logo

trugen jacn

سۇسان سورنتون ئەپەندىنىڭ ئوچۇق خېتىگەجاۋاب


نەزەر

        ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ  ئامېرىكا دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىنى قۇغداش يۈزىدىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن بولغان ئادالەتسىز سودىسىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان،ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى— ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىلى —  ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئاق سارايدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان، ئا قى شى كونگرېسنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى « < ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە رىقابەت ئېلان قىلمىسا، ئۇنىڭ ھەر قانداق جايدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلەش ئەخلاقىي ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان>  ۋە < ئەگەر بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئىستەكلىك بولمىساق، بىز دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق جايىدا بۇ مەسىلىسىنى سۆزلەش ئەخلاقىي ئېتىبارىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز،» دىن ئىبارەت بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۆتقىنى قىلغان، ئا قى شى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى « زامانىمىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى بىز ياشاۋاتقان 21- ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن بىر داغ» دەپ كۆرسەتكەن، ب د ت نىڭ كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئا قى شى ۋە گېرمانىيە ئەلچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى ئەيىبلەش ۋە دەرھال تاقاش ھەققىدە نۆتۈق قىلغان، ب د ت دىكى 22  دۆلەت 10- ئىيۇلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي كەمسىتىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ « خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قاماش سىياسىتى» قاتارلىقلارنى ئەيىپلىۋاتقان ۋە ئامېرىكىدا چاقىرىلغان « دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى كەڭ كۆلەمدە قامىشى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترولغا ئۇچرىتىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئا قى شىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇسان سورنتون باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر سىياسىيون ۋە ئىلىم ئەھلى« ۋاشىنگتون پوچتىسى » گېزىتىدە « خىتاي دۈشمەن ئەمەس » دېگەن تېمىدا پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق مەكتۈپ ئېلان قىلدى. 

       سابىق مۇئاۋىن مىنستىر سۇسان سورنتون ئەپەندىنىڭ ئوچۇق  خىتىگە جاۋاپ بېرىشتىن ئەۋۋال بىز سۇسان سورنتون ئەپەندىنىڭ سەمىگە بەلكىم ئۇ ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ تا ھازىرىغىچە ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بىر مەسىلىنى يەنى ئامېرىكا ۋە خىتاي دۆلەتلىرىنىڭ قانداق خاراكتېردىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى سېلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. 

       ئامېرىكا دۆلىتى بولسا ئەركىن بازار ئىگىلىكى ۋە دېموكراتىك تۈزۈم ۋە قانۇن مۇكەممەل ئۇرنىتىلغان، پوقرالىرى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كىشلىك ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولىدىغان  ۋە دۆلەت باشلىقىنى پۇقرالار بىۋاسىتە سايلايدىغان بىر دېموكراتىك كاپىتالىستىك دۆلەت؛ ئەندى خىتاي دۆلىتى بولسا دۆلەت ھەممە ئىشنى  پىلانلايدىغان ۋە بارلىق ئىقتىساد ۋە شەخىسلارنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ،كىشلىك ھوقۇق مەۋجۇت بولمىغان، پۈتۈن پۇقرالىرىنى بىر ئىدېئولوگىيە— كوممۇنىستىك ئىدىيەسىدە بولۇشقا مەجبۇرلايدىغان، ھەممە ھۆقۇقلار ھاكىمىيەتنى ئىگەللەپ ئالغان كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كاتتىۋېشى— بىر مۇستەبىتنىڭ قولىدا بولىدىغان ، دۆلەتنىڭ ھەممە چوڭ- كىچىك ئىشلىرىنى بۇ مۇستەبىت بەلگىلەيدىغان، خەلق تۈرماق بۇ مۇستەبىتنىڭ قول چۇماقلىرى—  ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ھېچقانداق ئەمەلىي ھۆقۈقى بولمايدىغان ھاكىممۇتلەقلىك بىر دۆلەت؛ بۇ مۇستەبىتنىڭ قول چۇماقلىرى—  ئەمەلدارلىرى «ھەمدەمدە بار، ھېسابتا يوق» ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنسىبى  پەقەت « خوجا  كۆرسۇن » ئۈچۈنلا  بېرىلگەن ئەمەللەر. 

         كوممۇنىستىك پارتىيەلەرنىڭ پروگراممىلىرنىڭ ھەممىسىدە « ئاخىرقىي مەقسىتىمىز پۈتۈن دۇنيادا كاپتالىستىك تۈزۈمنى يوق قىلىش » دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ نۇقتا ماركس ۋە ئىنگلس تەرىپىدىن يېزىلغان كوممۇنىستىك پارتىيەلەرنىڭ قىبلىنەمىسى بولغان « كوممۇنىستىك مانىفېستى» دا ئېنىق خىتاپ قىلىنغان.   

        دۆلەتلەر ئارىسىدا نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۇرنىتىش ياكى  ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە بولۇش، ئۆزئارا سۇدا قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئىشتىراكچى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت خاراكتېرىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتالمايدۇ. قىسقىسى، ئىت يەنە ئىت؛ مۈشۈك يەنە مۈشۈك بولۇپ قالىۋېرىدۇ.

       خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم سىياسىيونلىرىنىڭ  بۇندىن 40 يىل ئەۋۋال دېگەن « خىتاي ئىقتىسادىي تەرەپتىن تەرەققى قىلسا، دېموكراتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۈ.» دېگەن سەپسەتىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ۋە پەن- تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققى تېپىپ، دۇنياغا غۇجا بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىپ، ئامېرىكىغا خىرىس قىلشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقىنىڭ خادىملىرى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا سېڭىپ كېرىپ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە ئاخباراتلارنى توپلاشقا ئۇرۇنماقتا؛ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى ھەدەپ قۇرماقتا؛ ئۆز دۆلتىدە ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىق ۋە  ئېغىر دەرىجىدە كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ، تىبەت قاتارلىق مىللەت خەلقلىرىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرى مۇشۇنداق رەزىل تۇرۇپ، ھۆرمەتلىك سۇسان سورنتون ئەپەندى، ئوچۇق خېتىڭىزدە سىزنىڭ قەلىمىڭىز مۇشۇنداق بىر ھاكىممۇتلەقلىك دۆلەتنى  « خىتاي دۈشمەن ئەمەس» دەك ئىبارىلەرنى يېزىشقا قانداق باردى؟! ئەگەر  سىز دېگەندەك خىتاي ئامېرىكىنىڭ دۇستى بولسا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئۆز جاسۇسلارنى ئەۋەتىپ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە ئاخباراتلارنى توپلىشىنىڭ نىمە ھاجىتى بار ئىدى؟!

       ۋەزىيەت شۇنداق بولغاچقا نۆۋەتتە دۇنيادا « 2- قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى »  كومېدىيىسى  ئوينالماقتا.  مەزكۈر كومىدىيەنىڭ باش قەھرىمانلىرى ئامېرىكا ۋە خىتاي. « 1- قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى » كومىدىيەسىنىڭ باش پېرسوناژلىرى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. شۇ قېتىمدا ئوينالغان كومىدىيەدە ئامېرىكىنىڭ ئامىتى كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مەغلۇب بولغان ئىدى. ئەينى زاماندا بەزى سىياسىيونلار ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقنى بىر پاي ئوق ئاتماي يەڭدى،دەپ دەۋراڭ سالدى. ئەمىلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ مەغلۇب بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپ بەزى سىياسىيونلار تەھلىل قىلغاندك تاشقى سەۋەپ— پەقەت  ئامېرىكىنىڭلا تۆھپىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئاساسلىق سەۋەپ — ئىچكى ئامىل ئىدى. بۇ ئىچكى ئامىل شۇندىن ئىبارەتكى ، بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ خاراپلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن روسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيىسىدىكى بورىس يېلتىسن قاتارلىق دېموكراتلار ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىكى دېموكراتلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان سەمەرىلىك سىياسىي پائالىيەتلىرى، يەنە بىر سوۋېت ئىتتپاقىدىكى نوپۇس جەھەتتىن روسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتسىيىسىدىكى رۇسلارنىڭ نوپۇسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى مىللەتچىلەرنىڭ موستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پائالىيەتلىرى ئىدى.

       ئەندى ھازىر ئوينىلىۋاتقان« « 2- قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى »  كومېدىيىسىگە كەلسەك، بۇ كومېدىيەنىڭ سەھنە دېكوراتسيەسى « « 1- قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى » كومىدىيەنىڭ سەھنە دېكوراتسىيەسىدىن باشقىچىرەك : ئامېرىكا بولسا خىتايغا ئۆز ئىشكنى كەڭ ئېچۋەتكەن، خىتاي بولسا ئامېرىكىغا ئۆز ئىشىكىنى ھىم يېپۋالغان؛ ئۆزئارا سودىدا ئامېرىكا زىيان تارتىۋاتقان ، خىتاي پايدا تېپىۋاتقان؛ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى « 1- قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى » كومىدىيە ئوينالغان ۋاقىتنىكىدىن ئانچە چوڭ پەرق يوق، ئەكسىچە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقان، خىتاي دۆلىتىدە خىتاي مىللىتىنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ % 94 دىن يۇقىرى بولغان سەھنە دېكوراتسيەسى. 

       يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنى خۇلاسىلىسەك، « خىتاي دۈشمەن ئەمەس » ئەمەس، بەلكى دەل سېپى ئۆزىدىن دۈشمەن. بۇ جاھاندا « ئىككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىمايدۇ.».  بۇ خىل دېكوراتسىيىلىك سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئامېرىكا ئۆز رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويناپ چىقىشى ئۈچۈن ( ئامېرىكا ئۆزىنىڭ « 2- قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش » تا غەلبە قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ) « ئەقىلىڭ بارىدا ئېتىگىڭنى ياپ » دېگەندەك،  خىتايغا قارىتا ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قەتئىي ۋە كەسكىن چارە- تەدبىرلەرنى قولىنىشى زۆرۈر. تەپسىلىراق ئېيتساق، خىتايغا ئېچىۋېتىلگەن كەڭ دارۋازىنى دەرھال تارايىتىش، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتتلىرىدا تەسىس قىلىنغان كۆڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى دەرھال تاقاش ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبەتلىرىدىكى كېلىشملەردە خىتايدا سادىر بولىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى ۋە يەرلىك مىللەتلەرگە  قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىقنى دەرھال توختىتىشنى خىتاي بىلەن سۇدا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى قىلىشى شەرت.

                                                                                                                                2019- يىلى ئىيۇل ئېىي

Share
1320 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.