ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
«بىڭتۇەن گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 9 مىليارد 500 مىليون سومدىن ئاشقانلىقى مەلۇم.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن ئۈچۈن ئاجراتقان بۇ غايەت زور سوممىلىق سېلىنمىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياكى باشقا ئۆلكىلەرگە سالغان سېلىنمىسىغا سېلىشتۇرغاندا زور پەرق مەۋجۇتكەن.
بولۇپمۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەن كونترول قىلىۋاتقان سۇ مەنبەلىرى بىلەن سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا سالغان مەبلىغى ئىلگىرىكى 60% تىن بىراقلا ئۆرلەپ 80% كە كۆتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 13 مۇستەقىل سۇغۇرۇش رايونى ھەمدە ئىلى دەرياسى، ماناس دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى قاتارلىق 9 ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرىدا ياسىغان غايەت زور توغان-توسمىلىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەچچە يۈزلىگەن دەريا-تاراملاردا سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلەپ ياسىۋالغان سۈنئىي سۇ ئامبارلىرى بار ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرى بىلەن سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى تولۇق كونترول قىلىپ بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-bingtuan-11022015151910.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.