logo

trugen jacn

70 يىللىق مىللىي ئاپەت -4


1969- يىل 1- ئۆكتەبىردىكى ھەربىي پارات، ھەقىقىي ئىچكى چاقىرىق «7 مىنۇتتا چېكىنىپ چىقىش»؛ ئامېرىكىنىڭ قولىدىكى ئەڭ چوڭ كوزىرنى ئىشلىتىپ خىتاينى سوۋېتنىڭ يادرۇ ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزىۋىلىشى (20191015 تارىختىكى بۈگۈن. 378- سان)

تەرجىمە قىلغۇچى: UPT گۇرۇپپىسىدىن بىلمەسجان

تارىخ سۇ كەبى ئاقماقتا. «تارىختىكى بۈگۈن» تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق، سوغۇقلىرىنى بايان قىلىدۇ.

«تارىختىكى بۈگۈن». 70 يىللىق مىللىي ئاپەت. مەن جىياڭ فىڭ (江峰). 

2004- يىلى روسىيەنىڭ «پۈتكۈل روسىيە» دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى تارىخىي ھۆججەتلىك چاتما فىلىم قويۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى روسسىيىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بولغان ئىككى بىسلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلدى. فىلىمدە، مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بولسۇن ياكى ھازىرقى روسىيە دەۋرىدە بولسۇن، خىتاي ئەزەلدىن بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكىمىز ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسى روسىيەدىن سېتىۋالغان قوراللارنى ھامان بىر كۈنى روسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ئىشلىتىدۇ، دەپ قارىغان. فىلىمدە يەنە «جېن باۋ (Zhenbao) ئارىلى ۋەقەسى» گە ئائىت كۆرۈنۈشلەر، خىتاي كومپارتىيىسى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتىن كېيىنكى يىراق شەرققە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان خىتايلار ۋە ئۇلارنىڭ خاباروۋسكى (Khabarovsk – Хаба́ровский) رايونىدا روسلار باققان ئىتلارغا تاش ئاتقان ۋە تۇتقانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن. فىلىمدە روسلار خىتايلارغا بولغان يىرگىنچىنى قىلچە يوشۇرماستىن ئىپادىلىگەن. 

90- يىللاردا موسكىۋا قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ، ھارام پۇل تاپقان بەزىبىر رېژىسسورلار : «ئۇلارنىڭ رۇبلىسىنىمۇ بىز تاپتۇق، ئاياللىرى بىلەنمۇ كۆڭۈل ئاچتۇق. ئۇلار نېمىشقا يەنىلا بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ؟» دەپ سوراشتى. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ ئەينى يىللىرى بېيجىڭدا مەخسۇس روسلارنىڭ سودىسىنى قىلىدىغان ياباۋلۇ (Ya bao lu) بازىرىنى كۆپچىلىك بىلىسىلەر. دۇكانلارنىڭ ئالدىغا «خىتايلار كىرىشكە بولمايدۇ!» دەپ يېزىلغان تاختىلار ئېسىلغان. شۇنداق، بۇ دېگەن خىتايلار ئۆزلىرى ئاسقان تاختىلار. سىز ئويلاپ بېقىڭ، خىتاي ئۆزى خىتاينى كەمسىتسە، باشقىلار قانداقمۇ ھۆرمەت قىلسۇن؟ دۇكانلاردا بولسا لىق تولغان، زور مىقداردىكى ساختا كىيىم-كىچەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ھەر خىل ساختا ماللار سېتىلاتتى. مۇشۇنداق تۇرسا، يەنە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلامسىز؟ 

روسىيەمۇ بۇرۇن كوممىنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە كۆپ ئۇچراپ، دۆلەت شۇنچىلىك نامراتلىشىپ كەتكەن. سىز قاراپ بېقىڭ موسكىۋادىكىلەرگە. رەتلىك كىيىنىپ، گالىستۇك تاقاپ، چەكلىك مىقداردا تارقاتقان بولكىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن بىر كۈن ئۆچرەت تۇرسىمۇ، ئۆچرەتنى بۇزمايدۇ. ئۇلارنىڭ پۇقرالىرى، ھەتتا كومپارتىيە ئەزالىرىمۇ ئوخشاش ھەپتە ئاخىرىدا چېركاۋلارغا بېرىپ ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار كەمبەغەل بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. بىزچۇ؟ بىز بولساق باي بولغانلىقىمىزغا قارىماي، باشقىلارنىڭ يىرگىنىشىگە ئۇچرىدۇق.

مەن يۇقۇرىدا گېپىنى قىلغان فىلىم مەنمەنچى خىتايلارنىڭ زىتىگە بەك تەگكەن. بىزنىڭ دائىم تەكرارلايدىغان سۆزلىرىمىز بار – «سەن خىتاينى چۈشىنىمسەن؟ سەن خىتايغا بارغانمۇ؟…» يەنە تېخى چەتئەلدىكى خىتايلارغا دەيدىغان سۆزلىرىمىزمۇ تەييار – «سەن قانچىلىك يىل بولدى خىتايغا قايتمىغىلى؟ سەن ھازىر خىتاينى پەقەت چۈشەنمەيدىغان بوپ قاپسەن؟…» ئەمەلىيەتتە بۇ دېگەن باشقىلارنى ئېغىز ئاچقۇزمايدىغان مەجرۇھ مەدەنىيەت. 

خاباروۋسكىغا قايتىپ كېلەيلى. بىز بىلىمىز چىڭ سۇلالىسى شەرتنامە تۈزۈپ، يېرىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىشكە بەك ئامراق. (يەنى ئۇرۇشتا يېڭىلىپلا قالسا، شەرتنامە تۈزۈپ يەر بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق قۇتۇلاتتى – تەرجىماندىن.) خوڭكوڭنى باشقىلارغا بۆلۈپ بەرگەن نەنجىڭ شەرتنامىسى خاباروۋسكى شەرتنامىسىدىن 16 يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن. ھازىر خوڭكوڭ قايتىپ كەلدى. خاباروۋسكىچۇ؟ بىرەرسى روسلاردىن قايتۇرۇپ كېلىشكە پېتىنالامدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرگىز پېتىنالمايدۇ. بىراق پېتىنالايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. كىم دەمسىز؟ ھېلىقى خاۋابورسكىنىڭ كوچىلىرىدا باشقىلار باققان ئىتلارنى يەپ، ھاراق ئىچىپ مەس بولىۋالغان خىتايلار. ئىچىپ مەس بولغاندا، شىر كەيىپ بولۇپ سۆزلەيدۇ :«بۇ يەر قەدىمدىن تارتىپلا خىتاينىڭ زىمىنى، ئازراق ئىت گۆشى يەپ قويغانغا نېمە بوپتۇ؟…» بۇنداق شىر كەيىپ باتۇرلار 50 يىلنىڭ ئالدىدىلا بارتتى. بۇنداق قۇرۇق داغدۇغا پەيدا قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئازراقمۇ پايدىسى يوق. دەل مۇشۇ بۇرۇن خىتاي مىللىتىنى ۋەيران قىلغىلى تاس قالغان، پۈتۈن دۇنيانى ۋەيران قىلغىلىمۇ تاس قالغان.

1959- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتامىنى خرۇشۇف (Хрущев – Khrushchev) بىرىنچى ئۆكتەبىردىكى ھەربىي پارات ۋاقتىدا تىيەنئەنمىن راۋىقىدا ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئىككى دۆلەت بىر بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىشكە باشلىغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ماۋزېدۇڭ قىزىل قوغدىغۇچىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېنىدىكى «خىتاي خرۇشۇف» لىيۇۋ شاۋ چى (Liu shao qi) نى ئاغدۇرىۋەتتى. ماۋزېدۇڭنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولدى. ئەمما پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تېرىۋەتكەن زور قالايمىقانچىلىقى ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە. خىتاي – روسىيە چىگراسىدىكى ھەربىيلەر بولسا ئىنقىلابنىڭ ئوتىنى خرۇشۇفنىڭ يۇرتىغىچە تۇتاشتۇرۇشنى خالايتتى. ئۇلارنىڭ سوۋېت رېۋىزىئونىزمى (بۇنى ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرلار «شۇجۇڭجۇيىچى» دەپ ئاتىغان – تەرجىماندىن.) بىلەن ئۈزۈل-كېسىل جەڭ قىلغۇسى بار ئىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرا توقۇنىشى بارا-بارا كەسكىنلەشتى. 1969- يىلى شىر كەيىپ باتۇرلار ھەرىكەتكە ئۆتتى. خىتاي ھەربىيلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرىسىغا جايلاشقان جېن باۋ (Zhenbao) ئارىلىغا يۇقۇرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇلارنى ئورنىتىپ :«روس ھەربىيلىرى رېۋىزىئونىزمنى تاشلاڭلار! ماۋزېدۇڭ ياشىسۇن!» دەپ توۋلىغان. روسىيە تەرەپتىكىلەرمۇ خۇددى خىتاي ھەربىيلىرىگە ئوخشاش رېۋىزىئونىزمنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ خىتايلارغا قارشى ياڭراتقۇ ئورناتقان. ئۇ چاغلاردا سىتالىن ئۆلگەندىن كېيىن شەخىسكە چوقۇنۇشقا يول قويۇلمىغاچقا، ئۇلار ئۆز رەھبىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ «برېژنېف ( – Брежнев Brezhnev) ياشىسۇن!» دەپ توۋلىيالمايتتى. شۇڭا ئۇلار «سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىكىلەر ئۆز ۋاقىتىدا خىتاينى ياپونىيىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان سوۋېت قەھرىمانلىرىنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن ناھايىتى ئۇزۇن بىر جۈملە سۆزنى توۋلىغان. ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنى ئەينى يىللاردا سوۋېتنىڭ شەرقىي شىمالغا ئەسكەر چىقارغان ۋەقەسى. ئۇلار شۇنداق توۋلاشقا جۈرئەت قىلدى. چۈنكى خىتايلارنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيىسىدە روسلارنىڭ شەرقىي شىمالدا قىلغان زاۋۇتلارنى بۇلاش، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىشتەك ئەسكىلىكلىرىنى ئەزەلدىن تىلغا ئالمايدۇ.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى پارتىلاپ 3 يىل بولغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان. قىزىل قوغدىغۇچىلار «تۆۋەنگە چۈشۈش» ھەرىكىتى باشلىغاندىن كېيىن، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقى يۇقۇرى پەللىگە يەتتى. بىر مەيدان چەكلىك ھالەتتىكى ئەسكىرى توقۇنۇش مەملىكەت ئىچىدىكى زىدىيەتنى پەسەيتەلەيتتى. مانا بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزى سەۋەپ بولغان. بۇ دەل سوۋېتنىڭ پراگاغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقتى ئىدى. ماۋزېدۇڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوتسيالىزىم لاگېرىدا يەنە بىر قېتىم بايرىقىنى لەپىلدەتمەكچى بولدى. ئامېرىكىلىقلار چاۋشەندە غايەت زور ھەربىي تەۋەككۇلچىلىك قىلغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت – سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى. «جېن باۋ (Zhenbao) ئارىلى ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسى» ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋەتكەندەك قىلاتتى. چۈنكى ئۇرۇش ئوقى ئېتىلىشى بىلەنلا، سوۋېت ئىتتىپاقى 50 تىن ئارتۇق دىۋىزىيەنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى ۋە ئەڭ ئىلغار قوراللارنى سەپلىدى. بۇ ئىلغار قوراللارنىڭ ئىچىدە يادرو ئوق بېشى ۋە ئۇنى ئېلىپ يۈرىدىغان راكېتالارمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا يادرو ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنىمۇ بېكىتتى. نىشانى بولسا جىيۇچۈەن (酒泉-Jiuquan)، شىچاڭ (西昌-Xichang) قاتارلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىلىرى، بېيجىڭ، چاڭچۇن (长春-Changchun)، ئەنشەن (鞍山-Anshan) قاتارلىق مۇھىم سانائەت شەھەرلىرى ئىدى. كېيىن يازغۇچى سولزبەرىي (Salisbury,[ˈsɔːlzbərɪ]) ئۆزىنىڭ «خىتاي-سوۋېت ئۇرۇشى» دېگەن كىتابىدا، سوۋېت ئارمىيىسى يادرو ھۇجۇمى ئارقىلىق خىتايلارنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماقچى ئىدى. برونېۋىكلاشقان قوشۇن ئارقىلىق چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ جەڭگىۋارلىقىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى ئىدى، دەپ يازىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا ئوخشىمايتتى. چاۋشەن ئۇرۇشىنى قوزغاشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئاۋال پارلامېنتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشتا ب. د. ت. نىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇش قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا خىتاي كومپارتىيىسى ئەسكەر چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ شۇنچىلىك كۆپ ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا خىتايغا يېنىكلىك بىلەن ھۇجۇم قىلالمايتتى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئامېرىكىنى «قەغەز يولۋاس» دېيىشمۇ خاتا ئەمەستى. سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش، سىياسى بيرۇدىكى بىر قانچە كىشى مەسلىھەتلىشىپلا ئۇرۇشنى بېكىتەلەيتتى، جىددىي ئەھۋاللاردا يادرو ئۇرۇشى قىلىشتىنمۇ يانمايتتى. 

خىتايلارنىڭ 10 يىلدا بىر قېتىم چوڭ تەبرىكلەش ئادىتىگە ئاساسەن، 1969- يىلى بىرىنچى ئۆكتەبىردە ھەربىي پارات ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. قاراڭ، ئاۋۇ ياقتا (چىگرادا) ئۇرۇش بولىۋاتسا، بۇياقتا يەنە ھەربىي پارات ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. شۇ چاغدا شۈشېيوۋ (许世友-Xu Shiyou) ماۋزېدۇڭغا :«ھەر قايسى جايلاردىكى قوماندانلار بېيجىڭغا كىرمىسۇن، بولمىسا باشقىلار ھەممە سەرمايىسىنى دوغا تىكىپتۇ، دەپ قالىدۇ» دەپ مەسىلھەت بېرىدۇ. ماۋزېدۇڭ قوشىلىدۇ. ھەر قېتىملىق ھەبىي پاراتنىڭ تېمىسى ۋە شوئارى بار ئىدى. خەلق گېزىتى شۇ قېتىملىق ھەربىي پاراتنىڭ شوئارىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بولسىمۇ «پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرقانداق جاھانگىرلىكنىڭ، سوتسىيال جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا، بولۇپمۇ ئاتوم بومبىسىنى قورال قىلغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرايلى…» دېگەندەك مەزمۇندىكى 83 خەتلىك شوئار ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ماۋزېدۇڭ ئېلان قىلغان ھەربىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئىدى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى بۇ 83 خەتنىڭ چوڭ تاختىلارغا يېزىلىپ، پاراتتا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغىنى ئىدى. 69- يىلىدىكى چوڭ ھەربىي پاراتنىڭ ھەقىقى شوئارىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يۇقۇرى قاتلامدىكىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى، ئۇ بولسىمۇ «7 مىنۇت ئىچىدە چېكىنىپ چىقىش». بۇنىڭ مەنىسى بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۇجۇمنى باشلاپلا قالسا، باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ئىركۇتسك (Irkutsk) قويۇپ بېرىش بازىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، بېيجىڭغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن 7 مىنۇت كېتەتتى. ماۋزېدۇڭ ۋە باشقا رەھبەرلەر يىراق مۇساپىلىق رادار بېكىتىنىڭ ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنلا، راۋاقتىن ئايرىلىپ، مېتروغا ئولتۇرۇپ، 7 مىنۇتنىڭ ئىچىدە يەر ئاستى مۇداپىئە ئاكوپلىرىغا كىرىپ بولۇشى كېرەك ئىدى. مەيداندىكى ئامما ۋە راۋاقتىكى باشقا كادىرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ھېچقانداق تارىخىي يازما ماتېرىياللار يوق ئىدى. ئەلۋەتتە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى ئاللىقاچان يېزىلىپ بولۇنغان بولۇپ، «بۇ بىر قېتىملىق بەخت-سائادەتكە تولغان تەبرىكلەش مۇراسىمى» دېگەن مەزمۇندا ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىسى نېمىشقا ئۇچۇپ كەلمىدى؟ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسى «بىزنى يوقاتماقچى» دەپ 20 يىلدىن بېرى تىللاپ كەلگەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ياردەم قولىنى سۇنغان بولۇپ، سوۋېتنىڭ يادرو ھۇجۇم پىلانى بەرپات قىلىنغان ئىدى. شۇ يىلى 20- ئاۋغۇستتا، سوۋېتنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاشېنگتوندا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى كىسسىنگېر (Kissinger) بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سوۋېتنىڭ خىتايغا يادرو ھۇجۇمى قىلماقچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. ئامېرىكا يادرو ھۇجۇم پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. بىراق ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا، بۇنى «قەستەنگە شامال چىقىرىش» ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ، بۇ خەۋەرنى «ۋاشىنگتون يۇلتۇزى» گېزىتىدە ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روسىيەنىڭ يادرو ھۇجۇمىدىن خىتاي خەۋەر تېپىپ، 1- ئۆكتەبىر ھەربىي پاراتتا ھۇجۇمدىن قېچىش ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىۋالغان. بىراق بۇ يېتەرلىك ئەمەستى، چۈنكى خىتاينىڭ قايتۇرما زەربە بەرگۈدەك كۈچى يوق ئىدى، ئۇنچىلىك ئاز ياردرو قورالى تېزلا تۈگەيتتى. شۇڭا روسىيەنىڭ راستلام يادور ھۇجۇمى قىلىشىتىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا 1962- يىلى «كۇبا كىرزىسى» دىمۇ ئىشلەتمىگەن كوزۇرىنى ئىشلەتتى. بۇ قانداق كوزۇر بىلەمسىز؟ ئامېرىكا ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئاللىقاچان مەخپىيەتلىكىنى يېشىۋالغان مەخپىي سىفىرى ئارقىلىق، پرېزىدېنت بۇيرۇقى چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا يادرو ھۇجۇمى قوزغىسىلا، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 134 شەھەر، ھەربىي بازا ۋە سانائەت بازىلىرىغا يادرو ھۇجۇمى قىلىپ ئۆچ ئېلىشتىن ئىبارەت پىلانىنى قەستەن ئاشكارىلىغان. برېژنېف (Брежнев-Brezhnev) بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىنى سېتىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. بىراق خىتايغا كېلىۋاتقان ئاپەت تېخى ئاياغلاشمىغان ئىدى. «1- ئۆكتەبىر ھەربىي پارات» ئاياغلاشقاندىن كېيىن، زور مىقداردىكى زاۋۇتلار تاغلىق رايونلارغا، ئادەم شالاڭ رايونلارغا يۆتكىلىپ، خىتاينىڭ ماددىي تۇرمۇش مەنبەسى يەنە بىر قېتىم مالىمانچىلىققا ئۇچرىغان. ھەر قايسى شەھەرلەردە ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئاكوپلىرى كولانغان. ماۋزېدۇڭ «ئاكوپنى چوڭقۇر كولاش، كەڭ كۆلەمدە ئاشلىق توپلاش، زومىگەرلىك قىلماسلىق» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان ھېساپلىغۇسىز دەرىجىدە كۆپ بولغان. 

شۇ چاغلاردا، كىشىلەرنىڭ مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاكوپ كولاش ۋەزىپىسى بولغاچقا، رادىئولار يىغىۋىلىنغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50، 60- يىلللىرىدا خىتايدا ئىنتايىن ئاز ئائىلىلەردىلا قىسقا دولقۇنلۇق رادىئو بار ئىدى. 50- يىللاردا «خوڭدىڭ (Hong deng)» ماركىلىق قىسقا دولقۇنلۇق رادىئونىڭ باھاسى 120 يۈەن ئىدى. ئادەتتىكى ئىشچىنىڭ مۇئاشى ئاران 30 يۈەن بولۇپ، تۆت ئاي يېمەي، ئىچمەي يىغسا، ئاندىن سېتىۋالالايتتى. ئۇنىڭدىن سىرت، قىسقا دولقۇنلۇق رادىئونى سېتىۋالىمەن، دەپلا سېتىۋالالمايتتى. كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ رادىئو پروگراممىلىرىنى يەنى چەتئەلنىڭ خىتايچە رادىئو پروگراممىلىرىنى، مەسىلەن «ئەركىن خىتاي ئاۋازى»، «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە BBC قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئاڭلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىدارىسىدىن سىياسىي مەسىلىسىنىڭ يوقلىقى، ئىشەنچلىك يولداش ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان خەت بولمىسا، رادىئونى سېتىۋىلىشىغا رۇخىسەت قىلمايتتى. 1971- يىلى ھەربىيلىكتە تۇرىۋاتقان، سىياسى جەھەتتىن ئىشەنچلىك، دۈشمەن رادىئوسىنى ئاڭلىمايدۇ، دەپ قارالغان ۋىيجىنشېڭ (魏京生-Wei Jingsheng) ياتاق ئۆيىدە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىدىن لىنبياۋ (林彪-Linbiao) ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ مۇڭغۇلىيەنىڭ ئۈندۈرخان (Ундерхаан -Undurkhaan) دېگەن يېرىدە چۈشۈپ كېتىپ، پاچاقلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋە دەرھاللا باشقا سەبداشلىرىغا ئېيتقان. جۇئىنلەي لىنبياۋنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى 1973- يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئاشكارىلىغان. ماۋزېدۇڭ ئۆزى كۆرسەتكەن ئىز باسارى بولغان بۇ مۇئاۋىن باش قوماندان نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ؟ ئۇ يەنە ماۋزېدۇڭنى قەستلىمەك بولغان. كىشىلەر ئىلاھلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەۋاتقان ماۋزېدۇڭ قانداق قىلىپ بىر سۈيقەستچىنى ئىز باسار قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىنىشقا باشلىغان. لىنبىياۋنىڭ ئۆلۈمى ماۋزېدۇڭنىڭ ئىلاھلاشتۇرۇلغان ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەن. لىنبياۋ ئۆلگەندىن كېيىن، ھەربىي قىسىمدىكى ۋە يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارمۇ زور مىقداردا يوقىتىلغان. مانا بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئادەتلەنگەن كۈرەش ئۇسۇلى. ئادەتتىكى خىتايلار بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيدۇ ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. ئۇلار ئاساسەن قورساق غېمى بىلەنلا بولۇپ كەتكەن. 1974- يىلى لىنبىياۋىنى تەنقىد قىلىش ۋە كۇڭزىنى تەنقىد قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. لېكىن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن لىنبياۋ بىلەن كۇڭزىنىڭ بىر يەرگە قويۇلغانلىقىنى بىلەلمىگەن. پارتىيە مەركىزى كومېتىت تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم توغرىدە. لىنبياۋ ماۋزېدۇڭغا قارشى تۇرغان، قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان. ئەلۋەتتە تەنقىد قىلىش كېرەكتە. ئۇنداقتا كۇڭزىچۇ؟ كۇڭزى كاپىتالىزىمنى تىرىلدۈرمەكچى، دەپ تەنقىد قىلىنغان. بۇنى كىشىلەر چۈشىنەلمىگەن. كېيىن جۇئىنلەيگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كومپارتىيە ئىچكى كۈرەشلىرىنى كىشىلەر تېخىمۇ چۈشىنەلمىگەن. بىراق ھېچقىسى يوق. پارتىيە مەركىزى كىشىلەرنى مۇشۇنداق قىينىسىلا بولدى. ھە، ياق «قىيناش» دېمەيلى، «كۈرەش قىلدى» دەيلى.

70- يىللاردىكى يەنە بىر چوڭ ئىش بولسا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى. 1972- يىلى فېبۋرالدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى نېكسون خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن ئامېرىكىغا ئۇزۇندىن بېرى قارشى تۇرىۋاتقان خىتايلار گاڭگىراپلا قالغان. جۇزۇڭلى نېمە بولۇپ نېكسون بىلەن قول ئېلىشىپ، كۆرۈشۈپ يۈرىدۇ؟ بۇ خۇددى خىتايلار ھازىرقى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنى چۈشىنەلمىگەندەكلا بىر ئىش. 

1975- يىلى ئاۋغۇستتا، خېنەن (He nan) نىڭ جۇمادىيەن (驻马店-Zhu ma dian) شەھرىدە، زور بالايى-ئاپەت بولغان بولۇپ، ئون نەچچە سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىسى بىر كېچىدىلا بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، 230 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مانا بۇ خېنەن «75.8» توسما ئۆرۈلۈش ۋەقەسى. خىتايلار تاڭشەندىكى (唐山-Tang shan) يەر تەۋرەش تەبىئىي ئاپىتىنى بىلىدۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق سۈنئىي ئاپەتنى بىلمەيدۇ. بۇ قېتىملىق ئاپەتنى ئامېرىكىنىڭ «بايقاش» ناملىق تېلىۋېزىيە قانىلى Discover channel دا دۇنيادىكى ئون چوڭ ئىنشائات ئاپىتىنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزغان. كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېرنوبىل (Chernobyl) يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىنى بىلىدۇ. چېرنوبىل ۋەقەسى پەقەت ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. بۇ ئىككى ۋەقەنى مەن «تارىختىكى بۈگۈن» پروگراممىسىدا سۆزلىگەن. كۆرۈشنى خالايدىغانلار ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

1976- يىلى مارتنىڭ بىر كۈنى، ماۋزېدۇڭغا گېزىت ئوقۇپ بېرىدىغان مېڭ جېن يۈن (孟锦云-Meng Jinyun) دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ ۋەقەلەرنى ئوقۇۋىتىپ، 8- مارت جىلىندا مېتېئورىت تاش ياغقانلىقىنى ئوقۇۋاتقاندا، ماۋزېدۇڭ قول ئىشارىتى قىلىپ توختىتىپ :« چوڭ ئەربابلار ئۆلىدىغان بولدى.» دېگەن.

تاڭشەن (唐山-Tang shan)دە يەر تەۋرىدى. تاڭشەن بېيجىڭغا يېقىن بولغاچقا، كۆپلىگەن ئالدىنئالا مەلۇماتلار، خەتەرنىڭ شەپىلىرى بايقالغان بولسىمۇ، ھېچكىم يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇيقۇ ھالىتىدە خارابىلىك ئىچىگە كۆمۈلدى. يەر گۈمۈرۈلدى، ھەر ھالدا ئاسمان يەنىلا بار. ئۇلار :«پەقەت ماۋجۇشى بولسىلا، يەنە ئۈمىت بار.» دەيدۇ. ئاسمانمۇ بىر كۈنلەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەرمۇ؟ ئاسمان ھەرگىز ئۆرۈلمەيدۇ. ئەمما بۇ ئادەم ئۆلدى. 

«70 يىللىق مىللىي ئاپەت». مەن جياڭ فىڭ. كېلەركى قېتىم كۆرۈشەيلى.

مەنبە:

Share
1341 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.