logo

trugen jacn

« 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىق » پاجىئەسى نىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى ؟


نىجات

       ھەر قايسى مەملىكەتلەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار « 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىق » نىڭ 10- يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن « 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى » نى ھەسرەت ۋە ئۈمىد بىلەن خاتىرىلىدى. بۇ خاتىرىلەش يېغىن ۋە نامايىشلار چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ قېتىملىق ئىرقىي قىرغىچىلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئەيىپلەشلىرىنى ۋە شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىغا بولغان چۆڭقۈر ئەسلەشلىرىنى ئىپادىلەش ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىلەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى توختىتشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ۋە كەسكىن تەلەپلىرىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە  خەلقئارادا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل ۋە قەبىھ ئەپت- بەشىرەىسىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ تاشلاشتا زۆر رول ئوينىدى.

      2009- يىلدىكى « 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىق » پاجىئەسىنىڭ پارتىلاشنىڭ يىپ ئۇچى گەرچە  « 25- ئىيۇن كېچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلار شۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى يوشۇرۇشى، بىرمۇ خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى سەۋەبلىك 5 ‏- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تىنچلىق بىلەن تەلەپ قىلىشى » ( ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن) بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پاجىئەنىڭ سادىر بولىشى ئەمىلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يەرلىك خەلقلەرگە جۇملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىلليى ۋە ئىقتىسادىي باستۇرۇش  ھەمدە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاستە ئاقىۋىتى.

       خىتاي ھۆكۈمىتى 5- ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى ئاڭلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا زوراۋانلىق قوللىنىپ، نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بىر نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچىلارنى نەق مەيداندا ئۆلتۈردى ھەمدە بىر نەچچە مىڭ بىگۈناھ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھالدا قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى.

         شۇ ۋەقەدىن باشلاپ  خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ « شىنجاڭ » دا يۈرگۈزۋاتقان   سىياسىتىدە    زۆر ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولۇشقا باشلايدۇ. دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ  2014‏- يىلى 5‏- ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمىتى « شىنجاڭ » دىكى يەرلىك مىللەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۆپىتىدە يوقىتىش قارارىغا كەلدى. چېن چۈەنگو يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتى 2014‏- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن « شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى » دا شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قارار قىلىنغان. خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى خىتايدىكى بارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولغان مۇدھىش مەخپىي پىلانىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت بۇيىچە سىستېمىلىق يوقىتىشنى نىشان قىلغان قەبىھ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2017 – يىلغا كەلگەندە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ۋەھىشىيانە ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، ھازىرقى زاماندا مىسلى كۆرۈلمىگەن، پەقەت 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە  ناتسىست گېرمانىيىسى تەرىپىدىن يەھۇدىيلەرگە قارىتا فاشىستلەرچە يۈرگۈزگەن، يەنە قايتا تەكرارلانمىسۇن دېگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك ئىنسانىيەتكە قارشى مۇدھىش، قاباھەتلىك، قەبىھ ۋە رەزىل پىلاننى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقا قارىتا  دۇنيادىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك نارازلىقى ۋە ئەيىپلەشلىرىغا قارىماي خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى تېخمۇ كۆپلەپ قۇرۇپ،يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بىرىۋاتقان بۇ ئىنسانىيەتكە قارىشى بولغان جىناىي قىلمىشنى غالجىرلارچە داۋاملشتۇرماقتا.

        ئەينى زامانىسىدىكى ئۇرۇمچىدە سادىر بولغان « 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىق » پاجىئەسى تارىختا نىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى:

       بىرىنچى. « 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى » گەرچە  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىر زامان تارىخىدا ئۆچمەس بىر ئىز قالدۇرغان ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بولسمۇ، بۇ  دەھشەتلىك قەتلىئام ئۇيغۇر خەلقىغە شۇنى بىلدۈردىكى ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئازاتلقىنى خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە يالۋۇرۇش ۋە تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئەمەس پەقەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۇرۇش مۇمكىنلىكىنى ئاڭلاتتى.

       ئىككىنچى، « 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى » پۈتۈن دۇنياغا 1949-  يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا « دېموكراتىيە » نىقاپ ئاستىدا دىكاتۇرلىق ھاكىمىيەت يۈگۈزۈپ كەلگەن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ فاشىستلىق ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئاشكارلىدى. بۇ ھەققىقەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرلا بىلىپلا قالماستىن دۇنيادىكى ھەق- ناھەقنى پەرق قىلىدىغان كىشلەرگىمۇ ئايدىڭ بولدى.

       ئۈچىنچى، ئامېرىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ماھىيىتىنى چۆشەنمىگەن بىرقىسم سىياسىيونلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققى قىلسا، كاپىتالىستىك تۈزۈمگە قاراپ يۈزلىنىدۇ،دېگەن ئەمىليەتتىن يىراق بولغان ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان « ئۇتوپىيەلىك » خام خىيالىنى بىتچىت قىلدى. 

          قىسقىسى،« 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقى » شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر جۇملىدىن ئۇيغۇرلار، كۆپلىگەن چەت ئەل جامائەتى ۋە نۇرىغۇن سىياسىيونلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتۋەتتى.                                                                                                                          

                                                                                                                                                                      2019 – يىلى ئىيۇل ئېيى

Share
8047 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.