logo

trugen jacn

خىتاي ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار،خىتاينىڭ غەزەپ دېڭىزىدا ھالاك بۇلىشتىن قۇتۇلالامدۇ؟

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

خىتاي ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار،خىتاينىڭ غەزەپ دېڭىزىدا ھالاك بۇلىشتىن قۇتۇلالامدۇ؟

 

بىرىنچى خەۋەر: گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 3000 ئەتىراپىدا. بۈگۈن نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سانى 30 ئەتىراپىدا. نىدا رادىيوسى- 5. ئىيۇل 2017 كۈنى گوللاندىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىش توغرۇلۇق نەخ مەيدان ئاڭلىتىشتىن -ئابدۇسالام نىياز

ئىككىنچى خەۋەر: قاھىرە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار تاماق يەيدىغان ئاشخانىلار ۋە ئۆيلەردىن ھەمدە قاھىرە ئايرودرومىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار تىزىملىكىدىكىلەر سانى 50 تىن ئاشتى ۋە بۈگۈنگىچە بۇلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. –ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 2017. يىلى 7. ئاينىڭ 5. كۈنى -گۈلچېھرە خەۋىرى

ئۈچىنچى خەۋەر: خوتەن شەھىرى ھەمدە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى ئاساسىي قاتلاملاردا پارتىيە ۋە خەلق قوراللىق قىسىملىرىدا رەھبىرىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئون نەپەر ئۇيغۇر كادىر «ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشتىكى تىپىك دېلو» سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. – ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 2017.يىلى 7.ئاينىڭ 4. كۈنى. مۇخبىر ئەزىزنىڭ خەۋىرى

يۇقىرىدىكى 3 مىسالدا ئورتاق بىر پسىخولوگىيىلىك ھادىسە بار: خىتاي ۋەھىمىسى ئىچىدە ئۆز سايىسىدىنمۇ ئۈركۈپ ياشاپ، خىتاينىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلالماسلىق. مىساللار بەك كۆپ. ئانىلىزىمىزغا مەركەزلىشىش ئۈچۈن بۇ 3 مىسال بىزگە كۇپايە

بىرىنچى: گوللاندىيەدىكىگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا خىتايغا قارشى نامايىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەھۋال. ۋەتەننى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسەتلىرى ھەر خىل بولىشى مۇمكىن. بىراق سەۋەپ ئوخشاش: ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئىختىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ھۇزۇرغا ئېرىشەلمەسلىك. نىمە ئۈچۈن تۇغۇلغان يۇرتىمىز بىزگە تار كەلدى؟ ۋەتىنىمىز باشقا بىر مىللەت تەرىپىدىن ئىشخال قىلىنىپ، بىزنى چەتكە قاققانلىغى ئۈچۈن
چەتئەلدە بىز ئۇيغۇرلار بەخىتلىكمۇ؟ كۆپۈنچە ئۇيغۇرلار بەخىتلىك ئەمەس. چەتئەلدە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ۋەتەن ھەسرىتى ۋە جان بېقىشتىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر يۈكنىڭ ئاستىدا تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ياشىماقتا. بەزى ئۇيغۇرلار ئېغىر روھى يىمىرىلىش ئىچىدە. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاستىدا ياتقان سەۋەپ بولسا يۇرتىمىزنى خىتايلارنىڭ تارتىۋالغانلىقى. بۇ خورلۇقنى ھېس قىلماي ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس. بەزىلىرى چەتئەلدە خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتقاچقا مىللىي كۈرەشتىن ئۇزاق تۇرىدۇ. بەزىلىرى ۋەتەندە خىتاي تەرىپىدىن رەھىنە ئېلىنغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ئاياپ ئۆزلىرىنى مىللىي كۈرەشتىن ئۇزاق تۇتىدۇ. بەزىلىرى ئائىلىسى تەرىپىدىن ۋەتەن، مىللەت، دىن تۇيغۇسىدىن ئۇزاق يەتىشتۈرۈلگەن، چەتئەلدە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈنلا چىققان.ئامما چەتئەلدىكى بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بارلىقىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆز ۋە ئەۋلادلىرىغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغاچقا پەرۋايى پەلەك ياشاشنى”ھايات” دەپ بىلگەنلەردۇر. بەزىلەر خىتايدىن ئۈمىت ئۈزەلمىگەن. شۇڭا 3000 ئۇيغۇردىن،كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ خىتاينىڭ مىللىي زۇلىمىغا قارشى نامايىشقا چىقىشقا پەقەت 30 ئۇيغۇرلا جۈرئەت قىلغان. شۇنچىۋالا ئىھتىيات قىلىپ، ئەركىن دۆلەتلەردە خۇددى قوياشتىن قورققان شەپەرەڭگە ئوخشاش قاراڭغۇلۇقتا ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەزىۋىدىن قۇتۇلۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق. يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە ”بىز خىتايغا قارشى ھىچ قانداق ئىشقا قاتناشمىدۇق. خىتاي دېگەن تىكەننى كىرگەن يەردىن ئالىدىغان ئادىل دۆلەت“ دىيىشىپ، چەتئەل پاسپورتى ۋە خىتاي پاسپورتى بىلەن خىتاي چېگرىسىدىن كىرىپ، ياكى خىتايدا تىجارەت قىلىپ تۇتۇپ سۇلاپ قويۇلغان ئۇيغۇرنىڭ سانى 100 نەپەردىن ئارتۇق

ئىككىنچى: مىسىردىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار پەقەت دىنى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن باشقا ھېچقانداق سىياسى پائالىيەتكە قاتناشمىغان. بەزىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغان. بەزىلىرى تۈركىيىدە دىندا ئوقۇغانلارنى كەمسىتەتتى. مىسىردا بۇرۇن ئوقۇپ تۈركىيىگە يەرلەشكەن ۋە ھازىرمۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مىللىي كۈرەش سېپىدىن ئۇزاق تۇراتتى. ئىككى ئايدىن بېرى قېچىپ تۈركىيەگە كېلىۋالغانلىرى ئۆلۈم قورقۇسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، خىتاي ۋە مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ سولاپ قويغانلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا.ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن قايغۇرماقتىمىز. خىتايدىن قورقۇپ ياشاش، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى خىتاينىڭ غەزىپىدىن قۇتقۇزۇپ قالالمىدى

ئۇچۇنچى: خوتەندە بىر كۈن ئىچىدە 10 نەپەر ئۇيغۇر رەھبىرى كادىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان. ”ئىككى يۈزلىمە ئۇيغۇر كادىرلارنى تازىلاش ھەرىكتى“ ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىدا شىددەت بىلەن داۋام قىلماقتا. ۋەتەندە رەھبىرى كادىر بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش لازىم. پارتىيىگە بولغان ساداقىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى كۆيدۈرۈشى كېرەك. باسقۇچمۇ باسقۇچ، قاتمۇ قات سىناقتىن ئۆتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى كادىر بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي بۇ كادىرلارنىڭ ساداقىتىنىڭ يېرىمى ئۇيغۇرلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن شۆھبىلىنىپ جازالاۋاتىدۇ. بەزىلىرى كوممونىستىك پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ ئاتا- ئانىسى ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر جازاغا تارتىلىۋاتىدۇ. مەسچىتكە كىرىپ ئاللاغا، تاشقىرىغا چىقىپ زالىملارغا تەزىم قىلىپ ئادەتلەنگەن ئىككى يۈزلىمە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارمۇ زالىملارنىڭ زوراۋانلىغىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. خىتايدىن قورقۇش ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بولسا ئىدى، ئۆز مىللىتىنى جۇگازدا ئەزىپ يېغىنى چىقىرىپ خىتايغاغا تەقدىم قىلىشنى ئۈسۈشىنىڭ يولى دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇر كادىرلار، خىتاينىڭ تەشۋىقات كانىيىغا ئايلانغان ئۇيغۇر زىيالىيلار قۇتۇلۇپ قالغان بولاتتى. خىتاينىڭ غەزىپى بۇلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ

بىر مەھەللىنى سەل سۈيى بېسىپ كەتسە ھەممە قورو-جاينى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. خىتاينىڭ غەزىۋىمۇ شۇنداق. ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغانلارنىڭ ھېچقايسى خىتاينىڭ غەزەپ- نەپرىتىدىن قۇتۇلۇپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ غەزەپ- نەپرەت كەلكۇنىگە بەزى ئۇيغۇرلار بۇرۇن، بەزى ئۇيغۇرلار كېيىن ئۇچىرايدۇ. ئامما ھىچقايسى قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. چۈنكى، سىز ئۇيغۇرلىغىڭىزنى، مۇسۇلمانلىغىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىزمۇ، خىتايلار ئۇنتۇمايدۇ
ئەڭ ئېچىنىشلىق بۇلغىنى شۇكى، چەتئەلدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، خىتايدىن قورقۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ، مىللىتىمىزگە زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاينى ئەمەس، ئىمكانىيەتسىزلىك ئىچىدە خىتاي زۇلىمىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى،ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى تىللايدۇ، ھاقارەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ۋىجدانلىق دېيىلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ،چەتئەلدە مىللەت ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلارنى كەمسىتىشىدۇ ياكى كۆزلىرى پەقەتلا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرىدۇ

خۇلاسە: خىتايلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېزىز ۋەتىنىمىزنىڭ باغرىنى بايلىق قازىمىز دەپ ھۆتمە –تۆشۈك قىلىۋېتىپلا قالمىدى. بەلكى ئاساسلىق كۈچىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى ھۆتمە – تۆشۈك قىۋېتىش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىپ كەلدى. مىللىي روھىمىز ”خىتاي ۋەھىمىسى“ دىن ئىبارەت مىكروب بىلەن زەھەرلەندى. ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىنتىلمىگەنلەر، ئىنسانلىق قىممىتىنى ئۇنۇتقۇچىلاردۇر. بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇش بولالماسلقتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم، ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي روھىنىڭ ئەركىنلىككىمۇ ياكى قۇللۇققىمۇ مايىل بولغانلىقىدۇر. خىتايدىن قورقۇپلا ياشاش، خىتاينىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك تەدبىر ئەمەس

قورقۇش، باش ئېگىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باش ئېگىش، غۇرۇرىنى يوقىتىدۇ. غۇرۇرسىزلىق، روھنى قۇللاشتۇرىدۇ. قۇللۇق روھى بولسا ئىنساننى ھايۋانلاشتۇرىدۇ. خىتايلار، بىز ئۇيغۇرلارنى قامچىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئېشەكلەرنىڭ، بۇيۇندۇرقىغا ئاشىق ھۈكۈزلەرنىڭ خۇيىنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىزگە ئۈندەيدۇ. بىراق ئاللا بىزنى ئەركىن ياراتقان.تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئاللاھ قۇرئان ئايەتلىرى ئارقىلىق ۋەھىي چۈشۈرۈشتىن مىليون يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى تۇنجى ياراتقاندىن باشلاپ ئەقىلدىن ئىبارەت ۋەھىي بىلەن بىللە ياراتقان. ئىسلام ئەركىنلىك دىنىدۇر، قۇللۇق تۈزۈمىگە جەڭ ئېلان قىلغان دىندۇر. ئەركىنلىكتىن ۋاز كەچكەن قەۋملەرنى ئاللاھ گۇمران قىلغان. ئاللاھ ئەگەر قورقۇشقا توغرا كەلسە “ مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن (زالىملاردىن) قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار.“ دەپ خىتاب قىلىدۇ. – ئال ئىمران سۈرىسى 175. ئايەت
خىتاي ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار،خىتاينىڭ غەزەپ دېڭىزىدا ھالاك بۇلىشتىن قۇتۇلالامدۇ؟ مىللىي غايىسى يوق ئۇيغۇر ۋەتەندە خىتاي مەدىنىيىتىنىڭ، چەتئەلدە ئەجنەبى مەدىنىيەتنىڭ قاينىمىدا ئېرىپ يوق بولۇپ كېتىشكە مەھكۇمدۇر. ئېركىنلىككە ئېرىشىش غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەن مىللەت غۇرۇرلۇق مىللەتتۇر. غۇرۇرلۇق مىللەتنى يۇقۇتالايدىغان كۇچ بۇ دۇنيادا يوقتۇر

Share
3331 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.

#

خىتاي ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار،خىتاينىڭ غەزەپ دېڭىزىدا ھالاك بۇلىشتىن قۇتۇلالامدۇ؟” için 1 yorum