logo

trugen jacn

ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا ئوچۇق رىقابەت ئېلان قىلدى

 

image

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى خىتاي ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا كىردى. خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى چاقىرتىپ نوتا تاپشۇردى. ئامېرىكا بولسا ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلارغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇنلۇقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جىددىيلىك يەنە يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ USS Lassen ئىسىملىك كۈچلۈك ھەربىي پاراخوتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تەستىقى بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان رايوندا ھەرىكەت قىلدى. ئۇ خىتاي ياسىۋالغان سۈنئىي ئاراللارنىڭ بىرىگە 12 ئىنگلىز مىلى يەنى 21 كىلومېتىرچە يېقىنلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن باياناتتىن قارىغاندا، ئەينى چاغدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ئىككى ھەربىي پاراخوتى ۋە بىر چارلىغۇچى پاراخوتىنى ئەۋەتىپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنى دەرھال رايوندىن چىقىپ كېتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بىراق، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى چاقىرىققا قۇلاق سالمىغان.

ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتكە قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆز خەۋپسىزلىكىگە تەسىر پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا «ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە، ئارالدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەم شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ۋە قارشىلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى كەچتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ماكس باۋكۇسنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغان.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى لەسسېننىڭ ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، ياپونىيەدىكى يوكوسۇكا ھەربىي بازىسىغا تىنچ-ئامان قايتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دائىرىلىرى بۈگۈنكى بۇ ھەرىكەتنى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ سۈنئىي ئاراللار ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بىر ھەرىكەت ئىدى، دېدى. ئامېرىكا تەرەپ شۇنداقلا بۇندىن كېيىن ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بۇنداق سەپەرلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي سۈنئىي ئاراللار ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان رايونلار فىلىپپىنغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، فىلىپپىن رايوندىكى داۋاگەرلەرنىڭ بىرى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى قارشى ئالغان. فىلىپپىن پرېزىدېنتى بېنىگنو ئاكۇينو پايتەخت مانىلادا بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى دېڭىز يولىنىڭ ئوچۇق ۋە راۋان بولۇشىنىڭ ھەم شۇنداقلا رايوندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كاپالىتى، دېگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالماي تۇرۇپ «رايوندىكى بىر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىرى ھەرگىزمۇ جاۋابسىز قالماسلىقى كېرەك» دېگەن.

جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان ئاراللار مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىسى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى بارلىق ۋەدىلەرگە قارىماي، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىككى تەرەپ بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغىنى يوق. ھازىر خىتاي، ۋېييتنام، فىلىپپىن، برۇنى، مالايشىيا ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار ھەممىسى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق خىتاي ھازىر تالاش-تارتىشتىكى رايونلارنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ يالغۇز ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئاتالمىش «خىتايغا تەۋە» يەرلەرگە كىرىشى خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن خىتاي تور ئابونتلىرى ۋېيبو تورىدا ۋە شۇنداقلا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇنبىرىدە خىتاي ئارمىيىسىنى «ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا تېگىشلىك قايتۇرما زەربە بېرەلمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن. تور قوللانغۇچىلىرى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاجىز كەپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئەگەر سەن ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى دەپسەندە قىلىشتىن قوغدىيالمىساڭ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغدايسەن؟» دەپ شىكايەت قىلغان.

ئامېرىكىدىكى ۋال سترىت ژۇرنىلى بولسا «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھالقىلىق دەقىقىلەر» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى كونترولنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتكە چۈشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھالىغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىغۋاگەر ھەرىكەتلىرىگە قىلىۋاتقان قارشىلىق سۆزلىرى بۈگۈن ھەربىي ھەرىكەتكە ئايلاندى. ۋاشىنگتون بۈگۈن خىتاينىڭ سۈنئىي ئاراللىرىنىڭ بىرىگە 12 ئىنگلىز مىلى يېقىنلىشىش ئارقىلىق دۇنيادىكى مۇھىم تىجارەت يولى بولغان ۋە مول نېفىت بايلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ھەل قىلغۇچ دېڭىز يولىدا ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتنى باشلىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى… ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي قۇدرىتىنىڭ كېلەچىكى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى شېرىكلىرىگە ئىشەنچ بېرىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.»

ماقالىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ سۈنئىي ئارال ياساشتەك ئىغۋاگەر ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقى پەقەت ئېغىزدىكى گەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئامېرىكىنى «قەغەز يولۋاس» قا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى، بىراق ئاخىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى رايونغا ئەڭ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن بىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق قىلغان گېپىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى، دەپ يېزىلغان.

ۋال سىترىت ژۇرنىلىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي، ئامېرىكا دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرققە بەرگەن بىر مەزگىلنى پۇرسەت بىلىپ، تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلغان ۋە ئامېرىكىنىمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي كۈچىنى قايتىدىن تەڭشەشكە مەجبۇر قىلغان. ۋال سىترىت ژۇرنىلى، ئەگەر خىتاي رايوندىكى ھەربىي كېڭىيىشىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشقا كىرسە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ئىقتىساد جان تومۇرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ھېسابلىنىدىغان ياۋرۇ-ئاسىياغا تىجارەت ئارقىلىق كېڭىيىش پىلانىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىچە، گەرچە پاكىتلار مۇشۇنداق بولسىمۇ، ھازىر خىتايدا كۈچىيىپ كەتكەن مىللەتچىلىكنىڭ بۇ مەسىلىدە ئوينايدىغان رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىكەن. بولۇپمۇ ئۆز خەلقى ئالدىدا «قۇدرەتلىك ئادەم» رولىنى ئويناۋاتقان شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىگە جاۋاب قايتۇرماي جىم تۇرۇۋېلىش قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ ھەم بۇ جەھەتتە كۈچلۈك جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ۋال سترىت مۇلاھىزىسى ئاخىرىدا «ئەمدىكى نۆۋەت خىتايغا كەلدى، تېخى يېقىندا ياپون تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى زور ھەربىي پارات بىلەن خاتىرىلىگەن شى جىنپىڭ ئاجىز كۆرۈنۈپ قېلىشنى خالايدىغاندەك ئەمەس» دەپ يازغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/amerika-xitay-10272015150519.html

Share
1391 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.