logo

trugen jacn

خىتاي دېموكراتلىرى ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى

 

ec825423-eb61-408f-a18c-324d3d3825a1

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دېموكراتلىرى ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى.

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە « بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى.

ياۋروپادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى 24-ئىيۇن كۈنى بىرلەشمە مەكتۇپ ھازىرلاپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىلھام توختىغا 2016-يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنى لايىق كۆرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نائىل قىلىش تەشۋىقاتى بۇ ئايدىن بېرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا يەنە جانلانغان. ئەنىۋەرجان ئەپەندى، مۇشۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش ئىلتىماسلىرىنى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنى قوللاپ ياۋرۇپا پارلامېنتىغا خەت يازغان تەشكىلاتلار ئىچىدە يەنە موڭغۇل، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرىمۇ باركەن.

خىتاي دېموكراتلىرى ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللىغان مەكتۇپقا 2008-يىلى ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي زىيالىيسى خۇ جيا، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ، گېرمانىيە كىتاب يەرمەنكىسى تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لياۋ يېۋۇ، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تېڭ بياۋ، گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست سۇ يۈتۇڭ، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس شيا يېلياڭ، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ لىدەرى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان جۇ فېڭسو، «خىتاينى ئۆزگەرتىش» تورىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەھرىرى يا شۆساۋ قاتارلىقلار ئىمزا قويغان.

ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى يا شۆساۋ خانىم بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دېموكراتلىرى بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپلا قالماي، بۇ قېتىم كۆپلىگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ياۋروپا بىرلىكىگە ئۆز ئالدىغا مەكتۇپلار يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە « ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش مەكتۇپى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىجابىي باھا ۋە قوللاشلارغا ئېرىشتى. پائالىيەتلىرىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ بۇ قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللىغان ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان مەكتۇپىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلدى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندى ئۆزىمۇ بىرقانچە كۈندىن بىرى فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم بىلەن بىرگە ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش جەھەتتىكى تېرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

27-ئاپرېل خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنى قوللاش سادالىرى چەتئەلدە يەنىمۇ كۈچەيگەن، مەتبۇئاتلار ئىلھام توختىغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەر ۋە سىن فىلىملىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ يىل ئاپرېل يەنە بېرلىندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا « ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى»نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ئىدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرىگە ئىلھام توختىنى تونۇتۇش خىزمىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۈنۈم يارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

فرانسىيلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ ئاكتىپ خادىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندا، مۇمكىن قەدەر ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: « بىزنىڭ مەقسىتىمىز، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بارغانسېرى كۆپ مىللەت ۋەكىللىرى بىزنىڭ ئاۋازىمىزغا قۇلاق سېلىۋاتىدۇ، ئىلھام توختىنى چۈشىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ھەقسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قوللاۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ ھەپتە ئېلىپ بارغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيىتىمىز كۆپلىگەن مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. مەن ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

باش شتابى گېرمانىيەدىكى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى»نىڭ رەئىسى تەمسىلتو ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئىلھام توختىغا چۇڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: « تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرى يولۇقۇۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى خىتاي ئىشغالىدىكى بىر زېمىندا تۇرۇپ سۆزلەش جاسارىتى ھەممە ئادەمدە يوق. بولۇپمۇ، ھەرقانداق نارازىلىقى، ھەرقانداق چۇقانى تېررور قالپىقى بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا بۇ تېخىمۇ مۈشكۈل ئىش. بىراق ئىلھام توختى بۇنىڭغا جاسارەت قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خىتاي ۋە دۇنياغا ئاڭلاتتى، يەنە كېلىپ ئۇ، خىتاينىڭ يۈرىكى بولغان بېيجىڭدا تۇرۇپ ئادالەت ئۈچۈن ئىسيان قىلدى. ئۇنىڭدىن يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بىزمۇ پەخىرلىنىمىز.»

ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ساخاروف مۇكاپاتى بولسا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ تەستىق ئاۋازى بىلەن بەلگىلىنىدىغان بىر مۇكاپات بولۇپ، بۇ ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەت، ئىلھام توختى ھەققىدە ھېچ ساۋاتى بولمىغان كۆپلىگەن مىللەت ۋەكىللىرىنى ئويغاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ھاننو شېدلەر ئەپەندى ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئىلھام توختىنى « ئۇيغۇرلارنىڭ ياراملىق سىمۋولى» دەپ ئاتىغانىدى. ئۇ سۆزىدە: « ئىلھام توختى مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئەركىنلىك مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى دېمەكتۇر. ئىلھام توختى مەسىلىسىنى خەلقئارادا جىددىي تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياۋى مەسىلە ھالىغا كەلتۈرۈشتە زور رول ئوينايدۇ» دېگەن.

ئەنىۋەرجان ئەپەندى، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىنى ئىلھام توختىغا لايىق كۆرۈپ ياۋروپا پارلامېنتىغا يوللىغان مەكتۇپى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىتا مۇراجىئىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

مەلۇمكى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى بۇ يىل 25-ماي ياۋروپا پارلامېنتىدا يىغىن چاقىرىپ، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-06272016164646.html

Share
1821 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.