logo

trugen jacn

ھەر بىر قەلەم بىر مەشئەل،ھەر بىر مۇنبەر بىر مەكتەپ،ھەر بىر ئائىلە بىر قورغان

https://youtu.be/SFUSHXv0aM8

ھەر بىر قەلەم بىر مەشئەل،ھەر بىر مۇنبەر بىر مەكتەپ،ھەر بىر ئائىلە بىر قورغان
م.ئازات

ئۇيغۇر مىللىتى جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن چىقىپ بولالمىدى. يورۇقلۇققا چىقىشىمىز ئۈچۈن يەنە قانچىلىك مۇساپە بارلىقىنى تەخمىن قىلىش قىيىن.

ئەسىرلەپ يول يۈرۈپ چارچىغان مىللەتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاراڭغۇلۇقتا ياشاپ ئادەتلىنىپ قالدى. بىردىنلا يورۇغلۇققا چىقسا كۆزلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ، قاراڭغۇلۇقتىكى غۇۋا كۆلەڭگۈلەرنى پەرىق ئېتىش بەختىدىنمۇ تامامەن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.

مىللىتىمىزنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى يورۇقلۇق ئىزدەپ مىڭلىغان گورۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، تەرەپ-تەرەپكە كېتىپ قالدى. كېچە قاراڭغۇلىقىدا يىراقتىن كۆرۈنگەن نۇرلارنىڭ، تاشلىنىپ قالغان مازارلىقلاردا ئېچىلىپ قالغان سۆڭەكلەردىكى فوسفۇر ئىكەنلىگى بىلىندى. ئۆز-ئارا تاپا- تەنىلەر بۆلۈنگەن گورۇپپىلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇنداق بۆلۈنۈش ۋە تارقىلىش ئۈسۈملۈكلەردە، زىرائەتلەردە بولسا ئىدى، دۇنيا يېشىللىققا پۈركەنگەن بولار ئىدى. ئەمما، ئىنسانلاردىكى، تېخىمۇ توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردىكى بۆلۈنۈش ئىنسانى روھىمىزنى چۆللەشتۈرۈشتىن باشقا ھىچ بىر پايدا ئېلىپ كەلمىدى. كۈچىمىز، ۋاقتىمىزنىڭ ئورۇنسىز، بىھۇدە سەرىپ قىلىنىشى، مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىتلىكلەر قوشۇنىنى ئازايتىپ، ئۈمىتسىزلەر قوشۇنىنىڭ زورۇيىشىغا ھەسسە قوشماقتا.

كور ئۈچۈن دۇنيا تاڭ ئاتماس كېچىدۇر. كېچە دېمەك — ئۈمىتسىزلىك ، مەھكۇملۇق دېمەكتۇر.

جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلىغىدىن مەرىپەتنىڭ يۇرۇقلىغىغا چىقىشىمىز ئۈچۈن، تەكرار بىر سەپ، بىر قوشۇن بولۇشىمىزغا قوغرا كېلىدۇ.
روس خەلق چۆچىگىدىكى دانكو، قەۋمىنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن يۈرىگىنى مەشئەل قىلىپ يول باشلاپ ماڭغان ئىكەن.

قاراڭغۇ تايگا ئورمانلىغىدا ئاچ، سۇسىز، ھارغىن قەۋىم كېچە قاراڭغۇلىقىدا دانكونىڭ مەشئەلگە ئايلانغان يۈرىكىنىڭ نۇرىدا چاتقال- ساسلىقلاردا ئىلگىرلەپ ئاخىرى يورۇقلۇققا چىققاندا، دانكو ھالسىزلىنىپ يىقىلغان. ئۇنىڭ قەۋمى بولسا، ئۇزاقتا كۆرۈنگەن سۇ ۋە مىۋىلەرنى كۆرۈپ ”ھۇررا“ توۋلىشىپ ئالغا قاراپ يۈگۈرۈش ئەسناسىدا، دانكو مىغ- مىغ ئادەمنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا يەنچىلىپ جان ئۈزگەن بولسىمۇ، يولباشچىسىنى يەنچىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان قەۋمى يورۇقلۇققا ۋە ھاياتلىققا ئېرىشكەن ئىدى.

بىزدىمۇ دانكولار بار. بەزىلىرىنى بىزگە مەشئەل قىلغان يۈرىگى بىلەن قوشۇپ ئاياقلىرىمىز ئاستىدا يەنچىپ ئۆلتۈرۈۋەتتۇق . بەزىلىرىنى يەنچىۋاتىمىز، ئۆلمىگەن بولسىمۇ جان تالىشىۋاتىدۇ. چىققۇسى دانكولار تەرەددۇت ئىچىدە.

قاراڭغۇلۇق زۇلمىتىدىن مىللىتىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ، مىللىتىدىن ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر قېلىشىدىن ئارتۇق پاجىئە بارمۇ؟

ھىچكىمنى ئەيىپلەشكە تىلىم بارمايدۇ. پەقەتلا بىزنى بۇ قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرغان جاھالەتنى لەنەتلەيمەن. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى چۈشەنمىگەن شەيئىلەرنىڭ دۈشمىنىدۇر. گۇناھ، بىزنىڭ ئەقلىمىزنى، مەنتىقىمىزنى كور قىلغان جاھالەتتىدۇر.

ئاللاھ ئىنسانلارنى گۇناھسىز ياراتقان. دۇنيادا قۇتراپ تۇرغان قاراڭغۇلۇق، جاھالەت بىزنى ئىچىگە يۇتۇپ كەتتى. تەكرار گۇناھسىز ھالىمىزغا قايتىشىمىز ئۈچۈن، قاراڭغۇلۇقنى، جاھالەتنى يېرىپ يۇرۇقلۇققا چىقىشىمىز لازىم. يورۇقلۇق __ ھايات دېمەكتۇر. ئەمما، يورۇقلۇق قەيەردە؟ قايسى تەرەپتە؟

قۇرانى كەرىم ”ئوقۇ“ دېگەن ئايەت بىلەن باشلىنىدۇ.
شۇڭا مەن ئالدى بىلەن ئوقۇغانلارغا خىتاپ قىلىمەن؛

ئەي قەلەم ئىگىلىرى ! قولۇڭىزدىكى قەلەم (ئەگەر قەدرىنى بىلسىڭىز) بىر مەشئەلدۇر. ئۇنى ياندۇرۇڭ! ئۇنىڭ نۇرى ئالدى بىلەن سىزنى، سىزنىڭ قەلبىڭىزنى يۇرۇتسۇن!كىتىدىغان نىشانىڭىز ئايدىڭ بولسۇن

ئونمىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان مەشئەل، مىللى كارۋانىمىزنىڭ يولىنى يورۇتۇشقا يېتىدىغان نۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەشئەلنى كۆتۈرگەنلەر بىر نىشانغا قاراپ، بىر سەپتە ماڭىدىغانلا بولساق، مازارلىقتىكى قۇرۇپ كەتكەن جەسەتلەرنىڭ سۆڭەكلىرىدىن پارلىغان فوسفۇرنى نۇر بىلىپ ئېزىققانلارمۇ، قانچە مىڭ گورۇپپىلارلاغا بۆلۈنۈپ تىنەپ، ئېزىقىپ يۈرگەنلەرمۇ، كېچە قاراڭغۇلىقىغا ئۆگىنىپ قالغانلارمۇ يۇلتۇزلار توپىدەك ئېقىنغا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان مەشئەللەر كارۋانىغا قوشۇلىشى مۇمكىن. چۈنكى، كېچە قاراڭغۇلىقىدىكى يالغۇزلۇقنىڭ دەھشەتلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىگىنى قورقۇنچاقلار ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. بىزنىڭ قاچان يورۇقلۇققا چىقىشىمىز ئېنىق بولمىغان بۇ سەپەرىمىزدە، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلى بىر لىكسىيە مۇنبىرىدۇر. ھەر بىر مۇنبەر- بىر مەكتەپتۇر. ئەۋلاتلىرىمىز ئۇ مەكتەپتە يورۇقلۇق توغرىسىدا بىلىمگە ئېرىشىدۇ. ئۈمىد بىلەن سەپەردە چوڭ بولىدۇ. سەپەردە ھالسىزلىنىپ يېقىلغانلارنىڭ قولىدىكى مەشئەلنى ئالىدۇ… بىر جۈپ ئەر- ئايالنىڭ ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ جۇپلىشىشى نەتىجىسىدە پەرزەنت مەيدانغا كېلىدۇ. پەرزەنت ئائىلىنىڭ سۆيگۈ بولىغىدۇر. دەريالارنىڭ باشلىنىش نوقتىسى تاغ جىلغىلىرى بولغىنىغا ئوخشاش، مىللى گەۋدە ئائىلىدىن ئىبارەت ھۈجەيرىلەردىن باشلىنىدۇ. بۇ كارۋانىمىز ئائىلىلەردىن تەركىپ تاپقان. بىز ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلە، بىر قورغان دېمەكتۇر. ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنى قوغداشقا قادىر بولالىسىلا، كارۋاننىڭ بىخەتەرلىگى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئائىلە باشلىقى ئۇ قورغاننىڭ قوماندانىدۇر. ئۇ قورغاننى مۇھاپىزەت قىلىش قوماندان ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسىدۇر. جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن قۇتۇلۇش سەپىرى ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ بىر ۋەزىپىسى بار. سەپەر كېچەدە داۋاملىشىۋاتقانلىغى ئۈچۈن، ھەر مىنۇت يولدىن ئېزىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بىر – بىرىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۈگىدەپ قالغانلارنى ئۇخلاتماي ئىلىپ مېڭىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. مەن ئۈمىدلىكمەن. ئۈمىدلىك بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، يۈرىكىنى مەشئەل قىلغۇچىلار ئاز بولسىمۇ، قەلىمىنى مەشئەل قىلغۇچىلار ئاز ئەمەس. مەشئەللەر ئازلىقتىن كۆپىيىپ بارىدۇ. مەشللەر كۆپەيگەنسىرى ئەگەشكۈچى قوشۇن كۆپىيىدۇ.

بەزىدە ئۈمىتسىزلىنىمەن، ئۈمىتسىزلىنىشىمنىڭ سەۋەبى، بىر يولغا پېتىشماي يول تالىشىپ قېلىش، چارچىغاندا ياكى يولدىن بىراز ئېزىپ قالغاندا ئۆز ئارىمىزدىن جاۋاپكار ئىزدەپ، پۈتمەس- تۈگىمەس چىگىش زىددىيەتلەرنىڭ سىرلىق تورى بىلەن ئۆزىمىزنى چىرمىۋىلىپ، سەپەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ يولنى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش ئىھتىماللىقىنى بايقىغىنىمدىن.
دۇشمەن بىلەن ئۇچىراشماي تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى مەغلۇپ قىلغان زامانلىرىمىزنى ئويلىساق ھەممىمىز خىجالەتتىن يەرگە قارايمىز. بىراق بۇ ساۋاقلاردىن دەرىس ئېلىش نىيىتىمىزنىڭ بولماسلىغى مېنى تېخىمۇ تەشۋىشلەندۈرىدۇ.

مەن يەنىلا قەلىمىنى مەشئەل قىلىدىغانلارنىڭ بەلگىلىك ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىغا، سەپىرىمىزنىڭ ئۆز- ئارا بىر- بىرىمىز بىلەن جەڭ قىلىدىغان ئىچكى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن ۋە ئىشىنىشكە مەجبۇرمەن.

ئاللاھ بەزىلەرگە سۆيگۈنى، بەزىلەرگە نەپرەتنى كۆپرەك بەرگەن ئىكەن.
نەپرەتنى قۇرال قىلغانلار ئارىسىدا تارىختا نامى قالغان گېنىراللار بار. ئۇلار زالىممۇ ياكى قەھرىمانمۇ دىگەن تالاش- تارتىش تېخىچە تۈگىگىنى يوق. بىراق، قەلەم تۇتقانلار ئارىسىدا قەلىمىگە رەڭ ئورنىغا نەپرەت تولدۇرغانلار ئىچىدە نامى ياشىغانلارنى خاتىرلىيەلمەيمەن.
بىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نەپرەت دەرياسىدا ئېقىپ كېتىۋاتقان بېلقلارغا ئوخشايمىز.
يۈرىگىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزغا نەپرەت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىستانۇك قىلشقا ئىھتىياجىمىز يوق.

ئۆزىمىزدىن ھالقىشىمىز لازىم. شەخسى شان- شەرەپتىن مىللى شان- شەرەپنىڭ ئەلا ئىكەنلىگىنى تونۇيدىغان زامان كەلدى. ئەگەر تونىمىساق، جاھالەت زۇلمىتى ئۆزىنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتى بىلەن بىزنىڭ ساينىڭ تېشىدەك چېچىلىپ ياتقان شان-شەرەپلىرىمىزنى چەيلەپ بىت – چىت قىلىۋېتىدۇ. مەڭگۈ تۇپراق ئاستىدا قاراڭغۇلۇققا ھەمرا بولىمىز.

بىزنىڭ سانىمىز ئازايغانسىرى، مازارلىقلىرىمىز كېڭەيمەكتە. ئۆز- ئارا بوغۇشۇشتىن چارچىدۇق. ”كارۋان سەپەردە تۈزىلىدۇ“.
ئاخىرىدا ئۆزەم ئۈچۈن، سىلەر ئۈچۈن، بىز ئېرىشكۈسى يورۇقلۇق ئۈچۈن تەكرار خىتاپ قىلىمەن؛

ھەر بىر قەلەم بىر مەشئەل
ھەر بىر مۇنبەر بىر مەكتەپ
ھەر بىرئائىلە بىر قورغان

ئەي، ھەممە ئىشقا قادىر ئاللاھىم! بىزگە(بىزنىڭ بۈگۈن ئەڭ جىددى ئىھتىياجىمىز بولغان) ئۆز- ئارا سۆيگۈ، ئۆز-ئارا ساداقەت، جاسارەت ۋە ئۆملۈك ئاتا قىل !

2009.04.23

2009.04.23
Allahım

 
Share
4327 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.

#

ھەر بىر قەلەم بىر مەشئەل،ھەر بىر مۇنبەر بىر مەكتەپ،ھەر بىر ئائىلە بىر قورغان” için 1 yorum

  1. admin دېدى:

    بۆلۈشۈپ ئۆتسەك توق بۇلىمىز
    بۆلۈنۈپ ئۆتسەك يوق بولىمىز