logo

trugen jacn

ناسا دىكىلەرنىڭ بىر ئۇيغۇرغا بەرگەن باھالىرى

Erkin1b

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى



خېلى كۆپ ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ ئامېرىكىدىكى ناسا مەركىزى «ج پ ل» دە ئىشلەيدىغانلىقىمنى بىلىدۇ.  ئەمما، مېنىڭ بۇ ئىدارىدە قانداقراق ئىشلەپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ئانچە ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ.  ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، مەزكۇر ئىدارىدە مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان باشقا بىرەر ئۇيغۇر يوق بولۇپ، مېنىڭ ج پ ل دىكى ئەھۋالىمنى بۈگۈنگىچە باشقا بىرەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تونۇشتۇرۇپ باقمىدى.  ھازىرغىچە مەن ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئۆزۈم ھەققىدە ئانچە-مۇنچە سۆزلەپ بېرىپ كەلدىم.  

بىزنىڭ ئىدارىدە جانلىقلار ياشاش ئېھتىماللىقى بار بولغان تاشقىي پىلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار بار.  مەنمۇ شۇ گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسى.  ئاشۇ گۇرۇپپا 2015-يىلى 17-ئىيۇن كۈنى ھازىرغىچە ھاسىل قىلغان تېخنولوگىيىدىكى يۈكسىلىش ھەققىدە بىر پارچە دوكلات تەييارلاپ، ئۇنى ناسا باش شتابىغا يوللىدى.  نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تەييارلانغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر پارچە دوكلات ناسانىڭ سىرتىدىكىلەرگىمۇ تور ئارقىلىق تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى دوكلاتمۇ ئاشۇنداق تارقىتىلامدۇ-يوق، مەن ئۇنى بىلمەيمەن.  ئەگەر كېيىنچە تارقىتىلىپ قالسا، مەن ئۇنىڭ تور ئادرېسىنى ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى بىر پارچە يازمىسىدا تورداشلارغا دەپ بېرىمەن.

بۇ قېتىمقى دوكلاتتا مەزكۇر تۈرنىڭ تۆھپىكارلىرى قاتارىدا ماڭا بېرىلگەن بىر ئابزاس باھامۇ بار بولۇپ، مەن ئاشۇ مەزمۇننى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يازمىنى تەييارلاش-تەييارلىماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە ئۇزۇن ئويلاندىم.  ئەڭ ئاخىرى بۇ يازمىنى تەييارلاشنى، شۇ ئارقىلىق مەن قىلىۋاتقان بىر پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) نىڭ باشلىقى ماڭا بەرگەن باھالاردىن ۋەتەندىكىلەرنى خەۋەردار قىلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  بۇ ماقالىدە يۇقىرىدىكى مەزمۇندىن باشقا، مەن يەنە مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلار ھازىرغىچىلىك بولغان يىللىق باھالاشلاردا ماڭا بەرگەن باھالارنىڭ بىر قىسمىنى، شۇنداقلا مەن بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتىمەن.  يۇقىرىقىدەك مەزمۇنلارنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنىشىمدىكى ئاساسىي مەقسەت، تورداشلارنى ئۆزۈم توغرىسىدا تولۇق ۋە توغرا چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا مېنىڭ سالامەتلىكىم بىلەن خىزمىتىمگە ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەندىن ئازراق ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارنى بىر ئاز خاتىرجەم قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت.

l01_IMG_3960.JPG

1-رەسىم: مەن ناسا مەركىزى ج پ ل نىڭ دىرېكتورى (1-قول باشلىقى) دوكتۇر چارلېس ئېلاچى بىلەن بىللە.  بۇ رەسىم 2015-يىلى 4-ئاۋغۇست كۈنى ج پ ل نىڭ ئىچىدە تارتىلغان.  

مەن ھازىرغىچە بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مۇنداق 4 خىل ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىدا ياشاپ ياكى ئىشلەپ باقتىم:
–(1) ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات
–(2) ئامېرىكا دۆلەت تەجرىبىخانىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات
–(3) يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىكى ئىلمىي تەتقىقات
–(4) قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يېڭى تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ناسادىكى ئىلمىي تەتقىقات.  

  مېنىڭ پەرىزىمچە، ئۇيغۇرچە تورلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرسى بىلەن، يەنى ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە تەۋە بولغان ئىلمىي تەتقىقات ئورنى بىلەن بىر ئاز تونۇشۇپ چىقتى.  ياكى بولمىسا ئاشۇنداق مۇھىتتا ئىشلەپ باقتى.  قالغان 3 خىل مۇھىت بولسا ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنچىۋالا تونۇشلۇق ئەمەس.  شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر ماقالىدە يۇقىرىدىكىدەك 4 خىل ئورۇنلاردىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ پەرقى ھەققىدىمۇ بىر ئاز توختىلىمەن.  مەن بۇ يەردە ۋەتەندىكىلەرگە دەپ قويىدىغان بىر خوش-خەۋەر شۇكى، ھازىر ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە يۇقىرىدىكى 4 خىل ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەيدىغان قېرىنداشلار بار.  مەن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېما ئاستىدا تونۇشتۇرۇپ بولدۇم.

  مەن ھازىرغىچە قولۇمغا كەلتۈرگەن ھەر بىر نەتىجىنى «بىر ئۇيغۇرنىڭ نەتىجىسى» دەپ ھېسابلاپ كەلدىم. شۇنداقلا مەن ئۆزۈم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن باشقا قېرىنداشلارنىمۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىمۇ خەۋەردار قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ۋە ئۇلاردا ئۆز-ئۆزىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدىم.  مەن مەزكۇر ماقالىنىڭمۇ ئاشۇنداق بىر مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر ماقالىگە «ناسادىكىلەرنىڭ بىر ئۇيغۇرغا بەرگەن باھالىرى» دېگەن تېمىنى ئىشلەتتىم.   

   مەن مەزكۇر ماقالىدە ئۆز-ئۆزۈمگە باھا بەرمەي، ئۆزۈمگە ئائىت بىر قىسىم ئەمەلىي پاكىتلارنى ئەينەن سۆزلەپ بېرىمەن.  مەن مۇشۇنداق ئۆزۈمنى ئۆزۈم يازغاندا، بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئۇنى «ئۆزىنى ئۆزى ماختاش» ۋە «كۆپتۈرمىچىلىك قىلىش» دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن.  ئۇ بىر خىل تەبىئىي ئەھۋال بولۇپ، ئۇنى توغرا چۈشىنىشكە ۋە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.  شەخسەن مەن شۇنداق قىلىمەن.  بەزى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ قىلغىنىم ھەقىقەتەنمۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختاش بولىدۇ.  بۇ يەردىكى مەسىلە بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ مەقسىتىنى ۋە نىيىتىنى ھەر دائىم يۈزدە-يۈز توغرا بىلەلمەيدىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.  يەنى، ئاللاھ ئىنسانلارغا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ نىيىتىنى كۆرەلەيدىغان ياكى بىلەلەيدىغان ئىقتىدارنى ئاتا قىلمىغان.  مەن يېقىندا تورلارغا چىقارغان «نام-ئاتاق، كىشىلىك تۇرمۇش، ۋە مەجبۇرىيەت» دېگەن ماقالىدە تونۇشتۇرغان نۇتۇقنىڭ ئىگىسى «ئويغان» بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ گۈزەل دىنىمىزدا، بىز كىشىلەرنى بىر پەيغەمبەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋەتمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەلۇم دەرىجىدىكى گۈزەللىك بار دەپ قارايمىز.  بىز كىشىلەرنىڭ بۇزۇلغان نىيەتلىرى ھەققىدىكى قىياسلارنى قوبۇل قىلماي، باشقىلارغا باھا بېرىشتە پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتىگە قارايمىز.  باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، سىز ۋە مەن بىر-بىرىمىزنىڭ گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلساق بولىدۇ، ئەمما، بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنىڭ نىيەتلىرىنى تەنقىد قىلىشىمىز پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ئىش.  بۇ بىزنىڭ بارلىق دىنداش قېرىنداشلىرىمىزغا چىقىرىلغان ئورتاق پرىنسىپتۇر.»  مەن ئۆزۈمنىڭ نىيىتى توغرا، دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرى مەزكۇر يازمىنى تەييارلاشنى قارار قىلدىم.  

   مەن ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ماڭا بېرىلگەن ئىنگلىزچە يازما باھالارنى ئەينەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىمەن.  ماقالىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بولسا ئۆز-ئارا ئوخشاش بولمىغان 4 خىل ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

1.  ناسا ئارخىپىدا ساقلىنىدىغان بىر پارچە مۇھىم دوكلاتتىكى باھا
  بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر بىر ئالەم تېلېسكوپىنى لايىھىلەپ ياساپ چىقىشقا ئوخشاش چوڭ تۈرلەردىن بىرەرنى تاماملاپ بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كۈتىدۇ.  مەسىلەن، 5 يىلدىن 10 يىلغىچە، بەزىدە ھەتتا 20 يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ.  بۇنداق چوڭ تۈرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشتا، ئۇنى كۆپلىگەن كىچىك باسقۇچلارغا ياكى كۆپلىگەن كىچىك پەللىلەرگە بۆلۈپ، ھەر بىر پەللە ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىت ۋە خىراجەت ئاجرىتىپ، ھەر بىر پەللىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە خىراجەت ئىچىدە بىرمۇ-بىر ئورۇنلاپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.  بۇنداق كىچىك پەللىلەر ئىنگلىزچە «milestone» دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ ئىنگلىزچە سۆزگە يۇلغۇن تور لۇغىتىدە «نامايەندە، مۇساپە بەلگىسى، بۇرۇلۇش نۇقتىسى (تۇرمۇش، ھايات)» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى «milestone» نىڭ مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمىگەچكە، مەن ئۇنى بۇ يەردە «پەللە»، دەپ ئالدىم.  مېنىڭچە ئۇنى «باسقۇچ» دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.  

  مۇشۇنداق پەللىنىڭ چوڭ-كىچىكلىرى بار بولۇپ، ئۇلارغا ئاجرىتىلغان ۋاقىتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.  بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ھەر بىر پەللىگە يېتىشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم «باھالاش يىغىنى» (review meeting) ئېچىپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ.  بىر پەللە تاماملانغاندىن كېيىن بولسا بىر پارچە «پەللىنى تاماملاش دوكلاتى» (Milestone report) تەييارلاپ، ئۇنى ناسا باش شتابىغا يوللايدۇ.  بەزى تۈرلەر مەخپىي بولۇپ، ئۇلار ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇر ۋە دوكلاتلار مەخپىي ساقلىنىدۇ.  بەزى تۈرلەر مەخپىي ئەمەس بولۇپ، ئۇلار ھەققىدىكى دوكلاتلار ناسا ئارخىبىدا ساقلانغاندىن باشقا، باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ناسا تور بېتىگە قويۇپ قويىلىدۇ.

   مەن بىزنىڭ ئىدارىدە 12 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى «كوروناگراف تېخنولوگىيىسى» (coronagraph technology) پرىنسىپى ئاساسىدىكى تاشقى پىلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدىغان ئالەم تېلېسكوپىنى لاھىيىلەش ۋە تەجرىبە قىلىپ ياساپ چىقىش ئىشى بولۇپ، بىز يېقىندا ئۇنىڭ «3A-پەللىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پەللىسىنى تاماملاپ، ئاشۇ پەللە ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلىدۇق.  دوكلاتنىڭ 1-بېتى ئۇنىڭ مۇقاۋىسى، 2-بېتى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىمزا قويۇش ۋارىقى بولۇپ، ئۇنىڭ 3-بېتى بولسا بىر پارچە «تەشەككۈرنامە» (Acknowledgement) دىن تەركىپ تاپقان.  مەن بۇ خەتنىڭ ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى تۆۋەندە «2-رەسىم» قىلىپ كىرگۈزۈپ قويدۇم.  دوكلاتنىڭ 3-بېتىدىكى تەشەككۈرنامىنىڭ يېرىمى مەن توغرۇلۇق بولۇپ، ئۇ خەتنىڭ ماڭا قارىتىلغان قىسمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

«بۇ دوكلاتقا يېزىلغان خىزمەتلەرنى ئاساسەن ئەركىن سىدىق بىلەن ئەرىك كېيدى (Eric Cady) ئىككەيلەن ئىشلىدى.  ئەركىن سىدىق ھاردىم-تالدىم دېمەي قاتتىق ئىشلەپ، دوكلاتنىڭ 4-چوڭ قىسمىنىڭ 1-5 كىچىك بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان ھېسابلاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئىشلەپ تاماملىدى.  ئۇ MATLAB يۇمشاق دېتال پروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى يېزىپ، ئۇلارنى MACOS يۇمشاق دېتال ھېسابلاش قورالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىناپ چىقتى، ھەمدە ئاشۇ ئىككى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ھېسابلاپ چىققان نەتىجىلەرنى جون كرىست يازغان PROPER يۇمشاق دېتالى پروگراممىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتۇردى.  ئەركىن ئاشۇ بۆلۈملەردىكى ھەممە رەسىملەرنى سىزىپ چىقتى، جەدۋەللەرنى تەييارلىدى، ھەمدە ئۇ بۆلۈملەردىكى تېكىستلەرنىمۇ ئاساسەن ئۆزى يېزىپ چىقتى.  ئەركىن ھەممە ئىشلارنى ئوچۇق-ئاشكارە، ۋە ناھايىتى مۇكەممەل قىلدى.  ھەر ۋاقىت زۆرۈر بولغاندا كوروناگراف تېلېسكوپى تەجرىبە ئۈسكۈنىسىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتمىدى.  ئەركىن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيىسى ۋە خىزمەت ئىستىلىغا يۇقىرى باھا بېرىپ كەلدى.  ئەركىن «3A-پەللىسى» ھېسابلاشلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، ئۇنى 2011-يىلى «خەلقئارا ئوپتىكا ئىنژېنېرلىقى جەمئىيىتى» (SPIE) نىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلدى.  ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزكۇر پەللىگە دائىر بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ ئەركىن يېزىپ، ئۇنى SPIE يىغىنلىرىدا ئېلان قىلدى.  ئەركىن «3A-پەللىسى» گە دائىر ئەڭ ئاخىرقى ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىنىمۇ يېزىپ، ئۇنى SPIE نىڭ 2015-يىلىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا ئوقۇيدۇ.»

l02_acknowledgement.jpg

2-رەسىم: مەن قىلغان پروجېكتنىڭ باشلىقى دوكتور ستورت شاكلان (Stuart Shaklan) ئەپەندى يازغان «تەشەككۈرنامە» نىڭ ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نۇسخىسى.  بۇ خەت «تاشقى پىلانېتىلارنى تەكشۈرۈش كورونوگراف تېخنولوگىيىسى 3A-پەللىسىنىڭ ئاخىرقى دوكلاتى» غا 3-بەت قىلىپ كىرگۈزۈلگەن.  

مەن يۇقىرىدىكى «تەشەككۈرنامە» دە تىلغا ئېلىنغان 2015-يىلىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئوخشىمىغان 3 تېمىدا 3 مەيدان ئىلمىي دوكلات بەردىم.  مەن بۇ ھەقتە مۇشۇ ماقالىنىڭ 3-قىسمىدا ئايرىم توختىلىمەن.

2.  ج پ ل نىڭ يىللىق باھالاشلىرىدىكى ماڭا بېرىلگەن باھالار
    بىزنىڭ ئىدارە بىر ماترىتسالىق ئىدارە (Matrix organization) بولۇپ، ماڭا ئوخشاش تېخنىكىلىق خادىملارنىڭ ھەر بىرسى پەقەت بىرلا مەمۇرىي گۇرۇپپىغا تەۋە بولسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىر ئادەم بىر قانچە پروجېكت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلەيدۇ.  شۇڭلاشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ مەمۇرىي باشلىقىدىن بىرسى،  ئەمما پروجېكت باشلىقلىرىدىن بولسا بىر قانچىسى بار بولىدۇ.  مەن ھازىر 4 خىل ئوخشىمىغان پروجېكت گۇرۇپپىلىرىغا تەۋە بولۇپ، ئۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئوخشىمىغان باشلىقلىرى بار.  مېنىڭ مەمۇرىي باشلىقىم ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك.  قالغانلىرىنىڭ بىرى يەھۇدى، بىرى گېرمانلىق، بىرى رۇس، يەنە بىرى بولسا ئىرانلىق.

  بىزنىڭ ئىدارىدە يىلدا بىر قېتىم خادىملارنى باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاشۇ بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەت تۆھپىسى باھالىنىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ كېيىنكى بىر يىل ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ۋە تىرىشىش نىشانلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، مۆلچەرلىنىدۇ.  بۇ ئىشقا مەمۇرىي باشلىقىمىز مەسئۇل بولىدۇ.  ئەمما باھا سۆزلىرىنى پروجېكت باشلىقلىرى ۋە ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە بىر پروجېكت گۇرۇپپىسىدا بىللە ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن خىزمەتداشلار يازىدۇ.  مائاش ۋە خىزمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق باھالاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.  خىزمەت تۆھپىسى ئەڭ تۆۋەنلەرگە مائاشمۇ ئەڭ ئاز ئۆستۈرىلىدۇ، ياكى بولسا ئۆستۈرۈلمەيدۇ.  تۆھپىسى ئەڭ يۇقىرىلارنىڭ بولسا مائاشىمۇ ئەڭ كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.  مەن ئىزچىل تۈردە بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزدا مائاشى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلگەن خادىملار قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ مېڭىۋاتىمەن.  

بىزنىڭ ئىدارىدە ئىنژېنېرلار جەمئىي تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-دەرىجىلىك ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا، 4-دەرىجىلىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.  مېنىڭ 4-دەرىجىلىككە ئۆسكىنىمگە 6-7 يىلدەك ۋاقىت بولدى.  

   تۆۋەندىكىسى مېنىڭ باشلىقلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ يىللىق باھالاشلاردا مەن توغرىلىق يازغانلىرى.  مەندە ئۇلارنىڭ يازمىلىرىنىڭ بېسىپ چىقىرىلغان نۇسخىسى بار بولۇپ، مېنىڭ كەلگۈسىدىكى پىنسىيىگە چىقىپ بولغان ۋە ئاللاھ بۇيرىغان بىر كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئانا مەكتەپلىرىنىڭ بىرىگە تەقدىم قىلىش ئارزۇيۇم بار.  كەلگۈسىدە قايسى باھانىڭ قايسى مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىشىمگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن ھەر بىر باھانىڭ ئاخىرىغا باھالاش ئېلىپ بېرىلغان يىلنى يېزىپ قويدۇم.

   مەن يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى مەن توغرۇلۇق باھالارنى تەرجىمە قىلىپ يېزىشنى باشلاشتىن بۇرۇن يازغان ئىدىم.  باھالارنى تەرجىمە قىلىپ يېزىشنى باشلىغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق بىر قانچە ئىشقا ھەيران قالدىم: (1) ماڭا بېرىلگەن باھالارنىڭ مىقتارى بەك ئۇزۇن ئىكەن.  مەن بۇرۇن پەقەت ھەر يىللىق باھالارنى باھالاشتىن كېيىن بىر قېتىملا ئوقۇپ باققان بولۇپ، ھەممە باھالارنى بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇپ باقمىغان ئىكەنمەن.  (2) بىر ئادەمنى باھالاشتا ئىشلىتىلىدىغان سۈپەتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.  مەن بۇ قېتىم ئۆزۈمگە ئۆزۈم ھەيران قالدىم—ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم باھالىماقچى بولغان بولسام، ئۇنچىۋالا كۆپ سۈپەتلەرنى ھەرگىزمۇ تاپالمىغان بولاتتىم.

   قىسقىسى، ماڭا بېرىلگەن باھالارنى تەرجىمە قىلىپ يېزىپ يېرىمدىن سەل كۆپرەك يەرگە كەلگەندە، مەن قالغىنىنى يازماسلىق قارارىغا كەلدىم.  سەۋەبى باھالارنى تولۇق يازسام، بۇ ماقالە بەكلا ئۇزىراپ كېتىدىكەن.  مەن ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغان قېرىنداشلار تۆۋەندىكى مېنى باھالاش مەزمۇنلىرىنى تولۇق ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. قالغانلار ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنى ئوقۇشنى خالىساڭلار شۇنچىلىك ئوقۇڭلار.  ئەمما مەن ھەممە ئوقۇرمەنلەردىن ماقالىنىڭ 3-قىسمىدىن باشلاپ يەنە تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېنى باھالىغان مەزمۇنلارنى ئەمدى باشلايمەن.

–ئەركىننىڭ ناھايىتى ئېسىل خىزمەت ئادىتى بار.  ئۇ ھېسابلاپ چىققان نەتىجىلەرنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، ھەمدە يەكۈنلەپ چىققان خۇلاسىلەرنى بىر تەتقىقات دوكلاتى شەكلىدە تولۇق خاتىرلەپ ماڭىدۇ. (04)

–ئۇ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى (Exceptionally well) ئورۇنلاپ مېڭىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مودېللاش (modeling) ياكى ھېسابلاش، ۋە ئانالىز قىلىش جەھەتلەردە شۇنداق بولۇپ، بىزنىڭ ئاشۇ ساھەلەردىكى ئېھتىياجىمىزمۇ ئەڭ زور.  ئۇ تېخنىكىلىق بىلىملەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، سىرتنىڭ ياردىمىسىز ئىنتايىن تېز (exceptionally quickly) ئىگىلىيەلەيدۇ.  ئۇ قىلالايدىغان ئىشلار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆسۈش جەھەتتە ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.  ئۇ بىزنىڭ گۇرۇپپىغا ناھايىتى ياخشى سىڭىپ كەتتى.  ئۇنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى (excellent). (04)

–ئەركىن تپف قاتارلىق ئىككى چوڭ پروجېكتلەردە خىزمەتنى كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئىشلىدى (did outstanding job).  ھەمدە ئۆزى قىلغان ئىشلار ھەققىدە ئىنتايىن پۇختا دوكلات تەييارلاپ ماڭدى. (04)

–ئۇ ئۆزىنىڭ تېخنىكىلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ۋەزىپىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى. (04)

–ئۇ خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى چوڭقۇر ھۆرمەتلەندى، ھەمدە بىزنىڭ ھەممە پروجېكتلىرىمىز ئۇنى تالاشتى. (05)

–ئۇ يېڭى نەرسىلەرنى ئىنتايىن تېز ئۆگىنىۋالىدۇ، ھەمدە ئۇ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بىلىملەرگە ئىگە. (05)

–ئەركىن قاتناشقان پروجېكتلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولدى. (05)

–ئۇ خىزمەتتە كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى، ھەمدە قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە گۇرۇپپىمىزدىكى باشقا ھەممە خادىملاردىن ياخشىراق دوكلات تەييارلاپ ماڭدى.  ئۇ ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈن كۈچىنى پروجېكتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا قاراتتى. (05)

–ئەركىن باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىنتايىن ئۈنۈمدار (extremely effective).  ئۇ ھەممە ئادەمگە قۇچاق ئاچىدۇ ۋە ھەممە ئادەملەرگە ياردەم قىلىدۇ. (05)

–ئەركىن ئىنتايىن كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇ يېڭى نەرسىلەرنىمۇ ناھايىتى تېز ئۆگىنىدۇ.  ئۇ مودېللاش ۋە دولقۇن-فرونتىنى كونترول قىلىش ساھەسىدە بىر مۇتەخەسسىس دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، ھەتتا مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسكە ئايلاندى (even among the experts! ). (06)  

–ئەركىن خىزمەت قىلغان ۋە بىللە ئىشلىگەن خادىملارنىڭ ھەممىسى ئۇ قىلغان خىزمەتلەرنىڭ ئېسىللىكى (excellence)، ئۇنىڭ ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشالايدىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقىدى. (06)

–ئۇ بىز قىلىۋاتقان پروجېكتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە كۆزگە كۆرۈنەرلىك (outstanding) تۆھپىلەرنى قوشتى. (06)

–ئەركىن بىزنىڭ تەجرىبە گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى.  ئۇ يېرىم كېچىدىكى ۋە ئەتىگىنى تاڭ سەھەردىكى نۆۋەتچى گۇرۇپپىلار بىلەن بىللە ئىشلەپلا قالماي، دولقۇن-فرونتىنى كونتروللاش كومپيۇتېر پروگراممىسىنىڭمۇ ئاساسلىق مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىدى. (06)

–ئەركىن ئىشلىگەن خىزمەت ئىنتايىن ئېسىل. ئۇ ياراتقان نەتىجىلەر ناھايىتى ئەتراپلىق (thorough) ۋە تولۇق (comprehensive) بولۇپ، ئۇ ئۆزى قىلغان ھەر بىر ئىش ئۈستىدە بىر پارچىدىن ئېسىل سۈپەتلىك دوكلات تەييارلاپ ماڭدى.  ئەركىن مەن ئۆز ئۆمرۈمدە ئۇچرىتىپ باققان، خىزمەتكە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئەڭ كۆپ ئاتىغان، ۋە ئەڭ قاتتىق ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەن ئۇنىڭ بىزنىڭ گۇرۇپپىدا بولۇپ قالغانلىقىغا تولىمۇ مىننەتدارمەن.  مەن ھەر قانداق بىر ۋەزىپىنى غەلىبىلىك تاماملاشتا ئەركىنگە تايىنالايمەن. (06)

–ئەركىن بىلەن ئىشلىگەن ھەر قانداق بىر ئادەم روھلانماي ۋە ئاجايىپ خۇشاللانماي قالمايدۇ.  ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان پروجېكتكە ۋە خىزمەتداشلىرىغا ھەقىقىي تۈردە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.  ئۇ كۆپ قېتىم ھېچ قانداق ۋايسىماي تۇرۇپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېچىلىك ۋە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى گۇرۇپپىلار بىلەن بىللە ئىشلىدى.  زۆرۈر بولغاندا ئۇ دەرھال باشقىلاردىن مەسلىھەت ۋە ياردەم سورايدۇ.  ئۇ بىر ئوچۇق-يورۇق ۋە سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئېسىل نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ئىستەيدۇ.  (06)

–ئەركىن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش جەھەتتە توختاۋسىز ھالدا قاتتىق تىرىشىدۇ.  ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ماھارەتلىرى ئىنتايىن ئېسىل.  مەن دولقۇن-فرونتىنى كونترول قىلىش كومپيۇتېر پروگراممىسىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىش ئىشىدا ئەركىنگە يۈزدە-يۈز ئىشىنىمەن—بۇ سۆزلىرىمنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر! (06)

–ئەركىنگە بىر قىسىم ۋەزىپىلەرنى باشقۇرۇش پۇرسىتى بېرىلىشى كېرەك. (06)

–ئەركىن ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىجادكارلىق تەلەپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ھەمدە قىلغان يېڭىلىقلىرىنى كېلەر قېتىملىق SPIE يىغىنلىرىدا دوكلات قىلىشنى ئىستەيدۇ.  مەن ئەركىنگە داۋاملىق تۈردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسەتلىرى يارىتىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  (06)

–ئەركىن ئىنتايىن قاتتىق ئىشلەيدۇ.  ئۇ مەن ھازىرغىچە ئۇچۇرتۇپ باققان ئەڭ ئۈنۈمدار خادىملارنىڭ بىرى.  ئۇ ھەر دائىم ۋەزىپىلەرنى كۆپرەك ئېلىشقا ئىنتىلىدۇ.  بىز ئۇنىڭغا ۋەزىپىلەرنى دۆۋىلەۋەرسەكمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ «ياق» دېمەيدۇ.  كۆپىنچە خادىملار ئۈچۈن بۇنداق ئىش بىر خىل مەسىلە بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ئەركىن بىر ئاماللارنى قىلىپ كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى تەڭلا ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلايدۇ.  ئۇ كۈچىنى خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ، ھەمدە ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىشلەيدۇ.  ئۇ 3-4 كومپيۇتېرلارنى تەڭلا ماڭدۇرۇپ، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ساندىكى ۋەزىپىنى ئورۇنلاش جەھەتتە تولىمۇ ئەقىللىق.  ئەركىن دائىم مەندىن ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپىلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىلىرى ۋە دائىرىلىرىنى سوراپ ئېنىقلىۋېلىپ، ھەممە ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاپ ماڭىدۇ. (06)

–ئەركىن ناھايىتى چىقىشقاق.  ئۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.  بىر ئادەم سۆزلەۋاتقاندا ئۇ ھەرگىزمۇ سۆزنى بۆلۈۋەتمەي، ئۇنىڭ سۆزىنى ئەڭ ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ چىقىدۇ.  شۇنداقلا ئۇ قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، زۆرۈر بولغاندا قارشى تەرەپكە بىر ئىشنى ئىنتايىن تەپسىلى چۈشەندۈرىدۇ.  ئۇ ھەر دائىم باشقىلار بىلەن ئوچۇق ۋە ئېنىق چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. (06)

–ئەركىن قىلغان ئىشلىرىنى دوكلات قىلىپ يېزىپ چىقىشتا ناھايىتى داڭلىق.  ئۇ ھەر يىلى ناھايىتى كۆپ ساندا دوكلات تەييارلايدۇ (ئەسكەرتىش: مەن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 پارچە خىزمەت دوكلاتى تەييارلايمەن).  بۇ دوكلاتلار بىزنىڭ پروجېكتنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە دوكلاتلىرى ئۈچۈن بىر تۈۋرۈك بولۇش رولىنى ئوينايدۇ.  ئۇ دوكلاتلار بىر قانچە ھالقىلىق پەيتلەردە بىز ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇش رولىنىمۇ ئوينىدى. (06)

–ئەركىن MATLAB يۇمشاق دېتالىدا ئەڭ يۇقىرى ماھارەتلەر (Top-rate skills) گە ئىگە بولۇپ، ئۇ يەنە داۋاملىق ئۆز بىلىملىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.  كومپيۇتېر پروگراممىلىرىغا كىرگۈزگەن يېڭى ئۆزگەرتىشلەرنى خاتىرلەپ مېڭىش ۋە پروگراممىلارنىڭ نۇسخىلىرىنى كونترول قىلىپ مېڭىش جەھەتتە ئۇ ئاللىقاچان كۈتكەن تەلەپتىن ئېشىپ كەتتى.  ئۇ قانچىلىك ۋاقىت كەتسە شۇنچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مودېللاش ياكى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنىڭ ئاساسى بولغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنى ئۇ ئۆزى قايتىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھېسابلاشلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.  بۇ جەھەتتە ئۇ ماڭىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. (06)

–مەن ئەركىننىڭ مېنىڭ گۇرۇپپامنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن.  ناھايىتى پۇختا تېخنىكىلىق ئىدىيىلەرگە ئېرىشىش، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، ئۆز-ئارا ئېنىق چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، ۋە ۋەزىپىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تاماملاش جەھەتلەردە مەن ئەركىنگە يۈزدە-يۈز تايىنالايمەن. (06)

–ئەركىن HCIT تەجرىبە ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ناھايىتى قىزغىن ئاۋاز قوشىدۇ، ھەمدە تېخنىكىلىق يىغىنلاردا ئۆزى ئىشلەپ چىققان نەتىجىلەرنى ناھايىتى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ دوكلات قىلىدۇ.  (06)

–ئەركىن كورونوگرافلىق تېلېسكوپ ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە مول تەجرىبىلەرگىمۇ ئىگە.  ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەش بىر ناھايىتى خوشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، ئەركىن بىزنىڭكىگە ئوخشاش گۇرۇپپىلار ئۈچۈن بىر ناھايىتى قىممەتلىك بايلىق.  (06)

–ئەركىن ئۆزى قىلغان يېڭىلىقلارنى ئىلمىي ماقالە قىلىپ ئېلان قىلىش جەھەتتە بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.  ئۇ بىزنىڭ پروجېكتكە كۆپلىگەن مۇھىم ۋە ھالقىلىق تۆھپىلەرنى قوشتى.  (07)

–ئەركىن مودېللاش ۋە تېخنىكىلىق دوكلات تەييارلاش جەھەتتە گۇرۇپپىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىدا. ئۇنىڭدا ئىنتايىن ئېسىل خىزمەت ئادىتى بار بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى بىر ھەقىقىي مۇتەخەسسىسگە ئايلاندى. (07)

–ئەركىننىڭ خىزمەت نەتىجىسى ھەقىقەتەنمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى.  ئۇ بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزدىكى بىر ھەل قىلغۇچ رولنى ئويناۋاتقان ئەزا بولۇپ، بىز يولۇققان بىر قانچە ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇستەقىللىق ۋە ئۈنۈمدارلىق بىلەن ھەل قىلدى. (07)

–ئەركىن ئۆز خىزمىتىدە بۇرۇنقىدەكلا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.  ئۇ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە دوكلات تەييارلاپ، تېخنىكىلىق يىغىنلاردا ئۇلارنى ئۇتتۇرلۇق دوكلات قىلىپ سۆزلەپ تۇردى.  بۇ ئىش يېڭى-يېڭى مۇزاكىرىلەرگە، ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە تۈرتكە بولدى.  بىزنىڭ پۈتۈن گۇرۇپپىدىكىلەر ئەركىننىڭ مۇشۇ ئىشىغا تولىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.  (07)

–ئەركىن بىر قانچە پروجېكتلەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، بىز تاپشۇرغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاماملاپ ماڭدى.  پەقەت ۋەزىپىلەرنىلا ئورۇنلاپ قالماي، زۆرۈر بولغاندا ئۆزى مۇستەقىل ئويلاپ، قوشۇمچە تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ھەممىمىزنىڭ چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاتتى ۋە كېڭەيتتى.  بىز ئۇنىڭغا ھەيران قالىمىز. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ بىر قىممەتلىك ئەزاسى. (07)  

–ئەركىن ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش ۋە تاشقى تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھازىر ئەس-شۋف (بىر خىل دولقۇن-فرونتىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى) ساھەسىدە دۇنيادىكى بىر باشلامچى مۇتەخەسسىس (The world leading expert) ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.  ئەركىننىڭ ئۇسۇلى بىر تال كامېرا چېكىتىدىنمۇ كىچىك بولغان يۆتكىلىشنى ئۆلچىيەلەيدىغان بولۇپ، دۇنيادا بۇ ئىشنى قىلالايدىغان باشقا ئۇسۇل يوق.  بۇ ئىدارىمىزدىكى بىر چوڭ پروجېكتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، ج پ ل نىڭ يەنە بىر چوڭ پروجېكتكە ئېرىشىشىدىمۇ ئاساسىي رول ئوينىدى.  (08)

–ئەركىن دولقۇن-فرونتىنى كونتروللاش ساھەسىدىمۇ بىر مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل ئىكەنلىكى بىر قانچە چوڭ پروجېكتلەردە قايتا-قايتا ئىسپاتلاندى.  (08)

–جىددىي ۋەزىپە ئوتتۇرىغا چىققاندا، تېز نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئەركىننى ئىزدەيدۇ. (08)

–ئەركىن خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ۋە تېز قىلىدۇ.  باشقىلار نەچچە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتتۈرىدىغان ئىشنى ئەركىن بىر كۈن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولىدۇ.  (08)

–ئالدىنقى 3 يىل جەريانىدا ئەركىن ئۆزىنىڭ بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى MACOS، Code V، Zemax يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئوپتىكىلىق مودېللاش ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.  ئۇنى ھەممە ئادەم ئىزدەيدۇ.  ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق خادىملارنىڭ سانى بەك كۆپ بولسىمۇ، ئۇ باشقىلار بىلەن ناھايىتى ئېنىق ۋە ئوچۇق سۆزلىشىپ، ئۈستىدىكى ۋەزىپىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. (08)

–ئەركىن خىزمەت تەجرىبىسى جەھەتتە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان خادىملارغا زېرىكمەي ياردەم قىلىدۇ.  ئۇلار بىلەن ناھايىتى يېقىن ھەمكارلىشىدۇ.  (08)

–مەن 2006-يىلى ئەركىننى باھالىغاندا مۇنداق دەپ يازغان ئىدىم: «مېنىڭ ئەركىنگە بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى مەدھىيە سۆزۈم مۇنداق:  ئەگەر ماڭا بىر مودېللاش ۋە ئانالىز قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەش ۋەزىپىسى چۈشسە، مەن ئەركىننى 1-بولۇپ تاللايمەن.»  بۇ سۆزۈم ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە.  مەن ئەركىننىڭ ئۆزۈم تەۋە بولغان ھەر قانداق بىر گۇرۇپپا ياكى پروجېكتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىنى ئىستەيمەن.  (08)

–ئەركىن بۇ يىل يەر تەۋرەشنى كائىنات بوشلۇقىدا تۇرۇپ ئۆلچەيدىغان تېلېسكوپ پروجېكتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى.  ئۇ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، 6 خىل تېلېسكوپ تارتقان رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا زۆرۈر بولغان يېڭىچە ئۇسۇللارنى  ئۇ ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.  ئۇ قىلغان ئىشلار كېيىنكى يىللاردا يەر تەۋرەشنى ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ ئۆلچەيدىغان تېلېسكوپ قۇرۇلۇشى (mission) نى تەستىقلىتىش ئىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.  ئەركىن ھەر ۋاقىت ۋەزىپىنى ئۆز ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن، تەلتۆكۈس ۋە تولۇق ئورۇنلايدۇ. (12)

–ئەركىن ناھايىتى كۆپ مودېللاش ئىشلىرىنى قىلدى.  ئۇنىڭ ئالاھىدە مودېللاش ماھارەتلىرى ئۇنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىياجلىق ئادەمگە ئايلاندۇردى.  مەن مەسئۇل بولغان بىر پروجېكتتىكى بەزى مەسىلىلەر بىر خىل كرىزىسقا ئايلانغاندا، ئەركىن دەرھال ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى.  شۇنىڭ بىلەن ئەركىن ئويلاپ چىققان ئۇسۇل ھازىرقى لايىھىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىغا ئايلاندى.  بۇ ئىشنىڭ ئافتا (يېڭى تىپتىكى ئالەم تېلېسكوپى) پروجېكتىگە بولغان قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەركىن بۇ ئىشلاردا ئاساسى رول ئوينىدى.  ئەركىن خىزمەتنى ناھايىتى ئېسىل قىلىدۇ.  ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئىشلەپ، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلاردىن كەلگەن تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.  ئەركىن ئىشنى ئىنتايىن تېز ۋە ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدۇ.  بەزىدە تېز نەتىجە چىقىرىمەن دەپ، قىسمەت خاتالىقلارنى سادىر قىلىدىغان ۋاقتىمۇ بار.  بىز ئۇنىڭ بىزنىڭ گۇرۇپپىدا بولغانلىقىدىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىمىز.  ئۇ بىزنىڭ گۇرۇپپىغا ھەقىقەتەنمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشتى. (15)

–ئەركىن WFIRST-AFTA پروجېكتىدە ماڭا ئىشلەپ بېرىۋاتىدۇ.  ئۇ بىزنىڭ پروجېكتە كورونوگرافلىق تېلېسكوپلارنى مودېللاش خىزمىتىنى قىلىدۇ.  ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئەركىن ناھايىتى كۆپ تەتقىقات تۈرلىرىنى تاماملىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۆھپىسى بىزنىڭ پۈتۈن پروجېككە ئىنتايىن زور ياردەملەرنى قىلدى.   ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى LOWFS كونترول ئالگورىزمى (ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلى) نى ئىشلەپ چىقىش بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى بىلەن بىز تېلېسكوپنىڭ ھالقىلىق تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئالدىن مۆلچەرلەش ئېلىپ بارالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بولدۇق.  يېقىندىن بۇيان مەن ئەركىن بىلەن مۇددەتلىك ھالدا ئايرىم يىغىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن تېلېسكوپ مودېلىنى ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش ئىستراتېگىيىسى ئۈستىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ ستورت شاكلان بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان تېخنولوگىيىنى يۈكسەلدۈرۈش خىزمەتلىرىدىكى تەجرىبىلىرىدىن ناھايىتى زور پايدا ئېلىۋاتىمەن.  ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەركىن خىزمەتنى ئىنتايىن ئېسىل ئىشلىدى.  ئۇ قىلغان خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۇ تاماملىغان خىزمەت مىقدارىمۇ ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولدى.  ئۇ ناھايىتى قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ھەمدە ئىنتايىن قاتتىق تىرىشىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.  بىزنىڭ پروجېكنىڭ ھەممە ئەزالىرى ئەركىننىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە خىزمەت-تەجرىبىلىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ.  ئەركىن ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن قىلچىمۇ قورقمايدىغان بولۇپ، ئەركىننىڭ بىزنىڭ باشقارمىدا بولغىنى بىز ئۈچۈن بىر مۇھىم بايلىق، دەپ قاراشقا بولىدۇ. (15)

–مەن ئەركىننىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى.  ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەش مەن ئۈچۈن بىر ھۇزۇرلۇق ئىش.  ئۇ مەن مەسئۇل بولغان بىر پروجېكتتە ناھايىتى زور (huge) رول ئويناپ، يەنە بىر پروجېكتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.  ئەركىن بىلەن بىللە ئىشلىگەننىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى شۇكى، ئەگەر ئۇ بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان بولسا، ئۇنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ، ھەمدە بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، يۈز بەرگەن مەسىلىنى ئوڭلايدۇ.  تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەن مەسئۇل بولغان پروجېكتتە بىز توختاۋسىز ھالدا يۇقىرىغا قاراپ يۈكسىلىش ھاسىل قىلدۇق: (1) ئەركىن ئىنتايىن قاتتىق ئىشلەپ، ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلاپ ماڭدى.  ئۇ باھانە كۆرسىتىدىغان ياكى بىزنى تۇيۇقسىز چۆچۈتىۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلمىدى.  (2) ئۇ ئوچۇق-ئاشكارە بولغانلىقى (transparency) ئۈچۈن، بىز پروجەكتتە كۆرۈلۈۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشتا ھېچ قانداق ۋاقىت ئىسراپ قىلمىدۇق. بىز بىللە ئولتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كېيىنكى قەدەمدە قايسى ئىشلارنى سىناپ بېقىشنى قارار قىلدۇق.  مەن ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاشتا ئەركىنگە تايىنالايمەن.  شۇنداقلا مەن گۇرۇپپىمىزدىكى باشقا ئەزالار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشتىمۇ ئەركىنگە تايىنالايمەن.  مەن كېلەر يىل ئەركىننىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.  تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلەر چوقۇم مۇكاپاتلىنىشى كېرەك. (15)

مەن يۇقىرىدىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتكىنىمدەك، ماقالىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەن 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللىق باھالاشلارنى بۇ يەرگە كىرگۈزمىدىم.

3. مەن 2015-يىلى ئېلان قىلغان كەسپىي ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى
   بۇ يىل (يەنى 2015-يىلى) مەن ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمدىكى ئەڭ ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى.  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەن جەمئىي 9 پارچە ئىلمىي ماقالىگە ئاپتور بولدۇم.  بۇ ماقالىلەرنىڭ 7 پارچىسى بۇ يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە كالىفورنىيە شتاتى سان دىئېگو شەھىرىدە ئېچىلغان SPIE نىڭ يىللىق يىغىنىدا دوكلات قىلىنغان بولۇپ، قالغان 2 پارچىسى بولسا SPIE نىڭ ئىنگلىزچە «Journal of astronomical telescopes, instruments, and systems»  دەپ ئاتىلىدىغان ژۇرنىلىغا يوللىنىپ، قوبۇل قىلىندى.  SPIE يىغىنىدا بېرىلگەن 7 مەيدان دوكلاتنىڭ ئىچىدىكى 6 دوكلات ئۈستىدىمۇ 9 – 12 بەتلىك ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار SPIE نىڭ  ئىنگلىزچە «SPIE Conference Proceedings» دەپ ئاتىلىدىغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.  ئىلمىي تەتقىقات دۇنياسىدا بۇ توپلاملارمۇ ئىلمىي ژۇرناللار بىلەن ئوخشاش قارىلىدۇ.  مەن بۇ قېتىمقى SPIE يىغىنى ھەققىدە تۆۋەندە ئايرىم توختىلىمەن.  ژۇرنالغا چىققان ياكى ئەمدى چىقىدىغان 8 پارچە ماقالىنىڭ 3 پارچىسىغا مەن 1-ئاپتور بولۇپ، ئۇلارنى مەن ئۆزۈم يازدىم.  بىزنىڭ ئىدارىدە ئىلمىي ژۇرناللارغا چىقىرىدىغان ماقالىلەرنى ئۇنىڭ 1-ئاپتورى يازىدۇ.  ئاندىن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ماقالىنىڭ 2-ئاپتورى، ياكى ئاشۇ ماقالىدە بايان قىلىنغان پروجېكتنىڭ مەسئۇلى ئۇنى بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ، ماقالىگە تۈزىتىش ياكى تولۇقلاش تەكلىپ پىكىرلىرىنى بېرىدۇ.  ئۈچىنچى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان ئاپتورلار بولسا ۋاقتىنىڭ قىسلىقى، ياكى ئۆزىنى مۇھىم ئاپتورلارنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىماسلىقى سەۋەبىدىن ماقالىنى بىرەر قېتىممۇ ئوقۇپ باقمايدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ.  شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ماقالە ئاپتورى قاتارىدا ئورۇن ئالغانلىقى ماقالىدە بايان قىلىنغان يېڭىلىقلارغا ئۇلارنىڭمۇ تۆھپە قوشقانلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ماقالىدىكى بارلىق مەزمۇنلارغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.  

مەن بۇ يىل ئاپتور بولغان 9 پارچە ماقالىنىڭ ئىزدەپ تېپىشتا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندە 3-رەسىم قىلىپ كىرگۈزۈپ قويدۇم.  ھەر يىللىق SPIE يىغىنى پروگراممىسى بىر 300 بەتلىك كىتاب بولۇپ، بۇ يىللىق پروگراممىنىڭ بىر بېتىدە مېنىڭ ئىسمىم جەمئىي 5 پارچە ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.  مەن ئاشۇ بەتنى تۆۋەندە 4-رەسىم قىلىپ قىستۇرۇپ قويدۇم.

l03_paper2015.jpg

3-رەسىم: مەن 2015-يىلى ئاپتور بولغان 9 پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ تىزىملىكى، ۋە ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار.

l04_spie2015_erkin.jpg



4-رەسىم: SPIE نىڭ 2015-يىللىق ئىلمىي دوكلات يىغىنى پروگراممىسىنىڭ بىر بېتى.  بۇ بەتتىكى 5 پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئىسمىم بار.

4.  تۆت خىل ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتى ھەققىدە
   مەن ھازىرغىچە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ 4 خىل ئوخشىمىغان مۇھىتىدا ئىشلەپ باققان بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە باھالاش جەھەتتە ئاشۇ 4 خىل مۇھىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك پەرقلەر بار.  مەن ماقالىنىڭ مۇشۇ قىسمىدا ئاشۇ 4 خىل مۇھىتنىڭ پەرقلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

  بىرنچى مۇھىت: مەن ماقالىنىڭ بېشىدىكى كىرىش سۆز قىسمىدا ئۆز-ئارا ئوخشاش بولمىغان 4 خىل ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم.  ئۇنىڭ بىرىنچىسى تەبىئىي-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق كەسىپلىرىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرەلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەر، ۋە ئاشۇنداق ئالىي مەكتەپلەرگە قاراشلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى بولۇپ، بۇنداق ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى كۆپىنچە ئەھۋالدا يىغىن ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ سانى، ۋە ئاشۇ ماقالىلەرنى باسقان ژۇرناللارنىڭ سۈپىتى ياكى دەرىجىسى ئارقىلىق باھالىنىدۇ.  ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ تۈپ مەقسىتى يېڭى تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنى بايقاش ۋە پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ، بايقالغان يېڭىلىقلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىرەر ئەمەلىي ئېھتىياج ئۈچۈن زۆرۈر بولسىمۇ ياكى بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.  شۇڭلاشقا بۇنداق ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن «تەبىئەت» ۋە «ئىلىم-پەن» ژۇرناللىرىغا ئوخشاش داڭلىق ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش، ھەمدە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئىمكانقەدەر كۆپلەپ ئېلان قىلىش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت دەرىجىسى ۋە مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.  بۇ خىل مۇھىتتا ماقالە ئېلان قىلىدىغانلار ئاساسەن بىرەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئادەم ياكى ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۆزى خالىغانچە شۇنداق قىلالايدۇ.  مەن ياپونىيەدىكى بىلىم ئاشۇرۇش، ۋە ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشلىرى جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ئەنە شۇنداق ئالىي مەكتەپ مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەن ئاشۇ مەزگىللەردە يىغىن ۋە ژۇرناللاردا جەمئىي 37 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم (مەن ماقالىلەرنى سانىغاندا، ئۇنى ياكى ژۇرنال ماقالىسى، ياكى يىغىن ماقالىسى، دەپ پەقەت بىر قېتىملا سانايمەن.  بىر ماقالىنى «يىغىن ماقالىسى» دەپ بىر قېتىم، ۋە «ژۇرنال ماقالىسى» دەپ يەنە بىر قېتىم بولۇپ، ئىككى قېتىم سانىمايمەن).

ئىككىنچى مۇھىت: مەن ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق «ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسى» دا بىر يېرىم يىل دوكتۇر-ئاشتى بولۇپ ئىشلىدىم (ئامېرىكىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىدىغان لازېر نۇرى قورالىنى ياسىغان ئورۇن مۇشۇ شۇ).  مېنىڭ قىلغىنىم ئاتموسفېرادىكى بىزنى زىيانلىق قۇياش رادىئاتسىيىسىدىن قوغدايدىغان ئوزۇن قەۋىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر لازېر نۇرى ئۈسكۈنىنى لايىھىلەپ ئىشلەپ چىقىش بولۇپ، ساندىئادىكى ئۇستازىم ۋە باشقا بىر قانچە شىركەت ۋە تەجرىبىخانا خادىملىرى بىرلىكتە ھېلىقى يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك ئۈسكۈنىنى ياساپ چىقتۇق.  بۇ ھەقتە بىز خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئوپتىكا ژۇرنىلىدا بىر قانچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بىر پارچە ژۇرنال بىز ماقالىغا كىرگۈزگەن بىر پارچە رەسىمنى ژۇرنالنىڭ تېشىغا باستى.  شۇ چاغدا بىز بىر پارچە ئامېرىكا پاتېنتىغىمۇ ئېرىشتۇق.  بۇ بىر ئەمەلىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ئىنژېنېرلىق جەريانىدۇر.  ئەمما، مېنىڭ ئۇستازىم شۇ چاغدا بىر خىل ئىنگلىزچە «Femto-second laser pulse» دەپ ئاتىلىدىغان لازېر نۇرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىنىڭ كەشپىياتچىسى ۋە خەلقئارادىكى باشلامچىسى بولۇپ، ئۇ قىلغان ئىشنىڭ ساندىئاغا شۇ چاغدا بىۋاستە پايدىسى يوق ئىدى.  شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئاشۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ ماڭدى.  ھەر يىلى كۆپلىگەن جايلارغا ۋە چەت ئەللەرگە بېرىپ، ئىلمىي دوكلات يىغىنلارغا قاتناشتى، ھەمدە ھەر يىلى كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلدى.  دېمەك، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، بۇنداق ئورۇنلاردا ئالىي مەكتەپلەردىكىدەك ئاساسىي پەن تەتقىقاتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، شۇنداقلا ئەمەلىي ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ناھايىتى قىيىن ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى تەتقىقات-تەرەققىيات ئىشلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۈچىنچى مۇھىت: يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىملارمۇ ئۆزلىرى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن يېڭىلىقلارنى مەزمۇن قىلغان ئاساستا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدۇ.  ئەمما، ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى شىركەت رەھبەرلىرى قاتتىق كونترول قىلىدۇ.  كۆپىنچە ئەھۋالدا شىركەت خادىملىرى يىغىن ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىدىغان ماقالىلەر ئاشۇ شىركەتنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان بولىدۇ.  ئەگەر شىركەت مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىش رولى بولمايدىكەن، چىقىمنى ئازايتىش ۋە ئۆزىنىڭ ئەقلىي مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن، سىز قىلغان ئىشنىڭ قايسى دەرىجىدىكى يېڭىلىققا ياتىدىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا شىركەت سىزنىڭ ئۇنى ئېلان قىلىشىڭىزغا يول قويمايدۇ.  ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا پاتېنت ھوقۇقى ئالىدۇ.  مەن شىركەت مۇھىتىدىمۇ بىر قانچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ باقتىم، ھەمدە يالغۇز ئۆزۈمنىڭ ئاپتورلىقىدا 2 پارچە ئامېرىكا پاتېنت ھوقۇقى ئالدىم.  

تۆتىنچى مۇھىت: ئەمدى مەن ناسادىكى ئۆزۈم بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.  ئالدى بىلەن ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، بىزنىڭ ئىدارىدە 5000 نەپەر خادىم بار بولۇپ، ئىدارىمىز قىلىدىغان ئىشلارنىڭ 70 پىرسەنتى يەر شارى ئىلمىگە ئائىت ئىشلار.  مېنىڭ بىلىشىمچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تېخنولوگىيىسىنىڭ ھازىرقىدەك يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشىدە بىزنىڭ ئىدارە بىلەن بىزنىڭ باش ئىدارىمىز كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ئاساسىي رول ئوينىغان.  بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر قىلىدىغان ئىشلارنىڭ قالغان 30 پىرسەنتى بولسا كائىناتنى تەكشۈرۈشكە ئائىت ئىشلار.

مەن تەۋە بولغان، 30 – 40 دەك ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىملىرى بار بولغان بىر چوڭ گۇرۇپپا كىشىلەر ھازىر 2020-يىللىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان، تاشقى پىلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدىغان تېلېسكوپنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمىز.  بۇ ئىشنىڭ مۇنداق بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار:

–(1) ئۇ ئاساسەن ئىنتايىن قىيىن دەرىجىدىكى تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ئىنژېنېرلىق تۈرى.  بىز ياسايدىغان تېلېسكوپ يەر يۈزىدە تۇرۇپ، ھىمالايا تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدىكى بىر تال ئادەم چېچىنىڭ ئۈستىدىكى مۇدۇر-چۇقۇرلارنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.  شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇ تاشقى پىلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدۇ.  ھىمالايانىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 10 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، ئادەم چېچىنىڭ توملۇقى 17 مىكرو-مېتىردىن 181 مىكرو-مېتىرغىچە كېلىدۇ.  يەنى، بىز ياسايدىغان تېلېسكوپ يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر قانچە مىكرو-مېتىر چوڭلۇقتىكى نەرسىنى كۆرۈپ، ئۇنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

–(2) بىز ئۆزىمىز يولۇققان يۇقىرى تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى توسالغۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىمىز.  ئەنە شۇ يېڭىلىقلار يىغىن ۋە ژۇرناللار ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە ماتېرىيالى بولىدۇ.  بىزنىڭ ئىدارىدە ئاساسىي-پەن تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تەتقىقات خىراجەت پۇلىنى ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلىپ ئايرىم ھەل قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز كېلىدۇ.

–(3) ئالەم تېلېسكوپلىرى ئالەم بوشلىقىدا بىر «ھەقىقىي بوشلۇق (ھاۋاسىز)» مۇھىت ئىچىدە ئىشلەيدۇ.  بىز ئاشۇنداق بىر تېلېسكوپنى تەتقىق قىلىپ ياسىغاندا، ئۇنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆز ئىدارىمىزدە بەرپا قىلغان بىر ھەقىقىي بوشلۇق مۇھىتىدا ئېلىپ بارىمىز.  بىز تەجرىبە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان چوڭ ھەجىملىك «ھەقىقىي بوشلۇق ئۆيى» (vacuum chamber) گە ئوخشاش ئۈسكۈنە-ئەسۋابلار بىزنىڭ ئىدارىدىن باشقا جايلاردا يوق.  شۇڭلاشقا بىز بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە چەت ئەلدىكى باشقا ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى قاتتىق پىلانلاش ۋە كېلىشىش ئاساسىدا بەزىدە بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ، بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئۈسكۈنە-ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ، تەجرىبە ئېلىپ بېرىۋالىدۇ.

l05_IMG_0034.JPG

5-رەسىم: بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر «ھەقىقىي بوشلۇق ئۆيى».  بۇ ئۆينىڭ يەنە بىرى رەسىمدىكىسىدىن 3 ھەسسىدىنمۇ كۆپرەك چوڭ.  بىز تېلېسكوپ تەجرىبە ئۈسكۈنىسىنى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ياساپ، ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى پۈتۈنلەي سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق بىر «ئالەم بوشلۇقى» ھاسىل قىلىپ، ئاندىن تەجرىبە ئېلىپ بارىمىز.

–(4) پۈتۈن دۇنيادىكى بىز قىلىۋاتقان ئىشقا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفېسسور، تەتقىقاتچى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز.  مېنىڭ مۆلچىرىمچە ئۇلار 500 ئادەمگىمۇ بارمايدۇ.  بۇ 500 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىملار ۋە باشلىقلار ئۆز-ئارا ئاساسەن تونۇشىمىز.  مۇشۇ كىشىلەر مۇددەتلىك باھالاش يىغىنلىرى ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا داۋاملىق بىرگە بولۇپ تۇرىمىز.  بىرسى يازغان ئىلمىي ماقالىگە يەنە بىرسى «تەستىقلىغۇچى مۇتەخەسسىس» (reviewer) بولۇپ بېرىدۇ.  بىز ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى ھەقىقىي مەنىدىكى «ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى» نى قوبۇل قىلىدىغان ھەر قانداق ژۇرنالغا ماقالە ماڭدۇرساق، ئۇ ماقالىلەر ئاساسەن بېسىلىدۇ.  

–(5) بىزنىڭ ئىدارە بىزنىڭ تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ئىنژېنېرلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىمىزنى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە قاراپ ئەمەس، ئۆزىمىز قىلىۋاتقان پروجېكتلەردە كۈتكەندەك ئالغا بېسىشلار ھاسىل قىلىندىمۇ-يوق، ياسىغان نەرسىمىز نىشانلىغان يەرگە باردىمۇ-يوق، ئەگەر بارغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پىلانلىغان ئىشلارنى قىلدىمۇ-يوق، دېگەنلەرگە قاراپ باھالايدۇ.  ئىدارىمىز بىزنى ئۆزىمىزنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئىلمىي ماقالە چىقىرىشقا، شۇ ئارقىلىق ناسا قىلىۋاتقان ئىشلاردىن خەلقنى ۋە دۇنيانى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.  ئەمما، ھەرگىزمۇ بىزدىن ماقالە چىقىرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.   يىللىق باھالاش ۋە مائاش ئۆستۈرۈش ئىشلىرىدا چىقارغان ئىلمىي ماقالىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى دېگەندەك نەرسىلەرگە ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ.  بىزنىڭ دەرىجىمىز ۋە مائاشىمىزنى ئۆستۈرۈشتە، بىزنىڭ ھەر خىل پروجېكتلەرگە قوشقان تۆھپىمىزنى ئاساس قىلىدۇ.  

    ئوپتىكا ساھەسىدىكى ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىنى چىقىرىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئىككى ئورۇن بار.  ئۇنىڭ بىرى مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان SPIE بولۇپ، يەنە بىرى بولسا «ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى» (Optical Sokiety of America, OSA).  مەن ناساغا ئىشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاساسەن OSA نىڭ يىغىنلىرىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ژۇرناللىرىدا ماقالە ئېلان قىلغان.  ناساغا كىرگەندىن كېيىن ئاساسەن SPIE نىڭ يىغىنىغا بېرىپ، شۇنىڭ ژۇرناللىرىغا ماقالە چىقىرىۋاتىمەن.  بىزنىڭ ئىدارىدىكى مەن بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن SPIE يىغىنى ۋە ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىدۇ.  ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب OSA بىلەن SPIE مەسئۇل بولغان ساھەلەر ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، SPIE ئىنژېنېرلىقنى ئاساس قىلىدۇ.  SPIE ژۇرناللىرى ماقالىنى فورماتلاشقا يۇقىرى تەلەپ قويمايدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ماقالە چىقارغاندا فورماتلاش  ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىتنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.  مەن ئادەتتە نەتىجىلىرى تەييار بولۇپ بولغاندا، بىر پارچە 12 بەتلىك SPIE ماقالىسى يېزىشقا ئاران 2 كۈندىن 5 كۈنگىچە ۋاقىت سەرپ قىلىمەن.  ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىتقا بىز چىقىنالمايمىز.  ئۇلارنىڭ بەت سانىغا قويغان چەكلىمە «12 بەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك» بولۇپ، بىز ھەر بىر پارچە ماقالىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى 12 بەتتىن ئاشۇرۇۋەتمىسەكلا ئۇلار بېسىۋېرىدۇ.  ھەمدە SPIE نىڭ يىغىن ۋە ژۇرناللىرىدا بىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ساھەلەر بار.  

    مەسىلەن، مەن 2015-يىلى 9-ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە SPIE نىڭ كالىفورنىيە سان دىئېگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 كۈنلۈك «ئوپتىكا ۋە فوتونىكا»  (http://www.spie.org/x13188.xml) دېگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىنىغا قاتناشتىم.  ئۇ يىغىن 4 چوڭ قىسىمغا، ھەر بىر قىسىم 10 غا يېقىن ساھەگە، ۋە ھەر بىر ساھە يەنە كۆپلىگەن تېخنىكىلىق يىغىنلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاشۇ يىغىنلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «تاشقى پىلانېتىلارنى تاپىدىغان تېخنىكىلار ۋە ئەسۋابلار» دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ يىغىننىڭ رەئىسى مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان، ماقالىنىڭ 1-قىسمىدىكى «تەشەككۈرنامە» نى يازغان دوكتور «ستورت شاكلان» بولىدۇ. يۇقىرىدىكى 3-رەسىمدىكى مېنىڭ 2- ۋە 3-ماقالەمنىڭ 2-ئاپتورىمۇ ئاشۇ ستورت ئەپەندى.  مەن ھازىر جەمئىي 4 پروجېكتكە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ستورت ئەپەندى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پروجېكتنىڭ باشلىقى، يەنى مېنىڭ باشلىقلىرىمنىڭ بىرى.  SPIE يىغىنىنىڭ كىچىك ساھەلىرى ئىچىدە «ئاسترونومىيە ئوپتىكىسى ۋە ئەسۋابلىرى» دېگەن يىغىنمۇ بار.  بۇ يىغىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ «تاشقى پىلانېتىلارنى تاپىدىغان تېخنىكىلار ۋە ئەسۋابلار» دېگەن تارماق يىغىنىغا ھەر قېتىم ستورت ئەپەندى رەئىس بولىدۇ.  ھەر بىر تارماق يىغىن يەنە كۆپلىگەن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپا ئىنگلىزچە «session» دەپ ئاتىلىدۇ.  ھەمدە ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭمۇ بىردىن رەئىسى بار بولىدۇ.  ستورت ئەپەندى بۇ قېتىم يىغىننىڭ رەئىسلىكىدىن باشقا يەنە 2 گۇرۇپپىنىڭ رەئىسلىكىنىمۇ قىلدى.  بۇ قېتىم گۇرۇپپا رەئىسلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ج پ ل دىن كەلگەن 5 دىن ئارتۇق ئادەم بار.

l06_chair.jpg

6-رەسىم: ئىسمىنىڭ ئاستىغا قىزىل سىزىق سىزىلغان «Stuart Shaklan» ئەپەندى مېنىڭ باشلىقلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ، يۇقىرىدىكى «تەشەككۈرنامە» نىمۇ ئاشۇ كىشى يازغان.  ستورت ئەپەندى بۇ يىلقى SPIE يىغىنىدا بىر يىغىننىڭ رەئىسى ۋە يەنە ئىككى گۇرۇپپىنىڭ رەئىسى بولدى.

l07_IMG_4037.jpg

7-رەسىم: بۇ يىلقى SPIE چوڭ يىغىنىنىڭ يىغىن بىناسى ئالدىدىكى بىر كۆرۈنۈش.

l08_30D20150811.jpg

8-رەسىم: مەن بۇ يىلقى SPIE يىغىنىدا دوكلات بېرىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش.  مەن بىزنىڭ ئىدارىدىن كەلگەن بىرسىگە مەن سۆزلەۋاتقاندا ئۆزۈمنى رەسىمگە تارتىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلسام، ئۇ پەقەت ئىككى باشنىلا تارتىپتۇ.  يەنە بىر باش مەزكۇر گۇرۇپپىغا رەئىسلىك قىلىۋاتقان ستورت ئەپەندىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن تارتىلغان كۆرۈنىشى.

l09_DSC_6364.JPG

9-رەسىم: بۇ يىلقى SPIE يىغىن بىناسىنىڭ يىراقتىن تارتىلغان بىر كۆرۈنىشى.

l10_DSC_6363.JPG

10-رەسىم: مەن SPIE يىغىنى جەريانىدا تۇرغان، يىغىن بىناسىغا يانداش بولغان مېھمانخانىنىڭ بىر كۆرۈنىشى.

l11_30DSC_6332.JPG

11-رەسىم: ياتاقنىڭ ئىچىدىن تارتقان بىر كۆرۈنۈش.  مەن چۈشكەن مېھمانخانا ئامېرىكىنىڭ بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا يېقىن بولۇپ، دەرىزىدە كۆرۈنۈپ تۇرغان مەنزىرە ئىچىدە 4 دانە چوڭ تىپلىق ھەربىي پاراخوتمۇ بار.  ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئايروپىلان توشىغۇچى پاراخود.

   بۇ قېتىمقى «تاشقى پىلانېتىلارنى تاپىدىغان تېخنىكىلار ۋە ئەسۋابلار» دېگەن يىغىنغا سۇنۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى تەستىقلىغان كىشى، ئۇلارنى ھەر خىل گۇرۇپپىلارغا بۆلگەن كىشى، ۋە يىغىندىن كېيىن يىغىننىڭ «ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» غا كىرگۈزىلىدىغان ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان كىشىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ستورت ئەپەندى بولدى.  قىسقىسى، چەت ئەلدىكىلەرنىڭ بۇ يىغىنغا ماقالە ئەۋەتىپ، ئۇنى قوبۇل قىلدۇرۇشى خېلى تەسكە توختايدۇ.  يەنى ئۇلار قىلغان ئىشلارنىڭ سەۋىيىسى ۋە يازغان ماقالىسىنىڭ ئىنگلىز تىلى سۈپىتى جەھەتتە خېلى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.  ئەمما بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئۈچۈن ئۇلار ئىنتايىن ئاسان ئىشلار بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر بۇنداق يىغىنلارنى مونوپول قىلىۋالغان»، دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز.  بۇ يىغىندىكى بىرەر گۇرۇپپىغا رەئىس بولۇشمۇ ئاساسەن بىزنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىمىزدىكى ئىش:  ئەگەر بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلىپ تەلەپ قىلساق، ئاساسەن شۇنداق بولالايمىز.

   ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە تورلارغا «تەبىئەت» ۋە «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى، ۋە ژۇرناللارنىڭ «تەسىر كۆرسەتكۈچى» (Impact Factor) ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئارىلاپ-ئارىلاپ چىقىپ تۇرىدىكەن.  ئالىي مەكتەپ ۋە بىر قىسىم تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدىكى نەرسىلەر ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ۋە ئورۇنلۇق.  ئەمما بىزنىڭ ئىدارىدىكى مېنىڭكىگە ئوخشاش كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇلار ئانچە مۇھىم ئەمەس.  مېنىڭ مۆلچەرىمچە «تەبىئەت» ۋە «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ ھەر قېتىملىق سانىغا ج پ ل، بىزنىڭ مەمۇرىي باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى، ۋە ناسادىكىلەرنىڭ بىر ياكى بىر قانچە پارچە ماقالىسى چىقىپ تۇرىدۇ.  بىزنىڭ كەسىپتىكىلەر ۋە بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئۇ ئىككى ژۇرنالغا چىقىرىدىغان ماقالىلەر يېڭى بايقاشلار ھەققىدىكى ۋە ئىنتايىن قىيىن تېخنولوگىيىلەردىكى يېڭىلىقلار ھەققىدىكى دوكلات ياكى خەۋەر تۈسىنى ئالغان ماقالىلەر بولۇپ، ئۇ بىز ئىلمىي دوكلات يىغىنى ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللاردا ئېلان قىلىدىغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىگە ئاساسەن ئوخشىمايدۇ.  ھەمدە بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر چىقىرىۋاتقان ماقالىلەرنى ئاساسەن پروجېكت باشلىقلىرى، يەنى ئاساسەن ئۆزلىرى بىۋاستە قول تىقىپ، كونكرېت ئىشلارنى قىلمايدىغان كىشىلەر يازىدۇ.  

l12_nature.jpg

12-رەسىم: بىزنىڭ پروجېكت گۇرۇپپىمىزدىكىلەر 2007-يىلى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان، كوروناگراف تېلېسكوپى ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىنىڭ ئۇچۇرى.

مەسىلەن، بىز قىلىۋاتقان كوروناگراف تېلېسكوپى پروجېكتىنىڭ 2 نەپەر باشلىقى 2007-يىلى بىز قىلىۋاتقان ئىش ھەققىدە «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى (يۇقىرىدىكى 12-رەسىم).  شۇ چاغدا بىزنىڭ گۇرۇپپىدا بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 20 دەك ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر يىغىندا «ھەممە ئىشنى بىز قىلىۋاتساق، ماقالىدە بىزنىڭ ئىسمىمىزنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماپتۇ»، دەپ غۇدۇڭشىدى.  ئەمما ماقالىنىڭ ئىككى ئاپتورى پەقەت «20 دەك ئادەمدىن قايسىبىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بولىمىز»، دەپ قويدى.  ئۇ ماقالىنىڭ 1-ئاپتورى جون تروگېر (John T. Trauger) مەن يازغان 2 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىگە قوشۇمچە ئاپتور بولۇپ باققان (تۆۋەندىكى 13-رەسىمگە قاراڭ).  

دېمەك، يۇقىرىدىكى 4 خىل مۇھىتتا ئىشلەيدىغان كىشىلەر ئۆز نەتىجىلىرىنى باھالايدىغانغا ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم ئۆلچەملەرنى بېكىتىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋە ئاقىلانە ئۆلچەملەر ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.  ئەمما، ماۋۇ بىر مۇھىتنىڭ ئۆلچىمىنى يەنە بىر مۇھىتتىكى كىشىلەرنى باھالاشقا ئىشلىتىش توغرا ئىش ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئالما بىلەن شاپتۇلنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندەك بىر ئىش بولىدۇ.  مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 500 كىشىگىمۇ يەتمەيدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ ماقالىلىرىمىز بېسىلغان ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىنىڭ «تەسىر كۆرسەتكۈچى» (Impact Factor) قىممىتى ئىنتايىن كىچىك بولىشى مۇمكىن.  ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ بىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.  

l13_nature.jpg

13-رەسىم: مەن ئاپتور بولغان ئىلمىي ماقالىلەر تىزىملىكىنىڭ بىر قىسمى.  ئىسمىگە قىزىل رەڭدە بەلگە ئۇرۇلغان «J. T. Trauger» ئەپەندى يۇقىرىدىكى «تەبىئەت» ژۇرنىلى ماقالىسىنىڭ 1-ئاپتورى بولىدۇ.


5.ئۆزۈم ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە
   بىزنىڭ ئىدارىدە مېنىڭ 3 خىل كەسپىي دەرىجە نامىم (job title) بار:
–(1) ئىسىم كارتۇشكامدا «تېخنىكىلىق خادىملارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى» دەپ يېزىقلىق
–(2) مائاش دەرىجەمدە «4-دەرىجىلىك ئىنژېنېر» دەپ ئايرىقلىق (بىزنىڭ ئىدارىدە ئىنژېنېرلار 4 دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، مەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئۆسكىلى 6-7 يىل بولۇپ قالدى)
–(3) مېنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىم ۋە دەرىجەم «ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى» دەپ يېزىلىدۇ.

بەزى ئورۇندا ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن كەسپىي دەرىجە نامى ناھايىتى مۇھىم بولىدۇ.  ئەمما بىزنىڭ ئىدارىدە ئۇنداق ئەمەس.  بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى يۇقىرىدىكى 2-نەرسە بولۇپ، بىز قالغانلىرىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمىز.  مەن 2003-يىلى كرېمنىي جىلغىسىدىكى بىر يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىپ، ماڭا ئىسىم كارتۇشكىسى باستۇرىدىغاندا، بىر باشلىق مەندىن «ئەركىن، سەن ئۆزۈڭنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىشىنى ياخشى كۆرىسەن؟  ئۆزۈڭگە بىر كەسپىي دەرىجە نامى تاللىغىن.  بىز ئىسىم كارتۇشكىسىنى شۇ بويىچە باستۇرۇپ بېرەيلى»، دېدى.  مەن ئۇنىڭغا ھېچ قانداق چاق-چاق ئارىلاشتۇرماي تۇرۇپ، «ماڭا بىرەر كەسپىي دەرىجە نامى بەرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا مېنىڭ يىللىق مائاشىمنى ھازىرقىدىن 10 مىڭ دوللار ئۆستۈرۈپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟»، دېدىم.  ئۇ كىشى كۇلۇپ كەتىپ، «ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ»، دېدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمگە «Staff Optical Engineer» دېگەن نامنى تاللىۋالدىم.  

ئىقتىسادىي چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن، ناسا 4-5 يىلنىڭ ئالدىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر بىر يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنى 50 كىشىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك تۈزۈمىنى يولغا قويدى.  بولۇپمۇ چەت ئەلدىكى يىغىنلارغا بارىدىغانلارنىڭ سانىنى ئىنتايىن قاتتىق چەكلەيدىغان بولدى.  ناسانىڭ جەمئىي 10 مەركىزى بار. ج پ ل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئۇنىڭدا 5000 ئادەم ئىشلەيدۇ.  قالغان 9 مەركەزدە ئىشلەيدىغان ئادەملەرنى قوشقاندا، مېنىڭ مۆلچەرىمچە ناسادا جەمئىي 15 – 20 مىڭدەك ئادەم ئىشلىشى مۇمكىن.  مۇشۇنداق بىر چوڭ ئورۇندا بىر يىغىنغا قاتنىشىدىغان 50 ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىش ناھايىتى قاتتىق رىقابەت بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدىغان ئىش.  ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ساننىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى باشلىقلار ئېلىۋالىدۇ.  مەن ئىزچىل تۈردە ھەر يىلى SPIE يىغىنىغا قاتنىشىدىغان 50 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىمەن.  

مېنىڭ كۆپلەپ ماقالە چىقىرىشىمغا تۈرتكە بولىدىغان نەرسە، بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شۇ ئاساستا باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىغا بىر ئىسپات بولۇشتىن ئىبارەت.  ئەگەر مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەن 1978-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىساق، مېنىڭ بۇ يولدا تىرىشىۋاتقىنىمغا ھازىر 37 يىل بولدى.  مەن ھازىرغىچە ئادەتتە قاتتىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىشلەپ، بىر قىسىم دەم ئېلىش ۋاقتىمنى قۇربان قىلىپ، بۇ جەھەتتە باشقا خېلى كۆپ كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك بەدەل تۆلەپ كەلدىم.  شۇنىڭغا چۇشلۇق تىرىشچانلىقىمنىڭ مېۋىسىنىمۇ كۆردۇم – بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا مىڭ رەھمەت ئېيتىمەن.  مەن ج پ ل گە خىزمەتكە كىرگەن 12 يىلغا يېقىن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە جەمئىي 37 پارچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىگە ئاپتور بولدۇم.  يەنى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 3 پارچە ئىلمىي ماقالىغا ئاپتور بولدۇم.

ناسا دا ئىشلىگەن 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە مەن 8 دانە «ناسا يېڭى كەشپىيات ۋە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى»، ۋە 14 دانە ج پ ل «ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىش مۇكاپىتى» ئالدىم.  مەن 2008 – 2015-يىللىرى قىلغان 8 دانە يېڭىلىق «ناسا يېڭى  تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىدا خەۋەر قىلىندى.  مەن قىلغان 12 دانە يېڭى لىق «ناسا يېڭى  تېخنولوگىيە تىزىملىكى» گە كىردى.  بۇ تىزىملىككە كىرگەن تۈرلەرگە ناسا «نەشىرھوقۇقى» ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ تىزىملىك خۇددى «ناسا پاتېنتى» غا ئوخشايدۇ.

مەن ھازىرغىچە ئاپتور بولغان ئىلمىي ژۇرنال ماقالىسى، كىتاب ماقالىسى (ئىلمىي ماقالە توپلىمى قىلىپ تۈزۈلگەن كىتابلارنىڭ ھەر بىر باپى بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «book chapter» دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇنداق كىتابلارغا پەقەت كىتابنى بېسىپ تارقىتىدىغان نەشىرىيات ئورنى مەخسۇس تەكلىپ قىلغان كىشىلەرلا ماقالە يوللىيالايدۇ)، ئامېرىكا پاتېنتى، ناسا يېڭى تېخنولوگىيە تىزىملىكى، ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋىرى، ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىدا سۆزلەنگەن ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ سانى قوشۇلۇپ 115 پارچىگە باردى.

يۇقىرىدىكىسى مېنىڭ ج پ ل گە خىزمەتكە كىرگەن 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەھۋالىمنىڭ قىسقىچە بايانى.  مېنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەھۋالىم «ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» دېگەن بىر ھۆججەتتە قىسقىچە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۆزۈمگە ئائىت ۋە بىزنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىمىزغا ئائىت يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللار سابىق «بىلىۋال» تور بېتى مەن بىلەن 2005 – 2006-يىللىرى ئۆتكۈزگەن ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبەت خاتىرىسىدە بار.  چەت ئەلدىكى بىر نەپەر ئەلسۆيەر ئوت يۈرەك ئۇكىمىز نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھېلىقى «تەرجىمىھال» بىلەن «سۆھبەت» نى قايتا بىر قېتىم تولۇق تەھرىرلەپ، شۇ ئىككى نەرسىنى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە ئېلېكترونلۇق-كىتاب (PDF ھۆججىتى) نى ئىشلەپ چىقتى.  ئەگەر سىز ئۇ كىتابقا قىزىقسىڭىز، ماڭا « bilim.humar@yahoo.com » ئارقىلىق خەت يازسىڭىز، سىزگە ئۇنى ئەۋەتىپ بېرىمەن.  مەن شارائىتى بار قېرىنداشلارنىڭ بۇ PDF ھۆججىتىنى ۋەتەندىكىلەر چۈشۈرەلەيدىغان بىر تور بېتىگە قويۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  مەن ئەسلىدە بۇ ھۆججەتنى ئۆز چىقىمىم بىلەن چەت ئەلدە كىتاب قىلىپ باستۇرۇپ، ئاندىن تارقىتىشنى ئويلىغان.  ئەمما ئۇنى تارقىتىش ئىشىنى ئۈنۈملۈك قىلالايدىغانغا كۆزۈم يەتمەي، توختاپ قالدىم.

6.  بۇ يىل «خەلقئارالىق نۇر يىلى» قىلىپ بېكىتىلدى
     مەن بۇ يىلقى SPIE يىغىنىغا بارغاندا، يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرى يىغىندا دوكلات بەرگۈچىلەر سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملار قاتارىدا ماڭا بىر دانە ئىزنەك بەردى.  ئۇنىڭغا قارىسام ئۈستىدە «خەلقئارا نۇر يىلى 2015» دېگەن سۆز بار ئىكەن.  بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكشۈرسەم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2013-يىلى 2015-يىلىنى «خەلقئارا نۇر يىلى» قىلىپ بېكىتىپتۇ (http://www.light2015.org/Home/About.html).  بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، دۇنيا خەلقىنى يورۇقلۇق تېخنولوگىيىلىرىنىڭ مۇھىملىقىدىن خەۋەردار قىلىش، ئۇلارغا يورۇقلۇق تېخنولوگىيىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە ساقلىقنى-ساقلاش ساھەسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان روللىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئىكەن.

l14_IMG_4087.jpg

14-رەسىم: SPIE تەرىپىدىن يىغىندا دوكلات بېرىدىغان ئاپتورلارغا تارقىتىپ بەرگەن بىر دانە ئىزنەكنىڭ كۆرۈنۈشى.  ئىزنەككە بېسىلغىنى «INTERNATIONAL YEAR OF LIGHT 2015» دېگەن ئىنگلىزچە سۆز ئىكەن.

7. ئاخىرقى سۆز
     مەن ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماقالە يېزىشنى 2005-يىللىرى باشلىغان بولساممۇ، مېنىڭ ۋەتەندىكى ياشلارغا يېڭى بىلىملەرنى تونۇشتۇرىدىغان، ئۆزۈمنىڭ كەسپى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان مەزمۇنلاردا ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە بىر پارچىدىن ماقالە تەييارلاپ، ئۇيغۇرچە تورلارغا يوللاۋاتقىنىمغا ھازىر بىر يىلدىن ئاشتى.   مېنىڭ ئۆز خىزمىتىمدىكى ۋەزىپەممۇ ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، خېلى كۆپ ئىنى-سىڭىللار مېنىڭ سالامەتلىكىم ۋە خىزمىتىمدىن ئەنسىرەپ، تورلارغا يازغان ئىنكاسلىرىدا، ھەمدە ماڭا يازغان ئايرىم ئېلخەت ۋە ئۇچۇرلىرىدا ماڭا توختىماي روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە، سالامەتلىككە دىققەت قىلىش ۋە خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئىشلىرىنىمۇ ئېسىمگە سېلىپ تۇردى.  مېنىڭ مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىشىمدىكى مەقسەتلىرىمنىڭ بىرى، مۇشۇ يازمام ئارقىلىق ئاشۇ ئىنى-سىڭىللارنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت.  مەن بۇرۇن بەزى ئۇكىلارغا قايتۇرغان جاۋابىمدا ئۆزۈمنىڭ ھازىر ج پ ل دە بىر «تەتقىقات چولپانى» ئىكەنلىكىنى چاق-چاق تەرىقىسىدە تىلغا ئالغان ئىدىم.  مېنىڭچە ئۇ ئۇكىلار مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ سۆزنى نېمە ئۈچۈن دېگەنلىكىمنى ئەمدى چۈشەندى.  مېنىڭ كەسپىي بىلىملىرىم بىلەن كەسپىي ئىقتىدارلىرىم ئىدارىمىزگە ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولۇپ، مەن ئىدارەمدە خېلىلا ئەتىۋارلىنىپ ئىشلەۋاتىمەن.  ئىدارىمىز بىزگە ئادەتتە ئورۇنلىغان خىزمەت مىقتارىنى پەقەت 100 پىرسەنتتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، ماڭا چۈشكەن ئېھتىياج 200 – 300 پىرسەنت ئارىلىقىدا بولۇپ كېلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى (ماڭا چۈشكەن ئېھتىياجنىڭ مىقتارى ماڭا ئاجرىتىلغان پۇلنىڭ مىقتارىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمما ماڭا مائاش سۈپىتىدە بېرىلىدىغان پۇلنىڭ مىقتارىنى كۆرسەتمەيدۇ.  ماڭا بېرىلىدىغان مائاش ھەرگىزمۇ 100 پىرسەنتتىن ئاشمايدۇ.  ئەگەر سىزگە چۈشكەن ئېھتىياج 100 پىرسەنتكە توشمىسا، سىز كەم قالغان مائاشنى «قۇتقۇزۇش پۇلى» بىلەن تولۇقلاشقا مەجبۇرى بولىسىز).  

مېنىڭ ئۆزۈم قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىدىغانلىقىمنى بىلمەكچى بولسىڭىز، «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق–بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» دېگەن ماقالەمنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.  مېنىڭ ئەھۋالىم ئاشۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم ئىدىيىلەرگە ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ.  

مەن ئۆزۈمنىڭ «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (10)» دېگەن ماقالىسىدە جون ماكسىۋېلنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئىدىم: «كىشىلەر بىزدىكى يوشۇرۇن كۈچ ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى بولۇپ، بىزنىڭ ئاشۇ يوشۇرۇن كۈچلىرىمىز بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلالىغانلىقىمىز بولسا بىزنىڭ ئاللاھغا قىلغان سوۋغىمىز بولىدۇ، دەيدۇ.  بىزدىكى يوشۇرۇن كۈچ بىزدىكى ئەڭ زور، تېخىچە ئېچىلمىغان بايلىق بولۇشى مۇمكىن.»  ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن زۆرۈر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، زۆرۈر بەدەللەرنى تۆلەپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرالاش تولىمۇ مۇھىم.  ئۆزىدىكى بارلىق ئىقتىدارلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ھەر بىر ئىنسانغا چەكسىز خوشاللىق ۋە كۈچلۈك رازىمەنلىك ئېلىپ كېلىدۇ.  ھەمدە بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى بىر خىل ھۇزۇر ئېلىش جەريانىغا ئايلاندۇرىدۇ.  

مەن ھازىر ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىغان ئىنى-سىڭىللارنىڭ ئازراق ئىش قىلىپ قويۇپلا ئۇنى باھالىتىش، ياكى قىلغان ئىشىنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىپ چىقىشقا ئوخشاش چاكىنا ئىشلارغا بېرىلمەي، ئىلمىي تەتقىقات دۇنياسىدا ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  مەن خۇددى ئۆزۈمنىڭ «نام-ئاتاق، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەجبۇرىيەت» دېگەن ماقالىسىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىدەك، نام-ئاتاق تىرىشچانلىقنىڭ تۈپ مەقسىتى بولماسلىقى، بەلكى ئۇنىڭ «قوشۇمچە مەھسۇلاتى» بولىشى كېرەك.  پەقەت شۇنداق بولغاندىلا تىرىشچانلىق كىشىنى كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېلىپ بارالايدۇ.

بىز تورلاردا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى باھالايدىغان مەزمۇنلارنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.  بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى باھالىماقچى بولغاندا، باھالىغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بىر قېتىم دەڭسەپ بېقىشى كېرەك.  يەنى، باھالىغۇچى باھالانغۇچى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا لاياقەتلىكمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەن مەسىلىدە ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.  مەن مەزكۇر يازمىدا ئىلمىي-تەتقىقات دۇنياسىدىكى 4 خىل مۇھىتنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.  مېنىڭچە كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر ھازىرغىچە ھېلىقى 4 خىل مۇھىت ئىچىدىكى پەقەت بىرىدە، يەنى بىر ئالىي مەكتەپتە ياكى ئالىي مەكتەپ تارمىقىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ياشاپ باققان.  ياكى بولمىسا ئاشۇنداق مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي-تەتقىقاتلارغا ئائىت يازمىلارنى ئوقۇپ باققان.  كۆپلىگەن ئىشلار نىسپىي بولىدۇ.  بۇ نۇقتا مەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ھېلىقى 4 خىل ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەردە ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ.  ئەگەر ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىنى ئەمدى باشلىغان ياكى بۇنىڭدىن كېيىن باشلايدىغان ئىنى-سىڭىللار مەزكۇر يازمىنى ئوقۇش ئارقىلىق 4 خىل ئىلمىي-تەتقىقات مۇھىتى ھەققىدە بىر قىسىم يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالىغان بولسا، مەن شۇنىڭدىن ناھايىتى رازى ۋە خوشال بولىمەن.  

مەن ئۆز يازمىلىرىمدا توغرا ئىش، ئاقىلانە ئىش، خاتا ئىش، ۋە ھاماقەتلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ناھايىتى كۆپ تەكىتلەپ كەلدىم.  يەھۇدىيلار، ياپونلار ۋە گېرمانلارنىڭ توغرا ئىش بىلەن ئاقىلانە ئىشتىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە، چوقۇم ئاقىلانە ئىشنى تاللاپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ بولدۇم.  مەزكۇر يازمىدا ئىزاھلاپ ئۆتكىنىمدەك، ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىدە، ھېلىقى 4 خىل مۇھىتتىكى كىشىلەرمۇ ناھايىتى ئاقىلانە ئىش تۇتقان.  مېنىڭچە بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئاخىرىدا مەن ھەر بىر ئىنى-سىڭىللاردىن، ئۆز-ئۆزىدىن داۋاملىق ھالدا «ھاياتنىڭ مەنىسى نېمە؟  مەن قانداق قىلسام ياشىغان ھاياتىمنىڭ قىممىتى بار بولىدۇ؟  مېنى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان دەرىجىدە بەختلىك قىلىدىغان نەرسە نېمە؟» دەپ سوراپ تۇرۇشىنى، بۇ ئىشلارنى ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ئەتىراپىدىكى جامائەتكە، مىللەتكە ۋە ئۆز يۇرت-ماكانىغا باغلاپ تەھلىل قىلىشىنى، ھەمدە ئۆزىدىكى بارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ياشىغان ھايات ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ بەخىتلىك ھايات بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئادەم تىرىشسا ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلماسلىققا باھانە تاپالايدۇ.  شۇنداقلا قاتتىق نىيەت قىلىپ ئىزدەنسە، ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق بولغان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا ئامالمۇ تاپالايدۇ. بىز قانداق بىر جۈپ ئاتا-ئانىدىن يارىلىشنى ئۆزىمىز تاللىيالمايمىز.  قانداق بىر ئائىلىگە تۇغۇلۇشنى، قانداق بىر جەمئىيەتكە تۇغۇلۇشنى، قانداق بىر مائارىپ سىستېمىسىغا تۇغۇلۇشنى ئۆزىمىز تاللىيالمايمىز.  قانداق بىر دۆلەت ئىچىدە تۇغۇلۇشنىمۇ ئۆزىمىز تاللىيالمايمىز.  ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل-ھوشىنى تاپقاندىن كېيىن، ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرى ئۈستىدە ئۆزىمىز قارار چىقىرالايدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۆز ھاياتىمىزنى قانداق ياشاشنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز.  ھاياتىمىزنىڭ ھەر قانداق بىر مەزگىلىدە، ئەگەر ئۆزىمىز خالىساق ۋە ئۆزىمىز نىيەت قىلساقلا، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتەلەيمىز.  مەيلى سىز قانداق شارائىتتا ياكى قانداق مۇھىتتا ياشاڭ، بار شارائىت ۋە بار مۇھىتتا ئىشنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئاقىلانە قىلىشنى، ھەمدە پەقەت ئاقىلانە ئىشلارنىلا تاللاپ قىلىشنى ئۆزىڭىزگە بىر ئادەت قىلىۋېلىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز باسقان ھەر بىر قەدەم ئۆز ئىشلىرىڭىزدا ھاسىل قىلغان بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەش بولۇپ ماڭىدۇ.  ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاشۇ كىچىك-كىچىك يۈكسىلىشلەر ئۆزىڭىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بىر دۆۋە ئۇتۇقلارغا ئايلىنىپ، بىر خىل ئادەتتىن تاشقىرى ھاياتنى ياشىغان كىشىلەر قاتارىغا قوشۇلالايسىز.  مەن سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر قاتاردىن ئورۇن ئېلىشىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

l15_nasa_award.jpg

15-رەسىم: ماڭا ناسا بەرگەن مۇكاپاتلارنىڭ بىرى.  ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ مۇكاپات تېخنولوگىيىلىق تۆھپىسى ئۈچۈن ئەركىن سىدىققا بېرىلدى.  ناسا <ئەركىننىڭ تۆھپىسى ناسانىڭ ئالەم بوشلۇقى ۋە ئالەم قاتنىشى خىزمەتلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە>، دەپ جەزىملەشتۈردى.»

l16_nasa_award.jpg

16-رەسىم: ماڭا ناسا بەرگەن مۇكاپاتلارنىڭ يەنە بىرى.  ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ناسا بۇ ئالەم خىزمىتى مۇكاپاتىنى ئەركىن سىدىققا بەردى.  ناسا <ئەركىننىڭ مەزكۇر تۆھپىسى ناسانىڭ ئالەم بوشلۇقى ياكى ئالەم قاتنىشى خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدا مۇھىم قىممەتكە ئىگە>، دەپ جەزىملەشتۈردى.»

http://bbs.bagdax.cn/thread-33220-1-1.html

Share
1606 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.