logo

trugen jacn

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى: قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنى ئىزدەپ -2

edc3c99a-795e-4840-b0e1-fcc3e90a4dc9

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇھاجىرەتتىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىندا تاماملىغان «ئۇيغۇر تارىخىدا ھۈنەر-تېخنىكا (يەتتە كەشپىيات)» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ 1980-يىللاردىكى تەتقىقات ھاياتى ۋە خەلققە سۇنغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى، ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشتىكى سەۋەبلىرى شۇنداقلا يېقىندا تاماملىغان يېڭى ئەسىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى ئۈستىدە ئۇچۇر بەردى.

سوئال: ھۆرمەتلىك قۇربان ۋەلى ئەپەندى، سۆھبىتىمىزنى يەنە داۋام قىلساق. سىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى، يەنى 1980-يىللاردا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، قەدىمكى تىل-يېزىق ۋە ئارخېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىڭىزدە بۆسۈش ھاسىل قىلغان ياكى زور تەسىر پەيدا قىلغان نۇقتىلار قايسىلار؟ بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب: 1980-يىللاردا مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمغا قارىتا پەيدا بولغان ئىنكاسلارنى يىغىنچاقلىسام، مۇنداق نۇقتىلارغا مەركەزلىشىدۇ: بىرىنچى، 1981-يىلى مەن ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق «تيانشان» ئەمەس بەلكى «تەڭرىتاغ» ئىكەنلىكى ھەققىدە تۇنجى ماقالەمنى ئېلان قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا «تەڭرىتاغ» دېگەن ئۇيغۇرچە نام قوللىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا يەنىلا «تيانشان» دېگەن خىتايچە نامنى قوللىنىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى، لېكىن ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلار ئەينى ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا بۇ بۇيرۇققا پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ھەتتا بىر گېزىتخانىنىڭ باشلىقى مۇشۇ سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئەمما پۈتۈن خەلق «تەڭرىتاغ» دېگەن نامنى قوللىنىدىغان بولدى. بۇ بەلكىم بىر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.

ئىككىنچى، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە يېزىقلارنى رەتلەش، تۈرگە ئايرىش ھەمدە تىل مەنبەسىنى ئېنىقلاش بويىچە 1983-يىلى يەنە بىر ئىلمىي ئىزدىنىشىمنى ئېلان قىلدىم. بۇ تەتقىقاتىمنى ھەتتا خىتاي ئىلىم ساھەسىدىكىلەرمۇ ئېتىراپ قىلدى. خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»دە شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بۇ تەتقىقاتىم ھەققىدە «شىنجاڭدىكى قەدىمكى يېزىقلارنىڭ سىرلىق دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇمۇ مېنىڭ تەتقىقاتىمغا بولغان ئەينى ۋاقىتتىكى بىر ئىنكاس.

ئۈچىنچى، 1983-يىلى بۈيۈك تىلچى مەخمۇت قەشقەرىنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى قەبرىسىنى بېكىتىش بويىچە بىر ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدۇق. مەن بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسلىق يازارلىرىنىڭ بىرى. كېيىن مەخمۇت قەشقەرىنىڭ قەبرىسى تىلشۇناسلارنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈشى ۋە بىزنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىمىز بويىچە رەسمىي بېكىتىلدى.

تۆتىنچى، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئۆزگەرتىپ نەشر قىلىش توغرىلىق بىر ئىچكى بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا ئىلمىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» ناملىق تارىخىي قوليازمىنى ئەينەن نەشر قىلدۇردۇم. كېيىن دائىرىلەر بۇ ئەسەرنى بارىن قوزغىلىڭىغا باغلاپ ماڭا سىياسىي تۆھمەت قىلدى.

سوئال: يۇقىرىدا سىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىز نەشرگە تەييارلىغان «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» ناملىق ئەسەرنى 1990-يىلىدىكى بارېن قوزغىلىڭىغا ئىدىيە جەھەتتىن قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ قارىغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز. بۇنى كونكرېتراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: 1990-يىلى بارېن قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندە خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىغان 500 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتۇپ، بىر-بىردىن سوراق قىپتۇ. ئۇلاردىن قانداق كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى سوراپتۇ. كۆپىنچە كىشىلەر «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» ۋە باشقا تارىخىي ۋە ئىسلامىي تېمىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر مەن نەشرگە تەييارلىغان «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» ناملىق كىتابنى بارېن قوزغىلىڭىغا ئىدىيە جەھەتتىن قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ خۇلاسە چىقىرىپتۇ. شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىم قاتتىق توسالغۇغا دۇچ كەلدى.

سوئال: بۇ يەردە سىزدىن ئاڭلارمەنلەر قىزىقىدىغان يەنە بىر سوئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا سىزنىڭ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىڭىزگە زادى نېمە سەۋەب بولغان؟

جاۋاب: بۇنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق بۇ ئەھۋال مۇنداق: 1980-يىللار مىللىي ئەنئەنە ۋە پەن-مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۇيغۇرلار مەلۇم ئىمكانىيەتلەرگە ئېرىشكەن بىر دەۋر ئىدى. بۇ ھەممە ئادەمگە ئايان. مېنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىم شۇ يىللاردا بولغان، كىتابلىرىممۇ شۇ يىللاردا نەشر قىلىنغان. 1989-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشىنى تانكا بىلەن باستۇرغاندىن كېيىن ھەممە نەرسە ئۆزگەردى. 1980-يىللاردىكى قىسقىغىنە بىر مەزگىللىك ئەركىن ھاۋا شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇندىن كېيىن مېنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىم ۋە خىزمىتىمدە ئېغىر توسالغۇلار كۆرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» ناملىق ئەسەر ماڭا تېخىمۇ زور سىياسىي بېسىم ئېلىپ كەلدى. بىزنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدىن تۈرلۈك ناملاردىكى «تەكشۈرگۈچىلەر» ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. ئاشۇنداق قىيىن شارائىتتا مەن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلدىم ۋە ناھايىتى تەسلىكتە پاسپورت ئالدىم. ۋەتەندە نورمال ياشاش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان، سىياسىي بېسىم كۈنسايىن ئاشقان بىر شارائىتتا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.

سوئال: يېقىندا تاماملىغان ئىلمىي ئەمگىكىڭىزنى سىزنىڭ 15 يىلدىن ئارتۇق مۇھاجىرەت ھاياتىڭىز داۋامىدا جۇغلىغان ۋە ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپ ئۆز ھەقىقىتى بويىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنغان يېڭى سوۋغىتىڭىز دېيىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، بۇ ئەمگىكىمنى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ 1980-يىللاردىن باشلىغان ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىمنىڭ داۋامى ۋە يېڭى شارائىتتىكى ئىنكاسى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەن ئامېرىكىدا ياشىغىلى 20 يىلدەك بولدى. بۇ جەرياندا داۋاملىق ئىزدەندىم، ماتېرىيال توپلىدىم. ئۇيغۇرلار ئىجادكار خەلق. ئۇلار دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا زور تۆھپە قوشقان خەلق. مۇشۇ خەلقنىڭ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىجادىيەت. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىلگەن. ئۇلارنى ئىلمىي دەلىللەر ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ-يوق؟ بۇ دەل مېنىڭ ئىزدىنىش يولۇم ۋە بۇرچۇم. بۇنى ئىسپاتلاشقا ناھايىتى نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلەر لازىم. ئۇلارنى بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇشقا ۋە ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ. مەن ھازىر شۇنىڭغا تۇتۇش قىلدىم. مانا بۇ مېنىڭ 20 يىللىق ئامېرىكا ھاياتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/uyghur-medeniyet-12032014141755.html

Share
2304 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.