logo

trugen jacn
11 ئاپرېل 2014

تۈركىيەگە كەلمەي تۇرۇپ تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ

 

ئەركىن تارىم

كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سانى 200 گە يېقىنلاشتى. ھازىر تۈركىيەگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ.

بەزى ئوقۇغۇچىلار «دۆلەتلىك مۇكاپات» پۇلى بىلەن ئوقۇۋاتقان بولسا، يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەريانىدا ياخشى ئوقۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردىمىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى مەكتەپلەر ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، خىلمۇ-خىل مۇكاپاتلارنى بەرمەكتە. بۇنداق مۇكاپاتلارنى بېرىشتىكى مەقسەتلىرى بولسا، ياخشى تەتقىقاتلارنى قىلىپ بۇ ئارقىلىق مەكتىپىنىڭ نامىنى دۇنياغا تونۇتۇش. مۇكاپات ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلار بولسا، ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ ئوقۇماقتا.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى مەسئۇلى در. مۇرات ئورخۇننىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بىۋاسىتە ئۆزى كېلىپ ئىلتىماس قىلمىسىمۇ تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلسا ئۇلار مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلسىمۇ بولىدىكەن.

ئۇنىڭ بايانلىرىغا تايانغاندا، تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش، قوبۇل قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە شەرتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزى ئالىي مەكتەپلەر،ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۈرك تىلى بىلمىگەن ياكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ئىمتىھانغا قاتناشمىغان ئەھۋالدىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات تېمىسى، بۇرۇن قىلغان تەتقىقاتلىرى، ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلىرىگە قاراپ، ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ.

در. مۇرات ئورخۇننىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشنى خالايدىغان كىشىلەر تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ئەۋەتسە بولىدىكەن.

  1. مۇناسىۋەتلىك دىپلوملار (ئەگەر بۇ يىل تولۇق كۇرس ياكى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا بولغان بولسا، ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك)
  2. ئوقۇش نەتىجىلىرى
  3. بىلىدىغان چەتئەل تىللىرى، بولسا ئىمتىھان نەتىجىسى
  4. باشقا جەھەتتە ئالغان ئالاھىدە نەتىجە ياكى مۇكاپاتلار
  5. ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلەر
  6. بۇرۇن ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالىلىرى (شەرت ئەمەس، ئامما بولسا ياخشى) ۋە قىلماقچى بولغان تەتقىقات تېمىسى

در. مۇرات ئورخۇننىڭ ئېيتىشىچە بۇ ماتېرىياللار، تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بىۋاسىتە ئەۋەتىلسىمۇ، ياكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىلسىمۇ بولىدىكەن. ئامما ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى، ئېلخەت ئادرېسلىرىنى تولۇق ۋە توغرا يېزىشى كېرەك.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى پەقەت ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولۇپ ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىنىشى، قوبۇل قىلىنىشى ۋە تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىنىشى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. بۇنى ئالىي مەكتەپلەر ئۆزلىرى قارار قىلىدىكەن. در. مۇرات ئورخۇننىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنىڭ خىزمىتى پەقەتلا خالىسانە ھالدا، توغرا ۋە ئېنىق ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈنلا ئىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/turkiyede-oqush-04102014124159.html

Share
1925 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.