logo

trugen jacn

سىياسىي سەۋەبلەربىلەن 2014 – يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار

ff0cf68b8de05ce

مېھرىبان

2014-u1218-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى2014 – يىلىدا  كۆپ بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارمۇ 2009 – يىلدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولدى.

تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 2014 – يىل 25 – ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «بېيجىڭ ياشلار گېزىتى» دىكى سانلىق مەلۇماتلار نەقىل ئېلىنىپ، 2014 – يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا پۈتۈن خىتاي دۆلىتى بويىچە ھەرقايسى جايلاردىكى ساقچىلار ھەمكارلىشىپ، جەمىي 4 مىليون 517 مىڭ ئادەمنى تەكشۈرگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 مىڭ 600 ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە ئىزاھلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلار بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى چارلاش ئەترىتى خادىملىرىغا ئاچقان يىغىندا ئاشكارىلانغان. ھالبۇكى، دائىرىلەر ئاتالمىش تېررور گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن ۋە ياكى تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىپىنى ئاشكارىلىمىغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، 2014 – يىلى بىر يىل ئىچىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭدىن ئاشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە جازا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلار مىڭدىن ئاشقان. تۈركۈم – تۈركۈم ئۇيغۇرلار«تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتۇش ئوبىكتى قىلىنغان.

2014 – يىلى 1 – ئايدىن 3 – ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغان بىرقانچە قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە تۇتۇلغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئېلىپ بارغان باستۇرۇشتا تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار نىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە.

1. 17 – يانىۋار ئاقسۇ ئوتتۇرا سوتى كۇچار ناھىيىسىدە 9 ئۇيغۇرغا سىياسىي جىنايەت بىلەن جازا ھۆكۈم قىلدى.

بۇ ئۇيغۇرلار«تېررورلۇق» تەشكىلاتىغا قاتنىشىش، چەتئەلگە قېچىپ جىھات ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىشقا ئۇرۇنۇش، قۇتراتقۇلۇق، زوراۋانلىق مەزمۇنىدىكى ۋىدېئولارنى كۆرۈش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن. سوت مەھكىمىسى 17 – يانىۋار چىقارغان ھۆكۈمىدە سۇلايمان ئىسمائىل، ياسىن ئوسمان، ئابدۇرېقىپ ئابلەت، غاپپار ھېمىت، قېيۇم توختى، تۇرغۇن غوپۇر، تۇردى ئوسمان، كېرەم نۇر، ئابدۇرۇسۇل ھەبىبۇللالارنى يۇقىرىقى «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلىگەن. سۇلايمان ئىسمائىل، ياسىن ئوسمان ئىككىيلەننىڭ ھەر بىرىنى 15 يىللىق، قالغانلارنى 10 يىللىقتىن قاماققا بۇيرۇغان. سوت مەھكىمىسى يەنە، سۇلايمان ئىسمائىلنىڭ 2006 – يىلى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇل، ياسىن ئابدۇل قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى قادىر باقىغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، سوتنىڭ قارارىدا ئابدۇرۇسۇل ئابدۇل بىلەن ياسىن ئابدۇلغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

2. 1 – ئاينىڭ ئاخىرى خوتەن ئىلچى يېزىسىدا ھىجاپلانغان ئاياللار تۇتقۇن قىلىندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/hijap-ayal-02102014151446.html

2014 – يىلى 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خوتەن ئىلچى يېزىسىدىكى مەلۇم گۇۋاھچىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يەرلىك دائىرىلەر ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى 5 مىڭ سوم جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇرلىغان.

3. 1 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاقسۇ قارتال يېزىسىدا ئىككى ئۇيغۇر ياش كەنت سېكرىتارىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى

2014 – يىل 1 – ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئاقسۇ قارتال يېزىسى 16 – كەنتىدە كەنت سېكرىتارى جۈمە توختىنىياز ئىككى گۇماندار تەرىپىدىن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن بۇ ئىككى گۇماندار تۇتۇلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە قانداق جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنمىدى.

4. 2014 – يىل چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدە 11 ئۇيغۇر، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە 9 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda – uyghur – 02042014162123.html

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 4 – فېۋرال رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، خىتاينىڭ چاغان ھارپىسىدا ئۈرۈمچىدىن 11 ئۇيغۇرنىڭ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 9 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

5. 14 – فېۋرال 11 ئادەم ئۆلگەن ئۈچتۇرپاندىكى ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى 13 ھۇجۇمچىدىن 3 نەپىرى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتتى، 8 نەپىرى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلدى، بىر نەپىرى تۇتۇلدى. ئەمما دائىرىلەر بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى.

6. 1 – مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازالانغان ئۇيغۇرلار

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/kunming – weqesi – 03052014155404.html

خىتاي دائىرىلىرى 1 – مارت كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى خىتاي يولۇچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن كۇنمىڭ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا – قويۇق تۇتۇشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا 5 كىشى ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، 4 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 18 ياشقا كىرمىگەن پاتىگۈل توختى تىرىك قولغا چۈشكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 5 – مارت چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، 1 – مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 8 ئادەمنىڭ رەسىمى ۋە كىملىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ئابلىمىت تۇرسۇن، بارات ئابدۇخەمىت، ئەلى ئىمىن، ئابدۇۋەلى ئابلىز، ھېپىز مۆمىن، رىشىت مەمەت، سادەت تۇردى قاتارلىقلار. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۇ 8 گۇماندار ئىلگىرى يۈننەننىڭ خۇڭخې ئوبلاستىغا قاراشلىق شاديەن بازىرىدا ياشىغان ئىكەن.

2014 – يىلى 1 – مارت يۈز بەرگەن كۈنمىڭ ۋوگزالىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان، دەپ قولغا ئېلىنغان مەھكۇملار «تېررورلۇق، قاتىللىق» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى، 2014 – يىلى 30 – ئىيۇن كۈنى 1 – مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى گۇماندارلىرى ئۈستىدىن 1 – قېتىملىق سوت ئاچقان. 2014 – يىل 9 – دېكابىر جۈمە كۈنى مەھكۇملارغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ئۇلاردىن ئىسكەندەر ئەخەت،تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت قاتارلىق 3 كىشىنى ئۆلۈمگە، پاتىگۈل مەمەتنى مۇددەتسىز قاماققا بۇيرۇغان. پاتىگۈل توختى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە تىرىك قولغا چۈشكەن بىردىن – بىر كىشى بولۇپ، دائىرىلەر ھۇجۇمغا قاتناشقان قالغان 4 ئۇيغۇرنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مەھكىمە، پاتىگۈل توختى ھامىلىدار بولغاچقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان قالغان 3 كىشى «كۈنمىڭ ۋوگزال ھۇجۇمى» دىن 2 كۈن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 1 – مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنغان. خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى خەۋەرلەردە پەقەت يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شادەن بازىرىدىكى 900 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەجبۇرىي يۆتكەپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە 31 ئادەم ئۆلگەنلىكى ۋە 141 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى «ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

7. 14 – مارت چاڭشا شەھرىدىكى ئادەم چاناش ۋەقەسىدىن كېيىن چاڭشادىكى ئۇيغۇرلار تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئوبىكتى قىلىندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/changsha-adem-chanash-03142014232158.html

خىتاي دائىرىلىرى 14 – مارت جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا چاڭشا شەھىرىدىكى ۋۇ جالىڭ كۆكتات بازىرىدا 6 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 4 نەپىرى خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئىككىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ۋەقەدىكى گۇماندارلارنىڭ كۆكتات بازىرىدا ناۋايخانا ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقان خېۋىر تۇردى، مەمەت ئابلا قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

بوشۈن تورىنىڭ 14 – مارت كۈنىدىكى رەسىملىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چاڭشادا يۈز بەرگەن ئادەم چاناش ۋەقەسىدىن كېيىن، چاڭشا شەھىرىنى ساقچىلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار يولدا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە، ھەتتا تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.

8. 18 مارت ئۈرۈمچىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئۇيغۇر گۇماندار ئىليار رەخمىتۇللا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

18 – مارت ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىسى ئوسمانجان غوجى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى. ۋەقە گۇماندارىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ئۇقتۇرۇشىدا بايان قىلىنىشىچە، ساقچى ئوسمانجانغا پىچاق تىققان ۋە نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمى ئىليار رەھمىتۇللا بولۇپ، يۇرتى ئاقسۇدىن ئىكەن.

uyghur-sot-yeken-weqesi.jpg

سوت مەھكىمىسىنىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى «تېررورلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 13-ئۆكتەبىر، قەشقەر.

ImagineChina

گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» 27 – ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2014 – يىل 1 – ئاپرىلدىن، خىتايدا بىر يىلغا سوزۇلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان 23 – مايغىچە ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 480 دىن ئاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

«خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، قولغا ئېلىنغان بۇ 480 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ستاتىستىكا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان.

1. 12 – ئاپرېل ئوقۇغۇچى ئابدۇباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسىگە نارازىلىق سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار:

12 – ئاپرېل 17 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. 400 دەك جامائەت مىيىتنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق نامايىشى قىلدى. ساقچىلار 13 – ئاپرېل 70 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىدى. ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇنلار ئۈستىدىن كەلپىن ناھىيىسىدە سوت ئېچىلىپ 17 كىشىگە 7 يىلدىن 6 ئايغا قەدەر مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بېرىلمىدى.

2. 14 – ئاپرېل خوتەن لاسكۇي يېزىسىدا ئىككى كەنت كادىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدە يارمەمەت ئابدۇللا ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

14 – ئاپرېل كۈنى خوتەننىڭ لاسكۇي يېزا ئارغول كەنتىدە پەرەنجىلىك بىر ئايالنى ئۆيىگىچە قوغلاپ بارغان كەنت سېكرىتارى مەتتۇداخۇن ۋە ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى، ئايالنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خوتەن دائىرىلىرى 19 ياشلىق گۇماندار يارمەمەت ئابدۇللانى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، 100 مىڭ سومدىن 200 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما جىنايەت گۇماندارلىرى تېپىلمىغان.

3. 30 – ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار:

30 – ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبى ۋوگزالىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن، 79 كىشى يارىلانغان. دائىرىلەر ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى.

دائىرىلەر 30 – ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا مەمەت ئابدۇللا ھېيت، سەدىردىن ساۋۇت قاتارلىق ئىككەيلەننىڭ ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

8 – دېكابىر ۋەقەدە جاۋابكار دەپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت رىشىت، تۇرسۇن ھامۇتقا ئۆلۈم جازاسى بەردى. يالقۇن ھامۇت قاتارلىق ئۈچەيلەنگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 30 – ئاپرېل ۋەقەسىگە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان باشقا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

4. كۇچا ئالىقاغىدىكى تۇتقۇن ۋە ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلەر:

20 – ماي كۇچار ئالىقاغا نامايىشىدا 200 گە يېقىن ئادەم تۇتقۇن قىلىندى. نامايىشچىلاردىن 5 كىشىگە ئوق تەككەن. ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن. ھۆكۈمەت تەرەپتىن 8 كىشى يارىلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، 20 – ماي كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئالىقاغا بازىرىدا، ساقچىلارنىڭ ھىجاپلانغان ئاياللارنى بازارلىق ھۆكۈمەت قوروسىغا سولاپ قويۇشىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. ۋەقەنى باستۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان. 5 كىشىگە ئوق تەككەن، ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن. خىتاي تەرەپتىن بازار باشلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ جەمئىي 8 كىشى يارىلانغان.

5. 22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار:

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 22 – ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازاردىكى پارتلاشتا 31 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 90 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دائىرىلەر ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىنى 5 كىشى ئېلىپ بارغان دەپ ئېلان قىلدى. ئۇلاردىن رېيىمجان مەمەت، مەمەت ئىمىن ئەخمەت، ئابلەت ئابدۇقادىر، مەمەت مەمەتىمىن قاتارلىق تۆت ئۇيغۇر نەق مەيداندىكى پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان دەپ ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن نۇرئەخمەت ئابلىز ئىسىملىك ھۇجۇمچىنىڭ بورتالادا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى خىتاي دائىرىلىرى «30 – ئاپرىل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسى ۋەقەسى» ۋە «22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» نى ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىبلەنگەن 20 ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈم قىلدى.

بۇلاردىن 22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرى ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچىلار دەپ ئەيىبلەنگەن، ئابلىز داۋۇت، تۇرسۇن ھامۇت ،نۇرەخمەت ئابلىز، رېھىمجان مەمەت قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى، روزى مەمەت ۋە ئوبۇل ھەسەنگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. مۇھەممەت ئىبراھىم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئابلىمىت مەخمۇت ۋە يەنە بىرەيلەننى تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەپ، 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

6. 27 – ماي غۇلجىدا 55 ئۇيغۇر ئاتالمىش «ئوچۇق سوت» ناملىق كۈرەش يىغىنىدا سوتلاندى.

22 – ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، 23 – ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدىلا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

27 – ماي ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە سارىيىدا 55 نەپەر ئۇيغۇر «تېررورلۇق»، «دۆلەتنى پارچىلاش» ۋە قاتىللىق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاممىۋى كۈرەش شەكلىدە 7000 كىشى قاتناشقان چوڭ يىغىندا ئادۋۇكاتسىز ھالەتتە خەلققە سازايى قىلىپ تۇرۇپ سوتلاندى.

7. 28 – ماي قەشقەر پىچاقلىق ھۇجۇمىدا ئىككى ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى:

28 – ماي قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، كېيىن ئۆزلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىۋېتىلگەن.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار 18 ياشلىق بالىلار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانا يېنىدىكى بىر بازاردا سودا قىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ، بۇ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغان. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

8. 29 – ماي توقسۇ ئىچېرىق يېزىسى قارىتاش ۋەقەسىدە 2 ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

29 – ماي توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، شى لى ئىسىملىك خىتاي ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن، تۆت ساقچى يارىلانغان. توقۇنۇشتا ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ئىسىملىك ئاكا – ئۇكىلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئېتىۋېتىلدى. ياسىن ئوسمان يارىلانغان.

خىتاي ساقچىلىرى توقسۇ ناھىيىسىدە دورىسى ئېلىۋېلىنىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىلگەن ئىككى تاغار سەرەڭگە ياغىچى بايقىغان. خىتاي ساقچىلىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن 29 – ماي گۇماندار ئىمىن تۆمۈر تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۆيدىكىلەردىن ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ۋە ياسىن ئوسمان قاتارلىقلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تەرەپ ھۇجۇمچىلارغا ئوق چىقارغان. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن شى ئىلى ئىسىملىك رازۋېدچىك نەق مەيداندا ئۆلگەن، قالغان 4 نەپىرى يارىلانغان. ھۇجۇمچىلاردىن ئىمىن تۆمۈر ۋە راخمان تۆمۈر ئاكا – ئۇكىلار ئوقتا ئۆلگەن، ياسىن ئوسمان يارىلانغان.

9. 29 – ماي پەيزىۋات مىشا يېزىسىدا ساقچى باشلىقىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋېتىلىش ۋەقەسىدە 4 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنى ئىككى ئاي كېچىكتۈرۈپ 9 – ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلدى. پەيزاۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا «29 – ماي ۋەقەسى» نى سادىر قىلغان 4 نەپەر گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر «تېررورلۇق شايكىسى» ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدە بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش باش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى خۇڭجاڭ بولۇپ، ئۇ «قاتتىق زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى» غا باشلىق بولۇپ پەيزاۋاتنىڭ مىشا يېزىسىغا ئەۋەتىلگەن.ئاشكارىلىنىشىچە، 4 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچى لى خۇڭجاڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى مىشانىڭ تۆۋەن تارىشا كەنتىدىكى ئورپا سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/siyasiy-qurban-12182014213606.html

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/olturulgen-uyghurlar-12192014233028.html

Share
2117 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.