logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق زەربە بېرىشتە قولغا كەلگەن «نەتىجىلىرى» نى ئاشكارىلىدى

b2f66a6a-161e-488e-a49b-e23e63a12069

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا 115 تېررور تەشكىلاتىنىڭ بىتچىت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردە بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا قولغا كەلگەن نەتىجە، دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن : «ساقچى دائىرىلىرى 6 ئاي مابەينىدە نۇرغۇن «تېررور ھۇجۇملىرى» نىڭ ئالدىنى ئالدى، 171 دىنىي تور بەتنى تاقاپ، 238 كىشىنى قولغا ئالدى. ئىنتېرنېتتە پارتلاتقۇچ ياساشنى ئۆگەتكەنلەر ئۈستىدىن جەمئىي 44 داۋا ئېچىلدى، ئىنتېرنېتتە زوراۋانلىققا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا 294 داۋا ئېچىلدى.

خەۋەردە يەنە، 6 ئاي مابەينىدە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دىنىي رادىكاللىققا ئائىت 18 مىڭ ماتېرىيال، 2600 ۋىدىئو، 777 كومپيۇتېر ماتېرىيال ساقلىغۇچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەر، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 5 – ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدا «قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق قول بولۇش» چاقىرىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دائىرىلەر «دىنىي رادىكاللىق» قا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى قاتتىق بېسىم ۋە چەكلىمە ئاستىدا نازارەت قېلىپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qattiq-zerbe-11252014210811.html

Share
1685 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.