logo

trugen jacn

تەشۋىقات چىمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا بەزى دەلىللىرىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

44220553-0658-4228-9bba-8f04eb95996f

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0424-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەسەبىيلىككە قارشى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە نۇتۇق چىمپىيونى نىزام نەجىۋۇللا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن جازاغا ئۇچرىغاندا قىلمىشىغا پۇشمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۇرپاندا ئېچىلغان بىر سوتتىن پاكىت مىسال كەلتۈرگەن؛ كەلتۈرلگەن مىسالدا، 26 – ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى باش گۇماندارىنىڭ سوت كۈنى ئانىسىغا «4 بالام يېتىپ قالدى، سىزگە ئامانەت» دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتى داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئەسلىدە سوت كۈنى باش گۇماندارنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھىچقانداق بىر سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى، پەقەت نۇتقىنى تەسىرلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر نەقىلنى ئۆزى توقۇپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە، باش مەھكۇمنىڭ بالىسى بار – يوقلۇقى، ئۆيلەنگەن ۋە ئۆيلەنمىگەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/teshwiqat-chimpiyoni-04242015234832.html

Share
1351 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.