ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرى قاتارىدا تەبىئىي گاز بايلىقى ھەرقاچان «خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ تامىقىنى پىشۇرۇۋاتقان يېقىلغۇ،» دەپ قاراپ كېلىنگەن ئىدى. نۆۋەتتە رايون مىقياسىدا تەبىئىي گاز بازىسىنى ئېچىشنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىگە يېقىن بولغان كۇچا ناھىيەسىكى كېشېن تەبىئىي گاز رايونىدىن جىددىي گاز قېزىلىۋاتقان بولۇپ، كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارى 18 مىليون كۇب مېتىر ئىكەن. بۇ نورمالدا 20 مىليون ئائىلىنىڭ بىر كۈنلۈك گاز يېقىلغۇسىنى قامدايدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن تەبىئىي گاز بازىلىرى كۆپلەپ تېپىلماقتىكەن. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئۇيغۇر دىيارىدىن غايەت زور نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقلىرى بايقالغان بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكىنى يوق،» دەپ قاراپ كەلمەكتە.
«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» 2004-يىلى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى، تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردىكى تەبىئىي گاز مەھسۇلاتلىرىنى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق شاڭخەيگە توشۇپ كېتىشنى مەقسەت قىلغان. مەزكۇر قۇرۇلۇش نۆۋەتتە يىلىغا 17 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گازنى چاڭجاڭ دەرياسى دېلتىسىغا يۆتكەپ كەتمەكتە
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitaygha-yotkesh-10162017165820.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER