Yazarın Tüm Yazıları Aşağıda Listelenmiştir.
-
24 ئىيۇن 2016 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانىنىڭ ئوغلى مەمەت ئەزىز بۈگۈن چۈشتە تۆت نەپەر ساقچى تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ئۇستا...
-
23 ئىيۇن 2016 -دىن, ئەدەبىيات سەنئەت, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدە خىتاينىڭ تور ساقچىلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ئاقسۇنىڭ ئونسۇ توخۇلا يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ رادىيومىزغا پاش قىلىشىچە، ئاتالمىش قانۇنسىز ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىقتىن كېسىلگەن ئىككى ئائىلىدىكى 4 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ بايقىشى ...
-
23 ئىيۇن 2016 ئۇيغۇر دوستلىرى, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, ئىلھام توختى, خەۋەر, دۇنيا, سەھىپە ئايرىلمىغان
تۈركىيەنىڭ بەنگۇتۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىدا 20-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى كەچتە «ئۇيغۇر ئالىمى ئىلھام توختى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.
پروگراممىغا «تۈران تەتقىقاتلىرى جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى شۇنداقلا تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ھەسەن بەسرى پاھلىۋان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پروگ...
-
22 ئىيۇن 2016 ئەدەبىيات سەنئەت, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, سەھىپە ئايرىلمىغان, ۋېدىئولار
https://youtu.be/pcIS0u7MZUc...
-
22 ئىيۇن 2016 ئەدەبىيات سەنئەت, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, تارىخ, سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
كىچىكىمدە ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا مەدداھلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرەت ئەلى شاھىمەردان، روستەم پالۋان ھەققىدە ئاجايىپ تەسىرلىك رىۋايەتلىرى كىشىلەرنى سائەتلەپ بەنت قىلاتتى. مەھەللىمىزدىكى قىماۋازلارنىڭ ئاغزىدىن جەمشىت ھەققىدىكى قىسسىلەر سۆزلىنەتتى. ئەقلىمنى بىلگەندە جەمشىتنىڭ ئىران شاھى ئىكەنلىكىنى، رۇستەمنىڭ تۈركلەرگە قارشى جەڭ قىلغان ...
-
22 ئىيۇن 2016 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, دۇنيا, سەھىپە ئايرىلمىغان
ئۈندىدار، QQ ۋە مىكروبىلوگلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ياردەم تەلەپلىرى، ئادەم ئىزدەش ئۇچۇرلىرى يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ئۇيغۇر ئېلى بالىلىرىنىڭ ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ سېتىۋېتىلىشى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتلەرگە مەجبۇرلىنىشىغا قارىتا دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا بەلگىلىك تەدبىر قوللىنىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ...
-
22 ئىيۇن 2016 -دىن, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
ئۆتكەندە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئېرى 75 ياشلىق ئەخەتجان بۈگۈن يەنە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يالاڭ كەنتىدە دېھقانلارنىڭ ھازىرغىچە ھاشارغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا كەنتتىكى يەتتە مەسچىتنىڭ ئالت...
-
21 ئىيۇن 2016 ئەدەبىيات سەنئەت, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, دۇنيا, سەھىپە ئايرىلمىغان, ماقالە - مۇھاكىمە, مۇلاھىزە
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بۇندىن بەش يىل بۇرۇن مىسىردىكى بىر ئوقۇرمەن ئىنىمىز «بۇ يەردە ئابدۇۋەلى ئاكامنى ئىشپىيۇن دەيدىكەن» دەپتۇ بىرەيلەنگە. بۇنداق گەپلەرنى تۈركىيەدىمۇ ئاڭلىغاچقا ھەيران قالمىدىم. بۇ قېتىم مىسىر ھەققىدە يېزىپمۇ خەقلەرنىڭ پۇلىنى قويۇۋالغان، يەسلى قۇرۇش نامىدا بايلارنى ئالدىغان، ھۆكۈمەت چەتئەلگە يولغا سېلىپ قويغان…دېگەندەك تۆھمەتلەرگە دۇچ كەلدىم. ب...
-
21 ئىيۇن 2016 -دىن, ئەدەبىيات سەنئەت, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, خەۋەر, دۇنيا, سەھىپە ئايرىلمىغان
مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى 49 ياشلىق ئېلى ياسىننىڭ ئائىلىسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە دىنىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى، ئەمما شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە لېنتا كۆرگەن ئىككى سىڭلىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىنالمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزن...
-
21 ئىيۇن 2016 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, دۇنيا, سەھىپە ئايرىلمىغان, مائارىپ
گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپ «شىنجاڭ سىنىپى»نىڭ 133 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 10 نەپىرى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. مەكتەپ ۋە يەرلىك دائىرىلەر قاتتىق مەخپىي تۇتقان ۋەقە يېقىندا تاسادىپىي ئاشكارىلىنىپ قالدى.
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇاڭدۇڭ گوئەن قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گې يوڭشى گۇاڭجۇ 1-قاماقخانىسىدا يېتىۋاتقان كىشىلىك...