logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: قاناتسىز خەت

 

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

قاناتسىز خەت

 
كۆزۈمنىڭ يورۇقى، روھىمنىڭ ئوزۇقى قىزىم. بۈگۈن ئۆزۈم تەلپۈنگەن ۋەتەننىڭ نۇرسىز بىر بۇلۇڭىدا ساڭا قەلەمسىز، قەغەزسىز ئولتۇرۇپ خەت يېزىۋاتىمەن. بىلىسەن خەتنى قەغەزگە ئەمەس، قەلب قۇرلىرىمغا يېزىۋاتىمەن. قاناتلىرى بوغۇلغان سېغىنىشلىرىمنى، سىقىلىشلىرىمنى ساڭا تۆكۈۋاتىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئىككىمىز مەھەللىمىزدىكى چىمەنلىكتە ئويناۋاتقان ئىدۇق. سەن داداڭنىڭ شۇ چاغدىكى خىياللىرىنى بىلمەيتتىڭ. داداڭنىڭ بېشىنى چىڭ قۇچاقلاپ مۈرىسىدىن پۇتلۇرۇڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغىنىڭدا ئاشۇ باشتا نېمىلەرنىڭ قايناۋاتقانلىقى ساڭا نامەلۇم ئېدى. بەلكىم دادىسىز قالغان مۇشۇ كۈنلەردە ساڭا يەنە نۇرغۇن تۈگۈنلەر يېشىكسىز، نۇرغۇن سۇئاللار جاۋاپسىز قالدى. سەن دادىسىز دۇنياغا ياشلىق كۆزلىرىڭ بىلەن باققىنىڭدا قەلبىڭدە چۈشىنىكسىز جۇدالىقتىن باشقا قانداق تۇيغۇلارنىڭ ئىسيان قىلىغىنىنى پەرەز قىلالمايمەن. پەقەت قەلبىڭدىكى دادا مېھرى بىلەن لىقلىنىدىغان يېرىملىكلەرنىڭ بوش قېلىۋاتقانلىقىدىن، دادا قۇچاقلىرى بىلەن يېتىلىدىغان بەردەملىكنىڭ كەم قېلىۋاتقىنىدىن ئۆرتىنىمەن. ئاناڭنىڭ كۆزىدىن مىسكىنلىكنى، ئانامنىڭ يىغىسىدىن ناتىۋانلىقنى ئۆگىنىپ قىلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن.
يېنىڭدىكى چاغلىرىمدا قەشقەر كوچىلىرىنى مۇدھىش چارلايدىغان قوراللىقلارنى كۆرۈپ سىرقىراپ تۇرساممۇ ئالدىڭدا تەمكىن قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم. ئۇلارنى رەزىل ئادەملەرنى، نومۇسسىز ئەبلەخلەرنى، ۋىجدانسىز گېزەندىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن قوراللانغان ئاكاشلار دەپ چۈشەندۈرگەنىدىم. شۇ كۈنى ئاشۇ قوراللىق ئاكاشلار مەھەللىنى قورشاپ ئۆيىمىزنى ئاقتۇرغاندا قانداق ئويلىغانسەن؟ داداڭنىڭ يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىڭ، بەلكىم ئۇلارنىڭ خاتا كىرىپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغانسەن. خاتالىقىغا كەچۈرۈم سوراپ تۇتۇپ كېتىلگەن داداڭنى ھامان قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا چىنپۈتكەنسەن. مەنمۇ شۇنداق ئويلىغانىدىم. ئەمما خاتالىشىپتىمەن قىزىم. سېنى خاتالاشتۇرۇپتىمەن قوزام. خاتالاشقىنى بىز ئىكەنمىز. قوراللىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتامانلىرى خاتالاشماپتۇ. داداڭ خەتەرلىك ئىكەن، ئۆز قىزىنى ئاتا مىراس تەۋەرۈك ۋەتىنىدە، ئانىسىنىڭ مېھىرلىك تىلىدا ئوقۇتماقچى بولغىنى جىنايەت ئىكەن. داداڭنىڭ ئۆز بالىسى ئۈچۈنلا ئەمەس بالىلار ئۈچۈن غەم يىگىنى، بالىسى ئۈچۈنلا ئەمەس بالىلار ئۈچۈنمۇ باش قاتۇرغىنى خەۋپلىك ئىكەن. داداڭنىڭ قەلبىدىكى غۇبارسىز، مەسۇم بالىلىق دۇنياغا بولغان مۇھەببەتمۇ ئۇلار ئۈچۈن تەھدىت ئىكەن. بۇلارنى سوراق جەريانىدا بىلدىم. ئۇلار داداڭنىڭ يىلىغا يۈزمىڭ سوملاپ تاپقىلى بولىدىغان ئەقلى ۋە ئىقتىدارى بىلەن زەردارلىق يولىنى ئەمەس ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللىۋالغىنىنى چۈشىنەلمەپتۇ. بارلىق قىممەت ۋە قەدىرىيەتلەرنى پۇل ۋە مەنسەپ بىلەن ئۆلچەيدىغان شۇ كىشىلەرنى قەلبىمدىكى مۇھەببەتكە، ئىماندەك پاك بالىلارغا ئاتالغان سۆيگۈگە ئىشەندۈرەلمىدىم قىزىم. ئۇلارنى سەبىلەرنىڭ چۇۋۇرلاشلىرىدىن شاتلىنىدىغان، ئۇلارنى سىھىرلىك تەبىئەت ۋە مىھىرلىك جەمئىيەت باغرىدىن ئاۋۇندۇرىدىغان بىر دادا ئىكەنلىكىمگە ئىشەندۈرەلمىدىم. سوراققا كەلگەن پەرزەنتلىك دادىلارغا، ئىنى-سىڭىللىق ئاچا-ئاكىلارغا، مىھرى ئاتەش ئانىلارغا قولۇمدا ئىشكەل قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنى مېنى سوراق قىلىشقا، قىستاشقا، قاماشقا ۋە جىنايەتچى دەپ سەتلەشكە قايسى كۈچنىڭ مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم. خۇددى ھېچكىم ساڭا مېنىڭ نەدە نېمە ئۈچۈن ئىشكەللەنگەنلىكىمنى دەپ بېرەلمىگەندەك، مەنمۇ نېمىشقا سەنسىز، قۇياش ۋە ئايسىز قارا قەپەزگە بەنت قىلىنغانلىقىمنى سۆزلەپ بېرەلمەيمەن.
دەسلەپكى كۈنلەردە سېنى «دادامنى بۆبۈش تۇتۇپ كەتتى» دەپ بىلسۇن دېدىم. كىچىكىمدە بۆبۈش ھەققىدە قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى ئاڭلايدىغان. شۇڭا بۇ تۇتقۇنلۇقنى بۆبۈشكە ئارتىپ قويماقچى بولدۇم، ئەمما سېنى ئۇنداق يالغان نەرسىلەردىن قورقۇپ چوڭ بولمىسۇن، سېنى ھىچ كىم كۆرۈپ باقمىغان شەيئىدىن تەشۋىشلەنمىسۇن دېدىم. قورقۇنچ دېگەن بۇ ئىبلىستىن يىراق ياشىسۇن دېدىم. چۈنكى ۋەھىمە ئەقىلنىڭ دۈشمىنى، روھنىڭ قاتىلى. ئادەمنىڭ قورقۇپ كەتكەندە پۇت قولىدا جان قالمايدىغۇ بۇ روھنىڭ جان تالاشقىنى، ئادەم تۇيۇقسىز ۋەھىمىدە قالغاندا مېڭىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدىغۇ بۇ ئەقىلنىڭ تەسلىم بولغىنىدۇر. بار نەرسىنىڭ قورقۇنچىدىن، كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەھىمىدىن ئەنسىرىمەيمەن قىزىم. چۈنكى ھەرقانداق كۈچلۈك كۆرۈنگەن شەيئىنىڭ بىز ۋاقتىنچە بىلەلمىگەن، خەۋپسىرەپ كۆرەلمىگەن ئاجىزلىقى بولىدۇ. كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ۋەھىمىسىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ، ئازايتقىلى بولىدۇ، يەڭگىلى بولىدۇ. ئەگەر قورقۇنچ بۆبۈش، ئەجدەرھا ۋە يالماۋۇز دېگەندەك كۆرۈنمەس بىلىنمەس نەرسىدىن كەلگەن، سىڭگەن بولسا ئۇ نەرسىلەر ھامان قەلبلەردە خالىغان ۋەھشى شەكىلدە زاھىر بولىدۇ. مۆلچەرلىگۈسىز كۈچىيىپ، يەڭگۈسىز دەھشەت تۈس ئالىدۇ. شۇڭا رىياللىقتىكى تۈرلۈك زورلۇق، ئىسكەنجە، سەدىقە ۋە جازالار ئارقىلىق قەلبكە سىڭدۈرىلىۋاتقان قورقۇنچ بەكرەك خەتەرلىك. ئۇ بىلىنمەي زورىيىپ يۈرەكنى قارماللايدۇ. بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ قورقۇنچاق ئادەمنى يۈرىكى يوق دېگىنى شۇ. مەن سېنى ئاللاھتىن باشقا قورقۇنچى يوق يوق ئادەم قىلىمەن قىزىم. سېنى تۇمشۇقلۇقلارغا چوقۇغۇزماي، تىرناقلىقلارغا تاتىلىغۇزماي، قاناتلىقلارغا قاققۇزماي باقىمەن قىزىم. قىزىم، مېنى بۆبۈش قاماققا ئالمىدى، ئىبلىس باغلىمىدى، ئەجدەرھا دەم تارتمىدى. مېنى زىندانغا سالغىنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ رەھىمسىز، پاسكىنا قولى ۋە تويماس نەپسانىيەتچىلىكى مۇھەببەتلىك يۈرىكى ئەمەس. ئۇنداقتا سېنى مەنسىز، مېنى سەنسىز قويغان زادى نېمە؟ ئاپارات-ئورگانلارنى ساڭا دۈشمەن كۆرسىتىمەنمۇ؟ ئۇ جايلاردىكى ئادەملەردە مۇھەببەت يوقمۇ، يۈرەك يوقمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن قىزىم. ئېسىمدە يوق، ئېسىمدە قالغىنى تاماكىدىن قارىدىغان يۈزلەر، ھاراقتىن قىزاغان كۆزلەر، ھارامدىن بىقسىغان نەپەسلەرلا بولدى.
مېنى كەچۈرەرسەنمۇ قىزىم. چوڭلار بىلەن، چوڭ ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىمەن دەپ ساڭا سەل قارىدىم. سېنىڭ ئانا تىلغا، ئانا دىيارغا قانداق ئۆزلەشكەنلىكىڭنى بىلەلمەي قالدىم. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن سېنىڭ ئانا تىلدا قايتا يارىلىدىغان دۇنيايىڭدا ساڭا ھەمدەم بولالمىدىم. ۋەتەنگە يېڭى قايتىپ ئانا تىلىڭدا سۆزلىيەلمەي، سۆزلىيەيدىغان تىلنى ھىچ كىمگە ئۇقتۇرالماي قالغاندىكى پۇچىلىنىشلىرىڭغا ياردەمچى بولالمىدىم. تۈگىمەس دەرس، پۈتمەس سۆھبەت، ئاخىرلاشماس مېھماندارچىلىقلاردا يۈرۈپ ساڭا چۆچەك سۆزلەشنى ئۇنۇتتۇم. كۈنلەپ كۆرۈشەلمىگىنىمىزدە «مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇملا بار، دادام يوقمۇ» دېگىنىڭدە ئازابلاندىميۇ ھېكايىچى دادا، سىرداش دادا، سەپەرداش دادا، ھەمراھ دادا بولالمىدىم. ئامېرىكىدىن بىر كەلگەنچە دەرياغا چۈشكەن خەستەك سېنىڭ يېنىڭدىن، دۇنيايىڭدىن، تىلسىملىق ھاياتىڭدىن، تۈگىمەس سوئاللىرىڭدىن خەۋەرسىز قالدىم قىزىم.
ئامېرىكىدىن قايتارشىمىزدا سەن ئامېرىكىدا ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىڭنى ئېغىر كۆرمەي نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر ئارىلىقتىن كۆتۈرۈپ كەلگەن بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئوقۇپ بېرەلمىدىم. ساڭا قويۇپ بېرىمەن، سەن بىلەن كۆرىمەن دەپ ئېلىپ كەلگەن نەچچە يۈز بالىلار فىلىمىنىڭ بىرىنىمۇ سەن بىلەن كۆرۈشۈپ بىرەلمىدىم. ئامېرىكىدىكى ھاياتىڭ ھەققىدە يازماقچى بولغان «مەسئۇدە ۋە ئامېرىكىلىق تىيىن» ناملىق كىتاب ئاغزىمدا، پىلانلىرىمدا قالدى قىزىم.
مېنى ئەپۇ قىلارسەنمۇ قىزىم. ئۆزىدىن، باغىرلىرىدىن باشقا ھەممە ئادەمگە ۋاقىت چىقىرالايدىغان، ئائىلە غېمى بىلەن ئەمەس دۇنيانىڭ دەردى بىلەن ياشاشنى ئەلا بىلىدىغان بولۇپ قالغىنىمنى چۈشىنەرسەنمۇ؟ 2011-يىلى 10-ئىيۇل قەشقەردە تۇنجى لېكسىيەنى ئۇيۇشتۇردۇم. لېكسىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەن سەھنىگە چىقىپ ئىشتىراكچىلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىڭ، مەنمۇ سارغۇچ چاچلىرىڭنى سىلاپ لېكسىيەمنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنىدىم.2012 -يىلى 20-يانۋار قەشقەردە يەنە بىر قېتىم لېكسىيە قىلدىم. مەن سۆز باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئالدىمغا يۈگرەپ كېلىۋاتساڭ قولۇمنى شىلتىپ توختۇتۇپ قويۇپتىمەن. ئاناڭغا ئېسىلىپ يىغلاپ كېتىپسەن. ئەسلى كېلىپ مېنى سۆيۈپ قويماقچى ئىكەنسەن قىزىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىدىم لىكىن بىر قېتىممۇ سەھنىگە يېقىن يولۇمىدىڭ قىزىم. ئامېرىكىدا سەن قوشۇلمىساڭ ھىچ يەرگە بارمايدىغان، ئۇخلايدىغان چېغىڭدا سەن رازى بولمىغان ھىكايىلىرىم ھەققىدە پۇشايمان يەيدىغان، سەن ياقتۇرغان كارتونلارنى بىللە ساقلاپ كۆرىدىغان دادا ئېدىم. سەن ھەرقانداق سورۇندا قېشىمدا ئېدىڭ، ھەرقانداق جايدا كۆزۈمدە ئېدىڭ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەقلىم سەندە ئېدى. ۋەتەندە چوڭلار سەندىن مۇھىم بىلىندى، ئاقساقاللار سەندىن ئىتىبارلىق بولدى، قۇدرەت ساھىبلىرى سەندىن مەنپەئەتلىك تۇيۇلدى. ۋەتەندىكى ئاجىزلار كۈچلۈكلەردىن، ئاز سانلىق كۆپ سانلىقتىن، پۇلسىز پۇلداردىن كەمسىنىدىغان، قىسىلىدىغان ۋە بۇنداق كەمسىنىش ۋە قىسىلىش ھاياتنىڭ ئايرىلماس مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالغان مۇھىتتا مەن سەندىن ئىجازەتسىز ئۆز پىلانلىرىم بىلەن يۈردۈم. سەندىن، سېنىڭ مەۋجۈتلۇقىڭدىن، ئارزۇ-خاھىشلىرىڭدىن مۇستەسنا قارار چىقىرىشنى مەنمۇ تەبئىيلىك دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدىم. قانداق ئۆزگەرگىنىمنى، مۇھىتنىڭ قۇربانلىقىغا قانداق باش قويغىنىمنى، سورۇندىكى، سەھنىدىكى، ئىكراندىكى ئوبرازىم ئۈچۈن سېنى يەنە نىمىلەردىن مەھرۇم قويغىنىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيمەن قىزىم.

مەنسىز يەتتىگە كىرىپ ئاشتىڭ، دادىسىز بۇ كۈنلىرىڭ يەنە تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. قامالغىنىمغا پۇشايمان قىلمىدىم قىزىم، پەقەت سېنى كۆرەلمىگەن بۇ ھىجران تۈنلىرىگە ئۆچ بولدۇم. كۆك ئاسمان، ھېلال ئاي، نۇرلۇق يۇلتۇزدىن مەھرۇم كۈنلەردىكى، ئەخلەتتىن ئەرزىمەس ھالىمغا ئۆكۈنگەندەك بولدۇم. لىكىن شۇنىڭغا ئىشەن قىزىم، داداڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھ بىلەن سەبىرلىك، مۇھەببەتلىك ئۇيغۇر بىلەن كۈچلۈك، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرى بىلەن ئۈمىدۋار. داداڭغا مىڭلىغان مېھرىبانلارنىڭ تىلەكلىرى ھەمراھ قىزىم. سەن تېخىمۇ ئامەتكە يېقىنسەن. چۈنكى داداڭنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. ئاناڭ، موماڭ ۋە تاغا-ھاممىلىرىڭنىڭ داداڭ سەۋەپلىك قامالمىغانلىقى سېنىڭ بەختىڭ. پەقەت سەن بۇرۇنقىدەك داداڭنىڭ خەتلىرىنى كۆرەلمەيسەن، قۇچاقلىرىغا تاشلىنالمايسەن، داداڭنىڭ مۈرىسىدە يىراقلارغا نەزەر سالالمايسەن. چىدا قىزىم، بەرداشلىق بەرگىن. ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق ئۇيغۇر بولىدۇ. دائىم قورقىتىلىدۇ، تەكشۈرىلىدۇ، قاماقتا ياتىدۇ، يوقاپ كېتىدۇ، ۋە ھەتتا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇيغۇر قۇدرەتلىك قىزىم، ئاللاھ ئۆزىگە ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرىنى شۇنداق سىنايدۇ. ئاللاھ ئەڭ بەرداشلىق قەۋمىگە تاغ يۈكلەيدۇ. بۇنىڭغا ئىمانىم كامىل قىزىم. مەن پەقەت سېنى سېغىنىپ ئازاپلىرىمنى سۆزلەپ، ئاچچىقلىرىمنى ئېيتىپ سالدىم. ھەممىمىزنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغاي.
سەندىن ئەنسىرەيمەن قىزىم. دادىسىز كۈنلەردە دادىلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن. ئەتراپىڭدىكى تىلى قىسىلغان، دىلى سىقىلغان، بوينى ئىگىلگەنلەرنىڭ ئەكسىچە ئۆز ئانا تىلىدا مەغرۇر سۆزلەپ، مەغرۇر يايراپ ئۆز زۇۋانىدا ھاكاۋۇرلارچە كالدىرلىشىۋاتقانلاردىن نەپرەتلىنىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن. مەن كىچىكى چۈمۈلىدىن تارتىپ چوڭى ئالەمگىچە ھەرقانداق شەيئىدە ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكى، بەرىكىتى ۋە مېھرىنى ھىس قىلىپ بىلىپ ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ سۆيگۈ بىلەن ئۆلچەيدىغان ئەقىدىسىدىن سېنىڭ ئاشۇنداق نەپرەتلەر سەۋەپلىك يىراقلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

Share
1717 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.