logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر -12

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

12- قۇرئاننىڭ تۈپ پەلسەپىسى ئىنسانغا خىزمەت قىلىشتۇر

قۇرئاندا تەبىئەت دۇنياسى ۋە كائىناتنىڭ پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى توغرىسىدا بەك كۆپ ئايەت بار. “ئاللا سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلدى” (فاتىر سۈرىسى 39.ئايەت) كىمنى؟ ئىنسانلارنى.كىمنىڭ ئورۇنباسارى؟ ئاللانىڭ. ئاللا ئادەمگە ئۆز روھىدىن پۈۋلەپ جان كىرگۈزگەنلىكى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانغا بىرىلگەن ئەڭ يۈكسەك قىممەتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

قۇرئان زەھەرلىك ئىچىملىك،زەھەرلىك چېكىملىك،زىنا،ئۆلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش… قاتارلىقلارنى ھارام قىلىشى ئىنساننىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈندۇر.ھەتتا كۈندە 5 ۋاقىت تاھارەت ئېلىشنىڭ ئۆزى ئىنساننى ھەر خىل مىكوپلاردىن قوغداش ئۈچۈندۇر.ئۆسۈم-جازانەخورلۇقنىڭ،قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشى،ئىنساننىڭ ھالال ئەمگەك مىيۋىسىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.قۇرئاندىكى بارلىق قانۇن- ھۈكۈملەرئىنساننى قوغداش،ئىنسانلارغا ئادالەتلىك تۈزۈم ۋە شارايىت يارىتىش ئۈچۈندۇر.قىسقىسى،قۇرئان پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىدە ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ياتماقتىدۇر.

ئىنسانلار تەرىپىدىن يارىتىلغان ۋە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈم دەپ تەرىپلەنگەن كاپىتالىزمنىڭ مەركىزىدە پۇل بار،ئىنسان يوق.بۇ تۈزۈمنىڭ مەركىزىدە كاپىتال بولغانلىغى ئۈچۈن ئىسمى كاپىتالىزىمدۇر.كاپىتالىزم بايلىققا ئېرىشىش يولىدا ئىنسانلارنى،تەبىئەت دۇنياسىنى خانۇ-ۋەيران قىلىشتا ھىچقانداق ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ.20.ئەسىردە يۈزبەرگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى كاپىتالىزمنىڭ ئىچكى قىسمىدا،دۇنيانىڭ بايلىقىنى تالىشىش تۈپەيلىدىن پارتلىدى.(2.دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ كاپىتالىزىمدىن پەرقسىز كېڭەيمىچى بولغانلىغىنى ئىسپاتلىدى) ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا 70 مىليون ئىنسان ئۆلدى.ئۆلگەنلەر ئارىسىدا بىرمۇ كاپىتالىست يوق.بۈگۈن دۇنياغا تەھدىت بولۇپ تۇرىۋاتقان،ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلغۇچى ئاتوم بومبىسى،خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك قوراللارنىڭ ئىجات قىلىنىشىغا سەرمايە قويغان،رىغبەتلەندۈرگەنلەر كاپىتالىستلاردۇر.بۇ قوراللارنىڭ تېخنىكىلىق سىرىنى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە ساتقان،ھەر ئىككى لاگىرنى قوراللىنىش رىقابىتىدە بەسلەشتۈرۈش ئارقىلىق غايەت زور مىقداردا پۇل تاپقانلار يەنە شۇ پۇلغا چوقۇنغۇچى كاپىتالىستلاردۇر.

سوتسىيالىزمنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى كاپىتالىزمنىڭ قولىدىكى پۇلغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.ماركىسىزم نەزىرىيىسى بۇ مەقسەتنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ.كوممونىستىك پارتىيە،دىگەن سۆزنىڭ خىتايچىسى-گوڭچەنداڭ. بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسى- ئۇمۇمىي مۈلۈك پارتىيىسى.بىز ئۇيغۇرلارنى ئىزىۋاتقان بۇ تېرورچى پارتىيىنىڭ ئىسمىدا مۇلۇك بار.كاپتىلازىم بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ مەركىزىدە بايلىق ياتىدۇ.بايلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.بۇ تۈزۈملەرنىڭ مەركىزىدە ئىنسان يوق،ئىنساننى ۋەيرانچىلىققا ئۈچرىشىش بەدىلىگە بايلىققا ئېرىشىشتىن ھېچبىر ۋاقىت،ھېچبىر شارائىتتا چېكىنمەيدۇ.

روسىيەدە چار پادىشاھىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ سوۋىت سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىش جەريانى،خىتايدھ گومىنداڭنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ گۇڭچەنداڭنىڭ ھاكىمىيەت تۇرغۇزۇش جەريانى، ئادالەت ئورنىتىش ئەمەس،كاپىتالىستلارنىڭ قولىدىكى پۇل، بايلىقلارنى زورلۇق ۋاستىسى بىلەن تارتىپ ئېلىپ ئوزىنىڭ قىلىۋېلىش جەريانىدۇر.

سوتسىيالىزم،بايلىق ۋە تەرەققىياتتا كاپىتالىزمغا يېتىشىۋېلىش شوئارى ئارقىلىق بايلىققا ئېرىشىش يولىدا ئىنسانلارنى ئاچ قويۇپ،چارچىتىپ ئۆلتۈرىۋەتىشتىن باش تارتمىدى. 1930.يىللىرى سوۋىت ئىتتىپاقى ئېغىر سانائەتتە كاپىتالىزمغا يېتىۋېلىش شوئارى ئاستىدا پەقەتلا ئوكرائىنادا 3 مىليون ئادەمنىڭ ئاچلىق ۋە چارچاشتىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.ئوكرائىنا ياۋروپانىڭ بۇغداي ئامبىرى دەپ ئاتالغان بىر دۆلەتتۇر. ئۇ دەۋىردە 30 مىليون نوپۇسى بولغان ئوكرائىنادا 3 مىليون ئادەم ئۆلدى.يەنى ھەر 10 ئادەمدىن بىرسى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ كاپىتالغا ئېرىشىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى بولدى.

خىتايدا 1959.يىلى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دېگەن ھەركەت باشلاندى. پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا 15 يىلدا ئەنگىلىيەگە يېتىۋېلىش دەيدىغان شوئارلار ھەر يەرنى قاپلىدى.يۇرتىمىزنىڭ دەل-دەرەخلىرى كېسىلىپ ھارۋا،ئېشەكلەر بىلەن تاغلارغا توشۇلدى.ئىپتىدائى ئوچاقلاردا تاشلار ئېرىمەي پولات تاۋلاش ۋەزىپىسى ئۇرۇنلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆيلىرىمىزدىكى قازان،چوگۇن،چۆمۈچ،پالتا,كەتمەن… قاتارلىق تۆمۈر ئەسۋابلار يىغىۋېلىنىپ ئوچاقلاردا ئېرىتىلىپ دۆلەتكە تاپشۇرۇلدى. خىتايدا 1959-1962.يىللىرى ئارىسىدا 45 مىليون ئىنسان ئاچلىق ۋە چارچاشتىن ئۆلۈپ كەتتى.يۇرتىمىزنىڭ پەقەتلا باي ناھىيىسىدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانى 20 مىڭ.باي ئىسمى بولغان بۇ ناھىيىدە 20 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن يەردە يوقسۇل ناھىيەلەردە قانچىلىك ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن؟ بۈگۈن خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىلار 3 يىللىق چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش (دايوجىن) ھەرىكىتىدە 45 مىليون خىتاي پۇخراسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدە ئورتاق پىكىرگە كەلمەكتە.ئۇ دەۋىردە 450 مىليون نوپۇسى بولغان خىتايدا 45 مىليون ئادەم ئۆلدى. ھەر 10 ئادەمدىن بىرسى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ بايلىققا ئېرىشىش نىشاننىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.

تارىختا پىرئەۋن ئىنسانلارنى بايلىققا ئېرىشىشتىكى ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلەتكەن.شۇڭا پىرئەۋن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ تەرەققى قىلغان دەۋرىنى ياراتقان ئىدى.بازارلارنىڭ بىر يېرىدە مال بازىرى بولسا،باشقا بىر يېرىدە قۇل بازىرى بار ئىدى.قۇرئان ئەنە شۇنداق ئىنسان بازاردا مالغا ئوخشاش ئېلىپ سېتىلىدىغان قاراڭغۇ بىر جەمئىيەتتە ئەركىنلىك مەشئىلى سۈپىتىدە نازىل بولۇشقا باشلىدى.

رەسۇلىللا تۇنجى قېتىملىق نامىزىنى يالغۇز قىلغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق ناماز 4 كىشىلىك جامائەتتىن تەركىپ تاپقان ئىدى.ئاللانىڭ رەسۇلى ئىماملىق قىلغان بۇ نامزدا ھ. ز. خەدىچە،10 ياشلىق ھ .ز. ئالى، ئازات قىلىنغان قۇل ھ. ز.زەيىد بىر سەپ بولدى.دۇنيادا تۇنجى جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان نامازدا ئەرلەرنىڭ ۋەكىلى،ئاياللارنىڭ ۋەكىلى،بالىلارنىڭ ۋەكىلى،قۇللارنىڭ (ئازات قىلىنغان) ۋەكىلى بار ئىدى. سىز بۇ نامازمەنزىرىسىنى كىنو ئېكرانىغا ئوخشاش كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.ئىسلام دۇنياغا تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ بارلىق جىنىس ۋە تەبىقىلەرنىڭ تەڭ-باراۋەر ئىكەنلىكى بۇ تۇنجى نامازدا تارىخى بىر باشلىنىش سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشكەن.

قۇرئان ،بايلىقنىڭ پەقەتلا ئىنساننىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويدى.ئېھتىياجدىن ئارتۇق بايلىقنى ئېھتىياجى بولغان يوقسۇللارغا تارقىتىپ بىرىش، ئىسلامدا جەننەتكە كىرىشنىڭ مۇھىم كاپالەتلىرىدىن بىرىدۇر.بايلىققا چوقۇنۇش،بايلارغا چوقۇنۇش قۇرئاندا قەتئىي ھارام ۋە مەنئى قىلىنغان.رامىزان ئېيىنىڭ ئۇلۇغ ئاي بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىم خاسىيەت،مۇسۇلمانلارنىڭ بايلىققا بولغان مېھرىنى ئاللاغا يۈزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغانلىقىدۇر.بايلىق ئىنساننىڭ كۆڭلىنى جەلىپ قىلغۇچى ماگىنىتتۇر.شۇڭا ئاللا “ئىنسان پۇل-مالغا ئىنتايىن خىرىستۇر.” (ئادىيات سۈرىسى 8.ئايەت) دەيدۇ.ئاللا،ئايەتلىرىدىن ئىبارەت ئەڭ كۈچلۈك ماگىنىت ئارقىلىق،ئىنسانلارغا پۇل-مالدىن ئىبارەت خىرىس تۈپەيلى گۇناھ قىلماسلىق توغرۇلۇق داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.قۇرئان كاپىتالنىڭ ئىنساننى كونتىرول قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

سىز مەندىن سورىشىڭىز مۇمكىن،كاپىتالىزم يامانىكەن،سوتسىيالىزممۇ ياخشى ئەمەكسەن.ئۇنداقتا كاپىتالىزىمدىنمۇ،سوتسىيالىزىمدىنمۇ ئارتۇق ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىغى بىلەن بىزنى قايىل قىلالايدىغان مۇسۇلمان دۆلىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟

ياق.كۆرسىتىپ بېرەلمەيمەن.چۈنكى،دۇنيادا ئۇنداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتى تېخى يوق.بۇگۈنكى ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ ۋەياكى سوتسىيالىزم دۇنياسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىپ ياشىماقتا.دۇنيادىكى 56 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ بىر يىللىق ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلات ھەجىمى، گېرمانىيىنىڭ بىر يىللىق مەھسۇلات ھەجىمىدىنمۇ ئاز.يەنى، 82 مىليون نوپۇسقا ئىگە گېرمانىيە، بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە 56 دۆلەتتىن كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدۇ.56 مۇسۇلمان دۆلەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ 50% تى تۈركىيە بىلەن مالايىشاغا ئائىت.مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئارىسىدا سانائەت دەۋرىدە ئىلگىرىلەۋاتقان تۈركىيە،مالاشىيالا بار.باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى سانائەت دەۋرىگە يېڭى قەدەم قويدى.كۆپىنچىسى پىئودالىزىمنىڭ تارىخى داۋانلىرىدىن ئېشىپ بولالغىنى يوق.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر مۇنچە دۆلەتلەردە نېفىت قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى بار بولسىمۇ، بۇلار غەرب كاپىتالىستلىرىغا ئائىت ياكى تەخنىلوگىيەسى مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ كونتىرولىدا. شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدىمۇ قۇرئاننىڭ ئىنساننى مەركەز قىلغان پەلسەپىسىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.

بۇگۈنكى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىسلامدىن سوغۇپ قېلىش ئىمانى كامىل مۇسۇلمانلىق ئەمەس.ئەسلى ئىسلام قۇرئاندا.قۇرئان ئايەتلىرى دۆلەتلەرگە ئەمەس،ئىنسانلارغا چۈشكەن.قۇرئاننىڭ ھېچبىر ئايىتىدە “ئەي دۆلەتلەر!” دېگەن خىتاب بىلەن باشلانغان ئايەت يوقتۇر.ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى “ئەي ئىنسانلار!،ئەي مۇسۇلمانلار! ئەي مۆمىنلەر! ئەي پەيغەمبەر! “ دېگەن خىتاپلار بىلەن باشلىنىدۇ.قۇرئان ئىنساننى تەربىيىلەشنى مەخسەت قىلىدۇ.ھاكىمىيەت ئىنسانلار تەرىپىدىن تەشكىللىنىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ.ياخشى تەربىيىلەنگەن ئىنسانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان دۆلەتلەر،ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا پايدىلىق قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.زىيانلىق بولغانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. بۈگۈن ياپونىيە ۋە شىمالىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئىنساننى مەركەز قىلغان خىزمەت پەلسەپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە،بايلىقنى ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ۋە ئادىل تەخسىم قىلىشتا قۇرئان تەلىماتلىرىغا ئەڭ يېقىن ھەركەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر.

مۇسۇلمانلىققا ئەڭ كۆپ زىيان قۇرئان كۆتۈرۈۋالغان مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن ۋە قەۋىملەردىن كەلمەكتە.ئىراق،سۇمالى،سۈرىيە،ئافغانىستان،پاكىستان…. مۇسۇلمان مۇسۇلماننى قىرىشتا رېكورت ئۈستىگە رېكورت ياراتماقتا.مىسىرمۇ ئوخشاش پاجىئەنىڭ پاتقىقىغا ئىتتىرىلمەكتە.بۇ دۆلەتلەردە قۇرئان بار،قۇرئاننى ئەڭ ياخشى تەپسىر قىلالايدىغان دىنىي ئالىملار كۆپ، ھەر يەر مەسچىت-جامىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان،ناماز ئوقۇشتا ئۆزئارا بەسلىشىپ مەسچىت-جامىلارغا سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان جامائەت بار.جامى-مەسچىتلەردە ناماز قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى بومبىلاۋاتقان مۇسۇلمانلاربار.جامائەتنىڭ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۆزىنى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگۈچىنىڭ قولىدا قۇرئان بار.پارتلاپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ قولىدىمۇ قۇرئان بار.ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ “ئاللاھۇەكبەر” دەپ ئۆلتۈرىدۇ.ئۆلگۈچىمۇ “ئاللاھۇەكبەر” دەپ ئۆلىدۇ.بۇ مەنزىرىلەرگە قاراپ ھەقىقى مۇسۇلمانلار يىغلايدۇ.مۇسۇلمان دۈشمەنلىرى كۈلىدۇ.

قۇرئاننى تۇتۇپ تۇرۇپ قۇرئانغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان،ئاللا دەپ تۇرۇپ ئاللاغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان،مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا گۆر قېزىشتىن باشقا كەسىپنى بىلمەيدىغان بۇ ئىنسانلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈلگىسى بولماسلىغى لازىم.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەستۇرى قۇرئان،پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،قىبلىسى مەككىدۇر.بىز دىننى بۇ خىل مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس،قۇرئاندىن ئۆگىنىشىمىز لازىم. “شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇپ بولۇپ، تاشلىۋېتىدۇ.” (فۇرقان سۈرىسى 28.ئايەت).شەيتان ئازدۇرۇپ تاشلىۋەتكەن ئىنسانلاردىن ئۇزاق،قۇرئانغا يېقىن تۇرغان ۋاختىمىزدىلا ئىنسانلارغا،جۈملىدىن ئۆز خەلقىمىزگە پايدىلىق مۇسۇلمانلاردىن بولالايمىز.

مۇسۇلمانلار بايلىقنى،كاپىتالنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن،كاپىتالغا ئېرىشىش يولىدا ئىنسانىيەتنى ۋە تەبىئەت دۇنياسىنى خانى – ۋەيران قىلىۋەتىشتىن باش تارتمايدىغان شەپقەتسىز تۈزۈملەرنىڭ بويۇنتۇرىغى ئاستىدىكى قورچاق بولۇپ قالغانلىغى ئۈچۈن بۇگۈنكى پاجىئەلەرنى ياشاۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكتىن شىكايەت قىلغان ئىكەنمىز،ئادالەتسىزلىكنى توسۇش،ئادالەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يۈزلىنىشىمىز لازىم. “ئىنسانلار ئادالەت بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى،قانۇننى چۈشۈردۇق.” (ھەدىد سۈرىسى 25.ئايەت) ئادالەتنى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قۇرئانغا يۈزلىنىشىدۇر.بولۇپمۇ ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قۇرئانغا يۈزلىنىپ ئادالەتنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بەرپا قىلىشتىن باشقا چىقىش يولى يوق.ئادالەت ناماز قىلىش بىلەن، ھەج قىلىپ ھاجىم ئۇنۋانىغا ئېرىشىش بىلەن، خارلىنشقا چىدىماي يىغلاش بىلەن،زالىملارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش بىلەن… قولغا كەلمەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادالەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن قولىغا قىلىچ ئالغان،ئۈممەتنى قوراللاندۇرۇپ،ئادالەتسىز تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.ئادالەت كۈرەشسىز قولغا كەلمەيدۇ،ھەقىقەت كۈچ بولمىسا ئۆز ئۆزىنى ھىمايە قىلالمايدۇ.

مۇسۇلمانلار،جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆز قولىغا ئالماي تۇرۇپ، قۇرئاننىڭ ئىنسانغا خىزمەت قىلىش تۈپ پرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش،ھەتتا مۇسۇلمان بولۇشنىڭ كۈندىلىك شەرتلىرىنى بىجا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان خەلق،ئادالەتتىن مەھرۇم قالغان خەلقتۇر. خىتايلار يۇرتىمىزدا شۇنداق بىر قانۇن -تۈزۈم ئورناتتىكى، خىتايلارغا ھەممە يوللار داغدام ئۇچۇق، ئۇيغۇرلارغا ھەممە يوللار تامامەن تۇساق. خىتايلارغا ھەممە ئىمكانلارنى يارىتىش، ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىمكانىيەت بەرمەسلىك خىتاينىڭ ئوزگەرمەس دولەت سىياسىتىدۇر. شۇڭا ۋەتىنىمىزدە قانۇن خىتاي مىللىتىنى قوغداش, ئۇيغۇر مىللىتىنى تالان – تارچ قىلىش ئۈچۈنلا مەۋجۇت. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزددە ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزگەن ئوزگەرمەس قانۇنى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارنىڭ بۇزەك قىلىشىغا شاراىت يارىتىپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىللىتىگە ئەبەدىلىك قۇل قىلىپ بېرىش ئۇستىگە قۇرۇلغان. قۇرئاننىڭ تۈپ پەلسەپىسى بولسا ئىنسانغا خىزمەت قىلىشتۇر. خىتاينىڭ تۇپ پەلسەپىسى ئوز نەسلىدىن بولمىغان ئىنسانلارنى ئوزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ياكى يوق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەگەر بۇگۈنكى كۈندىمۇ قۇرئاننىڭ ئىنسانغا خىزمەت قىلىش، خىتاينىڭ ئىنساننى ئاياق ئاستى ۋە يوق قىلىش مەقسىتىنى چۈشۈنۈپ يەتمىگەن ئۇيغۇر بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن، 5. ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لىجى نىڭ بىر مەخپى يېغىندا < ئۇيغۇرلار ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندۇر. ئۇلارنىڭ ھايۋاندىن پەرقى گەپ قىلالايدۇ. ئىچ ئاغرىتىشقا ئەرزىمەيدۇ> دېگەن گېپىنى تەستىقلىغان بولىدۇ.

Share
1765 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.