logo

trugen jacn

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيەسىدە ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ پىكىر بايلىقىدىن پايدىلانماقتا

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

3-ئاۋغۇست ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ سودا، ئېنېرگىيە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش ئېلىپ بېرىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى ھەمكارلىق يىغىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

قىزىقارلىقى شۇكى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەرى ئۆزىنىڭ قارشى ئېلىش سۆزىدە 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدىن مۇنداق بىر مىسرانى نەقىل كەلتۈرگەن:

«11-ئەسىردە ئۆتكەن شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىب مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: ‹دىپلوماتىك ئەلچى چوقۇم پازىل، ئاقىل، پاراسەتلىك ۋە جەسۇر بولۇشى كېرەك.› شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ تەكىتلىگەن يۇقىرىقى ئۆلچەملەر بۈگۈن ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئۆلچەملەردۇر!»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەرى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيەسىدە يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىدىكى دىپلوماتىك ئەلچىنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان يۇقىرىقى مىسرانى نەقىل كەلتۈرۈشى ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەرىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بېرىلگەن بىر سىگنال بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ.

تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئۆتكەن يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى قازاقىستانغا قىلغان دۆلەت زىيارىتىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستېراتېگىيەسىدىكى ئىلھام پىلتىسى قىلغان ئىدى.

مودى ئۆتكەن يىلى 7-ئىيۇل كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادىكى نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف مودىغا ھەمراھ بولغان ۋە ئۇنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلىغان.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئۆز نۇتقىدا ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىنتايىن قويۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاڭلارمەنلەرنىڭ كەيپىياتىنى ئىنتايىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن

abdurehim-otkur-305

ئۇنداقتا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئاستانادىكى نۇتقىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغان؟ مودىنىڭ بۇ شېئىرنى ئوقۇشتىكى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئورتا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت بولغان قازاقىستانغا بەرگەن سىگنالى زادى نېمە؟

ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، ئامېرىكىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

«ھىندىستان تارىختىن بۇيان ئورتا ئاسىيا بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئورتا ئاسىيادىكى ئەللەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن خىتاي، ھىندىستان، ئىران، تۈركىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەتراپتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئورتا ئاسىيادا تەسىر دائىرە تالىشىش كۈرىشى بولدى. بۇ جەھەتتە خىتاي ھەممىدىن بەكرەك كۈچىدى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئورتا ئاسىياغا بولغان كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدى. مودىنىڭ بۇ قېتىم قازاقىستاندا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېرىنى ئوقۇشى مەيلى ئىستراتېگىيە ياكى دىپلوماتىيە جەھەتتىن بولمىسۇن يوشۇرۇن قاراتمىلىققا ئىگە. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، مودى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ھەم خىتايغا، ھەم ئورتا ئاسىيا خەلقىگە ھەم قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموفقا يوشۇرۇن سىگنال بەرگەن. بۇ سىگنال خىتايغا نىسبەتەن ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئورتا ئاسىيا خەلقىگە نىسبەتەن ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قوشنا ۋە تارىخىي ھەمراھ ئىكەنلىكىنى، كەرىم مەسىموفقا نىسبەتەن مىللىي كىملىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان.»

شائىر ئەخمەتجان ئوسمان يەنە مودىنىڭ قازاقىستان سەپىرىدە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشى ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى گېئو-سىياسىي يىراق كۆرەرلىكنى كۆزدە تۇتقان، دەپ ھېسابلايدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/qutadghu-bilig-08092016154626.html

Share
1434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.