logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە دائىر قىسمەن نامايىش، يىغىن، دوكلاد ۋە نۇتۇقلاردىن قىسقىچە مەلۇماتلار

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە دائىر
قىسمەن نامايىش، يىغىن، دوكلاد ۋە نۇتۇقلاردىن قىسقىچە مەلۇماتلار
( 2018 – يىلى ئاپرىلدىن 2019- يىلى ئاپرىلگىچە )
تۈزگۈچى تارىم تورغاق

دۇنيادىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى گۇرۇپپىلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھۆقۇق پائالىيەتچىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيە پروگراممىسى، ئۇيغۇر ئىستىقلال تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسى ۋە ئۇيغۇر خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىيسى، ب د ت نىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى دىموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەت ئارباپلىرى، سياسىيونلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر مەسىللىرى تەتقىقاتچىلىرى،ئاخبارات- تەشۋېقات ئورگانلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى، چەت ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تەشكىلاتلار ۋە پروفېسسور- ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە ئىسانپەرۋەر زاتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە سالار قاتارلىق مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى، مۇسۇلمان توڭگان ۋە تاجىك مىللەتلىرى ھەمدە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلىمىشلىرىنى خەلقئارادا كەڭ كۈلەمدە ئاشكارلاش ۋە پاش قىلىش ۋە بۇ ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت قىلىمىشلىرىنى دەرھال تۇختىتىش ۋە مەزكۈر مىللەتلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە يۈزدىن ئېلىپ بارغان سەمەرىلىك خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە مەلۇماتلار :
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رىشات قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن ئامېرىكدىكى جېوج تاۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا « ئۇيغۇر كىملىكى » مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ( يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىت ئېنىق ئەمەس.)
2018- يىلى27- ئاپرىل بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسېلدا دۇنيا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە توڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىناىي قىلىمىشلىرىنى دەرھال توختىتىش، جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ۋە ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز ۋە توڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىش يۈزىدىن زور كۈلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىل 3- ئىيۇل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، ئاۋغۇستا ئا قى شى كونگېرىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ، « خىتاي ئىشلىرى ئىجىرائىيەكومىتېتى» نىڭ رەئىسى ماركو رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېڭەش كىرسىتوفىر سمىتلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان مەزكۈر كومىتېتىنىڭ « شىنجاڭدىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا گۇۋاھلىق بېرىش » يېغىنى، ئا قى شى مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس، ئا قى شى نىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى مايك پومپىيۇ، ئا قى شى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەميول براۇنبەك، گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېترا پائۇ خانىم، مالايىسيا پرېزىدېنتى ماھاتىر مۇھەممەد ،كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترۇدېئاۋ ، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى خون مارىسې پاينې ، تۈركىيە ئىىي پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مەرا ئاقىشەنەر خانىم، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە تەشكىلاتلىرنىڭ مەسئوللىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ » دىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت جىناىي قىلمىشلىرىنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ھەققىدىكى نۆتۈق ۋە باياناتلىرى، تۈركىيە، ھىندونېزىيە خەلقى ۋە ھىندونېزىيە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ، تاتارىستان خەلقلىرى قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ » دىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقلىرىنى توختىتىش يۈزىدىن ئۆتكۈزۋاتقان نامايىشلىرى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىگە چاقىرتىپ « شىنجاڭ» دىكى ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە سۇرۇشتە قىلىشى،ئامېرىكا CNN، ئەلجەزىرە ۋە باشقا خەلقئارالىق تىلۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى قاتارلىق تاراتقۇلار، ئىتالىيەنىڭ « زىمىستان » تور بېتى، « نيويورك تايمىس» ۋە « ۋاشىنگتون پوست » قاتارلىق خەلقئارالىق گېزىتلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ» دىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى خەۋەر ۋە باش ماقالىلىرى، چەت ئەللىك « شىنجاڭ ۋەزىيىتى» نى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ نۇتۇق ۋە بايانلىرى، ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلۋاتقان « شىنجاڭ» دىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ھەمدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي ھەرىكەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى تىخىمۇ خەلقئارالاشتۈردى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر قاتارىغا كۆتەردى. يەنە كىلىپ بۇ پائالىيەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىرىنى پىر- پىرقىلىۋەتتى ، ئۇلارنى ئالاق – جالاق قىلىۋەتتى.
خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش يۈزىدىن بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەر قايسي دۆلەتلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىىي يادرولىقىدىكى ھەر قايسي ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە قانلىق « 5 – ئىيۇل ۋەقەسى » خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى ۋە ھەر قايسي مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ « بىر ئاۋاز، بىر قەدەم » دىن ئىبارەت نامىدا ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى دۇنيادا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلدى.
ب دت نىڭ « كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى» نىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ جەنىۋەدە ئېچلىغان يېغىنىدا دېموكراتىك غەرىپ دۆلەتلەر باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرۇلۇق سۇرىغان سوئاللىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەت بۇ يېپىق جازا لاگېرلىرىنى پەدەزلەپ، « كەسپىي تېخىكا ئۆگىنىش » ئورۇنلىرى ،بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشلىرنى تەربىيىلىۋاتىمز،دەپ گەپ ساتقان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ب دت نىڭ « كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى» نىڭ جەنىۋەدە ئېچلىغان يېغىنىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ «شىنجاڭ» دىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىمىشلىرىنى دەرھال توختىتىش ۋە جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشتەك ھەققانى، يوللۇق ۋە كەسكىن تەلەپلىرىغا پىسەنت قىلماي، ھەر خىل سۈرۈنلاردا ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇ خىل مىللىي باستۇرۇشنىڭ تاكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى ئۈزۈل- كېسىل ئاسسمىلياتسىيە قىلىپ بولمىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقنى جاكارلىماقتا.
لېكىن دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىنسانپەرۋەر جامائەتچىلىك ۋە ھەققانىيەتپەرۋەر كىشلەر خىتاي ئالدامچىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماي، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قاتارلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۇركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى، باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانپەرلىك مۇقەددەس بورجىنى تەۋرەنمەستن قەتىئى ئادا قىلىپ داۋاملاشۈرماقتا.
ئامېرىكدىكى جېوج تاۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى دائىر مۇھاكىمە يېغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
« ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەر ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى رايان سام، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى راچېل خاررىس، يېڭى قەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جوئاننا سىمىس فىنلېي قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ << خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى>> تېمىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. ».
مۇھاكىمە يىغىندا « دوكتور رايان سام نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن << پۈتكۈل مىللەتنى ئۆزگەرتىش >> تەك بۇ خىلدىكى ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا شۇنچە مەھلىيا بولۇپ كېتىشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ مۇنداقلا بىر قارىماققا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھازىرقى مىللىي سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۈشىنىش قىيىن ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇلارنى جەزمەن چوڭ بىر << سىياسىي سەھنە>> گە قويۇپ قاراش لازىملىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك بۇ ھالنى يىغىنچاقلىغاندا << ياتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق مۇھىتى>> ئىچىدە بولۇۋاتقان ھادىسىلەر، دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى 1759- يىلى بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭغا << شىنجاڭ >> دەپ نام قويغاندىن بۇيان بۇ رايوننى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئۇرۇنۇشى توختاپ قالمىغان. بۇ يۈزلىنىش زامانىمىزغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭغا ھەر خىل سىياسىي ناملارنى قويۇش ئارقىلىق ئىجرا قىلىپ كەلگەن. تاكى 2014- يىلىغا قەدەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى << ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇلار بىلەن بىرگە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەقەت بىر ئوچۇم نىيىتى بۇزۇق كىشىلەر چەتئەلدىكى بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان>> دەپ << بۆلگۈنچىلىك >> ۋە << تېررورلۇق>> نى < < بىر ئوچۇم بۇزۇق ئۇيغۇرلار>> غا مەنسۇپ قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى 2018- يىلىغا كەلگەندە بۇ خىلدىكى << بۇزۇق ئۇيغۇرلار>> نىڭ سانى ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنداقلا بۇ ساننىڭ داۋاملىق ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. ».
« < يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلار ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دوكلات ياكى باياناتلار خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز بەزى ئەللەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە، شۇنداقلا ھەر قايسى ئەللەر بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەمچى بولۇشقا چاقىرماقتا. >،< مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار ئارقىسىدا، ھىندىستان ۋە بېنگالدىكى مۇسۇلمانلار ئۆز ئالدىغا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەھشەتلىك خورلاشلارغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 12- سېنتەبىر كۈنى مالايسىيا خەلق ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئاخباراتقا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى << ئىچكى ئىشىمىز >> دېيىشىگە رەددىيە بىلدۈرگەن. > ».
« ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىل قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ يۇرىشىگە قارىتا « 14- سېنتەبىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو تۋىتتېرغا چاپلىغان ئۇچۇرىدا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىك بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن. »
بۇ يىل 10 – ئوكتەبر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشىچە: « < ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر مەسىلىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى. بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈشتى. >، < ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى – 2018 > دەپ ئاتالغان قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى ماركو رۇبىئو، كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق 25 نەپەر نوپۇزلۇق ۋەكىل تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان. >، < قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ قىسمىدا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۆز مەيدانىنى مۇنداق ئىپادىلەشكەن : < ئامېرىكا پرېزىدېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئەيىبلىشى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى بۇ ئېغىر زۇلۇملارنى ئېتىراپ قىلىشقا، نۆۋەتتىكى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغۇسى بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك يامان ئاقىۋەتنى تونۇپ يېتىشكە ھەمدە ئاتالمىش << سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى >> نى دەرھال تاقاپ، بارلىق چەكلىمىلەرنى ئېلىپ تاشلاپ، بۇ رايوندا دۇنياۋى ئېتىراپ قىلغان ئىنسانىي ھەقلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا، خىتاينىڭ ئىچى- تېشىدىكى ئۆزئارا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئالاقىسىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىشى كېرەك. >، < چارشەنبە كۈنى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ھەمكارلىشىپ تونۇشتۇرغۇچىلاردىن كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىئو ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان ئاتالمىش << قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى >> دا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي رەھبەرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىدى. >، < ئۇ مۇنداق دېدى : ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق خەلقلەر قامالغان << سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى>> نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەلەمدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. >، < چارشەنبە كۈنى يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بىرلىكتە تونۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىتمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: << خىتايدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قەبىھلىكتۇر. خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا بىر ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەت سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە خىتاي < كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى> دەپ پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقان بۇ لاگېرلارنى << جازا لاگېرلىرى>> دەپ ئاتىدى ۋە بۇنداق بىر قىلمىشقا < 21- ئەسەردە ھەرگىزمۇ سەبرە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.>> >، < ئۇ باياناتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: << بۇ قانۇن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۆلكىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش پىلانىغا قارشى كەسكىن مەۋقەدە قارشى تۇرۇشىنى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشتا بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قولى بار خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. شۇنىڭدىن بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىشىغا ياردەم قىلىشىنى توسۇش كېرەك. >> > ».
بولۇپمۇ، بۇ يىل 6 – يانۋاردا جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ « خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى » دا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 14 دۆلەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېغىنىدا 14 غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ» دا نۆۋەتتە يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي دەپسەنىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىشى ۋە ئەيىپلىشى ھەمدە بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشتىن ئىبارەت كەسكىن تەلەپلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قورۇلتىيى يىتەكچىلىكىدىكى جەنۋە نامايىشى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلىرى مەزكۈر مەزكۈر يېغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تىخىمۇ ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ، كېكەچلەپ،يالغان سۆزلەپ، ئۆزلىرىنى ئاخلاشتىن باشقىنى بىلمەي قالدى. ھەتتا خىتاي ئۆمىكى يانچۇقىغا سېلىپ ئەكەلگەن ئۇيغۇر كانايلىرىمۇ ۋە يېغىن ئەھلىرىنىڭ كۆزلىرىنى بوياش ئۈچۈن يىغىن بىناسىنىڭ زالىدىكى « شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرمەكتە » دېگەندەك فوتو رەسىملىك كۆرگەزمسىمۇ بىر تىن بولۇپ كارغا كەلمەي قالدى. بۇ قېتىمقى يىغىن خەلقئارا جامائەتكە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلۋاتقان ئىرقىي دەپسەنىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارىشى رەزىل قىياپىتىنى تىخىمۇ ئېنىق تۆنۈتتى
« < خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا جىسمانىي ۋە روھىي ئازاپ سېلىشى ئامېرىكىدىكى يەرلىك خرىستىئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي زاتلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. 6‏- نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى 7 نەپەر خرىستىئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي زات << سۈبھىي چاقىرىقى>> ناملىق يەرلىك تور زھۇرنىلىدا مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ < ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئازاپلاشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان . مەكتۇپ لېخاي چېركاۋلار كېڭىشى دىنلار ئارا دىئالوئىگ ھەرىكەت كومىتېتى، ناملىق ئورگاننىڭ تارېق كامال، خرىستىئان دىنىي ۋائىئىزى توماس كورمىيېر، تىموتىي بىنغام، مارىئا تېلۋېت، توماس توماس، لارىي پىكىنس ۋە سامىنا ئانتونىي قاتارلىقلار 7 نەپەر ئەزاسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. مەكتۇپتا، ئامېرىكا خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلىپ، << خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قانۇنسىز << قايتا تەربىيەلەش>> جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى>> تەكىتلەنگەن. >، < مەكتۇپتا، بىرسىنىڭ ئۆيىدىن بىر تال قۇرئان چىقىپ قالسا ياكى قوشنىسىغا << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >> دەپ سالام بېرىپ قويسا، بۇ ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ لاگېردا مېڭە يۇيۇشقا ۋە جىسمانىي تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەكتۇپتا يەنە بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى، بەزى ئەمەلدارلار ۋە شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان << كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى>> غا ئىشتىراك قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، << خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بايانلارنى رەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇ چەتئەل كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنى چەكلىمەكتە>> دېيىلگەن. > ، < مەكتۇپ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: << بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقادىنى يوقىتىشتەك بۇ خىل ئۇرۇنىشىدىن نەپرەتلەنمەكتىمىز >> > ».
« < گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو مائاس ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تارىخىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ يېڭىلىقلار ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى گېرمانىيەدىكى ھەر خىل گېزىتلەر، رادىئو – تېلىۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئەڭ كۆپ ئورۇن ئالغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. >، < بۇ يىل 8 – نويابر گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىدا گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېترا پائۇ خانىم يېشىللار پارتىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغان << شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توختىتىش، ئېنىقلاش ۋە جازالاش>> دېگەن تېمىدىكى ئىلتىماسنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلدى. >، < مۇئاۋىن باشلىقى پېترا پائۇ خانىم بۇ قېتىمقى پارلامېنت يېغىنىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلدى:
پرېزىدېنت خانىم، خىزمەتداشلىرىم
– راھىلە داۋۇت، 52 ياش، خەلقئارادا تونۇلغان پروفېسسور. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
– پەرھات تۇرسۇن، 49 ياش، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئورۇن بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
– ئىلھام تۇردى، ئارخىتېكتور، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
– ئىرفان ھېزىم، 19 ياش، ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان پۇتبولچى، پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىرگە چەتئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
– مۇيەسسەر مۇھەممەت، 37 ياش، ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئانىسى، قازاقىستان ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
خىزمەتداشلىرىم، بۇ ئىسىملار پەقەت خىتاينىڭ غەربىي- شىمالىدىكى شىنجاڭدا رەھىمسىزلەرچە ھېچقانداق قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بولماستىن، سوت ئېچىلماستىن، ئادۋوكات ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا خەۋەرمۇ بېرىلمەستىن جازا لاگېرىغا قامالغان بىر مىليوندىن كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى. >، < بائۇزې خانىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۈنىمىزدە بۇ زېمىننىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر لاگېر دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ؛ << مەن سىلەرنىڭ بۇ خىل ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ۋە بۇ ھەقتە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن>>، دېدى. >، < ھەرقايسى پارتىيەلەردىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى ياڭراتقان ئالقىش سادالىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ دوكلاتتا بائۇزې خانىم ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، لاگېرلارنى تاقاش، جىنايەتچىلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇ جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئېيتتى. >،< ئىلتىماستا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك زوراۋانلىق، زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكلەر ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكىدەك
ئۈچ ئىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىشى تەكىتلەنگەن.
1 . ئۇيغۇر دىيارىغا تەرەپسىز كۆزەتكۈچى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ كىرىشىگە يول قويۇش، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى رەھىمسىزلەرچە تۈركۈملەپ قولغا ئېلىشنى دەرھال توختىتىش.
2 . بارلىق لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش . يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىلھام توختى قاتارلىق بىر قاتار زىيالىيلارنى قويۇپ بېرىش، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئاىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش.
3. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىلھام توختى قاتارلىق بىر قاتار زىيالىيلارنى قويۇپ بېرىش، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئاىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش.>، < بائۇزې خانىم ئىلتىماسىنى<< بېيجىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن تۆۋەن ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىن. ئەمما،گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى بىباھادۇر. >> دېگەن جۈملە بىلەن ئاياغلاشتۇردى. >، < ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى ۋە خرىستىئان سوتسىيالىستلار بىرلىكى ۋەكىلى مىخائېل براند ئەپەندىدوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا رەھىمسىزلىك بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەر خىل زوراۋانلىق ھەم قىيناش ئۇسۇللىرىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇنداق ئەسەبىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلارنى پاش قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. >، < ئۇ يەنە كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىگە گېرمانىيەنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مەخسۇس تەييارلىق قىلىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلىدە يېڭى بىر دەۋر ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە يېشىللار تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىلتىماسنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى يېتەرلىك، ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغانلىقىنى، خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى ۋە خرىستىئان سوتسىيالىستلار بىرلىكىنىڭمۇ كېلەر يېرىم يىللىق ئىنسان ھەقلىرى پىلانىنى << دىنىي ئەركىنلىك: خىتايدىكى دىنغا ئىشىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى>> دېگەن تېمىداتۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى. >، < ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىف پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە باشقا پارتىيەلەرنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىللىرى ئارقا- ئارقىدىن سۆز قىلىپ، يېشىللار پارتىيەسى تەييارلىغان ئىلتىماسنى قوللايدىغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىدە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك قىممەتنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۈرۈشتى. > ».
« ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قايسى مۇستەقىل خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى 6 نەپەر مۇتەخەسسىس 12‏- نويابىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ < < ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى >> نى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى << قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى >> نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلمىشلىرى ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر مەكتۇپ ب د ت نىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى، پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوغداش گۇرۇپپىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر گۇرۇپپىسى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى گۇرۇپپىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش گۇرۇپپىسى قاتارلىق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىكى 6 نەپەر مۇستەقىل مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن يېزىلغان. مەكتۇپتا خىتاينىڭ بۇ يىل 10‏- ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن << ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى>> ، لاگېرلار مەسىلىسى، ئۇنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلنى چەكلەش سىياسەتلىرى ھەم بۇ يولدا ئالغان تەدبىرلىرى ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ << چەكتىن ھالقىغانلىقى ۋە ھېچقانداق ھاجىتى يوقلۇقى>> بىلدۈرۈلگەن.
« 15- نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادا باش بولۇپ گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە، ئىرېلاندىيە، شىۋېتسارىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، دانىيە قاتارلىق 15 دۆلەت ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە بىرلەشمە مەكتۇپ ھازىرلاپ، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارا بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارغا يوللىغان. بىرلەشمە مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارلىرىدىن چېن چۈەنگو ۋە شۆھرەت زاكىرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش تەلەپ قىلىنغان بۇ مەكتۇپتا يۇقىرىقى 15 دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: < بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كۆرۈپ ئىنتايىن چوڭقۇر خاتىرجەمسىزلەنمەكتىمىز. > ».
« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 15‏- نويابىر كۈنى 8 ماددىلىق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى << يىغىۋېلىش لاگېرلىرى >> نى دەرھال تاقاش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى. باياناتتا، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا، تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملىرىگە شەرت قىلىپ كىرگۈزۈشى، بۇ جىنايەتكە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا ئىمبارگو قويۇشى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر چەتئەل گراژدانلىرىنى ھەم سىياسى پانالانغۇچىلىرىنى قوغدىشى تەلەپ قىلىنغان. ».
« 21- نويابىردا قازاندىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يالغۇز كىشىلىك نامايىش قاتناشقۇچىسى، تاتار ياشلىرىنىڭ << ئازادلىق >> ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رافىك كارىمۇللىن: < بىز توردىكى يېڭىلىقلاردىن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى بىلدۇق. بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازاب چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئۇ يەردىكى تاتار، قازاق ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىكەن. خىتايلار بىزنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە قائىدە- يوسۇنلىرى بويىچە ياشاشقا مەجبۇرلىماقتا. بۇ، ئەلۋەتتە، ئىنسان ھوقۇقلىرىغا زىت كېلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.> ».
« ئۆتكەن يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا رۇسىيەنىڭ مۇپتىلار كېڭىشى باشلىقى راۋىل غەينۇددىن قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن دۇنيا ۋە ئەنئەنىۋى دىنلار رەھبەرلىرىنىڭ 6- قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئۇ يەردە دىنىي كەمسىتىشلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. تاتار مىللىتىدىن كېلىپ چىققان رۇسىيەنىڭ باش مۇپتىسىنىڭ بۇ بىلدۈرۈشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. لېكىن ئارىلىقتا بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تاتارىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى رەئىسى كامىل سامىگۇللىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەملىكەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. كامىل سامىگۇللىننىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەۋرەندۈردى. ».
« ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 28- نويابىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانچە كېڭەيتىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىگە قارىتا پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق سودا شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
« 11- ئاينىڭ 27- كۈنى << دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى >> خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلشىچە مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا < ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كونتروللۇقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىي ھەق- ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ھەر خىل بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى << قايتا تەربىيىلەش >> دېگەن نامدا جازا لاگېرلىرىغا مەجبۇرىي سۇلاپ قويۇشى دىققەت قوزغىماقتا. جازا لاگېرلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى دىنىي ئەقىدىسىدىن، مىللىي مەدەنىيەتلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل قەبىھ بېسىملارنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى مەسچىتكە كىرىشتىن، دىنىي تەلىم ئېلىشتىن چەكلەۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگىمۇ چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. قاتارلىق بايان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارغا قاريتا بۇ قىلىمىشلىرىنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇلارغا ھەر تەرەپلىمىلىك ئەركىنلىك بېرىشنى بولۇپمۇ دىنى ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلغان.> ».
« < بۈگۈن، يەنى 28- نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى >، < ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا << كوممۇنىستىك پارتىيە خىتايدا دىنىي ئېتىقادنى قاتتىق باستۇردى >> دەپ نام بېرىلگەن. >،< ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، سېناتور ماركو رۇبىيو سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان باستۇرۇشلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.> ،< ئۇ مۇنداق دېدى: << مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىمنىڭ ھېكايىسى خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادقا ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ بىر رەزىللىك، بۇ سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدىغان رېئاللىق. بىز ياشاۋاتقان 21- ئەسىردە بۇنداق رەزىللىك ھەرگىز، ھەرگىز ۋە ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك. شەخسلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى سەۋەبلىك بۇ خىلدىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ئەسلا قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك…>> >، < دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى: << مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ كۈچلۈك گۇۋاھلىقى بىزگە شۇنى ئەسكەرتمەكتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتىگە خاس تەقىب سىستېمىسىغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەقىب سىستېمىسى ئارقىلىق رايوندىكى پۈتكۈل ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە دىنىي ئېتىقادنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا.>> > »
« < ئامېرىكىدىكى كاتو ئىنستىتۇتىدا 28‏- نويابىر كۈنى << يېڭى گۇلاگ ئاراللىرى: خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانداق قايتا تەربىيەلەۋاتىدۇ ۋە دۇنيا نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا جىددىي قارىشى كېرەك >> دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى، دۇنيانىڭ ئىنكاسى، خىتاينىڭ مۇددىئاسى، لاگېرلارنىڭ تەسىرى، قارانچۇقسىز قالغان بالىلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.> ،< يىغىندا << ئاتلانتىك >> ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى سىگال سامۇئېل خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى ۋە لاگېرلارغا قامىشى نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، بۇ بالىلارنىڭ دارىلئېتاملاردا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : << شىنجاڭدىن يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ئونلىغان دارىلئېتاملار سېلىندى. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ كۆلىمى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي، ئۆتكەن يىلى قەشقەرنىڭ بىر ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە بۇنداق ئورۇنلاردىن 18 قۇرۇلغان. بۇ دارىلئېتاملارنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى، بۇ دارىلئېتاملارنىڭ شارائىتىنىڭ بەك ناچارلىقىنى، 6 ئايلىقتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ خۇددى بىر قوتانغا سولىغاندەك سولاپ قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ بالىلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بوۋا- مومىلىرى ئېلىپ كېتىپ بېقىشنى تەلەپ قىلسىمۇ ئۇلارغا بېرىلمەيدۇ. ئۇلار ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن، مەدەنىيىتى، ئىسلام دىنىي، ئانا تىلىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن. ئۇلار پەقەتلا خىتاي مەدەنىيىتىدە تەربىيەلىنىدۇ. مەن سۆزلەشكەن بەز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق ئاكتىپ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى پۈتۈن بىر ئەۋلادنىڭ ئۆز كىملىكىنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلايدىكەن. >> >، < كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسون، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ لاگېرلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئاساسى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ باھانىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئىككىنچى تەلەپ، بۇ لاگېرلاردا ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش مەسىلىسىدۇر. يەنە بىر مەسىلە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئۇلارنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى تېزلىتىش، خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك تەدبىرلەرنى ئېلىش زۆرۈر. >> >،< سوفىيە رىچاردسون يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدا قايتۇرغان ئىنكاسىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: << ئەگەر بىز بۈگۈن خىتايدىن باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بىر مىليون كىشىنى قامىغانلىقى ھەققىدە توختالغان بولساق، شۇنى نەرسە بىزگە ئايانكى، بۇ مەسىلە بۈگۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش، ئالاقىدار شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ياكى ئېمبارگو قويۇشنى مۇزاكىرە قىلغان بولاتتى….>> > ».
« ۋاشىنگتوندىكى << ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى >> 28- نويابىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانچە كېڭەيتىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىگە قارىتا پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق سودا شىركەتلىرى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى . ».
« < خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن 2008- يىللىق << ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى>> نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى فاشىستلارچە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، بىر مىللەتكە قارىتا دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى نى ئەيىبلىدى. >، < خۇ جيا ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ، << ئەگەر پۈتكۈل جۇڭگو خەلقى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار ئاشۇ تۈرمىدىكى جازا لاگېرلىرىدا مىللەت گەۋدىسى بويىچە باستۇرۇلۇشقا ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى>> نى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: << 11 مىليون نوپۇسى بار مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى لاگېرغا قاماپ قويۇش دېگەنلىك بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى ئېلىپ بارغان فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇش، ھەرقايسى جايلاردا قۇرۇلغان ئەرزدارلارنى << قانۇن ئۆگىتىش>> دېگەن نامدا سولاپ قويۇشتىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بىر ۋەقە دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇنى ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە پەقەت ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار قامالغان جازا لاگېرلىرىغىلا ئوخشىتىش مۇمكىن. >> >، < خۇ جىيا ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: << ئەگەر سىز جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى دوزاخنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، ئۇ جاي دەل شىنجاڭ. ئۇ چوقۇم شىنجاڭ . ئۇ يەرنى ھازىر ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى 18 قەۋەتلىك دوزاخنىڭ ئۆزى دېسەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا جۇڭگودىكى يەنە بىر دوزاخ تىبەت. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى دېسەك بولىدۇ . >> > ».
« < ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا قاراشلىق تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى قارمىقىدىكى << شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە خەلقئارا تور بىخەتەرلىكى سىياسىتى كومىتېتى >> 4 – دېكابىر كۈنى مەزكۇر كومىتېت << خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار >> تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىشيىغىنىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىنى ئۆتكۈزدى. > ، < مەزكۈر كومىتېت رەئىس گاردنېرنىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا زورىيىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىقى ئىچكى قىسىمدا دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدىكى ئاياق- ئاستى بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ ئەڭ زور قۇربانلىرى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىشىدە ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندىكى غايەت زور كۆلەملىك لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان. نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت نىڭ زور دىققىتىدىكى ئىشلاردىن بولۇپ قالغان. > ».
« < ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئاسىيا كومىتېتىنىڭ رەئىسى تېد يوخو ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى براد شېرمان قاتارلىق سەككىز نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ھەمدە باشقا ئالاقىدار سىياسىيونلارنىڭ بىرلىكتە ئىمزا قويۇشى بىلەن << ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى>> ماۋزۇلۇق قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . <، < مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتە بولسا بۇ ھەقتە ئاددىي قىلىپ << خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون تۈركىي مۇسۇلمان خەلقى ئاتالمىش << قايتا تەربىيەلەش مەركىزى >> لاگېرلىرىغا سولىنىۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ پاراكەندە قىلىشى ۋە سۈكۈتكە گىرىپتار قىلىشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. >> دېيىلىدۇ. >، < مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپتە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يۇغۇرى تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تېخنىكىلارنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا ئىشلىتىشىدۇر. بۇ ھەقتىكى باياناتتا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى براد شېرمان ئالاھىدە قىلىپ << خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى تۈركىي مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەن. بىز ئۇلارغا بۇنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچىمىز>> دېيىلىدۇ. >، < بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لۇيىزا گرېۋ خانىم ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەي خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ قېلىشىنىڭ ھازىر بەكمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: << شەرقىي تۈركىستاندىكى تولىمۇ قاباھەتلىك بولغان دەپسەندىچىلىككە ۋە مىليونلىغان ئائىلىلەرنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىۋاتقان خانىۋەيرانچىلىققا قارىتا سۈكۈت قىلىۋېلىشنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق بىر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ئۇنى مۇنازىرە قىلىش، شۇنىڭدەك ئاخىرىدا ئۇنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش بىزگە ئېنىق ھالدا شۇنى ئۇقتۇرماقتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلاردىن ئۇنداق ئاسانلا قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي بىلەن يۇقىرى تېخنىكا سودىسى قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭدىكى كاتتىباشلار خىتاي قۇرغان ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› نى قوللاشتىن پايدا ئېلىش بەدىلىگە ياكى زالىم ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش ھېساۋىغا ۋە ياكى مىليونلىغان كۆزلەرنى ياشلاش بەدىلىگە ئاخشاملىرى ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ خورەكنى دۆڭ تارتىدىغان ئەھۋالغا ئەمدى خاتىمە بېرىش كېرەك. >> >، < مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا زور كۆلەمدە كېڭىيىۋاتقان << تەربىيەلەش مەركىزى>> نامىدىكى لاگېرلار مۇھىم سەۋەب بولغان بولۇپ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى تېد يوخو بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا << بىز بۇنى مەڭگۈ قوبۇل قىلالمايمىز. >> دېگەن. > » .
« 8- دىكابر ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن BBC خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە بىر سائەتلىك پروگرامما تارقاتتى . 8 – دېكابىر، يەنى ئۆتكەن شەنبە كۈنى تارقىتىلغان بۇ پروگرامما BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىۋاسىتە تەكشۈرۈشلىرى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان.C B B دە تارقىتىلغان بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭغا يانداش كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەر تەپسىلىي بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن. ».
« < 4 – دېكابىر كۈنى چاناققەلئە 18- مارت ئۇنىۋېرسىتېتىدا << ئىنسانلىق ئۇنۇتقان زېمىن- شەرقىي تۈركىستان>> ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. >، < 19- دېكابىر كۈنى بولسا تۈركىيەنىڭ شەرقىي-شىمالىغا جايلاشقان بايبۇرت شەھىرىدىكى بايبۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن— شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. >، > 20- دېكابىر كۈنى ئاخشىمى تۈركىيەنىڭ بولۇ شەھىرىدىكى ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا << شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى> > تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.> ».
« 2018- يىلى 10- دىكابر < << دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى>> ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبۇرن بىناسىدا << پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى>> ئۆزلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك << مىللەتلەر ۋە ئېتىقادلار ئارا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى>> نى ئاچتى. بۇ يىلقى يىغىنغا << شى جىنپىڭ فاشىزىمىنى چەكلەپ، خىتايدىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتايلى: يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ئىستراتېگىيە>> دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى . >، < << پۇقرالار كۈچى>> تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى سۆز ئېلىپ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە فاشىزمغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى سۈپىتىدە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتىنى ھېچ سەۋەبسىزلا << يىغىۋېلىش لاگېرى>> غا قامىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك يېقىندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنلىكىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىتايدىكى زۇلۇمنى پاش قىلىش جەھەتتە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش يۈزىسىدىن 2018- يىللىق مۇكاپاتنىڭ يەنە بىرىنىڭ مېھرىگۈلگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. > ».
« < 10- دېكابىردىكى << دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى>> مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا پايتەختى ئوتتاۋادىكى پارلامېنت بىناسىدا كانادادىكى << بىر ئەركىن دۇنيا >> تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا كانادادىكى خىتاي دېموكراتلار تەشكىلاتى، ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ھەققىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن . > ».
« 10- دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ << يېپىق تەربىيە>> لاگېرلىرىغا قامىلىپ، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە يېتىپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوزغاشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى . ».
« 10- دېكابىر << خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى>> دە چېخ ۋە سىلوۋاكىيەلىك ئىلمىي خادىملار ۋە ھەر ساھە زاتلاردىن تەشكىللەنگەن 115 كىشى ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئېغىر بېسىم سىياسەتلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماش ھەرىكىتى قاتتىق ئەيىبلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن << سىياسىي تەربىيە>> لاگېرلىرىغا قامالغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال ئازاد قىلىش، رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ».
« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار پائالىيەت قىلىدىغان قالغان 20 تەشكىلات بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان << ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى>> ۋە لاگېر تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا ئورتاق ھالدا قارشى تۇرۇشقا، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قىممەتلىرىنى ياقىلايدىغان ھۆكۈمەتلەرنى ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ، خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان. ».
« < خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا بىر تەدبىر ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرلارغا قاماش ۋە ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارغا قارىتا زورلۇق ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بۇ خىتابنامىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىن ھالقىپ، چەتئەللەردىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. > ،< ئۇ مۇنداق دېدى: << بىز ئۆتكەن يىللار مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىپ تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى مەسىلەن، گۈي مىنخەينىڭ تايلاندتىن قاچۇرۇلۇشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر ئۈستىدە بېسىم شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىدەك مىساللار ئارقىلىق خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغانلىقىنى كۆردۇق. بىز بۈگۈن خىتاينىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قانداق قىلىپ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك، دېدى. >> > ».
« 10- دېكابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىمۇ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا خىتايدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالغاندا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى مىسال كۆرسەتكەن. باياناتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: < بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىشەنچلىك مەلۇماتلار– مەسىلەن، << يېپىق تەربىيە مەركەزلىرى >> دىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلار ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. كىشىلەرگە كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، ساياھەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى ۋە مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلىشتەك ۋەقەلەر ھەممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئىشارەت قىلىپ تۇرماقتا. >،< ئۇلار باياناتىدا يەنە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام توختى ۋە تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى زىيالىيلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تىنچ، مۇقىم بىر جەمئىيەت يارىتىشنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان. > ».
« << ئىيى>> پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 14- دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن مەتبۇئات باياناتىدا مۇنداق دېدى: << ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار مەلۇم بولغىنىدەك بۇ ھەپتە دۈشەنبە كۈنى، يەنى 10- دېكابىر كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ئىدى. خىتاي ئىنسان ھەق- ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي تۈركىي مىللەتتىن يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنى << تەربىيەلەش مەركىزى >> نامىدىكى يەرلەرگە سولاپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان ھۆكۈمەتنى ئويغىتىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدىم. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى سىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتماقچىمەن>،< پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا << ئىرقىي قىرغىنچىلىق>> ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: << ھازىر 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق تۈركلىرى، خىتاي ‹تەربىيەلەش كۇرسى >> دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىدا ئىڭرىماقتا. مەزكۇر لاگېرلاردا ھەر كۈن ئونلىغان ئادەم شېھىت بولماقتا. بۇ لاگېرلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرى، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن. خىتاي ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزنى << ئىدىيەسىدە چاتاق بار >> دەپ جازالىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرىمىزغا تېررورچى مۇئامىلىسى قىلماقتا> ،< ئۇ باياناتىدا 2018-يىلى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ << لاگېرلار >> توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: < بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر خىتايغا قايتۇرۇلمىسۇن. ئىككىنچى، پاناھلانغۇچىلارغا ئىقامەت بېرىلسۇن. ئۈچىنچى، قىسقا مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلسۇن. تۆتىنچى، پاناھلانغۇچى بالىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلسۇن. بەشىنچى، خىتايدىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلار ھەرگىز خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمىسۇن، چۈنكى قايتۇرۇلغانلار ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بېسىم يېرى بولغان << جازا لاگېرلىرى>> غا ئەۋەتىلىدۇ .> . ».
« رۇسىيەنىڭ << ناستوياشېيې ۋرېميا. ئازىيا >> ئاخبارات تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تۆۋەندىكى خەۋەرنى بەرگەن: < مەلۇم بولۇشىچە، 15- دېكابىردا رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈلگەن.>، < موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي- مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى شەرىف ئەخمەتوف << تۇغقانلارنىڭ كۆپى ئۆز ۋاقتىدا ئېتىلىپ كەتتى. ئاڭلىشىمچە، ھازىر ئۇلارنىڭ جىقلىرى تۈرمىدە يېتىپتۇ. ئۇلاردىن ھازىر بىرەر خەۋەر يوق. مەن ئاخىرقى قېتىم 2013- يىلى بارغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بېرىشقا رۇخسەت ئالالمىدىم. ھازىرقى ۋاقىتقا كەلسەك، ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان خىتاينى ئېتىراپ قىلمىغان. ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ھازىر موسكۋادىكى تۈركىي مىللەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتىدۇ. لېكىن ھۆكۈمەتلىرى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق خەۋەر بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇلار غەزەپلىنىپ، نامايىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. نامايىش بىلەن خىتاي توختاپ قالمايدۇ. قانچىلىك داۋاملىشىدۇ، ئۇنى ئۇقمايمىز. >> دېگەن >، < مەزكۇر نامايىشقا چىققان تونۇلغان ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بەھرام ھەمرايېف ۋە تور بەتچى بەھرام رەھمان نۆۋەتلىشىپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى سۆزلەر يېزىلغان ۋاراقچىلارنى ھەم ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ ۋاراقچىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: << خىتاي! يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ياپ! ئەركىنلىك ئىشىكلىرىنى ئاچ! >>، << خىتايدىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى يېپىشنى تەلەپ قىلىمىز! >> >، < بەھروم ھەمرايېف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: << ئىلگىرى خىتاي ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىكى توغرىلىق گەپ قىلغان بولسا، كېيىنرەك <> تېررورچى > < دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن < > تېررورچى>< ۋە <> دىنىي رادىكال ئۇنسۇر>< دېگەن ئاتالغۇلارنىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىدى. لېكىن خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئەنە شۇ كۈچلەرگە قارشى كۈرەش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىزچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرى قانداق جازالىغان بولسا، ھازىرمۇ شۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. مەن ئۇ ياقتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن پات- پات ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن. ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقلارمۇ، قىرغىزلارمۇ، ئۆزبېكلەرمۇ جازالانماقتا. خىتاي ھازىر بۇ خەلقلەرنى بىردەك ئېزىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كۆپ ساندا ئازاب تارتىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھازىر پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا قارشى چىقىۋاتىدۇ دېگەن سۆز. بۇ كۈرەشتە مۇسۇلمان خەلقلەر بىرلىشىدۇ. بۇنى خىتاي كېلەچەكتە ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ بىلىدۇ. > ».
19- دېكابىر كۈنى « < تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا خەت تاپشۇردى ۋە ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلدى. >، < تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆندەر كاھۋەچى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىغا يازغان بىر پارچە خەتنى ب د ت نىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. >، ئۇ باياناتىدا < بۈگۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد- ئەلەملىرىنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. > ،< ئۇ باياناتىدا ئالدى بىلەن ب د ت نى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: << يۇرتىدىكى ئۆي- مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېچكىمنىڭ قاراپ تۇرۇش ھەققى يوق. نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان. ئۇ يەردە تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا. ئەپسۇسكى، بۇلار ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى تارتمايۋاتىدۇ. بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن بۇلار خەۋەر قىممىتى يوق دەپ قارالماقتا. تۈركىيەمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ پەريادىغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ.>،< ئۇ باياناتىدا ب د ت نى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: << بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى ئۇلارنى كۆزىتىش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى توسۇش. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك مەقسىتىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىل بولۇشىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان. شۇڭا بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ب د ت نى شەرقىي تۈركىستاندا ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمىز. >> >، < ئاتا يۇرتىمىزدا بىز بىلەن بىر مىللەت. يۈز يىللاردىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى چىقىۋاتقان، مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان، ئىسلامنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلارنى ئەيىبلەيمىز. بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز. ئۇنداق قىلمىغان دۆلەت ۋە ئورگانلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە شېرىك بولغان بولىدۇ. > ».
« < تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 23- دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. >، < يىغىلىشتا مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مىلادىدىن بۇرۇن 2-ئەسىردىن باشلاپ ھۇن دۆلىتى، كۆكتۈرك دۆلىتى، ئۇيغۇر دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى، سەئىدىيە دۆلىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، مانچۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ 1884- يىلى مەزكۇر تۇپراقنى قايتىدىن بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىسمىنى << شىنجاڭ >> دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى، بۇ زېمىننىڭ نامىنىڭ << شىنجاڭ >> ئەمەس، << شەرقىي تۈركىستان >> ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. >،< مۇستافا دەستىچى ئەپەندى نۇتقىدا خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىي مىللەتلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى، 3 مىليون ئادەمنىڭ لاگېرلارغا تاشلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك سىياسەتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. > ».
« 24- دېكابىر كۈنى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دۆلەت رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: << بىزنىڭ دەردىمىز شۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەت تراگېدىيەسى بار. دۆلەت رەئىسىمىز تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نەتەنياھۇغا تېلېۋىزىيەلەردە بەك ياخشى ۋارقىراۋاتاتتى. نېمە دېگەن ياخشى، خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سەن بۇ دۆلەتنىڭ رەئىسى ئىكەنسەن، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟ ئۇيغۇرلار سېنىڭ ھەم دىندىشىڭ ھەم قان- قېرىندىشىڭ. نېمىشقا، ھەي خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىققا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى نېمىشقا توختاتمايسەن دېمەيسەن؟ بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قەيىرىدە ئېزىلگەن خەلق بولسا ئۇنىڭغا ئىگە چىقىمىز. >> ».
« < 26- دېكابىر كۈنى قازان شەھىرىدىكى كەرىم تىنچۇرىن باغچىسىدا بىر توپ تاتار پائالىيەتچىلىرى تۈرلۈك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، نارازىلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى. >، < مەزكۇر يىغىلىش پۈتۈن تاتار جەمئىيەتلىرى مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى فەرىت زاكىيېف ئازادلىق رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ << ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقى >> غا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فەرىت زاكىيېف ئەپەندى: << بىز ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئۆزىنىڭ يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىشى ۋە بۇ خىل ئېتنىك مەدەنىيەت يوقىتىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىشى لازىم دەپ ھېسابلايمىز، بىزنىڭچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە فىرانسىيە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا دىققەت قىلىشى لازىم دەپ ھېسابلايمىز. >> دەپ تەكىتلىگەن. >> >، < يىغىلىشقا يېغىۋاتقان قارغا قارىماي 12 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار قوللىرىدا << خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ! ب د ت ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىمىز! >>، << خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ! خىتايدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز! >>، << فاشىستلار گېرمانىيەسى 1937- ، خىتاي 2018 ->> ، << تاتارلار! قانداش ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى بىرلىكتە قوغداشقا قوزغىلايلى! >>،<< يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئەركىنلىك! >> دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن. > ».
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا بولغان كۈچلۈك قارشىلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى .
« < كۆزەتكۈچىلەر دۇنيانى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە چاقىردى. >، < ھېنرىي شاجېۋىسكى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەر يېزىلغانلىقى، دوكلاتلار ئېلان قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئەمدى دۇنيا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، << دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ، خىتاينى بۇ جىنايەتتىن توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەك. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا بىر باشلامچىلىق رول ئوينايمەن دەۋاتقان، پەن- تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت. دۇنيا بۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنىنى ۋە ئۇنىڭ كېيىن قانداق بىر پالاكەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك، دېدى. >> ».
بۇ يىل دېكابر ئىيىدا « < تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى بولغان ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ئانادولىيە گەنجلىك (ئاشلىق) جەمئىيىتى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى، تۈرك ئوجاقلىرى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى، كادىرلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نامايىشلار ئۇيۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە خەلق ئاممىسى كوچىلارغا چىقىپ، نامايىش، يىغىلىش، مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا. >،< تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى سامسۇن شۆبىسىنىڭ رەئىسى سەركان شەن ئەپەندى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بۈگۈن 21- دېكابىر، بىر يىلنىڭ ئەڭ ئۇزۇن كېچىسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بېسىم ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر كېچە شۇنداق ئۇزۇن تۇيۇلىدۇ. خىتاي بۈگۈنكى كۈندە 1 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنى تۈرمىلەردە ئىسكەنجە ئاستىدا تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ جىنايىتى پەقەتلا تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىدۇر. بىزمۇ مۇسۇلمان، بىزمۇ تۈرك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش بىز تۈركلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بىز تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ تۈرمىلىرىگە قامالغان بىر مىليون قېرىنداشلىرىمىزنى دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر خىتاي بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قويۇپ بەرمىسە، يېقىندا ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان بىر قىرغىنچىلىققا سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ بىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتتۇر. ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقلىرى بېرىلىشى كېرەك. > ».
« < 27- دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈركىيەدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى. >، < تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى دوكتور بورھان سېتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: << سىلەرنىڭ ئەندىشەڭلارنى چۈشىنىمىز ۋە سىلەرنى ھىمايە قىلىمىز. ئەمما خىتايدەك بىر دۆلەت بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىپ ھەل قىلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. خەلقئارا جامائەت بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىسىنى ئورتاق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىز خىتايغا ئىزچىل ھالدا بىر قانچە تېررورچى سەۋەبىدىن پۈتۈن بىر خەلقنى تېررورچى دەپ قاراش ۋە ئۇلارغا شۇنداق پوزىتسىيەدە بولۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلدۇق. بىر ئائىلىدىن بىر تېررورچى چىقسا، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن پۈتكۈل ئائىلىنى جازا لاگېرىغا يوللاش ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس دەپ كەلدۇق. بىز جۇمھۇر رەئىسىمىز بىلەن خىتايغا بارغاندا ئۇ يەردىكى 35 مىليون مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى سوراپ كۆرۈشكە تىرىشقان ئىدۇق. >> > ».
« < مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى بېرلىندىكى ئالپەرەن ئوجاقلىرى، بېرلىندىكى تۈرك جامائىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا بولغان نارازىلىقلار بايان قىلىندى ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي داۋاسىغا ياردەمچى بولۇشقا چاقىردى. >، < نامايىش جەريانىدا ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئايرىم ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، 70 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئەمدىلىكتە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ چېكىگە يەتكەنلىكىنى، لاگېرلاردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بېرلىندىكى تۈرك جامائىتىنىڭ مەسئۇلى سەلچۇك ئەپەندى ۋە بېرلىن ئالپئەرەن ئوجاقلىرىنىڭ مەسئۇلى ئالىشەن ئەپەندىلەر يەنە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقى تەكىتلەپ، ئۇلارغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئۆزىگە كەلگەن زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. > ».
« 21- دېكابىر كۈنى بېرلىندىكى «ئالپئەرەن ئوجاقلىرى» دەپ ئاتالغان تۈرك تەشكىلاتىمۇ ئۆزلۈكىدىن نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ».
« 29 – دېكابىر گېرمانىيەنىڭ نۈرېنبېرگ شەھىرىدىكى تۈرك جامائىتى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ۋە رايوندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. 21- دېكابىر كۈنى بېرلىندىكى << ئالپئەرەن ئوجاقلىرى >> دەپ ئاتالغان تۈرك تەشكىلاتىمۇ ئۆزلۈكىدىن نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ».
« ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى 27- دېكابىر كۈنى << يەرشارى پوچتىسى >> ناملىق تور ژۇرنىلىدا «خىتاي چەتئەللەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. ».
« ئۇيغۇر ئېلىدا ئاشكارىلىنىۋاتقان مانا مۇشۇنداق ئۇچۇرلار خەلقئارادىكى نۇرغۇن ئورگانلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەلەپنى ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ۋە شۇنداقلا كانادا، فىرانسىيە، دانىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق15 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىرلىكتە ئىمزالىق مەكتۇپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا يەنە، ھىندونېزىيە ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانىلىقلىرىغا قارشى بايانات ئىلان قىلدى، ھىندونېزىيە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى نامايىش ئۆتكۈزۈپ،خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرىمۇ ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يېزىش ئارقىلىق خىتاينى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى. ». ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھىندونېزىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلومات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ».
2019- يىل 1- يانۋار كۇۋەيت پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئوسامە شاھىن پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە « < ئالدىنقى كۈنلىرى خوتەن قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن بىر ئۇيغۇر نارىسىدەنىڭ رەسىمىنى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا ئائىت رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر كۈلپەتلىرىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەسمىي دوكلاتىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.>، < ئۇسامە شاھىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن كېيىن، 2- قېتىم بۇنداق لاگېرلار مەۋجۇت بولمايدۇ دېيىلگەن بۇ دۇنيادا، ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ لاگېرلاردا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئىنسانلىق جىنايىتى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ھەمدە بارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، «سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيلىقنىمۇ نەزەرگە ئېلىش لازىم، بۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتىدۇ> دېگەن. ».
« << ۋاشىنگتون پوچتىسى >> گېزىتى 8‏- يانۋار كۈنى يەنە بىر قېتىم تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى خىتاينىڭ << كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىش ھەرىكىتى >>گە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تېزرەك ماقۇللاپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا چاقىرغان. بۇ ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتنىڭ يېقىنقى 6 ئىچىدە ئېلان قىلغان 5 قېتىملىق تەھرىرات ماقالىسىدۇر. >، < << ۋاشىنگتون پوچتىسى>> تەھرىرات ماقالىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تېز ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلىپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدا كانادا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتىدا << تۈركىي مۇسۇلمانلارغا بولۇۋاتقان ھادىسە كۆلەم، تېخنىكا جەھەتتىكى تاكامۇللۇق، دۆلەتنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا ئاجراتقان ئىقتىسادى سېلىنمىسى جەھەتلەردە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى >> تەكىتلەنگەنلىكى، لېكىن دۇنيانىڭ بۇنىڭغا زۇۋان سۈرمەيۋاتقانلىقى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى> نى تەكىتلىدى. ».
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بارپا قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قاريتا « 2018- يىلى 6- ئايدىن ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، ب د ت ۋە گېرمانىيە باشتا بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئاۋسترالىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەر تۈرلۈك ئىپادىلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ھەقتە 15 ماددىلىق قارار لايىھەسى قوبۇل قىلدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە قانۇن لايىھەسى سۇندى. » لېكىن، دۇنيادا ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان دۆلەتلەردىن مالايشىيا، ھىدۇنېزىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردىن تا 2019- يىل 1- يانۋارغىچە ھىچ قانداق سادا يوق.
2018- يىلى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھۆقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر ئىستىقلال تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسى ۋە ئۇيغۇر خەۋەرلار ئىستانسىيسى، ب دت نىڭ كىشلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كومىتېتى، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى دىموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى،پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتلىرى ، ھۆكۈمەت ئارباپلىرى، سياسىيونلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر مەسىللىرى تەتقىقاتچىلىرى،ئاخبارات- تەشۋېقات ئورگانلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى، چەت ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تەشكىلاتلار ۋە پروفېسسور- ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە ئىسانپەرۋەر زاتلارنىڭ زور تىرىشچالىقلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك مۇسۇلمانلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە مۇسۇلمان تۇڭگانلارغا قارىتا يۈگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش ۋەزىيىتى خەلقئارالاشتى
2019- يىل باشلىنىشى بىلەن « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي »، « شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى» ۋە « شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى » قاتارلىق ھەر قايسى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلىرى— مالايسىيا ، ھىندۇنېزىيە قاتارلىق دۆلەت خەلقلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۈر بىلدۇرۇش ۋە نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستانىڭ ۋەزىيىتىنى تىخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇش يۈزىدىن ئىلىپ بارغان ئۈنۈملۈك زىيارەتلىرى كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرشتى.
2019- يىل كېرىشى بىلەن تۈركىيە، ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە خەلقلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا جۇملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي باستۇرۇشىغا نارازلىق بىلدۇرۇش ۋە بۇ خىل ئىرقىي دەپسەنچىلىكنى دەرھال توختىتىش يۈزىدىن ئېلىپ بارغان نامايىشلىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدى.
« < ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىل قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ يۇرىشىگە قارىتا 14- سېنتەبىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو تۋىتتېرغا چاپلىغان ئۇچۇرىدا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىك بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن. ھالبۇكى، دۆلەت سۈپىتىدە ھېچ بىر ئەرەب ياكى تۈرك ۋە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىدىن رەسمىي شەكىلدە بىر ئىنكاس چىقمىغان ئىدى. >، < مانا بۆگۈن 2019 – يىل 1- يانۋار كۇۋەيت پارلامېنتىدا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئوسامە شاھىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ << زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قولۇڭلار بىلەن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭلار تىلىڭلار بىلەن، ئۇنىمۇ قىلالمىساڭلار دىلىڭلاردا قارشى تۇرۇڭلار>> دېگەن ھەدىسىنىڭ روھىغا بىنائەن كۇۋەيتنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا ئىنكاس بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن. > ».
« << ئىيى>>، يەنى << ياخشى >> پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 8- يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تۈرك خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى چۈشۈرمەي بالدۇرراق خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈرك مىللىتىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرمەڭلار. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى بىزنى ئەنسىرەتمەكتە. خىتايدىن كېلىدىغان بىر نەچچە مىليارد دوللار پۇلنى دەپ مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە دىنداشلىرىمىزنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلار ھامان بىر كۈنى ئاشۇ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا ھېساب بېرىدۇ. ».
دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي دەپسەندىچىلىكىگە بولغان نازازلىق ۋە بۇ ئىرقىي دەپسەندىچىلىكنى توختىتىش سادالىرى دۇنيانى قاپلىغاندىن كېيىن،دۇنيا جامائەتچىىلىكىنىڭ كۆزىنى بۆياش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە دىپلوماتلىرىنى تەشكىللەپ، ھەقىقىي جازا لاگېرلىرى ئورنىغا ئۆزلىرى ياساپ قويغان « كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» لىرىنى ئىكسكۇرسىيە قىلدۇرغان. « << شىنجاڭ گېزىتى>> خەۋىرىدىن قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا كىچىك كۆلەملىك بىر چەتئەل مۇخبىرلىرى گۇرۇپپىسى ۋە شۇنداقلا رۇسىيە، ھىندونېزىيە، تايلاند، قازاقىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنى تەشكىللەپ، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەنلەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇ يەردىكى بىر قىسىم تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ۋە مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغان. ھالبۇكى ئۆتكەن يىلى 10‏- ئايدا كانادا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگوغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەردىن بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە بىرمۇ ۋەكىلى يوق. ».
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 8‏- يانۋار كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. « < << ئاغزاكى دەلىللەر: خىتاي ۋە قائىدە- قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا سىستېما >> ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن. مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇلارنى قەشقەر خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاتالمىش 3 ‏ << كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى >> نى زىيارەت قىلدۇرغان، تۇتقۇنلارغا بۇ مەركەزلەردە قانۇن ۋە تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ << رادىكاللىق >> ئىدىيىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى . >، < بۇ يىغىندا، پارىژ ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي ئىلىملەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ساباستيان ۋەگ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ << قايتا- تەربىيەلەش لاگېرلىرى >> غا يىغىۋېلىنغانلىقىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە بۇ سورۇندىكى ھېچكىمنىڭ گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << بۇ سورۇندىكى ھېچكىم بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە گۇمان قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئىشەنچلىكتەك قىلىدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيەردە غايىب بولغان پروفېسسورلار ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرىغا دائىر خەۋەرلەر بار. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مانا شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ بىزگە قېرىنداش ئىنستىتۇت بولغان پارىژ EPHE ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرى پروفېسسورى ئىدى. بەزى خىزمەتداشلىرىمىز ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھېچبىرى رەت قىلىنمىدى . بۇيەردە بۇ خەۋەرلەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. بۇنىڭ ئەكسى ئىسپاتلانغۇچە، مەن بۇنى ۋە بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يالغانغا چىقىرالمايمەن . >، < يىغىندا ئەنگلىيەلىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، لوندون كىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ئېۋا پىلس گۇۋاھلىق بېرىپ، ھەقىقەتەن بۇ لاگېرلارغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلار قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، ئۇلارغا يەنە تەن جازاسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەرمۇ بار ئىكەن. ئېۋا پىلس مۇنداق دەيدۇ: << بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە كەلسەك، ۋەزىيەتتە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى. بۇرۇن بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندەك ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش توختاملىرى دېگەندەك ئۇچۇرلارغا تايانغان. بۇ ھەقتىكى دەلىللەر شۇنىڭدىن تەمىنلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، << كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى>> دەپ خاراكتېرلىنىشكە، ئۇنىڭدا << تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش >> ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە باشلىدى. بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سۆز ماڭا ناھايىتى تونۇشلۇق. مەن بۇ ئورۇنلاردا يېتىپ چىققان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولغان . گەرچە ئۇلار شىنجاڭدا ياشىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلار ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە. > ، < گۇۋاھلىق يىغىنىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور زېڭ رۈيشېڭ گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتايدا 1976‏- يىلدىن كېيىن يۈز بېرىپ باقمىغان. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي پۇقراسى دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئۇلار باشقا بىر نەرسە بىلەن سۈپەتلىنىپ باقمىدى . ئۇلار خىتاي پۇقراسى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر دۆلىتىڭىزدىكى مەلۇم بىر گۇرۇپپا پۇقرايىڭىز بىر كىملىك بىلەن سۈپەتلەنگەن بولسا ۋە بۇ كىملىك بىلەن سۈپەتلىنىپ كېلىۋاتقان بىر گۇرۇپپىسىنىڭ 10 دەن بىر قىسمى لاگېرلاردا ياشاۋاتقان بولسا، بۇ سىزدە غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار دېمەكتۇر. بىز 1976‏- يىلى ماۋ زېدوڭ دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن بېرى، ھەتتا 1989‏- يىلدىكى ھەربىي باستۇرۇش دەۋرىدىمۇ شىنجاڭدا يۈز بەرگەندەك بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شاھىت بولۇپ باقمىغان. >> > ».
« < ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ھازىرغا قەدەر سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئاددىي پۇقرالار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتمەكتە. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئارقىمۇ- ئارقىدىن ئېلان قىلماقتا. قىرغىزىستاندا بولسا يېقىندا بىر قىسىم ئاممىسى ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. >، < دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزالىرىدىن ئەركىن ئەخمەت باشچىلىقىدىكى بىر توپ ياشلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 10- يانۋار كۈنى ئاممىۋى تور بەتلەردە ئۇيغۇر، ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرىدا «ستوپ گېنوتسىد: بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز!» ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش باشلاندى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىر كىشىلىك ئاۋاز قوشۇش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئىكەن. >، < ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق << ستوپ گېنوتسىد- بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز>> ، يەنى << قىرغىنچىلىقنى توختات: بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز >> ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. قىرغىزىستاندىكى << ياشلىق ئاۋازى ئۇيۇشمىسى >> نىڭ ھەم قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى << ئىتتىپاق >> جەمئىيىتىنىڭ ياشلار كومىتېتىنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىلىرىدە مەزكۇر خەتلەر يېزىلغان پائالىيەت باشلاندى. > ».
« < 15- يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن << خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى>>، << ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى>> قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. >،< ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 2008- يىللىق خەلقئارا << ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى >> ساھىبى بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا ئەپەندى بايانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خىتاي خەلقى ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى ئاۋازى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق- ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قاماش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. >،< بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى، ئۆزى قۇرغان << ئۇيغۇربىز تور بېكىتى>> دە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئىدى. > ».
« < كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2019‏- يىللىق دوكلاتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مەركەزلىشىپ، لاگېرلارنى تاقاش، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دۈشمەنلىك قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كەڭ ئەۋج ئالغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. 674 بەتلىك بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 2018‏- يىلى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى خىتاي جەمئىيىتىگە بولغان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن . شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى تۇتقان. >، < دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، چېن چۈەنگو دەۋرىدە دائىرىلەر كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى خۇسۇسەن تۇتقۇنلارنى تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدەك رەسمىي ئورۇنلارغا سولاشنى، خىتاي قانۇنىدا ھېچقانداق ئاساسى يوق << سىياسىي تەربىيەلەش›>> لاگېرلىرىغا قاماشنى كۈچەيتكەن . دوكلاتتا بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندەك كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقى ئەسكەرتىلىپ ، << تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە، ھۆكۈمەت – پارتىيەنى مەدھىيەلەشكە، ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان قاراشلىرىنى تەنقىدلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغانلار ياكى ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى >> تەكىتلەنگەن. >، < كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: << بىزنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتتا تەكىتلىمەكچى بولغان نۇقتىمىز، پەقەت خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە شىنجاڭدا سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشلا ئەمەس. بەلكى يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. بۇ مەسىلە خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ كەتتى. شۇڭا بىز خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ئىنكاسنىڭ قوزغىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. >> >، < كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2018‏- يىلى دۇنيادا ئىستىبداتلىق خاھىشى داۋاملىق ئېغىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا قارشى بەزى ئىجابىي تەرەققىياتلارغا مەيدانغا كەلگەن. دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى كۈچەيتكەنلىكى، << يەر شارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى قايتا جانلانغانلىقى>> نى بىلدۈرگەن. >،< كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننىس روت ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ غەرب بىلەن روھىنگا مەسىلىسىدە ھەمكارلاشقاندەك ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشتى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بۇرۇن ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئاۋاز بېرىپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار تۇنجى قېتىم بىرما مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىپ، ئىنتايىن مۇھىم ئۈلگە ياراتتى. بىز بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. > ».
« < 30 يىللىق ھاياتى خىتايدا ئۆتكەن، 19 يېشىدىن باشلاپ قايتا تەربىيە نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مارالبېشى ناھىيەسىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 3- دېۋىزىيەسىدە 9 يىللىق << قايتا تەربىيە >> كۆرگەن ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسا بۇكزاكى خانىم < خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ شۇ يىللاردىلا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. >، < تېرىسا خانىم ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشى ھەققىدە توختىلىپ، << بۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فاشىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى ۋە سىگانلارنى قىرىشىغا ئوخشاش قىلمىش»>> دەپ ئەيىبلىدى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << بۇ ناھايىتى شەپقەتسىزلىك، مەن بۇنى ناتسىستلارنىڭ قىلمىشىدىن ھېچ پەرقلەنمەيدىغان شەپقەتسىز قىلمىش دەپ بىلىمەن. بۇ ئەھۋال 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقاتقىنىغا، سىگانلارنى يوقاتقىنىغا ئوخشاش قەبىھ قىلمىش . شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەرگىز سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك! سىلەر ئۆز ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىتىشىڭلار كېرەك! >> > ،< تېرىسا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئېتىقادى ۋە كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەندە تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردىلا خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆزلىرىمۇ كومپارتىيەنىڭ ئېزىشىگە ئۇچراۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئەتراپتىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشتەك مىللى كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى ئىنسانلىق ئەخلاقىغا خىلاپ دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. >،< ئۇ مۇنداق دېدى: << مېنىڭچە مەيلى قانداق ئىرق، مىللەت بولسۇن، قانداق مەدەنىيەت ياكى قانداق ئېتىقاد ياكى ئۆرپ- ئادەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇلار كەمسىتىش ياكى باستۇرۇشقا باھانە بولماسلىقى كېرەك. مانا بۇ مېنى ئەڭ ئازابلايدىغان مەسىلە. مېنىڭچە بۇ كومپارتىيەنىڭ تولىمۇ ياۋۇزلۇقى ياكى دىكتاتورىلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ مېنىڭ بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئارىسىدا تۇرغان ۋاقتىمدىلا كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىم. چۈنكى، ئەينى چاغدا بىڭتۇەندىكى خىتايلار ئۆزلىرىمۇ دوزاخ ئىچىدە ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلايتتى. ئۇلار ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، قازاقلار بولسۇن ئۇلارنى كەمسىتەتتى، ياراتمايتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمىگە شۇنچە ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغانلىقىغا ھەيرانمەن. مەن ئۇلاردىن سەن نېمەڭگە تايىنىپ ئۆزۈڭنى شۇنچە چوڭ تۇتىسەن، باشقىلارنى شۇنچە پەس كۆرىسەن دەپ سورۇغۇم كېلىدۇ. مەن بۇ خىل پىسخىكىدىكىلەردىن، يەنى باشقىلارنى ئۆزى بىلەن باراۋەر كۆرمەيدىغان كىشىلەردىن ناھايىتى بىزار ئىدىم، ئۇلارنى ياراتمايتتىم . >> > ».
« < 16- يانۋار كۈنى تۈركىيەدىكى << ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى>>، << ئۆزگۈر چۈشەنچە ۋە تەلىم ھەقلىرى جەمئىيىتى>> ، << ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئادالەت ھەرىكىتى >>، << ئىنسان ھەقلىرى ئادالەت ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتى >>، << خەلقئارالىق مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتى >> قاتارلىق 5 چوڭ تەشكىلات بىرلىكتە، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلدى. >، < ئۆزگۈر دەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋان كايا ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى << ھەق- ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى>> دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: << خىتاينىڭ بۈگۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا كۆپتۈرۈپ تەنقىدلىنىۋاتقانلىقى داۋا قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ يەردە ئوپئوچۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتى مەۋجۇت. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئوچۇق ئاشكارا بىر ئاسسىمىلياتسىيە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. ئۇ يەردە دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ جىنايەتلەر < قوشماق تۇغقانچىلىق > دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھەر كىم قارشى چىقىشى كېرەك. خىتاي بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇش نامىدا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش ئەيىب ۋە جىنايەتتۇر > ».
« – 2019 يىل 17- يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى لايىھىسى تونۇشتۇرۇلدى. < ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇش بىلەن ماقۇللانسا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇپ قالىدۇ. > ».
« فىرانسىيەنىڭ مۇلخوسە شەھىرىدىكى << ئۈلكە ئوجاقلىرى >> تەشكىلاتى 19- يانۋار كۈنى فىرانسىيەدىكى 9 تەشكىلاتنىڭ 200 دىن ئارتۇق ۋەكىللىرىنى يىغىپ < شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى> دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان . ».
2019- يىلى 22- يانۋار كۈنى « << مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفۇددۇن ئابدۇللاھ: بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىدىن كۆزىتىۋاتىمىز، يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلۋاتىمىز ۋە ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتىمىز. >> دېگەن. ».
يېقىندا « < ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر، دىنىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشقا شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى . بۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ، جامائەتلەرنىڭ، دىنىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدىكى بىر باياناتقا بۇنچىلىك كۆپ ساندا ئىمزا قويۇشىدۇر. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر باياناتقا ئامېرىكىدىكى ئاز دېگەندە 81 دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى، جامائىتى، ئاتاقلىق دىنىي رەھبەرلەر ۋە نوپۇزلۇق زىيالىيلار ئىمزا قويغان. ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا دوكتور ياسىر قادىدەك تونۇلغان مۇسۇلمان ئالىملار، شەيخ ئابدۇلمونېئىمدەك نوپۇزلۇق دىنىي زاتلار، ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدەك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەسىرى زور ئىسلامى تەشكىلاتلار بار ئىكەن. >،< ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر ۋە مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ باياناتىدا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكىدىن ئۈلگە ئېلىشىغا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار يەنە ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىنىي ئېتىقادتىكى جامائەتلەرنى 4‏-ئاينىڭ 6‏-كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇش زور نامايىغا قاتنىشىشقا چاقىرغان. > ».
« < 28- يانۋار، بېلگىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن << لا- لېبىگې>> (ھۆرىيەت) گېزىتىدە ۋە يەنە بىر قانچە تورلاردا، فىرانسىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە مەدەنىيەت سەنئىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە خىتايشۇناسلار ئىمزاسىدا خىتايدىن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر داڭدارلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان مەخسۇس ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. >،< بۇنىڭ ئالدىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى دوكتور راچەل خارس خانىم 17- يانۋار << يەر شارى پوچتىسى >> گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن 2000 – يىلىدىن باشلانغان نورمال ئالاقىسىنىڭ 2018- يىلى نويابىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئۆزىنىڭ سەنۇبەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىز- دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە شۇنىڭدەك خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى. >، < بېلگىيە بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فىرانسۇز ئۇيغۇرشۇناس ۋېنېسا فرانگۋىللېبۇمۇنداق دېدى : بايانات يەنە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم دوكلات، خەۋەر ۋە باياناتلاردىن ئۆرنەك ئېلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى يورۇتۇلدى. بىز بايانات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەيمىز. > ».
نۆۋەتتە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2019‏- يىللىق دوكلاتىدا دېىيىلگەندك « يەر شارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى قايتا جانلانغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى كۈچەيتكەنلىكى » دىن ئىبارەت يېڭى بىر ۋەزىيەت ئاستىدا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى بىچارە بولۇپ، « يولدىن ئۆتكەن چاشقاننى ھەر كىم ئۆرىدىغان» بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشى پەقەت ئەينى زامانىدا گېتلىر ناتىسىستلىرى يەھۇدىيلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە، سەھنىلەشتۈرۈلگەن جايلارنى ياساپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشقا ئۇرۇنۇشىدەك سىياسىي ئالدامچىىلىقلارنى قىلىشلا بولۇپ قالدى. بۇ يىل كىرىگەندىن باشلاپ خىتاى ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەن ئۆسۈملىق قەرىز بېرىش ياكى بىكار پۇل بىرىش يوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ يالىقىنى يالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىلللىرى ۋە مۇخبىر – ژۇرنالىستلىرىنى « شىنجاڭ » غا تەكلىپ قىلىپ،« ئۇيغۇر تۈرك نامازخانلارنىڭ مەسچىتكە پاتماي قالغان ھالدا ناماز ئوقۇۋاتقان مەنزىرىسى » نى « تاماشا » قىلدۇرماقتا، ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق دۇنيا خەلقىنى ئالداش خام خىيالىنى سۈرمەكتە.
« < ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇ يىل 29‏- يانۋار كۈنى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە» يىغىنى ئاچتى . > ، < ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەلىستېر كارمىكال ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنە ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي پاناھلىق سىياسىتىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن. ئۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. > ،< ئەلىستېر كارمىكال مۇنداق دەيدۇ: << شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەھۋالى بىزنىڭ سىياسىي پاناھلىق سىياسىتىمىزگە جىددىي سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. بىز بۇ رايوندىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ سورۇندا مەن مىنىستىر ئەپەندىگە شۇنى دېمەكچى، گەرچە بۇ ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت شىۋېتسىيە بىلەن گېرمانىيەنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك.> >> ،< يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى فىئوننا برۇس خانىم لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادنىڭ چەكلىنىشى، د ن ئا ئەۋرىشكىسىنىڭ يىغىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن نۇرغۇن بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، تۇقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرى قارانچۇقسىز قالدى. بىز ئۆتكەن ھەپتە ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كېتىلگەن بىر بالىنىڭ سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. نۆۋەتتە بالىلارنىڭمۇ قايتا-تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىپ، قوپال مۇئامىلىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بىز بالىلارنىڭ، ھەتتا 6 ئايلىق بوۋاقلارنىڭمۇ ھايۋان قوتىنىغا سولىغاندەك بۇ جايلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. >> > ،< فىئوننا برۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ب د ت باشچىلىقىدا بىر خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقىنى سورىدى. > ، < ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر يىغىنىدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى مارك فېلد، فىئوننا برۇسنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باشېلىتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. > ، < مارك فېلد مۇنداق دەيدۇ: « ب د ت ئالىي كومىسسارى مېشىل باشېلىت ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئەندىشە قىلارلىق ھادىسىلەر ۋە قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئېنىقلاشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىمىز. بىز ب د ت نىڭ رايوندا ھېچقانداق چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق چاقىرىق قىلىمىز. > » .
« < ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر، جامائەتلەر، دىنىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشقا شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. >،< بۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ، جامائەتلەرنىڭ، دىنىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ھەققىدىكى بىر باياناتقا بۇنچىلىك كۆپ ساندا ئىمزا قويۇشىدۇر. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر باياناتقا ئامېرىكىدىكى ئاز دېگەندە 81 دۆلەتلىك ۋە يەرلىك مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى، جامائىتى، ئاتاقلىق دىنىي رەھبەرلەر ۋە نوپۇزلۇق زىيالىيلار ئىمزا قويغان. ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا دوكتور ياسىر قادىدەك تونۇلغان مۇسۇلمان ئالىملار، شەيخ ئابدۇلمونېئىمدەك نوپۇزلۇق دىنىي زاتلار، ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدەك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەسىرى زور ئىسلامى تەشكىلاتلار بار ئىكەن. > ، < بۇ باياناتقا ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. << ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى >> نىڭ باياناتچىسى زەينەت چاۋدرىي خانىم 24‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: << بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ھازىر يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش، سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقادنى ئىپادىلەشنى بوغۇش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن جەمئىيەت يېقىندا خەۋەر تېپىشقا باشلىدى. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە، بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇشقا، دىنى ئېتىقادنى ئەسلىگە ئەكەلدۈرۈشكە چاقىرىمىز. >> > » .
بۇ يىل كىرگەندىن كېيىن دۇنيا قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاۋىسترالىيىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قولىشىنى قولغا يۈزىدىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىق نەتىجىلەرگە ئېرشتى. يەنە دۇنيا قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر كېڭىشى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكلىرىنىڭ مالايشىيا ۋە ھىدونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاممۋى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۇملىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلققا دۆچ كېلىۋاتقانلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش يۈزىىدىن ئېلىپ بارغان نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە رەخمەت ئېتىش ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق چۆشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىغا تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئېرىش مەقسىدىدە ئېلىپ ئېلىپ بارغان خەلقئارالىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.
« < ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىدىن «CNN تېلېۋىزىيەسى» 28- يانۋار كۈنىدىكى خەۋەر پروگراممىسىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر كرىزىسى» تېمىسىغا ئورۇن بەردى. پروگراممىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان بوب مېنېندىز ئەپەندى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بوب مېنېندىز ئەپەندى پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى. >،< بوب مېنېندىز: << مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغىنىم، خەلققە بېسىم ئىشلىتىش سىزنى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزمەيدۇ. سىز تىنچلىق بىلەن ئىپادە قىلىنىۋاتقان پەرقلەرگە يول قويۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىۋالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ھالدا ئىپادە قىلىشىغا يول قويۇشىڭىز كېرەك. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا خىتاي ئاندىن ئۆزى دەۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. >> > دىدى. ئۇ < خەلقئارانىڭ ئورتاق ھەرىكىتىنىڭ خىتاينى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. >، < بوب مېنىندىز يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاساستا خىتايغا چاقىرىق قىلىش ئاساسىنى چىڭىتالىساق، يەنى بۇ ئۆزگىرىش چاقىرىقىنى پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە قول قويغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەلىپى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويالىساق، ئاخىرى بېرىپ كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆزگىرىش بىر كېچىدە يۈز بەرمەيدۇ، ئەمما خىتاي خەلقئارادىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىدىغان دۆلەت بولغانلىقتىن، كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ يولدا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. > ».
« ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بىر ئائىلىدە بىر قانچە ئادەم لاگېرلارغا قامالغانلىقتىن بالىلار تالادا قالغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. مېنىڭ ئىچكىرىكى دوستلىرىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ يېتىم بولۇپ قالغان بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ يۆتكىگەن ئىكەن. ئۇلار بالىلارنىڭمۇ مېڭىسىنى يۇيۇپ ئەجدادلىرىنى تونۇماس قىلىۋەتمەكچى، ئۇلارغا كىچىكىدىن خىتايچە ئۆگىتىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، چوشقا يېگۈزۈپ دېگەندەك پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنى پىلانلىغان. ئاتا- ئانىلىرى بولسا لاگېرلاردا ھەر خىل قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىماقتا. ئۆلگەنلەرنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز. بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەت يەنە قانچە داۋاملىشىدۇ، بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇنىڭغا شاھىت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خىتايلار ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداق يوقىتالايدىغىنىنى ئويلىشى كېرەك. بۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس، بۇ مونوپول قىلغۇچى بىلەن مونوپول قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. بۇ ئىنسانلىققا قارشى بىر جىنايەت. بۇنى بىلگەنلەر پاش قىلىش يوللىرىنى ئىزدىشى، ئىچىدە ئاڭلىتالمىسا ماڭا ئوخشاش سىرتقا چىقىپ، ئەركىن دۆلەتلەردە ئاڭلىتىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن.
« < 28- يانۋار كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق مەكتىپىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى زور ساندا لاگېرغا قامىشى ھەمدە زىيانكەشلىك قىلىشى: بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.>،< بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى بولغان. >
« < 29- يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. >، < 29- يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو رۇبىئو، كىرىستوفىر سىمىت، رىچارد بلۇمېنتال، كورىي گاردنېر قاتارلىق جەمئىي 13 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىغا يوللىغان ئىمزالىق مەكتۇپىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. ئىلھام توختىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ناھەق ھالدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى» نى بايان قىلغان. >،< ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014- يىلى 15- يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ 5 يىلدىن بۇيان بىر قاتار نوپۇزلۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭغا 2014- يىلى ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن «باربارا گولدسمىس ئەركىن يېزىقچىلىق مۇكاپاتى»، 2016- يىلى «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، 2017- يىلى گېرمانىيەدە «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلار بېرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنماقتا. > ».
« ئۆمەر بېكئالىنىڭ 1- ئاينىڭ 30-كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى پاۋېل فىسچەر ئەپەندى قوبۇل قىلغان. قوبۇلغا بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۆمەر بېكئالى ئۇلارغا 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بۇلارنىڭ سەۋەبلىرى، كېيىنكى 2 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۆزىنىڭ «جازا لاگېرلىرى» دا بېشىغا كەلگەنلەر ۋە كۆرگەنلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ».
« ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ئىلمىي مۇنبەرلەردە داۋاملىق ئاڭلىتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىد قىلىنماقتا. ».
« < مەركىزىي گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە بولغان «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2- فېۋرالدىن باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا، جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش تەشكىللىدى. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە يۈزمىڭلارچە ئەزاسى بولغان بۇ تەشكىلات يالغۇز ياۋروپانىڭ ئۆزىدىلا 10 دۆلەت، 16 مەركىزىي شەھەردە نامايىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 2- فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ 5 چوڭ شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. >،< گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ، دۈسسېلدورف شەھەرلىرىدە كۆلىمى زور نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، نامايىشچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىمىز بولمىدى. ئەمما بېرلىن، فرانكفۇرت ۋە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. > ، < ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان << مىللىي گۆرۈش>>، يەنى «مىللىي كۆز قاراش» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.>،< << مىللىي گۆرۈش>>، يەنى << مىللىي كۆز قاراش>> تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى فاتىھ ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: << قىممەتلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىز < مىللىي گۆرۈش> تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدۇق. بۇلاردىن باشقا ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ نيۇ- يورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدۇق. بىزنىڭ بۇلارنى قىلىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ھەقسىزلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش. چۈنكى ھازىر، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بولۇپ باقمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. دۇنيا رەھبەرلىرىنى بۇنى دەرھال توختىتىشقا
چاقىرىش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئۆتكەزدۈق.>> > ».
« < 4- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورگانلار جەنۋەدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشكە چاقىردى. >،< كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كېن روت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە: << شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شۇنچىلىك ئېغىركى، ئۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن نالە قىلماقتا. >> دېدى. >،< كېن روت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يۇيۇش، ئۇلارنى پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىگە چوقۇنىدىغان كىشىلەرگە ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئەسكەرتتى. بىراق ئۇ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىقىغا قارىماي، خەلقئارانىڭ ئىنكاسىنىڭ ناھايىتى سۇسلۇقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى دەرھال ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆمەك ئەۋەتىپ، لاگېرلارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىردى. >،< ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كۇمى نايدۇمۇ ئەپەندىمۇ تېلېكامېرا ئارقىلىق قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: << بۈگۈن شىنجاڭ خۇددى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاپ قالدى. ئۇ يەردە داۋام قىلىۋاتقان ئورۋېلچە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، مەجبۇرىي مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئانا يۇرتىدا ياتلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى>> >،< يىغىندا سوئال سورىغۇچىلار ۋە بېرىلگەن جاۋابلار ئارىسىدا تەكىتلەنگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا خەلقئارا جامائەتنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتى بولدى. يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى تۇيۇقسىز يولغا قويمىغانلىقى، بۇنىڭ رايوندا نەچچە ئون يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى، ئەمما خەلقئارا جامائەت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قىلغان بېسىملارغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى مانا ئەمدى تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇشۇ لاگېرلارنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا ئۇلار << ئەمدى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتايغا قارشى ئورتاق تەدبىر ئېلىشى كېرەك>> ، دېدى. > ».
« < 6- فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدسون مەركىزىدە ئۇيغۇرلارجەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مۇھاكىمە يىغىنى نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقى، مەزكۇر ساقچى دۆلىتىنىڭ ھازىر ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى << سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش>> لاگېرلىرىغا قامىۋالغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇشى لازىملىقىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلدى.>،< يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كاتتون سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى ۋە يەر ئاستى بايلىق ماكانى بولغان بىر رايوندا ياشاۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقان شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇنداق ھاكىممۇتلەقلىقنى دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ نۆۋەتتە دۇنياغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، << ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەمىلى تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى>> دېدى. ».
« 5- فېۋرال غۇلجا قانلىق ۋەقەسى » نى خاتىرلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى ، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى توختىتىش يۈزىدىن تۈركىيە،ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ياپۇنىيە، نورۋېگىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پايتەخىتلىرىدە ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ باشچىلىقىدا كەڭ كۈلەمدە ئاممىۋى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.».
« < 6- فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدسون مەركىزىدە ئۇيغۇرلارجەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مۇھاكىمە يىغىنى نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقى، مەزكۇر ساقچى دۆلىتىنىڭ ھازىر ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى << سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش>> لاگېرلىرىغا قامىۋالغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇشى لازىملىقىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلدى.>،< يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كاتتون سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى ۋە يەر ئاستى بايلىق ماكانى بولغان بىر رايوندا ياشاۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان << بىر بەلۋاغ بىر يول>> قۇرۇلۇشىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقان شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇنداق ھاكىممۇتلەقلىقنى دۆلەت كۈچىگە تايىنىپ ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ نۆۋەتتە دۇنياغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، << ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەمىلى تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، دېدى.> ».
« < 8- فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بولغان «ئاتلانتىك كېڭىشى» دە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغان بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. >،< ئاتلانتىك كېڭىشى ياۋرۇ-ئاسىيا مەركىزىنىڭ باشلىقى جون ھېربىست يىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ۋەقە شۇنداقلا ناھايىتى زور بىر تراگېدىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە << 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشى ئاددىي بىر مەسىلە ئەمەس. مەن شۇڭا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ پايتەخت ۋاشىنگتوندا دىققەتكە ئېرىشىشى كېرەك، دەپ قارايمەن>> دېدى. >،< يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك خىتاينىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە قارىماي، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوقۇم ئورتاق ھالدا بۇ لاگېر مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشىگە چوقۇم تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۆزى كۆزلەۋاتقان ئىقتىسادىي ئۈنۈملەرگە ۋە دۇنياۋى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.> ».
« 9- فېۋرال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنى << ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر بۈيۈك نومۇس>> دەپ بىلدۈردى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي، << بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە خالىغانچە تۇتۇلۇپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى ۋە كاللىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يۇيۇلۇشى ھازىر بىر مەخپىيەتلىك ئەمەس. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋېتىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز>> دېدى. باياناتچى ھامى ئاكسوي سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى قولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي بېسىمغا، شۇنداقلا سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ».
تۈركىيەنىڭ « ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى 11- فېۋرال كۈنى ئاخشىمى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ،<< خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى >> نى بىلدۇردى. ئۇ باياناتىدا < ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر بۇ مەسىلىنىڭ پارتىيەسىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نازۇك مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: << ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار كېيىنكى كۈنلەردىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىدۇر. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي 2017- يىلى 10- ئايدا بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇ، يەردە ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم >> >، < ئۇمۇنداق دېدى: << خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلار ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىلسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكمۇ پەسىيىدۇ. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ھەر دائىم بۇنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنى تۇتۇپ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىشىنىڭ قانۇنىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن. نۇرغۇن زىيالىي، جامائەت ئەربابى، سەنئەتچىلەرنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بار. شۇڭا ئەڭ توغرىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆزەتكۈچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە ھەقىقىي ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى كېرەك. 21- ئەسىردە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختىلىش ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئۇنداق ئىكەن بۇنى دۇنياغا كۆرسىتىشى كېرەك. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىزنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن >> > ».
« < ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلۇسى 12‏- فېۋرال كۈنى تىبەتلەرنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «تەشەككۈر ئامېرىكا» ناملىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىدىكى مەقسىتى ئۇنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغىنىدەكلا ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.>،< ئۇ: << تىبەتتە يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇلمىسا ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر ئاسسىمىلياتسىيەگە تۇتۇلىدۇ. بۇ لاگېرلارنىڭ نىشانى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك خاسلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئوخشاش مەقسەتكە ئىگە. >> دەپ كۆرسەتتى.> ».
« 9- فېۋرال تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنى << ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر بۈيۈك نومۇس>> دەپ بىلدۈردى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي، << بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە خالىغانچە تۇتۇلۇپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى ۋە كاللىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يۇيۇلۇشى ھازىر بىر مەخپىيەتلىك ئەمەس. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋېتىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز>> دېدى. باياناتچى ھامى ئاكسوي سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى قولىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي بېسىمغا، شۇنداقلا سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ».
« < 13- فېۋرال ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كوردوبا فوندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق 27 ئاممىۋى تەشكىلات ھەمدە لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن لوندون مۇسۇلمانلار مەركىزىدە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلغان.>، < يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار مەركىزىنىڭ مۇدىرى، كوردوبا فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاناس ئەل- تىكرىتى ئەپەندى سۆزلىگەن. دوكتور ئاناس ئەل- تىكرىتى ئەپەندى نۇتقىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: << بۈگۈنكى بۇ يىغىنغا بۇنچىۋالا كۆپ تەشكىلات ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۈگۈن ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ۋەقە ئىنسانلارنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ۋە تەسۋىرلەش قىيىن بولغان بىر قورقۇنچلۇق بىر پاجىئەدۇر. بۇ پاجىئە ئۇيغۇرلار يۇرتىدا دەل مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ داۋام قىلماقتا. ئەپسۇس، بۇنداق بىر زور پاجىئە دۇنياغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلانمايۋاتىدۇ. سىياسىيونلارنىڭ دىققىتىنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە چەكمەيۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىسىدۇر. بۈگۈنكى بۇ يىغىندا بىز بۇنىڭغا قارىتا زادى نېمىلەرنى قىلالايمىز دېگەن تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.>> >،< بۇ يىغىندا بۈيۈك بىرىتانىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان ئەمگەك پارتىيەسىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى ئەمىلى تورنبەرى خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەدەنىيەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق جازالاش ۋە خىتايغا ئېمبارگۇ يۈرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنداقلا ئۇ ھازىر ئېنگىلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى خىتايغا قارىتا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بىرەر قارار ئېلىشقا، بۈيۈك بىرىتانىيە پارلامېنتىنى بۇ مەسىلە بويىچە ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. > ».
« مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە تارتماقتا. مەزكۇر پائالىيەت پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەدە جىددىي كېڭەيمەكتە. ».
« < دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ «ئاسىياچە نۇسخىسى» دەپ قارىلىدىغان «باڭكوك خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىسىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ خىتابنامىلەرگە ئىمزا قويغانلىقىغا 30 يىل بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىمزا قويغان بۇ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە قايسى دەرىجىدە ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 19- فېۋرال كۈنى مەخسۇس بىر كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.>، < << كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى>> خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىممۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆزلىرى ئىگىلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئاساسەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئەڭ زور ئىپادىلىرىنىڭ بىرى پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. سوفىنىڭ پىكرىچە، خىتايدىكى مىڭلىغان خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاغزىدىن چىقارغىنى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاغزىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى ھېچقانداق سۆز چىقمىغان تۇرۇقلۇقمۇ قاماققا ئېلىنغان، بۇ خىل ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ << قانۇنغا خىلاپ >> ھالدا بوزەك قىلىنىشى خىتاي تەۋەسىدىن ھالقىپ ھازىر ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق سورۇنلارغا كېڭەيمەكتە ئىكەن.>، < ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى زەئىد رائاد ھۈسەيىن يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكى ئۈچۈن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئىلگىرى ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتى ئۈچۈن بىرما، سۈرىيە قاتارلىق جايلاردىكى مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى، بولۇپمۇ بېرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ ئىشقا ئانچە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى، ھازىر بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر مىليوندىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ «ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىپ لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، مەيلى بېرمادىكى ئىشلاردا بولسۇن ياكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا بولسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى «خەلقئارالاشتۇرۇش» قا قارشى چىقىش، بىرما ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا قارشى تۇرۇش دېگەندەك ئوخشاش مۇقامدا سۆز قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ غايەت زور ساندا لاگېرلارغا توپلىنىشى رېئاللىق سۈپىتىدە مەلۇم بولۇۋاتقاندا دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا يەنە بىر قېتىم سەل قارىشى ئېغىر بەدەللەرگە ئاپىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.> ».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار مەركىزى بولغان خۇدسون ئىنستىتۇت ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشقاندن كېيىن « ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى لۇئىسا گىرىۋ خانىملار بىرلىكتە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى-2019» ناملىق قانۇن لايىھىسىنىڭ ئىمزا قويغۇچىلىرىدىن بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى تېد يوخو، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قانۇن لايىھىسى- «ئۇيغۇر قانۇنى» نىڭ ئىمزا قويغۇچىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىگە مەنسۇپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شېرمىن بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار يەنە كېڭەش پالاتاسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى تېد كرۇز، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنى ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار بىلەنمۇ بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. بۇ ھەيئەت يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى، ئاق ساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان شۇنداقلا ئۇلاردىن ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ».
« يېقىندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ئۆزىنىڭ ئىككى مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.».
« < سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھىد شاھزادىسى مۇھەممەت بىن سالمان ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينى زىيارەت قىلغان.>، < بىن سالمان 21‏- فېۋرال كۈنى باشلانغان 2 كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاينىڭ << تېررورلۇق>> ۋە << رادىكاللىق >> قا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىن سالمان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەققى بار» لىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاينىڭ << سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەمكارلىشىشى كېرەك >> لىكىنى تەكىتلىگەن. بىن سالمان لاگېرلارنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزى خىتاينىڭ لاگېر قۇرۇپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنى قامىشىنى قوللىغاندەك بېشارەت بەرگەن ئىدى. >، < كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىن سالماننىڭ ئىپادىسى سەئۇدى پادىشاھىنىڭ «ئىككى ھەرەمنىڭ مۇھاپىزەتچى» دېگەن دىنىي ئۇنۋانىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگىمۇ خىلاپ ئىكەن. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شەجېيۋىسكىي 26‏- فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىن سالماننىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى. >،< ئۇ: «ئېنىقكى، ھېچقانداق ھۆكۈمەت خىتاينىڭ بىر مىليون ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇيغۇرنى قاماشتەك قىلمىشىنى قوللىماسلىقى ياكى ئۇنى ماختىماسلىقى كېرەك. باشقا ھۆكۈمەتلەر بۇ ئورۇنلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكىنى تەنقىد قىلىشى، خىتاينىڭ ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە نېمە ئۈچۈن ئۇچۇر بەرمەيدىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردا تەن جازاسى يۈز بېرىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى سوراق قىلىشى كېرەك. بۇنى سوراش ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. ھالبۇكى، خىتاينى زىيارەت قىلغان سەئۇدى رەھبىرى ‹ئىككى ھەرەمنىڭ مۇھاپىزەتچىسى› دېگەن نامى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، شۇنىڭدەك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە مۇسۇلمانلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، لېكىن بىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى. > ».
« 26 «- فېۋرال كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏- نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركىيە « < تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ھەق-ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.>، < ئۇ مۇنداق دېگەن: << ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى، شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلار ئەندىشە قوزغىماقتا>> >،< چاۋۇشئوغلۇ يەنە <<خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.> > > ».
خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەرگە قاراتقان يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدىكى سادالىرى ياڭراپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە مارت ئاينىڭ 1-2-كۈنلىرى ئەبۇزەبى شەھىرىدە ئېچىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 46- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارنامىسىدا « خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى قارشى ئالىمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيمىز. شۇنداقلا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز».دېيىلگەن. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەربۇ خىل پوزىتسىيىسىگە قارىتا سوفېي رېچاردسون مۇنداق رەدىيە بەردى : « ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەمۇ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن بىر شارائىتتا بۇ قارارنامىنىڭ قانداق بولۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەگەر: << بۇ ئەزا دۆلەتلەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئويلىسا، ئۆزلىرى بېرىپ شۇ لاگېرلاردا بېرىپ يېتىپ باقسۇن. >> دېدى. سوفېي رېچاردسون سۆزىدە: << مەن بۇ دۆلەتلەر ۋەكىللىرىگە ئۆزلىرى بېرىپ شۇ سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا يېتىپ سىناپ بېقىشىنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئۇلار لاگېرلاردا بىر ئاي يېتىپ باقسا ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرەرى ئاشۇنداق لاگېرلارغا سولىنىپ كەتسە ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. بىراق، يۇقىرىقىدەك پاكىتلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىش كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. >> دېدى. ».
« < 4- مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە << خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زور كۆلەملىك دىنىي زىيانكەشلىك >> تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. ئوخشاش بولمىغان ئون نەچچە خىل دىنىي ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق باش قوشۇشى بىلەن يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن «خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى ئالغا سۈرۈش بىرلەشمىسى» تەشكىللىگەن.>،< بۇ يىغىندائامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىشلىرىدىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئالاھىدە سۆز قىلىپ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولۇشى ياكى ئىگە بولماسلىقى شۇ شەخسنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق شەخس ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن بۇ ھەقلەرنى ئۆز قانۇنىدا رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئاشكارا ھالدا بۇ ھەقلەرنى تەقىب قىلىشىغا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.> ».
5- مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىدا « خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان نازارەت ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى » نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. 6- مارت تافتىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ « فىلەتچىر قانۇن ۋە دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردەى. « < 6- مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسىدە «خىتايدىكى ئۇيغۇر كرىزىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.>،< ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس ۋە يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دارېن بايلېر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردە قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.> ».
« ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ 4 نەپەر دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى 4‏- مارت كۈنى مايك پومپېيوغا يەنە مەكتۇپ يېزىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانماسلىقى بىلەن تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ئۈندىگەن. مەكتۇپتا، بۇ ئىشنىڭ ئىنتايىن جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: < خىتاي مەركىزى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تۈپ ئەركىنلىكىنى رەت قىلىپ، << قايتا-تەربىيەلەش>>، << تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش>> نامىدا كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەش ۋە قاماش پروگراممىسىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۇلارنىڭ كىملىكى، تىلى ۋە تارىخىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ‹سىياسىي قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قانۇنسىز قامالماقتا> دېيىلگەن. »
« < 6- مارت كۈنى د ئۇ ق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ۋە دۇنيا خىرىستىيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق 5 چوڭ تەشكىلات بىرلىكتە ب د ت دا «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.>،< د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» ناملىق يىغىندا باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تەسىرى ۋە ئالاقىدار ئامىللىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن. >،< يىغىنغا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ب د ت خادىملىرىدىن سىرت، 30 دەك دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرىمۇ قاتناشقان.>،< د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا بىر مەيدان كەسكىن دىپلوماتىك جەڭ بولۇپ ئۆتكەن. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خىتاي ۋەكىللىرىنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ب د ت دىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقان خىتاي بۈگۈن دۇنيا جامائىتى ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئوسال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان. > »..>،
« بروۋېنبەك 8‏- مارت كۈنى خوڭكوڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، بۇ ئورۇنلار << ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقى>> نى تەكىتلىگەن. ».
3- ئاينىڭ 11- كۈندىن 12- كۈنىگىچە تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن سۆزلىگەن سۆزىدە « جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن مەغلۇبىيەت تەرىپىگە قاراپ قەدەم باسىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى. »، « < سام بوۋېنبەك 11‏- مارت كۈنى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ يىغىنى ئارىسىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدا خىتايدا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك غايىب بولغان ۋە جازالانغان يۈزلىگەن كىشىنىڭ تىزىملىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.>، < فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بروۋېنبەك «بۇ كىشىلەر قەيەردە، ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى نېمىشقا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇ يەنە يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە شەخسلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىگەن.> ».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ 13‏- مارت كۈنى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىدى. « < دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئەڭ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن يىللىق دوكلاتىدۇر. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىككە قارشى زۆرۈرىيەت، دەپ تەكىتلىسىمۇ، ئەمما «خەلقئارا تاراتقۇلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سابىق تۇتقۇنلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بەزى تۇتقۇنلارنى خورلىغانلىقى، تەن جازاسى بەرگەنلىكى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.>، < دوكلاتتا يەنە، 2018‏- يىلى مەزكۇر رايوندىكى يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ئىلمىي خادىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا غايىب بولغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنىپ، ساياھەت قىلىشى، ھەجگە بېرىشى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى ۋە غەرب ئەللىرىدە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇشى چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىشى، نۇرغۇن بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بالىلارنى باشقا ئائىلىلەر بېقىۋېلىشنى خالىسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېتىمخانا، ياتاقلىق مەكتەپ ياكى پاراۋانلىق مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك شوئارى توۋلاشقا، خىتاي ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلىغان. >، < ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2018 ‏- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا << خىتايغا كەلسەك، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشتا ئۇ ئۆزىنىڭ قاتارىدىكى دۆلەتلەرنى بېسىپ چۈشتى. خىتاي 2017‏- يىلى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتۇن قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۈگۈنكى كۈندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ياتماقتا. شۇنداقلا ھۆكۈمەت يەنە خرىستىئانلار، تىبەتلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن پەرقلىق قاراشتىكى ھەرقانداق كىشىنى ياكى ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارى ۋە ياكى ئۇلارنى قوللىغان ھەرقانداق كىشىنى جازالاشنى كۈچەيتىپ كەلدى>> دېگەن. ».
« ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ رەئىسى كارل گرېشمان ئەپەندى << بىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشىگە ئىشىنىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا ئىشىنىمىز. ھالبۇكى، بىزنى بەكمۇ غەزەپلەندۈرۈۋاتقىنى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دەل مۇشۇ غۇرۇرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلالمايدۇ، ئۇيغۇرلار داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشىمىز، بۇ ئەھۋالغا ئۆزىمىزنىڭ قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىشىمىز، شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىلەرنى خەلقئارا جامائەتكە ياخشى ئاڭلىتىپ ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشىمىز لازىم. >> » دېدى.
لودى گارىنىڭ ھاياتىنى ۋە ۋاپاتىنى ئەسلەش مەقسىتىدە 13- مارت كۈنى ئامېرىكادىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس يىغىنغا ئىشتىراك قىلىغان دۇنياغا مەشھۇر كىنو چولپىنى رىچارد گيېر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: « روشەنكى، ئۇيغۇرلار ھازىر تىبەتلەرگە ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارنى ئويلىسام بەكمۇ شۈركۈنۈپ كېتىمەن. چۈنكى بۇ جەھەتتە بەكمۇ كۆپ ھەقسىزلىق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا دۇنيا ئاشۇ ماكاندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى لازىم. ھازىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ يىغىنلار ئېچىلىۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى يىغىنمۇ شۇنداق بولدى.»
« < سام بوۋېنبەك 11‏- مارت كۈنى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ يىغىنى ئارىسىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدا خىتايدا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك غايىب بولغان ۋە جازالانغان يۈزلىگەن كىشىنىڭ تىزىملىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.>، < فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بروۋېنبەك «بۇ كىشىلەر قەيەردە، ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى نېمىشقا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇ يەنە يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە شەخسلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىگەن.> ».
« < دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 13- مارت ب د ت دا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قوغداش تېمىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان دوكلات تەقدىم قىلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. >، < يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى كېللى كۇررې خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان. ب د ت دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە دوكلات خادىمى دوكتور ئەھمەت شەرىف، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادرېئان زېنس، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى جون فىشەر قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىگەن. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان قازاق زىيالىيسى ئۆمەر بېكئالى گۇۋاھلىق بەرگەن. ، ».
« 14- مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رۇشەن ئابباسنىڭ بىۋاسىتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ پىغانى: جازا لاگېرلىرى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا!» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى رەسىملەر كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئەھۋالى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ سەرسانچىلىقى، ھىمايىسىز قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تويلىشىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى بىناكارلىق ۋە سەنئەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ھەربىي ئىشغالىيەت ھالىتىدە ساقلىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ھەقىقىي رەسىملەر ئارقىلىق ئىخچام ۋە جانلىق ئىپادىلەنگەن ئىدى. ».
« < د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ قوللىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى 19- مارت «خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. >، < بۇ قېتىمقى يىغىن ئۆتكەن يىلى 4- ئاينىڭ 27-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5 مىڭ كىشىلىك زور نامايىشتىن كېيىنكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان 5-قېتىملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.>، < بۇ قېتىم يىغىندا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرى ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلىشقان. > ».
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لاۋرېنس بەكوۋ 20- مارت كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلدى. لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا ئۇ «ھەقىقەت ئىزدەش ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋەزىپىسى» تېمىسىدا ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ، سۆز ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىلمىي ساھەنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.>، < لاۋرېنس ئەپەندىنىڭ نۇتۇق جەريانىدا ئانىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرىدىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «مەن ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىدىن بىر ئۈزۈندى ئوقۇيمەن» دەپ مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلېتنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇدى. بۇ كۇپلېتنىڭ ئۇيغۇرچىسى مۇنداق ئىدى: << ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى، دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى بۇ سۆھبەتنى. >> ».
« 26- مارت كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇر شاھىتلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولۇشى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى قاتماللىققا چۈشۈپ قېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە پەيتكە توغرا كەلدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سورالغان سوئاللارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپ، مايك پومپېيو بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى «تراگېدىيەلىك ۋە يىرگىنچلىك» دەپ كۆرسەتتى. ».
« 24- مارت كۈنىدىكى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار ۋە فىرانسىيەدىكى يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن پارىژ شەھىرى ۋە باشقا قوشنا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، دېموكرات خىتايلار ۋە يەرلىك خەلقلەر بىرلىكتە شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. ».
« خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا 8 ئاي يېتىپ چىققاندىن كېيىن رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا لاگېرلار ھەققىدە تۇنجى بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆمەر بېكئالى نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن 8- مارتتىن باشلاپ ياۋروپانى ئايلىنىپ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلماقتا. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ 13-مارت كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى قوغداش تېمىسىدىكى گۇۋاھلىقى زور ئىنكاس قوزغىدى.
گېرمانىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى زىيارەت پائالىيەتلىرىدە ئۆمەر بېكئالى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش توغرىلىق جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.. »
« خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئىنساننى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنى قامال ئاستىغا ئېلىشىغا نىسبەتەن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە دېموكراتىك ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىد ۋە ئەندىشىلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى غوللۇق ئەزالاردىن ماركو رۇبىيو، تىم كەين، مىت رومنىي، بوب مەنەندېز قاتارلىق 24 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە 19 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى بىرلىكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو، مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىن ۋە سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسلارغا يوللىغان ئىمزالىق مەكتۇبىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان لاگېر تۈزۈمىگە قارشى كۈچلۈك ۋە قەتئىي ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلدى. ».
ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىپىلەش، توختىتىش ۋە پاش قىلىش ھەمدە ئا قى شى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تەدبىر قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 6- ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ« ھۆرىيەت مەيدانى » دا « ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە يىغىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى بىرلەشمە يىغىلىش پائالىيىتىگە ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كانادادىن كەلگەن يۈز نەچچە كىشىلىك ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى مەسچىتلەر ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئېلانىنى ئاڭلاپ ئالايىتەن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن چەتئەللىك مۇسۇلمانلار بىرلىكتە ئىشتىراك قىلدى.».
« < ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە خەلقئارا تور بىخەتەرلىكى كومىتېتى» 9- ئاپرېل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دېركسون زالىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى ئىپادىلىرىگە يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقتى.>،< مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد ماركېي ئۆز سۆزىدە بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئاۋازسىزلارغا ئاۋازىنى چىقىرىش پۇرسىتى بېرىش سورۇنى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش ساھەسىدە داۋاملىق ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭغا ئۇلاپلا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكادىن پايدىلىنىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنى «مەۋھۇم تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقىنى، ئاللىقاچان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى ئاشكارىلىماقچى بولغانلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىلدىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئامېرىكىدىمۇ خېلى كۆپلۈكىنى بايان قىلدى. > ».
« < 6- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكانىڭ غەربىي قىرغىقى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زور نامايىشىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس-ئانژېلىس شەھىرىگە يىغىلىپ، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ناملىق نامايىش ئۆتكۈزگەن. بۇ نامايىشقا غەربىي قىرغاقتىكى ئۇيغۇرلار، ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار، خرىستىيانلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىك، خوڭكوڭلۇق ۋە ۋېيتناملىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، 250 دەك ئادەم قاتناشقان. سان-فرانىسكو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 5 سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، بۇ نامايىشقا قاتناشقان.>، < 6- ئاپرېل كۈنى يەنە ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى بىلەن مېلبورندىكى ۋىكتورىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا مېلبورن شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. > ».
8- ئاپرىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات بىلەن بىللە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەلىس ۋەللس خانىم بىلەن ئۆچراشقان.« ۋەللس خانىم 8-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.».
بۈگۈن 9- ئاپرېل كۈنى « < بىريۇسسېلدىكى خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى بولۇۋاتقان بىنا ئالدىدا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.>،< خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ زىيارىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن. ياۋروپا كومىسسىيونى بىناسى ئالدىغا توپلانغان بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن كۆپلىگەن نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىغا قارشى جاراڭلىق شوئارلار توۋلاپ قارشىلىقلىرىنى نامايان قىلغان.> ».
2019- يىلى 12- ئاپرىل كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان « <<ئىسرائىلىيە ۋاقتى >> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان << يەھۇدىيلار خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك >> ماۋزۇلۇق ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: < يەھۇدىيلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. بىز ئۇنىڭ بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز ئۇنىڭ ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەتنى قارىلاش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئۆچمەنلىك ۋە بېسىمنىڭ نورمىغا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولۇشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلىمىز. مانا بۇ بۈگۈن خىتايدا يۈز بەرمەكتە.>،< خەۋەر ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىلگەن ۋە ھازىر بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.>،< ماقالىدە ئاپتور يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا لاگېر تۈزۈمىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سادا چىقىرىشتا ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ھەربىر يەھۇدىينىڭ پۇرسەت تاپسىلا بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.> ».
2019- يىلى 12 – ئاپرىل « < ئامېرىكادىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.>،< يىغىندا ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىنغان تېما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن- قىستاققا ئېلىش مەسىلىسى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىگە قارىتا ئىنكاسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن. > ،< ئامېرىكىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دېگەن: «18- ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر دىيارى مانجۇ ئىمپىرىيەسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ئىدى. 20- ئەسىرگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ خىل مىللەتلەر مەسىلىسىدە پاسسىپ يول تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلمىدى. ئەڭ باشتا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سىياسەتشۇناسلىرى بىر دۆلەتتە كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ بولۇشى شۇ دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت، دەيدىغان يەكۈننى چىقارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 2008– 2009- يىللىرى تىبەت ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا بىر باھانە بولدى. >،< جەيمىس مىلۋارد سۆزى داۋامىدا چېن چۈۈنگونىڭ تىبەت رايونىدا خىزمەت ئۆتىگەن مەزگىلىدە كىچىك كۆلەملىك «قايتا تەربىيلەش» پروگراممىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېتنىك زىددىيەتنى پەسەيتىشتە كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى، 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن شۇ خىل سىياسەتلەرنى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەدبىقلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن> ،< يىغىن داۋامىدا رىياسەتچى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نېمە ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللانمايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇ مۇنۇلارنى بايان قىلىپ ئۆتتى: << ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى داۋاملىشىۋاتقىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتتە يەنىلا يېتەرلىك تەسىر پەيدا قىلالمايۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان تاكتېكىلارنى قوللىنىپ باستۇرىۋاتقانلىقىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئېغىزى خىتاينىڭ پۇلى بىلەن يەملەنگەن، شۇڭا ئۇلار ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ.>> > ».
« < تەيۋەننىڭ «تەيبېي ۋاقتى گېزىتى» 13‏- ئاپرېل تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىش، مەسچىتلەرنى چېقىش قىلمىشلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.>،< ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، شۇڭا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989‏- يىلى يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقى، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى قىلمىشى ب د ت نىڭ 1948‏- يىلى ماقۇللىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەھدىنامىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بەرگەن تەبىرىگە چۈشۈدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.> ،< ماقالىدە يەنە، بېيجىڭ مەيلى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار قامالغان جازا لاگىرلىرىنى « قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى » دېسۇن ياكى شۆھرەت زاكىر ئېيتقاندەك «ياتاقلىق مەكتەپ» دېسۇن «ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئوخشاش» ئىكەنلىكى، ئۇ بولسىمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى سىستېمىلىق يوقىتىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ».

ئەسكەرتمە:
مەزكۈر ماقالىدىكى « ×× × » ئىچىدىكى تېكىستنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلىمىگەنلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن ئېلىندى.

Share
33981 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.