logo

trugen jacn

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ تارىخى قىممىتى

image

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان، داڭلىق يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل دەل 20 يىل بولدى.

ئۇنىڭ يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، بەلكى شائىرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ۋە چەت ‘ئەلدە زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇلۇپ تەتقىق قىلىنماقتا.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ تالانتلىق، تونۇلغان يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 1940-يىللاردا يېزىپ قالدۇرغان «يۈرەك مۇڭلىرى»، «تارىم بويلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بىلەن 1980-يىللاردىن كېيىن يېزىپ نەشر قىلدۇرغان «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» ناملىق يىرىك ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس نەمۇنىلەر سۈپىتىدە چەتئەللەردە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تەرجىمە قىلىنىپ ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىنماقتا.

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى گۈلزادە تانرىداغلى خانىم، ئۇ، 1996-يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىغان «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر رومانچىقى» ناملىق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرىنى تەھلىل قىلغان. 2007- يىلى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئۆزگۈر ئاي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى توغرىسىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يازدى. ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھۈليا قاساپوغلۇ چەنگەل خانىم تەييارلىغان «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابى تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

كىتابتا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغان.

بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلەرنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتلىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە رومانلىرىدىن ئارىيەلەر ئوقۇتماقتا، باكلاۋىرلىق ۋە ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىلىرى يازدۇرماقتا.

بۇلاردىن باشقا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1947 – يىلى يېزىپ قالدۇرغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق شېئىرى تۈرك ناخشا چولپانلىرى تەرىپىدىن سەھنىدە ئېيتىلىپ، مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بىز مەرھۇم يازغۇچى ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ تارىخىي رومانلىرى ۋە شېئىرلىرى توغرىسىدا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە تارىخچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تارىخىي رومانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي ۋەقەلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بۈيۈك خىزمەت قىلىپ، تارىخ بېتىگە يېزىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بولسا، 1990-يىللاردىن باشلاپ تۈركىيەدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا دەل 20 يىل توشقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تونۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/abdurehim-otkur-09212015161439.html

Share
2392 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.