ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىن بولغان غوجىمەمەت جاپپار، تارتىۋېلىنغان ئۆي-زېمىن داۋاسى ئۈچۈن ئۈچ ئىنىسى ۋە بىر سىڭلىسى بىلەن بىرلىكتە، بەش قېرىنداش 2007-يىلى بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ كەلگەن.
ئۇلار ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا بېرىپ ماڭلايدا بىر جانغا ئىككى پۇڭدىن يەر توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئۆي-زېمىنى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن 5 قېرىنداشنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، خادىملار بۇ شىكايەتكە پەرۋا قىلمىغان؛ نەتىجىدە ئۇلار يەنە بىر گۇرۇپپا ئەرزدار بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى چەتئەل كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بەش قېرىنداش يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن يۇقىرىقى قىلغانلىرى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، 4 نەپىرى 1 يىلدىن 3 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. سابىق مەھبۇس غوجىمەمەت جاپپار جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ 4 يىلدىن كېيىن ۋەقەنى رادىئومىزغا ئاشكارىلىدى. ئالاقىدار كەنت سېكرىتارىمۇ مەزكۇر ئائىلىدىن 4 قېرىنداشنىڭ 1 يىلدىن 3 يىلغا قەدەر قاماقتا يېتىپ چىققانلىقىنى دەلىللىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/beyjing-erzdar-10272015143608.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.