى يۇرگۇزۋاتىدۇ….
ئسلام دۇنياسى! ختتايدا بىرلا پارتىيە بار،ختتايدا بىرلا مىللەت ھۆكۇمران ،خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى بىر مىلىيارد 300 مىلىييوندىن ئاشىدۇ،ھەممىگە شۇلار ھۆكۇمرانلىق قىلىدۇ،ئۇلار مىللەتچى شۇنداقلا ئاتىست،ئۇلاردا ھىچقانداق دىنى ئېتقاد يوق،ئۇلار مۇسۇلمانلارنى قالاق دەپ مەسخىرە قىلىدۇ،مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ غەرپ دۇنياسى بىلەن بولغان ياخشى بولمىغان مۇناسۋىتىدىن پايدىلىنىپ ،ئۇلار بىلەن ئېتتپاقلىشپ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يېتىم قالدۇرىدۇ.، يچەتئەل ئاخباراتى مۇستەقىل تەكشۇرۇش ئىلىپ بارالمايدۇ،ئۇيغۇرلار قارشلىق كۆرسەتسە تىرورچى دەپ ،پۇتۇن جەمەتى ۋە مەھەللە بويىچە قىرغىن قىلىۋاتىدۇ،قىنى سلەر ؟ختتايلار يالغانچى،كۆز بوياشقا ئۇستا،چەتئەل تەكشۇرۇش ئۆمەكلىرىنى نەچچە رەت ئالدىغان،چۇنكى ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ قولىدا،بايلىق ئۇلارنىڭ قولىدا.
پۇتۇن دۇنيادىكى خالىغان ئۇيغۇردىن بۇ ئەھۋاللارنى سوراپ باقساڭلار بولىدۇ،مۇشۇ ماقالىنى يازغۇچىنىڭ 23 تۇققىنى ئىز-دىرەكسز يوقالغان،چۇنكى ختتاي ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئۆزىگە تەھدىت ھسابلايدۇ.
ئەي ئاللاھنىڭ ئەزىز بەندىلىرى بولغان مۇسۇلمانلار،ئويغنىڭلار،ئسلامنىڭ ھەقىقى دۇشمىنى كوممۇنىزىمدۇر،چۇنكى ئۇ شىرىكتۇر،شەخسىنى -ماركىسنى خۇدا دەيدىغان ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەتتۇر،
ئۇلار دۇنياغا ختتايچە دىكتاتۇر،ختتايچە چىرىكلىك،ختتايچە شەكىلۋازلىق،ختتايچە يالغانچلىق،ختتايچە تەرەققياتنى ئومۇملاشتۇرماقتا،ئەمما ئاخىرىدا سلەرنىڭ زىمىنىڭلارنى مەبلەغ،ئېقتساد ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلماقچى
ئەگەر ئسلام ۋە تۈرك دۇنياسى ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ فاشست سياستىگە سۇكۇت قىلسا،بىر مەدەنى ۋە دۇنياغا تۆھپىدار بىر مىللەت يەر شارىدىن يوقۇلىدۇ

نەپس-ھەممە يامانلىققا باشلايدۇ! ئسلام دۇنياسى نەپسنىڭ كەينىگە كىرمەي ھەق يولىدا مۇستەھكەم تۇرغاي
ئاللا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زۇلمەتتىن قۇتقازغىن ! ئسلام دۇنياسنى ئويغاتقىن،تۇرك دۇنياسىغا كۇچ ۋە قۇۋۋەت بەرگىن

Share
1162 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.