logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغان

8

پاكىستان تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ پاكىستاندىكى ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىنى زور داغدۇغا بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى قەشقەر بوستانلىقىنىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى مۇھىم ئومۇرتقا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق پاكىستان زىيارىتى داۋامىدا خىتاينىڭ پاكىستانغا جەمئىي 46 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاينىڭ بۇ زور مەبلىغى پاكىستاننىڭ 2008-يىلىدىن بۇيان تاشقى دۇنيادىن ئېرىشكەن ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

خىتاي تەرەپ بۇ سېلىنمىنى پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزىغا چىقىدىغان گۇۋادار پورتىنى قۇرۇشقا، خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىلىقىدا تۆمۈريول ۋە تۇرۇبا يولى ياساشقا ئىشلىتىدىكەن.

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ نۇقتىسى قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان قەشقەر بوستانلىقى بولۇپ، خىتاينىڭ قەشقەرنى غەربىي قىسىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇرۇش پىلانى رەسمىي كۈنتەرتىپكە قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ ھال قەشقەرنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىكەن شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قەشقەرگە يەرلەشتۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pakistan-xitay-04202015160047.html

Share
1588 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.