logo

trugen jacn

خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قانداق قارايدۇ؟

 

خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قانداق قارايدۇ؟

ئەركىن سىدىق

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى

بۇ يىل 28-نويابىر كۈنى ئامېرىكا كوڭگرېسىنىڭ «خىتاي دۆلىتى كومىتېتى» ئۆتكۈزگەن ئىسپات بېرىش يىغىنى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، بۇ كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سېناتور سمىز (Smith) ئەپەندى مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىمدىن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارغا قارىتا خىتاي پۇقرالىرى قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەنگە يېقىن سوئالدىن بىرنى سورىدى. ئەمما سوئال خاتا چۈشىنىلگەنلىكتىن، مېھرىگۈل «كوچىغا چىقىپ بىر قانچە يۈز مېتىر ماڭساق بىزگە بىردىن تەكشۈرۈش پونكىتى ئۇچرايدۇ. ئۇ پونكىتلاردا ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ، ئەمما خىتايلارنى زادىلا تەكشۈرمەيدۇ. بىر يەردە 10 دەك ئۇيغۇر ئۆچىرەت تۇرۇۋاتقان بولسا، كېيىن كەلگەن بىر خىتاي ئۇتتۇرلاپ بېرىپ، ئۆچىرەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلار بىزنى قىلچىمۇ كۆزگە ئىلىپ قويمايدۇ»، دېگەنگە يېقىن جاۋاب بەردى. بۇ جاۋابنىڭ 1-قىسمىنىڭ ئەسلىدىكى سوئال بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنىڭ 2-قىسمى توغرا بولسىمۇ، ئۇ تولۇق ئەمەس. بۇ سوئالنىڭ توغرا ۋە تولۇق جاۋابىنى بىلىۋېلىش چەت ئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم.

مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇنداق: خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىغا «توغرا سىياسەت»، دەپ قارايدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ، ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ.

گەپنى قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، كىشىلەردە يەنە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: «نېمە ئۈچۈن؟»

مېنىڭچە بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلىرى بار:

(1) خىتاي ھۆكۈمدارلىرى ئىجتىمائىي پىسخولوگىيەنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاشۇنداق بىلىمگە ئىگە بولۇش جەھەتتىمۇ بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇلار ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، ئەگەر بىر ئادەم، بىر گۇرۇپپا ئادەم، ياكى بىر مىللەتنى يوقاتماقچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى يالغۇز قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى باشقىلارغا تۆۋەن دەرىجىلىك ئادەم قىلىپ تەشۋىق قىلىپ، مېڭە يۇيىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنى يوقىتىدۇ.

بۇ ئۇسۇلنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلېر يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ھالدا ناھايىتى مىللەتپەرۋەر، ئەمما ئانچە كۆپ ئوقۇيالمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئائىلە بويىچە چەت ئەلگە چىقىرىپ، ئۇلارنى تاشقى دۇنياغا «ئۇيغۇر تېررورىستچىلار»، «دۇنيادىكى تېررورىستلارنىڭ بىر قىسمى»، دەپ تەشۋىق قىلدى، ھەمدە بۇ ئىدىيەنى كۆپلىگەن ئەللەرگە ۋە ئىنتايىن كۆپ خەلقلەرگە قوبۇل قىلدۇردى.

خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 60- ۋە 70-يىللاردا ئۇيغۇرلارنى «قالاق مىللەت»، «ياۋايى مىللەت»، دەپ تەشۋىق قىلدى. 80- ۋە 90-يىللىرى «ئوغرى مىللەت»، دەپ تەشۋىق قىلدى. 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ماشىنا كۆيدۈرگەن ۋە خىتايلارنى ئۇرغان كۆرۈنۈشلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان 2 سائەتلىك ۋىدېئو پروگراممىسىدىن بىرنى ئىشلەپ، ئۇنى خىتاي دۆلىتىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرىي كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا «ئۇيغۇرلار خىتاي مىللىتىنىڭ دۈشمىنى»، دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قانداق ئېزىشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي پۇقرالىرى ئاساسەن پىسەنت قىلماس بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى ئەھۋال ئەنە شۇ.

تۇپراق مۇنبەتلىك بولمايدىكەن، سىز ئۇ يەرگە قانچە ياخشى ئۇرۇقلارنى تېرىسىڭىزمۇ ۋە ئېتىزغا قانچىلىك پۇختا پەرۋىش قىلسىڭىزمۇ ئۇ ئۇرۇقلار ئۆسۈپ چىقمايدۇ، ياكى ئۆسۈپ چىققان تەقدىردىمۇ ئۇلار ياخشى ھوسۇل بەرمەيدۇ. كۆپ سانلىق خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قوللىشىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەرمۇ بار:

(2) خىتايلار نەچچە مىڭ يىللىق ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، خىتاي باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىدىن تۆۋەن كۆرىدۇ. مەن مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى «خەنزۇ مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ، ۋەتەندىكى تورلاردا ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالە مېنىڭ مەرىپەت تور بېتىم ۋە باسما 5-كىتابىمدىمۇ بار.

(3) خىتايلار 2000 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان بىر خىل ئىنتايىن قاتتىق، ئىنتايىن ناچار ھوقۇق دەرىجە تۈزۈمى ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار دەرىجىدە ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلارغا خۇشامەت قىلىدۇ، ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. غەربلىكلەرگە ئوخشاش باشقىلار بىلەن بىر تەكشىلىكتە تۇرۇپ، باراۋەر نوپۇزدا تۇرۇپ ياشىيالمايدۇ. خىتايلار دەرىجە جەھەتتىن غەربلىكلەردەك بىر تەكشىلىكتە تۇرۇپ، باشقىلارغا تۈز قاراپ ياشىمايدۇ. بەلكى بىر پىرامىدىنىڭ يانتۇ تەرىپىدە تۇرۇپ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ياكى يۇقىرىغا قارايدۇ، ياكى تۆۋەنگە قارايدۇ. يەنى، ياكى باشقىلارغا خۇشامەت قىلىدۇ، ياكى باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئۇتتۇر قارىمايدۇ. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىدە پەقەت ئىككى تۈرلۈكلا ئادەم بار: بىرى تەختىراۋاندا ئولتۇرىدىغانلار، يەنە بىرى بولسا تەختىراۋاننى كۆتۈرىدىغانلار. بۇ يىل 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايىك پەنس ئامېرىكىدىكى خادسون ئىنستىتۇتىدا خىتاي ھەققىدە ھېلىقى داڭلىق نۇتۇقنى سۆزلىگەندە، خىتاينىڭ مۇشۇ خاراكتېرىنى تىلغا ئالدى.

(4) خىتاي پۇقرالىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاپ كۆنۈپ قالغان. ئۇلار «بىزنى ھۆكۈمدارلار باقىدۇ»، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلاردا ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش پسىخىكىسى ئىنتايىن ئاجىز. كۆپىنچە ئەھۋالدا ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە «ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش»، دەپ قارايدۇ. نەتىجىدە ھۆكۈمەت نېمە ئىش قىلسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى پۇقرالار ئۇنى قوللاپ، ئاسانلىقچە ھاكىمىيەت ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرمەيدۇ. 4-ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ بىر مەملىكەتلىك خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرىدىغان ھەرىكەتكە ئايلانماسلىقى ئەنە شۇنداق سەۋەبتىن بولغان. ھازىر خىتاي خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلاردا مەملىكەت بويىچە ئىسيان كۆتۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىنىڭ شەپىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

(5) نەچچە مىڭ يىللىق يوقسۇزلۇق، نەچچە مىڭ يىللىق ئاچارچىلىق، ۋە نەچچە مىڭ يىللىق دىنسىزلىقنىڭ نەتىجىسىدە، خىتايلارنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان رەھىمدىللىق ئېلېمېنتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاپ كەتكەن. دۇنيادىكى باشقا كۆپلىگەن مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ دىنى بار ۋە ئادالەتپەرۋەر مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ئادەملەرگە رەھىمدىللىق قىلمايدۇ، ھايۋانلارغا رەھىمدىللىق قىلمايدۇ، ۋە تەبىئەتكىمۇ رەھىمدىللىق قىلمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى قاتتىق قىيناۋاتقان ۋە ناھايىتى كۆپ ساندا ئۆلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي پۇقرالىرى ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي ياشاۋاتىدۇ. ھەتتا ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ بېرىۋاتىدۇ.

بولسا سىز تۆۋەندىكى قىسقا مەزمۇننى يادلىۋېلىپ، باشقىلار سىزدىن «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارغا قارىتا خىتاي پۇقرالىرى قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئاشۇ يادلىۋالغان مەزمۇن ئاساسىدا يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى دەپ بېرىڭ.

خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۇمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىزىش، باستۇرۇش ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنى ھېمايە قىلىدۇ، ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

1) ئۇلارغا «ئۇيغۇرلار خىتاي مىللىتىنىڭ دۈشمىنى» دېگەن ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن.
2) خىتاي مىللىتى ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتەرىگە ئىگە بولۇپ، خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرىدۇ، ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە ياشاشنى خالىمايدۇ.

3) ھوقۇق دەرىجە تۈزۈمى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان بولۇپ، نوپۇزدا ئۆزىدىن ئۈستۇن تۇرىدىغانلارغا خوشامەت قىلىدۇ، ۋە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
4) خىتاي پۇقرالىرى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلسىمۇ ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىدۇ.
5) نەچچە مىڭ يىللىق يوقسۇزلۇق ۋە دىنسىزلىق خىتايلاردىكى رەھىمدىللىكنى يوق قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ھەرگىزمۇ رەھىمدىللىق قىلمايدۇ.

يۇقىرىقى سوئالدىن كېيىن سورىلىدىغان يەنە ئىككى مۇھىم سوئال بار:

ئىككىنچى سوئال: نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋەتمەكچى بولىدۇ؟

ئۈچىنچى سوئال: نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋېتىش ئىشىنى ھازىر ئېلىپ بارىدۇ؟

مەن ئۆز لېكسىيەلىرىمدە بۇ ئىككى سوئالنىڭ جاۋابىنىمۇ بايان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككى سوئالنىڭ جاۋابىنى قىسقا ماقالە شەكلىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم يېزىپ ئېلان قىلىمەن.

Share
1301 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.