logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: دوكتۇر سۆھبەتتە

Abduveli Ayup

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

دوكتۇر سۆھبەتتە

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەرتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاساسەن يازغۇچىلار ۋە ئىجتىمائىي پەن زىيالىلىرى پىكىر بايان قىلىپ كەلدى. تەبىئى پەنلەردە يېتىشكەنلەر كۆپىنچە كەسپ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرغا، شۇنداقلا دۇنيا، ئىنسان، ھايات، پەرزەنت ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە دائىر قاراشلارنى ئىپادىلەشتىن مەھرۇم. بۇ ئىككى ساھەدىكى زىيالىلارنىڭ ھەمكارلىقى تېخى كۈنتەرتىپتە ئەمەس. ئۇيغۇرلاردا يەنە بىر  قاتلام ئۆلىمالاردۇر. بۇ قاتلام ئاۋامغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىزچىل موھىم رول ئويناپ كەلگەن بولسىمۇ، زىيالىلار بىلەن ھەمدەملىكى تېخىچە ئارزۇ پېتى. ئارىمىزدا بۇ ئۈچ قاتلامنىڭ كېسىشكەن نوقتىسىدىن پىكىر قىلىشنى باشلىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ياپۇنىيەدە ياشاۋاتقان دوكتۇر ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان زىيالىلارنىڭ پىكىر ۋە ئىشتىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان پەخىرلىك دوستلىرىمىزنىڭ بىرى.

ئابدۇكېرىم توكيودىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرىستىتنىڭ قوللىنىشچان فىزىكا دوكتۇرى بولۇپ ئۇنىڭ ئىتىقات ھەققىدىكى ئويلىغانلىرى 2010-يىلدىن باشلاپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكىلى باشلىدى. ئۇ شۇ يىلى ئەزھەردىكى ئۆلىملار باشقۇرىۋاتقان ساچىيە تورىدا  دىن بىلەن پەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ماقالىگە ئويلىغانلىرىنى يازدى. ئۇنىڭ پىكىرلىرى ئۆزگىچە بولۇپ مېنى قايىل قىلغان ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ باشلىغان ”ئەزھەردىكى ئۆلىما بىلەن بىر فىزىكا دوكتۇرىنىڭ مۇنازىرىسى“ تورنى ئاۋات قىلدى. مۇنازىرىنى ئابدۇكېرىم ئەركىن پىكىر قىلىش، قورقماي پىكىر قىلىش ۋە چوڭقۇر پىكىر قىلىشنى تەشەببۇسى قىلىپ باشلىدى. ئۇ مۇنازىرىدە «ئىسلامنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار. ئىسلامنى سىىرلىقلاشتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرنى ئىلاھلاشتۇرۇش، ئۆلىمالارنى غايىۋىيلەشتۈرۈشمۇ چوڭ بىر مەسىلە» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىننى سىرلىقلاشتۇرىشى، مونۇپۇل قىلىۋېلىشى، دىندا مۇنازىرىگە يول قويماسلىقى، لوگىكىلىق تەپەككۇرنى چەكلىشى، دىننى زامانغا ماس چۈشىنىشتىن قورقىشى قاتارلىقلارنىمۇ مۇنازىرە جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئەزھەردىكى ئۆلىما بىلەن فىزىكا دوكتۇرىنىڭ مۇنازىرىسى ئۇيغۇر پەننى زىيالىلار بىلەن دىنىي زىيالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.  (كېيىن گەرچە ئەركىن ئاكىمىزمۇ دىن ھەققىدە يازغان بولسىمۇ قارشى ئېلىنمىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ «سىز ئۆلىما بولمىغاچقا دىن ھەققىدە يازماڭ» دېگەن تەكلىپىگە «قاچان ئۆلىمالاردىن بىرسى ئورنۇمغا يازسا، مەن توختايمەن» دېگەن ئىدى. ئەپسۇس، يېزىش توختىغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ئورنىغا ئادەم چىقمىدى). ئابدۇكېرىم بىلەن ئەزھەرىي ئۆلىمانىڭ مۇنازىرىسى قانۇنىيەت، موجىزە، پەننىڭ ۋە دىننىڭ ئوبېكتى، دىندىكى ھۆكۈم ۋە دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشى، زاكات قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە بولدى. بۇ جەرياندا ئابدۇكېرىم سان سىپىرلار بىلەن كۆپرەك، ئەزھەرى ئۆلىما ئازراق يازغان بولدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى مۇنازىرە ئابدۇكېرىم ئوتتۇرىغا قويغان « مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن كېيىن ۋەھىي ئۈزۈلدى، ئاللاھنىڭ قېشىدىكى ئەڭ توغرا ئىشنى قانداق بىلىمىز؟ جاھان تەرەققىي قىلىپ ئىشلار بەك مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەر ھەممە سۇئالغا بىۋاستە جاۋاپ قىلغىنى يوق. ئاساسلىقى يولنى كۆرسىتىپ بەردى. كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە ئەقلىمىزگە تايىنىپ يېڭى ئىشلارغا جاۋاپ قىلساق بولمامدۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھايات چېغىدا ھەدىس توپلاشقا رۇخسەت قىلمىغىنى، كېيىنكىلەرنى پىكىر قىلىشقا، ئەقىلگە تايىنىشقا ئىلھاملاندۇرغىنى بولارمۇ؟ بۇنىڭغا مېنىڭ ئىسپاتىم يوق، بۇ ھەقتە سىزنىڭ ئىزدەنگەنلىرىڭىز بارمىدۇ؟» دېگەن سۇئاللارىغا جاۋاپ چىقماي موھىم يەردە ئاياقلاشقان.

دوكتۇر ئابدۇكېرىمنىڭ پىكىرىلىرى ئۇندىن كېيىن توختاپ قالغىنى يوق. ئۇنىڭ قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدىكى «تۈركىيە نېمىشقا ياپۇنىيەگە يېتەلمەيدۇ؟» دېگەن تېمىدا، قاسىم سىدىقنىڭ «شەكىل نەزەرىيەسى» ۋە «ياپۇنلۇقلارنىڭ مىللى روھى» دېگەن تېمىلاردىمۇ ئۆزگىچە قاراشلىرى بار. ئۇ «بۈگۈن ئەقلى تەپەككۇر قىلدىڭىزمۇ» دېگەن يازمىسىدا «بىلسىڭىز كىشىلەرنىڭ دىننى توغرا چۈشەنمەسلىكى ياكى بۇرمىلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتچانلىقى، ئەركىن، ئەقلىي پىكىر قىلىشى سۇسلاشتى»، دەپ يازغاندىن كېيىن يەنە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى باردەك قىلاتتى. يىللاپ ساقلىدۇق، ئەمما جىمىپ كەتتى.

ئۇزاقتىن بېرى قايىل قىلارلىق، چوڭقۇر ۋە ئەركىن مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلاتماي ئىچىگە يىغىپ، بىزنى سېغىندۇرىۋاتقان بۇ دوستۇمنىڭ زادى نېمىنى نىشانلاپ، نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى ھەققىدە بەكمۇ بىلگۈم كېلىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇشخەۋەر كەلدى. ئۇ ئاۋازلىق ۋە يازما شەكىلدە ئىچكىرىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش، ئۈرۈمچىدە ماگىستىرلىقتا  تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتتە ئىشلەش، ياپۇنىيەدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش، ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنت تەربىيەلەش ۋە بىر دۇنياۋىي شىركەتتە مۇتەخەسىس بولۇش جەريانىدا ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولۇپ ماڭا مەسلىھەت ساپتۇ.

بۇنداق تولىمۇ زۆرۈر مەسلىھەتكە لايىق كۆرۈلگىنىمدىن ھاياجانلاندىم. ھەمدە ئابدۇكېرىمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنىڭ بۇ خالىس پىداكارلىقىنى تونۇشتۇرۇشنى تاللىدىم. بۇ خاسىيەتلىك ئىشنىڭ ئومۇملىشىشىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى ئۆلىما، دوكتۇر، مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ ئابدۇكېرىمگە ئوخشاش پىداركارلىققا ئۆتۈشىنى، ئۇنىڭدەك «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ياخشىلىققا باشلاش ئۆزىنى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى» دەپ قارايدىغان قاتلامنىڭ زورىيىشىنى، ئۇ باشلىغان ياخشىلىق سېپىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇرىشىنى ئۈمىت قىلىدىم. ئابدۇكېرىم بۇ خالىس خىزمەتنى ئاللىقاچان باشلاپ بولدى. ئۇنىڭ بىرىنجى قېتىم تەييارلىغىنى «ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەر سەرخىللار». بۇندىن كېيىنكى سۆھبەتلەردە ئۇ ياپۇنىيەدىكى پەرزەنت تەربىيەسى، ئائىلە مائارىپى، ياپۇنىيەدىكى مائارىپ ۋە بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قاتارلىق تېمىلاردا دائىملىق مۇلاھىزىلىرىنى سۇنماقچى

http://www.akademiye.org/

Share
1325 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.