logo

trugen jacn

تۈرك تېلېۋىزىيەسىدە ئىلھام توختى تونۇشتۇرۇلدى

uyghur-alimi-ilham-toxti-Benguturk-1

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

تۈركىيەنىڭ بەنگۇتۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىدا 20-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى كەچتە «ئۇيغۇر ئالىمى ئىلھام توختى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

پروگراممىغا «تۈران تەتقىقاتلىرى جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى شۇنداقلا تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ھەسەن بەسرى پاھلىۋان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پروگراممىغا «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

پروگرامما رىياسەتچىسى ھەسەن بەسىرى پاھلىۋان ئەپەندى ئىلھام توختى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دوكتور ئىلھام توختى ھەر ئىشتىن ئاۋۋال ئۆز مىللىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە تىنچ ئۇسۇل بىلەن قوغداش ئۈچۈن تىرىشقان بىر تۈرك زىيالىيدۇر. دوكتور ئىلھام توختىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچى 2-نومۇرلۇق تۈرمىدە ناھەق ھالدا قاماقتا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. دوكتور ئىلھام توختى ھېچ بىر زامان قانۇنسىز يوللار بىلەن ماڭمىدى ۋە ياكى قاتتىق قوللۇق ئۇسۇلنى قوللانمىدى. ئۇ، قېرىنداش ۋە دىنداشلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ھەر زامان تىنچ ئۇسۇلنى تاللىدى، ھەر زامان دىئالوگ ۋە تىنچ ئۇسۇللارنى قوللاندى.»
45 مىنۇت داۋام قىلغان پروگراممىدا ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ ناھەق تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر پروفېسسور ئىلھام توختى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پروگراممىدا ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى-پائالىيەتلىرى، ئىش-ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ ناھەق تۈرمىگە قامىلىشدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئىلھام توختى توغرىسىدا نەشر قىلىنغان تۈركچە كىتابنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ھەسەن بەسرى پەھلىۋان ئەپەندى، تۇران تەتقىقاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن بىر پائالىيەت باشلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى خىتاي قانۇنىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىزدەنگەن، تىرىشقان بولسىمۇ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن ۋە قاماققا ئېلىنىشتىن قۇتۇلالمىدى. بىز ‹تۇران تەتقىقاتلىرى جەمئىيىتى› بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دەسلەپكى قەدەمدە دوكتور ئىلھام توختىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قىسقا بىر فىلىم ئىشلەپ تاراتقۇلاردا تارقاتتۇق ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك دېگەن شوئار ئاستىدا پائالىيەت باشلاتتۇق.»

بىز، بەنگۇ تۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىلھام توختى» دېگەن پروگرامما توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پروگراممىغا قاتناشقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلىپ «ئۇ، ۋەتەن ئىچىدە ئوت ئۈستىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قەلەم كۈرىشى قىلغان بىر قەھرىمان» دېدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىلى 20-يانۋار بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇ يىلى 23 سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ilham-toxti-06212016135146.html

Share
1442 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.