logo

trugen jacn

ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى: ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قىزىل تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى خەلقنى تېخىمۇ نادانلاشتۇرۇش

1116896739_14454217465401n

ئەزىز

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئۇيغۇرچە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇچا ناھىيىسىدە بىر ھەپتە داۋام قىلغان يەرلىك تەشۋىقاتچىلاردىن «قابىل» شەخسلەرنى تاللاش ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقە ھەپتىلىكى 3-نويابىر ئاخىرلاشقان. ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىگە كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-كەنتلەردىن كەلگەن 185 نەپەر تەشۋىقات كادىرى قاتناشقان. مۇسابىقىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلقنىڭ باياشات تۇرمۇشى، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ زىيىنى قاتارلىق يەرلىك دائىرىلەر ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان تېمىلار» لېكسىيە شەكلىدە قايتا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھەقتە بەزى تەپسىلاتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز كۇچا ناھىيىسى ئالىقاغا يېزىسىدىن مەزكۇر مۇسابىقىگە تاللانغان رابىيخان بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتۇق.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «قاتتىق زەربە بېرىش، خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئارا يۇغۇرۇلۇپ كېتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» ھەققىدە تەشۋىقات يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنى ئويلاندۇردى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، دۇنيادا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تېز راۋاجلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا، دۆلەتلەر ئارا رىقابەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچتىن قالسىلا تەشۋىقاتنىڭ كۈچى ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەل مۇشۇ مەقسەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كوممۇنىستىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئايىماي پۇل خەجلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىلەن بۇ توغرىدا سۆھبەتلىشىپ باقماقچى بولدۇق. ئەمما ئالاقىدار خىتاي خادىم ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، زۆرۈر بولسا بىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن سورىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئاخىرىدا ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خەلقنى نادانلاشتۇرۇش ۋە مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئەيىبلەش توغرا كەلسە ئۇيغۇرلار دىيارىدەك مول تەبىئىي بايلىققا ئېگە بىر زېمىننىڭ خەلقىنى مۇشۇنداق نامرات ۋە نادان قالدۇرۇۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىنى ئەيىبلەش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/qizil-teshwiqat-11052015123820.html

 

Share
2169 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.