logo

trugen jacn

كۈرەش ئاتاخان: ئويغان

كۈرەش ئاتاخان

چەيلىنىپ ئىپلاس ئاياقلاردا ۋەتەن، قۇزغۇنلار ئاسماندا كۆتۈردى غەليان 
ئىتلار قاۋايدۇ، ھوقۇش ھۇۋلايدۇ، يولۋاسلار قەپەزدە مايمۇنلار سۇلتان
بۇلبۇللار تۇتقۇن، بۈركۈتلەر مەھكۇم، چىدىماق تەس بولدى بۇ رەزالەتكە
مۇزلىدى دەريالار، ئۈشىدى باغلار، تاغلاردا جۇت-بوران قۇترايدۇ ھەريان

ياش تۆكەر ئوغۇزھان، ئالىپەرتۇڭگا ھەمدە باھادىر سەلتۇق بۇغراھان
ھىممەت قىل، تىرىش ئالغا باس، ئۇيۇش كۈچلەن دۈشمەنگە تار بولسۇن جاھان
سىقىلسۇن يۈرەك، كىرىشسۇن چىش، تۈگۈلسۇن مۇشت، ئەركىنلىك مەشىلى يانسۇن
پاچاقلا كويزا كىشەنلەرنى، ئويغان، قورقما، كۈرەشلەردە سۈر دەۋران

ئاھ يىلتىزى چوڭقۇر، يۇلتۇزى پارلاق مىللىتىم، نىتەي ھالىڭغا يۈرەكلىرىم قان
غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغان، ئۇخلىما دۈشمەنلەر ياۋۇز پەيلى بەك يامان
قورقما، مەرھەمەت كۈتمە دۈشمەندىن، خەتەرلەردە ئەجەل بىزنى قوغدايدۇ
خارلانمىسۇن ئانالار، قۇل بولمىسۇن ئەۋلاتلار، ھۈر بولسۇن بۇ قۇتلۇق ماكان

بۇلبۇللار تۇتقۇن، بۈركۈتلەر مەھكۇم، قۇزغۇنلار ۋەتەننى ئەيلىدى ۋەيران
ھىممەت قىل، تىرىش ئالغا باس، ئۇيۇش، كۈچلەن دۈشمەنگە تار بولسۇن جاھان
سىقىلسۇن يۈرەك، كىرىشسۇن چىش، تۈگۈلسۇن مۇشت، ئازاتلىق تاڭلىرى ئاتسۇن
پاچاقلا كويزا كىشەنلەرنى، ئويغان، قورقما، كۈرەشلەردە سۈر دەۋران

 

تارىخ 08.06.2017 گېرمانىيە

Share
2311 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.