logo

trugen jacn

شۆھرەت ھوشۇر- خەيىر خوش، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

 

خەيىر خوش، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى!

شۆھرەت ھوشۇر

ئەسسالامۇئالەيكۇم دوستلار، ئۈلۈشكۈن ئىدارىمىزدىن -ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن- ئىشتىن توختىغانلىقىمىز ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالدۇق. رادىيونىڭ تاقىلىدىغانلىق خەۋىرى ئوتتۇروغا چىققاندىن كېيىن كوپلىگەن دوستلىرىمىز، بۇ مەسىلىگە كۆڭۇل بولدى، رادىيونىڭ ئاقىۋىتى، مىللىي ھەركىتىمىزگە تەسىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايااتىمىز ھەققىدە بىزدىن مەلۇمات سورىدى. شۇڭا بۇ تىمىدا شەخسىي تەسىراتىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۇيغۇن كوردۇم.
.. ئەلۋەتتە رادىيونىڭ تاقالغانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. چۇنكى خىتايغا قارشى بىر قورالدىن ئايرىلىپ قالدۇق؛ ئەمما ئۇمىدسىزلەنگۇدەك ئەھۋال ئەمەس. چۇنكى، رادىيو خىتايغا قارشى بىردىن بىر قورال ئەمەس، ئاخباراتچىلىق خىتايغا قارشى بىردىن بىر يول ئەمەس. بىر يولىمىزنىڭ توسۇلۇشى، يەنە باشقا يوللارنى سىناشقا مەجبۇرى قىلىدۇ، قولىمىزدىن بىر قورالنىڭ ئېلىنىشى، باشقا قورللار ئۇستىدە ئىزدىنىشىمىزگە يول ئاچىدۇ.
ھازىرغا قەدەر قىلغان ئىشلىرىمىز ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن خىزمەت دەپ لايىق كورۇلىدىغان ئىش بولسا، بىزنى بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى قىلدۇرۇپ كەلگەن رادىيونىڭ ئىمكانلىرىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، ۋۇجۇدىمىزدىكى قان، كاللىمىزدىكى ئىدىيە، قەلبىمىزدىكى ئەتىقاد. ۋە غايە؛ بۇ قوراللار، بىزگە ئاللاھ ئاتا قىلغان قوراللار ، خەلقىمىز بەرگەن قوراللار، ۋەتەندىكى ئۇستازلىرىمىز، دوستلىرىمىز، سەپداشلىرىمىز ئاتا قىلغان قوراللار. بۇ قوراللارنى بىز يەرنىڭ ئۇستىدە نەپەس ئېلىپ تۇرغان ئەھۋالدا ھىچكىم قولىمىزدفىن تارتىپ ئالالمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئىشنىڭ، بۇ شەرەاپلىك ۋە قاپالىق كۈرەشنىڭ ئىچىدە بار!!!
رادىيونىڭ تاقىلىشى يەنىلا تالاش-تارتىش باسقۇچىدا، بەلكىم قايتا ئېچىلىشى مۇمكىن، بەلكىم نامى ئوزگۇرىشى مۈمكىن ، ئەگەر پۇتۇنلەي تاقىلىپ كېتىپ قالسىمۇ ، بۇ ئامررىكا ھوكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىيىتىدىكى ئوزگۇرۇشنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بۇ پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئىچ ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى چوڭ بىر تەڭتەش جەرياندىكى بىزگە كەلگەن بىر تەلەيسىزلىك، بۇ يەردە نىشانلىق-پلانلىق بىر تاقاش مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا ھوكۇمىتى بۇنى چوقۇم باشقا ساھەلەردە تەڭشەيدۇ، باشقا يوللار بىلەن ئىنساني ياردىمىنى داۋام قىلىدۇ.
”رادىيو تاقالسا خىتاينىڭ زۇلۇمى سىر پېتى قېپ قالىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئۇشتۇمتۇت پالاكەتلەر سىر بولۇپ قالىدۇ “ دېگەن ئەندىشىمۇ ئورۇنسىز. چۈنكى ئىجتىماىي ئابارات تەرەققىي قىلغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ۋاقتى كەلسە مۇھاقىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر بىر سائەتنىڭ ئىچىدە بىر مۇخبىرغا ئالىنالايمىز، قولىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئاخبارات ئىمكانلىرى بىلەن.
رادىيودىن ئايرڭلڭش ئەلۋەتتە كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلدى، ئەمما ۋىجدانىمىز راھەت ئايرىلدۇق. چۇنكى خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋتىنى كوزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا خەلقى تەمىنلىگەن بۇ ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغۇنچۇلىقىنىڭ پاش بولۇشىدا يەتەكچى رول ئوينىدۇق، خىتاينىڭ پىشانىسىغا 21 -ئەسىردە ئىرقىي قىرغۇنچلىق سادىر قىلغان دولەت دېگەن بىر تامغىنى ئۇرۇپ قويۇپ چېكىندۇق، خىتاي بۇ تامغىنىڭ بەدىلىنى ھامان بىر كۇنى تولەيدۇ.
ھەممىمىز چەككەن زەخمەتلرىمىزنىڭ ، تولىگەن بەدەللىرىنىڭ ھاردۇقى شۇ كۇنى چىقىدۇ.
خەير-خوش، تەسىرات بايان قىلىشىم بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك، بەلكىم بۇندىن كېيىن يەنە ئارىلاپ ، بەلكىم پات پات مۇشۇ خىل شەكىلددە، مۇشۇ ئىكراندا ئۇچرۇشۇپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن.
( ئەسكەرتىش: بۇ رادىيونىڭ ياكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باياناتى ئەمەس، شەخسىي ئوي-پىكىرلىرىم . رادىيو تېخى تاقالمىدى، ئاز ساندىكى سابىق خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. )

Share
49 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.