logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئادەم ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش چارىسىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، رايوندىكى يەرلىك مىللەت ئادەم ئىسىملىرىنىڭ خىتايچە يېزىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلدى.

«تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر چارە ئۇيغۇر رايونىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش يىلى» قۇرۇلۇشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ بىرىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1‏-مايدىن باشلاپ 2014‏-يىلى يولغا قويغان «يېشىل كارتا» تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، بۇنىمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈشنىڭ بىر تەدبىرى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 23‏-ئىيۇن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن بانكا، پوچتىخانا، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تۆمۈريول، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، پايچەك بازىرى، ھاۋا يولى قاتنىشى، قىسقىسى بارلىق ساھەلەردە پۇقرالارنىڭ كىملىك كىنىشكىسىدىكى ئىسمى قانداق يېزىلغان بولسا، شۇ ئۆلچەم قىلىنىدىكەن. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىسمى تۇغۇت گۇۋاھنامىسىگە قانداق يېزىلغان بولسا، نوپۇسىغا ۋە كېيىنكى كىملىك رەسمىيەتلىرىگە شۇنداق يېزىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۇلارغا قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان دېسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ چىڭ، خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-isim-06242016162229.html

Share
2541 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.