logo

trugen jacn
01 ئاپرېل 2014

شاۋكەت ئىمىن قۇرئان،ھەدىسكە ھاقارەت قىلدى

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكۇم دايىمى ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن خىتاي مەتبۇاتلىرىدا ھەممە تىلدا ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەيدىغان سەپسەتىنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇيلى“ ماۋزۇدا ماقالە ئىلان قىلىپ،قۇرئانى-كىرىمگە،ھەدىسى-شىرىپكە ئەغىر ھاقەرەتلەرنى قىلدى ۋە قۇرئان تەلىمئاتلىرىنى ”يالغان ۋەدە“ دىدى.تۈۋەندە ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئەينەن قويۇپ قويدۇق.ئوقۇپ كۆرۈڭلار؛

غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ دەيدىغان سەپسەتىنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇيلى

شاۋكەت ئىمىن

مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مۇقىملىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز ئاشتى. لېكىن چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئاۋات، باي شىنجاڭنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى خالىماي، مىڭبىر ھىيلە – مىكىرلەر بىلەن جەمئىيەت مۇقىم بولۇۋاتقان كاتتا ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تەرەققىياتىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار دائىم دىن تونىغا ئورۇنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى دىن مەنپەئىتىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى قىلىپ پەردازلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، ‹‹قۇرئان كەرىم››دە دېيىلگەن ‹‹جىھاد››نىڭ ئەسلىي مەنىسىنى بۇرمىلاپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەيدىغان سەپسەتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلەرنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قۇترىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا غايەت زور خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ‹‹1 – مارت››زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىدا، يۈزىنى يۆگىۋالغان بىر ئۇچۇم لۈكچەكلەر قوللىرىغا پىچاق ئېلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى كەلسە – كەلمەس چاناپ، 29 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 130 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى. بۇ غالجىرانە زوراۋانلىق قىلمىشى ئوپئوچۇق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ۋەھشىي ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋى ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك›› دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئىدىيەۋى مەنبەنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاشكارىلاش؛ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىدىن خالىي قىلىش نۆۋەتتىكى ئىنتايىن تەخىرسىز ھەم مۇھىم ۋەزىپىمىز.
(1)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا دىنىي ئەسەبىيلىك قۇتراپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئىدىئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئاممىنىڭ روھى ۋە ئىدىيەسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىمەكتە. شۇ رايوندىكى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر قارشى تۇرىدىغان، ئالدىنى ئالىدىغان ۋە زەربە بېرىدىغان مۇھىم نىشان بولۇپ قالدى. خەلقئارا چوڭ كېلىماتنىڭ تەسىرىدە، يەنە كېلىپ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يەل بېرىشى ئارقىسىدا، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرىكىتىمۇ غالجىرلىشىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى كېڭىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ پەيدا قىلدى. شۇڭا، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك.
دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ماھىيىتى دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاش بولۇپ، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھازىرقى ئىجتىمائىي، سىياسىي تەرتىپنى بۇزۇشقا ياكى زوراۋانلىق قىلىش ئارقىلىق ئېتىقاد، تۇرمۇش ئۇسۇلى، قانۇن سىستېمىسى جەھەتتىكى قارىشى، مەيدانى ۋە ھەرىكىتىنى قوللاشقا ئۇرۇنۇش، ئۇلارنىڭ دىننى دەستەك قىلىشى ساختا كۆرۈنۈش بولۇپ، يادروسى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىش. ھازىر ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەر ئىنتايىن غالجىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، شىنجاڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇلار دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹ئىلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىي نەزەرىيەسى››نى تەرغىب قىلىپ، ‹‹پۈتۈن دۇنيادا ئىسلام ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش ئاللاھ بىزگە كۆرسەتكەن بىردىنبىر غايە››، ‹‹ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ھۆكۈمەت، ھېچقانداق ئادەمگە بويسۇنمايمىز›› دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام قانۇنى ھۆكۈمرانلىقىدىكى خەلىپە دۆلىتى قۇرۇش؛ ئۇلار ‹‹دىن ھەممىدىن ئەلا نەزەرىيەسى››نى تەرغىب قىلىپ، ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس››نى تۈزۈم، ھەق – ناھەقنى ئايرىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بارلىق دەھرىي قاراشلارنى، دۆلەتنىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈمى، قانۇن تۈزۈمى، ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ؛ ‹‹كۇپپارلار نەزەرىيەسى››نى تەرغىب قىلىپ، ‹‹ئاللاھ››قا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ‹‹كۇپپارلار›› ۋە ‹‹دىن ئاسىيلىرى›› دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئاتالمىش ‹‹كۇپپارلار››نى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ، يېتىم قالدۇرۇۋاتىدۇ، قورقۇتۇۋاتىدۇ، ھەتتا ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ؛ ‹‹غازات نەزەرىيەسى››نى تەرغىب قىلىپ، ‹‹غازات›› ئارقىلىق ‹‹ئاللاھنىڭ ئەمرى››نى بەجا كەلتۈرۈپ، قورال كۈچىگە تايىنىپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېررورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيلىققا ئىگە. ئۇ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، دىنىي مۇقەددەس كىتابلار، دىنىي ئەقىدىلەرگە سىياسىي تۈس بېرىپ، دىنىي ئېتىقادنى سىياسىي پروگرامما قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىنتايىن كۈچلۈك يەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدۇ. دىنىي ئەسەبىيلىك زوراۋانلىققا ئىگە، ئۇ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتكە قارشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىسىنى، جۈملىدىن، تۇتقۇن قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش ۋە قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار دىنغا ئېھتىياجلىق، دىندىن پايدىلانمىسا بولمايدۇ، يەنە كېلىپ دىندىن ئايرىلالمايدۇ. چۈنكى ئېتىقادچىلارنى ئالداش، قايمۇقتۇرۇشتا دىندىن باشقا مۇۋاپىق ئۇسۇل يوق. دىنىي ئەسەبىيلىك دىنىي تۈس ئالغان، دىن تونىغا ئورۇنۇۋالغاندىلا، جەلىپ قىلىش، قايمۇقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ، مەقسىتىگە يېتىشتە رول ئوينىيالايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئالدىنىپ كېتىشى، ئەخمەق قىلىنىشىدىمۇ، ئۇ ئېتىقادچىلارنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ۋە ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، دىنىي ئەسەبىيلىك دىنىي مۇقەددەس كىتابلاردىكى ئايرىم گەپلەرنى ئۈزۈپ ئېلىپلا، ئاللاھ ئالدىدا يۈكسەك جاۋابكار بولغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، مۇقەددەس كىتابلار، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ ئىزاھلاۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېتىقادچىلار راست – يالغاننى ئايرىيالماي، ئۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىپ، قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئەگەشكۈچىلىرىنى ئاللاھنىڭ ئىشلىرى ۋە تەلىمى يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، ھەتتا ۋاسىتە تاللىماي، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇشقا قۇترىتىۋاتىدۇ.
دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، خەۋپى ئىنتايىن زور. بىرىنچى، ئۇ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، كىشىلەرنىڭ روھىنى زەھەرلەيدۇ. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغانلار ۋىجدانىنى يوقىتىپ، تەلۋىلىشىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئەقلىدىن ئېزىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى نورمال تەپەككۇردىن چەتنىتىدىغان زەھەر، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پەيدا قىلىدىغان مەنىۋى ئەپيۇن، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە. ئىككىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئاخىرقى نىشانى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھاكىمىيەتنى ئورنىتىش. مەيلى ئۇ زوراۋانلىق قىلسۇن ياكى زوراۋانلىق قىلمىسۇن، ئوخشاشلا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت. شىنجاڭدا، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ‹‹خەلىپە›› دۆلىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ھازىرقى ھاكىمىيىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئوتتۇرىسىدا، جۈملىدىن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدە بولمىغان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە كۈرەش پەيدا قىلىپ، جېنىنىڭ بارىچە پارتلىتىش، تۇتقۇن قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، مىڭبىر ھىيلە – مىكىرلەر بىلەن قالايمىقانچىلىق، مالىمانچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىك ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇزىدۇ. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىنىي ئېتىقادنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىپ، ئوخشاش يولنى تۇتقانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىۋاتىدۇ، باشقا يولنى تۇتقانلار بىلەن ياتلىشىپ، ئۇلارغا ئىدىيە ۋە جامائەت پىكرى جەھەتتە دۈشمەنلىك بىلەن قاراۋاتىدۇ، بېسىم قىلىۋاتىدۇ؛ ھەرىكەت جەھەتتە يېتىم قالدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك سېلىۋاتىدۇ، ھەتتا جېنىغا زامىن بولۇۋاتىدۇ. مىللەتلەر ئارا، ئوخشاش بولمىغان توپلار ئارا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنى ‹‹كۇپپارلار›› دەپ ئاتاپ، كۇپپارلارغا قارشى ‹‹غازات›› قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئاخىرەتتە ‹‹جەننەت››كە كىرىسىلەر، دەپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئاتالمىش ‹‹غازات›› توغرىسىدىكى ئالدامچىلىق تەرغىباتىنىڭ تەسىرىدە، خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ، مۇسۇلمانلاردىن باشقا ئاممىنى ئۆلتۈرۈش دېلولىرى پات – پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ. تۆتىنچى، نورمال دىنىي پائالىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئۇلار ھەدەپ قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، يوشۇرۇن ۋەز ئېيتىپ، چامباشچىلىق مەشىقى قىلىپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ؛ بىدئەت تەلىماتلارنى تەرغىب قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ؛ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا قارا چاپلاپ، تۆھمەت قىلىپ، ھەتتا ئۇلارنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بەشىنچى، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىش جەريانى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ پارچىلىنىش، يوقىلىش، ياتلىشىش جەريانى. ئۇلار يېمەكلىكتىكى ‹‹ھالال›› ئۇقۇمىنى نۇرغۇن ساھەگىچە كېڭەيتىپ، ياتلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھالال، غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھارام؛ ھۆكۈمەت بەرگەن گۇۋاھنامىلەر ھارام، دېگەندەكلەرنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى ھالال ۋە ھارام ئارقىلىق ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان توپلار ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە ئايال مۇسۇلمانلارنى نىقاب كىيىم كىيىشكە قۇترىتىۋاتىدۇ. بۇلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە يات بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگىمۇ زىت.
دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن دىننىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار. دىنىي ئەسەبىيلىك دىن ئەمەس، دىنىي مەزھەپمۇ ئەمەس، ئۇ دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىدۇ. دىن ئەزەلدىن مۇرەسسە – مادارا يولىنى، تەرىقەت يولىنى تۇتۇش، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ئىخلاسمەن، قىزغىن بولۇش، تەلۋىلەشمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ چەكتىن ئاشقان قارىشى، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى دىننىڭ ئەسلىي مەنىسىگە تامامەن خىلاپ. دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ دىننى دەستەك قىلىشى ساختا كۆرۈنۈش، ئۇنىڭ يادروسى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىش. شۇڭا، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن نورمال دىننى پەرقلەندۈرۈپ، ھەم بايرىقىمىز روشەن ھالدا قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدىشىمىز ۋە قوللىشىمىز، ھەم بايرىقىمىز روشەن ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. دىنىي ئەسەبىي كۈچ ئىسلام دىنىغا يات كۈچ، شۇڭا، ئۇنى ئىسلام دىنىدىكى نورمال كۈچ دەپ قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنداق دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىننى نىقاب قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، تەشەببۇسىنى تارقىتىدىغان، زوراۋانلىق ھەرىكىتى ياكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي كۈچ. دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەت دىندىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.
(2)
دىنىي ئەسەبىيلىك بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولۇپ جەننەتكە كىرىش›› دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىشتىكى يادرولۇق مەزمۇن، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش، قۇترىتىشتىكى ئەڭ قەبىھ ۋاسىتە. ئىسلام دىنى ‹‹ئىككى دۇنيالىققا تەڭ ئېتىبار بېرىش››نى، يەنى پانىي دۇنيادىكى بەخت – سائادەتكىمۇ ئېتىبار بېرىش، باقىي دۇنيادىكى مەنزىلگاھقىمۇ ئېتىبار بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، پانىي دۇنيادىكى ئىش – ھەرىكەت باقىي دۇنيادىكى مەنزىلگاھقا ئاساس سالىدۇ. باقىي دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەنزىلگاھ ‹‹جەننەت›› بولۇپ، ئۇ ‹‹بېھىش›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە تەسۋىرلىنىشىچە، كىشىلەرنىڭ پانىي دۇنيادىكى ئارزۇ – ئىنتىلىشلىرى جەننەتتە تولۇق روياپقا چىقىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى قىيامەت نەزەرىيەسىدە، ئاخىرەتكە سەپەر قىلغۇچىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئىش – ھەرىكىتى ئۇ دۇنيادىكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىلىپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك قىلىشقا، پانىي دۇنيادىكى ياخشى ئەمەللىرى بىلەن باقىي دۇنيادا تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە جەننەتكە كىرىشنىڭ شەرتلىرى ئېنىق بايان قىلىنغان. ئەڭ تۈپ شەرت ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئىمان ئېيتقان ئادەم، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەم، دىنىي قائىدىلەرگە ئەمەل قىلغان ئادەم قاتارلىق تۆت خىل ئادەمنىڭ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. جەننەتنىڭ قارىمۇ قارشىسى ‹‹دوزاخ›› بولۇپ، بۇ ئالەمدە يامان ئەمەللەرنى قىلغانلار ‹‹تاقاق سېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ››، ‹‹ئايىقى، كۆرپىسى، يوتقىنى ئوت››تىن بولۇپ، ‹‹ئوتتا كۆيدۈرۈلۈش›› جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ‹‹ياخشى ئەمەلنى قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەيدىغان بۇنداق دىندىكى ئەسلىي ئەقىدە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەپ بۇرمىلىماقتا. ئۇلار جېنىنىڭ بارىچە ‹‹كۇپپاردىن بىرنى ئۆلتۈرگەنلىك ئون يىل ئىبادەت قىلغانغا تەڭ بولىدۇ، بۇنداقلار ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدۇ››، ‹‹غازات›› قىلىپ خەلق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دىن يولىدا شېھىت بولۇڭلار، دەپ جار سالماقتا. دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ قارىشىچە، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ‹‹غازات›› قىلىش، ‹‹غازات›› قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈش، شېھىت بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىش كېرەكمىش. بۇ نېمىدېگەن بىمەنىلىك – ھە! ئۇلار تەرغىب قىلىۋاتقان ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن سەپسەتىنىڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ھېچقانداق ئاساسى يوق، ئۇنىڭدا كىشىلەرنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئەسەرمۇ يوق، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى تامامەن دىننى دەستەك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىش. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدىغان ئىش بولسا، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەپ جار سېلىۋاتقانلار نېمىشقا ئۆزلىرى شېھىت بولماي، قاچانلا بولسا پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ!
‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دەيدىغان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بەزى نادان ئېتىقادچىلار، بولۇپمۇ ياشلار – ئۆسمۈرلەر جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار نادانلىقى، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن زەھەرلىنىۋاتىدۇ؛ بەزىلىرى دوزاخقا كىرىشتىن قورقۇپ، جەننەتكە كىرىش ئىستىكىدە قايمۇقۇپ قېلىۋاتىدۇ؛ بەزىلىرى رېئال جەمئىيەتتىن نازارى بولۇپ، ئاتالمىش ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولۇپ جەننەتكە كىرىش›› يولىدا مېڭىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ ھەممىسىدە ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولۇپ جەننەتكە كىرىش››تىن ئىبارەت دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرى بار. كۆپ ساندىكى زوراۋانلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان ۋىدىئولارنى كۆرگەن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىباتىنى قوبۇل قىلغان؛ بەزىلەر قاتىللىق قىلغاندا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ، ئەسەبىي شۇئارلارنى توۋلىغان. بۇ زوراۋانلار ئەقەللىي ئادىمىيلىك ۋە ئەقلىنى يوقاتقان، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى ۋە قانخورلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى.
(3)
دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ قۇترىشى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بىۋاسىتە ئامىل. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىمىز.
1 . ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. يېقىندا، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك، بۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خىزمەت، ئەڭ قىيىن، كەلگۈسىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چىقىرىلغان توغرا يەكۈن، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، خىزمەتلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ ئىشلىشىمىز كېرەك. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى دىنىي ئەسەبىي كۈچ ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس. شۇڭا، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئومۇملۇقىغا قويۇپ ئويلىشىشىمىز ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
2 . قانۇن – نىزاملار ۋە دىن سىياسىتىنى ئەتراپلىق، توغرا چۈشىنىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە، ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. دىن ئىشلىرى جامائەت ئىشلىرىغا چېتىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، قانۇن يول قويغان دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كېرەك، خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانغا ئوخشاش، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس. دېمەك، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ‹‹دىن ئەركىنلىكى›› ئەمەس. دىنىي پائالىيەتنى ئاڭلىق ھالدا قانۇن بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمىگەندىلا، ئاندىن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
3 . توغرا مىللەت قارىشى ۋە ساغلام دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مىللەت ئۇقۇمىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى نۇقتىسىدىن چۈشىنىش كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن روھىي ھالەت بىلەن، ناچار قائىدە – يوسۇن ۋە ئۆرپ – ئادەتلەرنى دادىل بۇزۇپ تاشلاپ، خەنزۇلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، ئىلغار مەدەنىيىتىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىش؛ كەڭ قورساق بولۇشتەك روھىي ھالەت بىلەن، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارغا دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ھوقۇقىمۇ بېرىلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى، بۇ تۈپ مەنپەئەتنىڭ بىردەكلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، شۇڭا، دىنىي ئېتىقادنى پاسىل قىلىۋالماي، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ھەم دىننىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەم دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ساغلام دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇشنىڭ مۇستەھكەم ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
4 . زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىشىمىز كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا دائىر ئامىللارنى جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ تەربىيەلەش، ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەشتەك شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ‹‹تۆتنى تونۇش›› ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بار – يوقنى تەڭ كۆرۈپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، گۈزەل يۇرت – ماكاننى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، دىندىكى زامانىۋى مەدەنىيەت تەلىپىگە، سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاكتىپ ئامىللارنى قېزىپ چىقىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش، ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈش، ‹‹ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەت›› كە ئىنتىلىش، ھاياتلىقنى قەدىرلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋەز – تەبلىغ ئېيتىش ئارقىلىق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى مۇشۇ ئاكتىپ ئەقىدىلەرگە ئەمەل قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئامما ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىشى، ئامما چۈشىنەلەيدىغان، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان گەپلەرنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە دائىر سەپسەتىلەرنى قاراتمىلىق ئېچىپ تاشلاپ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ مۇسادىرە قىلىپ، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى توسۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشى، يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
5 . ‹‹ئۈچ قانۇنسىز››نى تۈزەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرى، قانۇنسىز دىنىي تور تەشۋىقاتى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇشى، تارقىلىشىغا يول ھازىرلاپ بېرىپ، دىندىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى تۇپراق ۋە ماكانغا ئىگە قىلدى، شۇڭا ئۇنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. تۈزەش خىزمىتىدە توسۇش بىلەن يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ قانۇنسىز››نى مەيلى قانداق خاراكتېردىكى مەسىلە بولسۇن قەتئىي توسۇش، ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولۇش، كونتروللىقىمىزدا بولۇش›› پىرىنسىپى بويىچە، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ‹‹ئۈچ قانۇنسىز›› نى تۈزەش ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يامرىشىنى توسۇپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەرىكەت ماكانىنى تارايتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە ماكانىنى تۈگىتىپ، ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىدىن يىراق تۇرۇش تەربىيەسى بېرىشكە ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

Share
3354 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.

#

شاۋكەت ئىمىن قۇرئان،ھەدىسكە ھاقارەت قىلدى” için 1 yorum

  1. admin دېدى:

    مۇشۇنىنغغا ئوخشاش مۇناپىقلار دۇزاخقا ئوتۇن بولىدۇ