logo

trugen jacn

ناخشا ئىنقىلابى- ئارقىلىق مۇستەقىل بولغان بىر كىچىك مىللەت

تارىموغلى

يىل 2017- 15-دېكابىر

 

 

مەن ئالدىنقى «تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر» دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئامىللار بىلەن پايدىسىز ئامىللارنى، ھەمدە تىبەتلىكلەرنىڭ ئاشۇ يولدا قىلغان تەييارلىقلىرى بىلەن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن، بىر قىسىم تەيۋەنلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەر «ناخشا ئىنقىلابى» دېگەن بىر پارچە ئىنگلىزچە سىن ھۆججىتىنىڭ تىلىنى كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى ئەسلىدىكى فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ ئاستىدا خىتايچە چىقىدىغان قىلىپ كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ. ئۇ ۋىدېئونى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:

https://www.youtube.com/watch?v=hpNWfY0sN6E

 

مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنگلىزچە ھۆججەتلىك فىلىملار تورلاردا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يۇقىرىدىكىسى شۇلارنىڭ پەقەت بىرسىدىنلا ئىبارەت. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە، بولۇپمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەتەنداشلارغا بۇ ۋىدېئونى چوقۇم بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

«ناخشا ئىنقىلابى» ئېستونىيە (Estonia)، لاتۋىيە (Latvia) ۋە لىتۋانىيە (Lithuania) دىن ئىبارەت 3 دۆلەت 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ئېلىپ بارغان، سوۋېت مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان ئىنقىلاب. ئېستونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە سەنئەتكار ھەينىز ۋالك (Heinz Valk) «ناخشا ئىنقىلابى» دەپ بىر ناخشا ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ ناخشا ئېلان قىلىنىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندە، يەنى 1988-يىلى 10 – 11-ئىيۇن كۈنلىرى، نەچچە ئون مىڭ كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئاشۇ ناخشىنى ئېيتىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن. مېنىڭچە بۇ فىلىمنى كۆرگەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى تىترىمەي، كۆزى نەملەشمەي قالمايدۇ.

سوۋېتلىقلار بېسىۋالغان 100 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، ئېستونىيەلىكلەر نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنتى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. ئەمما، ئېستونىيە خەلقى بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمىدنى ئۈزۈپ قويماي، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تاكى مۇستەقىل بولغۇچە داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

 

«ئېستونىيەدە ھۆرمەتكە سازاۋەر قەھرىمانلار ھەرگىزمۇ ئاقسۆڭەكلەر ئوردىسىدىن چىققان ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى كەمبەغەل قوتان ئىگىلىرىدىن چىققان. ئۇلار بىر ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ساقلاپ، كۆزىتىپ، پەقەت مۇۋاپىق پەيت كەلگەندىلا ئاندىن ئەمەلىي ئىشقا ئۆتكەن. سەۋر بىر قورال. ئېھتىياتچانلىق بىر خىل ياخشى پەزىلەت.» مانا بۇلار ئاشۇ فىلىمدا دېيىلگەن بىر قانچە ئېغىز سۆزلەر.

يۇقىرىدىكى ۋىدېئوغا خىتايچە سۆزلەرنى كىرگۈزگەنلەر مۇنداق دەيدۇ: ئېستونىيەلىكلەرنىڭ ئاران بىر مىليون نوپۇسى بار. ئۇلارنىڭ نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرى ئۈزۈلدۈرمەي ۋە تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىپتۇ. ئەمما تەيۋەندە 20 مىليوندىن كۆپ نوپۇس بار تۇرۇپمۇ بىزنىڭ ب د ت دا بىر كىشىلىك ئورنىمىز يوق. تەيۋەن خەلقى 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەريانىدا بېشىدىن كەچۈرگەن بوزەك قىلىنىش ۋە زۇلۇم-ئېزىلىشلەرنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس

 

تەيۋەنلىكلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زەربىسىگە ۋە بېسىشىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىنتايىن نارازى. شۇڭلاشقا ئۇلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى تولىمۇ ئىستەيدۇ.

ئېستونىيەنىڭ نوپۇسى ئاران بىر مىليون بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. رۇسىيە ئۇلارنى بېسىۋالغاندا، ئۇلار ھېچ قانداق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولمىغان. رۇسىيە بېسىۋېلىپ بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلاردا پەقەت بىرلا قورال قالغان – ناخشا ئېيتىش. ئۇلارنىڭ مىللىي ناخشىسى بىلەن مىللىي ناخشا ئاۋازى ئېستونىيە خەلقىنىڭ ئورتاق مىللىي ئىرادىسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. ئۇلار ناخشا ئارقىلىق مىللىي روھنى ئويغىتىپ ۋە ئۇرغۇتۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئىزھارلىغان. ئۇلار ناخشا ئارقىلىق كىچىك بالىلارنىڭ يىغلىشىغا ئوخشاش قايتا-قايتىلاپ ئۆزىدەك بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈپ تۇرغان.

 

ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋانىيەدىن ئىبارەت 3 دۆلەتنىڭ خەلقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن، 1989-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى «بالتىق يولى» (Baltic Way) دېگەن نامدا بىر چوڭ نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. بۇ نامايىشتا يۇقىرىدىكى 3 دۆلەتنىڭ خەلقى بىر قۇر بولۇپ قول تۇتۇشۇپ تىزىلىپ، بىر 600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «ئادەم زەنجىرى» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بۇ زەنجىر ئېستونىيەنىڭ تاللىن شەھىرىدىن باشلىنىپ، لاتۋىيەنىڭ رىگا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، لىتۋانىيەنىڭ ۋىلنيۇس (Vilnius) شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. شۇ چاغدىكى مەنزىرىلەرنىمۇ تور بەتلىرىدىن كۆپلەپ تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ مەنزىللەرنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم چوڭقۇر تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. مەن ئاشۇنداق رەسىملەردىن بىر قانچە پارچىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويدۇم.

 

 

ئېستونىيەدەك پەقەت بىر مىليونلا نوپۇسى بار بىر كىچىك دۆلەت مۇستەقىل بولغان يەردە، تەيۋەندەك 20 مىليون نوپۇسى بار، ئۇيغۇرلاردەك 15 مىليون نوپۇسى بار، ۋە تىبەتتەك 6 مىليون نوپۇسى بار مىللەتلەرمۇ چوقۇم مۇستەقىل بولالايدۇ. تىبەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىر چوڭ ئىنقىلابنىڭ تۇنجى ئۇرۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، ھەمدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ.

 

 

قوشۇمچە: خىتاي ھاكىمىيىتى قانداق ئادەملەرنى يۇقىرى ھوقۇق ئورنىغا ئۆستۈرىدۇ؟

 

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىدا سىزنىڭ بىلىمىڭىز قانچە كۆپ بولغانسېرى، ۋە سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز قانچە ئېسىل بولغانسېرى سىزنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش ئېھتىماللىقىڭىز شۇنچە ئۈستۈن بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر ياخشى ئادەم بولسىڭىز، ئۆلكە دەرىجىلىك خىزمەت ئورنى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، سىز بىر ناھىيە دەرىجىلىك كادىرمۇ بولالمايسىز. مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: ئەگەر سىز بىر ئىچى زەھەر قولى قاتتىق (心黑手辣)، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھىيلىگەر ۋە مۇرەككەپ (为人狡杂)، خىزمەت ئورنىدا پۇلغا خىيانەت قىلىپ قائىدە ئەخلاقنى بۇزىدىغان (贪财失礼)، ۋە ھەممىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىپ ئاياللارنى خالىغانچە خارلايدىغان (包揽包女) خاراكتېرلەرگە ئىگە بولمايدىكەنسىز، سىز ھوقۇقتا ھەرگىزمۇ ئۆسەلمەيسىز. ئاياللارنى خالىغانچە ئوينايدىغان ۋە پۇل خىيانەت قىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئائىلە ئەنئەنىسىگە ئىگە بولمىغان ئەھۋالدا، سىز ھەرگىزمۇ خىزمەت نەتىجىڭىز بىلەن ئۆسەلمەيسىز. يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان بولسىڭىز، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزنى ئۆستۈرمەيدۇ. خىتاي رەھبەرلىرى يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە توشمىغان ئادەملەرنى ئۆستۈرۈپ قويسا، ئۆز ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئەنسىرەيدۇ. شۇڭلاشقا خىتايدا پەقەت مەينەت ئادەملەرلا ئۆسەلەيدۇ.

 

يۇقىرىدىكى مەزمۇن ۋۇ جيەنمىن (吴建民) نىڭ دېگەنلىرى [4]. ئۇ باياننىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن ھازىر ۋە بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ھوقۇق تۇتۇپ باققان ۋاڭ لېچۈەن ۋە چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرىگە قاراپ باقسىڭىز، ھەمدە چېن چۈەنگو بىلەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن باشلىق بولغان جاڭ چۈنشيەننى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.

 

 

 

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

 

[1] 《歌唱革命》

https://www.youtube.com/watch?v=hpNWfY0sN6E

 

[2] Singing Revolution

https://en.wikipedia.org/wiki/Singing_Revolution

21:28

 

[3] 王澄:西藏独立运动是大革命的首战

https://www.youtube.com/watch?v=guNO9nO-SKU&t=3s

37:00

 

[4] 习近平的情人和婚姻都是政治的结果,家族全部移民巨贪巨腐【建民论推墙88】

https://www.youtube.com/watch?v=RdrsGq8U0js

4:35 – 5:50

 

 

 

 

 

Share
2704 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.

#

ناخشا ئىنقىلابى- ئارقىلىق مۇستەقىل بولغان بىر كىچىك مىللەت” için 1 yorum